نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتور)
مىلادىيە 1934-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغىنىدا كۆك بايراققا يۆگەلگەن بىر بوۋاق، مىلادىيە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنىلا كۆك بايراققا يۆگىنىپ ئاخىرەتكە كەتتى! بۇ بوۋاقنى ئاتا-ئانىسى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر بايرىقىنى تىكلىگەن قەھرىمانلىرى يۈكسەك ئارزۇلار بىلەن كۆك بايراققا ئورىغان بولسا، مانا بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئۇنى كۆك بايراققا يۆگىدى! ئۇلار ئۇنىڭ كۆك بايراققا يۆگەلگەن تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ، كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزدى ۋە قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشتى! بۇ، شەرقىي تۈركىستان بوۋىقىدىن شەرقىي تۈركىستان بوۋىيىغىچە بولغان 92 ياشلىق ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىر ئۆمۈر كۆك بايراق ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئادەم-غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئىدى!
«ئۆز بايرىقى بولمىغان مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى قەدرى-قىممىتى بولمايدۇ، ئۆز بايرىقىنى تىكلەشكە ۋە قوغداشقا ئۆزىنى پىدا قىلالمىغان مىللەتنىڭ كۆز ياشلىرى ئەبەدىي قۇرىمايدۇ !» دېگەن ئىدى مەرھۇم غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندى ئىلگىرىكى كۆپ قېتىملىق سۆھبەتلىرىمىزنىڭ بىرىدە.
شۇنداق! بايراق سۆيگۈسى، بايراقتىن پەخىرلىنىش روھى يوق مىللەت تارىختىن ئۆچۈرۈلۈش تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ، ھەتتا ئۆز بايرىقىنى ۋە مىللىي قەدرى-قىممىتىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەشكەن، زەرداب چەككەن ۋە شۇ يولدىن ھېچ يانمىغان ئادەملىرىنىڭ قىممەت-قەدىرىنى بىلمىگەن مىللەت ئەبەدىي قۇللۇق تامغىسىنى ئۆزىگە ئۆزى بېسىپ ئۆتىدۇ! مۇنداق مىللەت مەنمەنچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك، پىتنىخورلۇق، شەخسىي ئاداۋەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان، ئۆز بايرىقىدىن قورقىدىغان، ياكى ئۇنىڭدىن قاچىدىغان، ئەمما شەخسىي رەقىبىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھېچ قورقماستىن ياتلارنىڭ ھەتتا مىللىي رەقىبلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن شاپىلاق ئۇرىدىغان، روھى كېسەللىكلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆزىدە ئىپادە قىلىدىغان خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. مانا بۇ خاراكتېرلەر بەك ئۇزۇن ۋاقىتلىق مەھكۇملۇق نەتىجىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە شەكىللىنىدۇ. ئەپسۇسكى، بىر ئۆمۈر بايراق تۇيغۇسى ۋە مىللىتىم ھەم ئەزىزانە تۇپرىقىم! ئەزىزانە قەشقىرىم! دەپ يىغلىغان، كۈرەش قىلغان، توختىماي ۋەتەن نەپىسىدە ياشىغان بۇ ئىنساننى يول يىراقلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكادىكى ئون نەچچە مىڭ ئۇيغۇردىن پەقەت 20 نەچچىسىلا دەپنە قىلدى! ئەسلى ئۇ، ئانا ۋەتىنىدە بولسا، خۇددى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك، تۇرغۇن ئالماستەك ۋە باشقىلاردەك مىڭلاپ ئادەم تاۋۇتىنى تالىشىپ كۆتۈرىدىغان ئادەم ئىدى! ھەي مۇساپىرلىق! ھەي ۋەتەنسىزلىك! ھەي روھى كەمتۈكلۈك!
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















