ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئىدىيەسى ۋە تەسىرى

2018-يىلى 15-ماي

پروفېسسور، دوكتور ئەھمەد تۇران يۈكسەل

(تۈركىيە سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىدە)

تۈركچىدىن  ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن تەرجىمىسى | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

1-ھاياتى

ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خوجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئاناتولىيەنىڭ مەنىۋى فەتھى قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاناتولىيە ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈركىي تىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە كېڭىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر.

ئەھمەد يەسەۋىي، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرى [1] يەنى، -XIئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا[2]  ئاھالىسى تۈركىي خەلقلەر ۋە غەيرىي ئەرەبلەردىن تەركىب تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام[3] قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنت شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تارىم ئۆستىڭىگە قويۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىنى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا.يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش تازا كۈچلۈك قاراش ئەمەس.[4]

 

[1]  ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن «پېقىرنامە» ناملىق رىسالىدە كۆرسىتىلگەن يەتمىش ئۈچ يىل ياشىغانلىقى، 1166-يىلى ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭ 1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. (قاراڭ: ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.). 1993- يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئەھمەد يەسەۋىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900-يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىمۇ بۇ قاراشقا تايانغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە باشقا بىر قاراش: 1041-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشتۇر. (مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى، «خوجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يېڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە  ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىل ئەنقەرە.)

[2]  فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى «ئەھمەد يەسەۋىي» ئىستانبۇل 1975، 1-توم 210-بەت.

[3]  چىمكەنىتكە 7 كىلومېتىر، يەسى (تۈركىستانغا) 157 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئىسفىجاب ۋە ئاقشەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

[4]  كەمال ئەرئارسلان، «ئەھمەد يەسەۋىي»  دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل، 1989-يىل، 2-توم، 159-160-بەتلەر.

 

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇيالايسىز…

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*