ئوچۇق ۋە بېكىك-دوگما پىكىر[1] ئارىسىدىكى پەرق، كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكىرلىرى ۋە ئېتىقادلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا دائىر ئاساسىي بىر ئايرىمىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوچۇق پىكىر، ئۆزگىرىۋاتقان مەلۇماتلار، يېڭى بىلىملەر ياكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا قارىتا پىكىرلىرىنى يېڭىلىيالايدىغان،قايتا كۆزدىن كەچۈرەلەيدىغان ۋە باھالىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە پىكىر ئۇسلۇبىدۇر. بۇ خىل پىكىر، يېڭى كۆز قاراشلارغا ئوچۇق، پەرقلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى باھالاشقا خۇشتار، تەنقىدىي پىكىر قىلالايدىغان، ئۆز ئېتىقادلىرى ۋە قاراشلىرىغا دادىللىق بىلەن سوئال قويۇشتىن قورقمايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوچۇق پىكىرنى قوبۇل قىلغان كىشى، دۇنيانى داۋاملىق ئۆزگىرىۋاتقان بىر جاي دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن پىكىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ پىكىر قۇرۇلمىسى، ھەم شەخسىي تەرەققىيات ھەم ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
[1] open and closed thinking
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















