ئىنگلىز تىلىدىكى traditionalism ئاتالغۇسىغا توغرا كېلىدىغان ئەنئەنىۋىلىك ياكى ئەنئەنىۋىزم ئېقىمى، «چاغداش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان مودېرن ھەرىكەت سۈپىتىدە مودېرنىزمغا قارشى ئېقىمدۇر. ئەنئەنىۋىلىكنى ئەنئەنەچىلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. بىرىنچى باپتا ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن ئەنئەنىچى ئېقىمدىكى ئەنئەنە «تارىخنىڭ تەقلىد قىلىنىشىنى» ئاساس قىلغان ئىدېئولوگىيەنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە ئۆرپ – ئادەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنئەنىۋىلىكتىكى ئەنئەنە بولسا ناھايىتى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ غەرب پەلسەپە ئېقىمىنى ئىسلامى ئۇقۇم ئاساسىدا قايتىدىن ئىزاھلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















