ئەنقەرەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى

2024-يىلى 9-نويابىر

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە يىلى مۇھاكىمە يىغىنى  ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى بۈگۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى مىللىي (دۆلەتلىك) كۇتۇپخانىدا  ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتلىرى ۋەقفى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ يىغىن 2024-يىلى 9-نويابىر سائەت 10:00 دىن 14:00 گىچە داۋاملاشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ سادالىرى بىلەن باشلاندى.

پروتوكول نۇتۇقلىرىدا تۈرك ئوجاقلىرى باش رەئىسى پروف. دوكتور مەھمەت ئۆز شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى تارىخىي ئورنىنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس مۇئاۋىنى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى رەئىس ۋەكىلى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىدى.

داڭلىق تۈركولوگ پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى يىغىندا، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى دوكتور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىياتىنى بايان قىلدى. پىروفېسسور دوكتور قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن 1933-1934 يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-1949 يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات بەردى. پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

چۈشلۈك تەنەپپۇستا قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرىدىن ئۇيغۇر پولۇسى ۋە ئايران تارتىلدى.

تۈرك تارىخچىسى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت شاھىنگۆز رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى يىغىندا دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش جەريانى ۋە كەلگۈسىدىكى يۆنىلىشى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزدى. پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئىككى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. پىروفېسسور دوكتور ئايشە فىلىز ياۋۇز ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاكادېمىكلار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى قاتارلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا قىزغىن سوئال-جاۋاب ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*