خىتاينىڭ ترامپ ئىستراتېگىيەسى

2025-يىلى 7-فېۋرال

 

دونالد ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئايلاردا، بېيجىڭدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلىغا ئەندىشە بىلەن قاراپ كەلمەكتە. بېيجىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، تېخنىكا ئۇرۇشى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى تىركىشىشنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ. باسقىن قاراش شۇكى، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كېلىۋاتقان بوران-چاپقۇنلارغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

ترامپنىڭ بۇ ھەپتە بارلىق خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج بېكىتىشى مۇشۇ ئەندىشىلەرنى توغرىلىغاندەك قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بەزى ئامېرىكا ماللىرىغا باج بېكىتىش، مۇھىم مىنېراللارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەش ۋە ئامېرىكىغا تەۋە گۇگۇل شىركىتىگە قارىتا مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى. لېكىن بېيجىڭنىڭ قولىدا بۇنداق قوراللىرى بولسىمۇ، بۇ ئۆز-ئارا جازالاشتا ئامېرىكانىڭ نىسپىي كۈچى ۋە خىتاي بىلەن بولغان چوڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن ۋاشىنگتوننى بېسىپ كېتەلىشى ناتايىن. خىتاي سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى بۇ مەسىلىنى تونۇپ يېتىپ، سودا ئۇرۇشى تاكتىكىلىرىدىنمۇ باشقا پىلانلارنى قىلىۋاتىدۇ. ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىن باشلاپ، ئۇلار ئامېرىكاغا بولغان مۇئامىلىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ كەلگەن، ئۆتكەن ئۈچ ئايدا ترامپنىڭ تۇراقسىز، كۈتۈلمىگەن سىياسەتلىرىدىن كېلىدىغان زىياننى ئالدىن مۆلچەرلەش، قارشى تۇرۇش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ پىلانلار سايىسىدە ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىقتىسادى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تىرىشچانلىقلىرى ئۈن – تىنسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ تەييارلىقلىرى ئاساسەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «مەبلەغ سېلىش، ماسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش» دېگەن خىتاي ئىستراتېگىيەسىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە ئامېرىكانىڭ كۈچىگە مەبلەغ سېلىش، شېرىكلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە زۆرۈر بولغاندا رىقابەتلىشىشتىن ئىبارەت. بېيجىڭنىڭ ترامپ يىللىرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان يول خەرىتىسى بولسا ئىچكى ئىقتىسادنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، مۇھىم قوشنىلىرى بىلەن ئەپ ئۆتۈش ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. ترامپ قىسقا مۇددەتلىك غەلىبىلەرگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن، ئەمما بېيجىڭنىڭ پىلانلىرى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەن. خىتاي رەھبەرلىرى يەنىلا دۆلەتنىڭ تارىخىي تەقدىرىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىش ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ترامپنىڭ سىياسەتلىرى ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكانىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال مەيدانغا كەلگەندە، خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تەييار تۇرماقچى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*