يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى

2020-يىلى 11-نويابىر

ھۈسەيىن چەلىك

كىرىش

يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بۇ يېقىنلىشىش كىشىلەر ۋە دۆلەتلەرنى بىر نۇقتىغا ئەكىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە قىلىشقا قىستىدى. نەتىجىدە، ئۇچۇر تەبىئىي مۇھىتتىن ئوزۇقلىنىشقا ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تارقىلىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇچۇرنى ۋە مۇناسىۋەتنى يامان غەرەزدە ئىشلىتىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى. شۇڭلاشقا ، يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش كىشىلەرنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە زورلىدى. بۇ ماقالە يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئاقىۋىتى ۋە بۇ كۈچنى قانداق قىلغاندا توغرا مەقسەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە يېزىلدى. يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى بىلەن بۇ خىل يېڭى شەكىللەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ تېخنىكىلارنى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن قۇرۇلمىلارنىڭ تەھدىتلەرگە ۋە سۈيىئىستېمالغا ئوچۇق بولۇشى ۋە ئىنتېرنېتنىڭ مەركەزلىك خاراكتېرى، ئۇنى كونترول قىلالمايدىغان دۆلەتلەرگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە خەلقئارا تېررورىزم ھەرىكىتىگە ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىل يېڭى مېدىيانىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر. شۇڭلاشقا، يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭى مېدىيا ئۇقۇمىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يېڭى مېدىيا

يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ئورتاق ئىشتىراك قىلىش يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىي ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى مېدىيا ساھەسىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە يېڭىچە ئالاقىلىشىش شەكىللىرى كىشىلەرنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ساھە كىشىلىك تۇرمۇشقا قولايلىق ئېلىپ كەلدى ۋە كىشىلەرنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئورتاق نىشان ۋە مەقسەتلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

يېڭى مېدىيا ئۇقۇمى ئېلېكتىرونىك كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تەرەققى قىلدى. كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك مېدىيا مەھسۇلاتلىرى يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنى ئەسلىتىدۇ. بۇلار ئىنتېرنېت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان بۇ يېڭى مېدىيا شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېكىست، رەسىم، ئۈن ۋە سىنلار كومپيۇتېرلاردا ئىشلىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ. لېكىن، بۇ تارقىتىش يەككە تەرەپلىك ئەمەس، بەلكى ئىنتېراكتىف (ئۆز-ئارا) بولىدۇ. شۇڭا، يېڭى مېدىيا تارقىتىش يوللىرى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىياغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يېڭى مېدىيا بىلەن كۈلتۈر پۈتۈنلەي رەقەملەشتۈرۈلدى. كۈلتۈر ئىشلەپچىقىرىشتا كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئۇسۇللار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە مېدىيانى تەشكىل قىلغان كومپيۇتېرلار رەقەملىك تەدرىجىي تەرەققىيات نەتىجىسىدە بارلىققا كەلدى. بۇ كومپيۇتېرلار «ئىككىلىك» يەنى ئىككىلىك كودلاش سىستېمىسىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، يېڭى مېدىيا ئۆزىگە خاس قائىدىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى (1). بۇلار «رەقەملىك تەمسىل، مودېللىق، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشچانلىق ۋە كۈلتۈرەل كودلاش» قاتارلىقلاردۇر. بۇ قائىدىلەر ئەنئەنىۋى مېدىيا بىلەن يېڭى مېدىيانىڭ پەرقىنى يىغىنچاقلاپ بەردى.

«رەقەملىك تەمسىل» يېڭى مېدىيانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەر خىل رەقەملىك كودلارغا ئېھتىياجلىق بولۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يېڭى مېدىيا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ھەممە نەرسىنىڭ ماتېماتىكىلىق تەڭدىشى بار (2). بۇ تەمسىللىك نەرسىلەر ئالگورىزىمنى ئاساس قىلىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، يېڭى مېدىيادا ئۆزگەرتكىلى ۋە قوشقىلى بولىدىغان ئىقتىدارلار بار (3).

يېڭى مېدىيانىڭ قۇرۇلمىسى Adomo مودا مۇزىكا ئۈچۈن ئىپادىلىگەن «زاپچاسلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» ئىقتىدارىغا ئوخشايدۇ. ئامېرىكادا ماشىنا سانائىتىدىن ئېلىنغان بۇ ئۇقۇم « ھەرخىل ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىشى ئىككى ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل ماركىدا بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. زاپچاسلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولۇشى شەرت ئەمەس. مۇھىمى ئۇنىڭ ئىشلىشى ۋە پۈتۈنلۈكنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقىدۇر (4). ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى بىر-بىرىگە ئوخشاش زاپچاسلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توغرىسىدا بىر نېمە دېمەك تەس. پەقەت ئاممىباب مۇزىكىلا ئەمەس، بەلكى ھەر خىل مېدىيا ئېلېمېنتلىرى بولغان ئاۋاز ۋە سىنمۇ رەقەملەشتۈرۈلدى. شۇڭلاشقا ، ئۇنى ئاسانلا ئۆزگەرتكىلى، مەزمۇن قوشقىلى، كېمەيتكىلى ۋە ئىشلىگىلى بولىدۇ (5).

«مودۇللۇق» يېڭى مېدىيانىڭ پارچە-پارچە قۇرۇلمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ (6). بۇ پارچىلار ئاۋاز، شەكىل، رەسىم، ھەر خىل پېكسىل، كۆپ قىرلىق قۇرۇلما، ئاۋاز ۋە ھەرپلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى مېدىيادا بىر يەرگە جەم بولىدۇ. ئەمما ئۆزگىچە خاراكتېرىنى ساقلايدۇ. تور بەتلىرىمۇ مودۇللۇق قۇرۇلمىدا بولىدۇ. تور بەتتىكى ھەر بىر ئېلېمېنت قاتلاملارغا ئايرىلماستىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گەرچە تور بەتتىكى رەسىم، سىن، تېكىست ۋە ئاۋازلار پەقەت مېدىيا شەكلىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ھەممىسى بىر مېدىيا بېتىگە تەۋە. بىراق، بۇلار HTML كودىدا يېزىلغان بولغاچقا، ئۇلارنى شۇ تور بەتتىن ئاسانلا ئۆچۈرۈۋەتكىلى ياكى يېڭى بەت قوشقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى گېزىت بەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى (7).

يېڭى مېدىيانىڭ «ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىقتىدارى» ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن بولغان (8). كومپيۇتېر ئارقىلىق يېڭى مېدىيا مەھسۇلاتلىرى يېڭى رېئاللىق تەرتىپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ئۈنۈم قوشقىلى بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە يېڭى پېرسوناژلار بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئۇنى ھەقىقىي نەرسىلەرگە ئوخشاتقىلى بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سۆزىگە ئوخشايدىغان ئاۋازلارنى چىقارغىلى، نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى كومپيۇتېردا تەڭشىگىلى، شۇڭا، مەۋھۇم تىياتىرخانىلاردا مەۋھۇم ئارتىسلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ (9).

«ئۆزگىرىشچانلىق» يېڭى مېدىيانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. ئەنئەنىۋى مېدىيادا ئىشلەنگەن كۆرۈنۈش ۋە ئاۋاز ئېلېمېنتلىرى تەركىب ۋە تەرتىپنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ تەرتىپلەش ئېلېمېنتلارنى قايتا ئىشلىتىش مەقسىتىدە بەزى ماتېرىياللاردا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈندۇر. يېڭى مېدىيادا ئۇنىڭ ئەكسىچە پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان كۆچۈرۈلمىلەرنىڭ ئورنىغا ئوخشىمىغان نۇسخىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇلار ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ئەمەس، كومپيۇتېرلار تەرىپىدىن توپلانغان بولىدۇ. بۇ مودۇللۇقنى پەيدا قىلغىنىمۇ يېڭى مېدىيانىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىدۇر (10).

ئۆزگىرىشچانلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مېدىيا ئېلېمېنتلىرىنى سانداندا ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئېلېمېنتلارنى كېيىن ئىشلىتىش، ئەسلەش، كۆرسىتىش ۋە ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئېلېمېنتلارنى ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ مودۇللۇق قۇرۇلمىسى بولغاچقا، ئۇلارنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. مېدىيا ئېلېمېنتلىرىنى تىزىملىكنىڭ ياردىمىدە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ، ھەر خىل ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بارلىق ئېلېمېنتلار دەرەخكە ئېسىلغان مېۋىلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل تۇرالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇچۇرغا ئاسان ۋە تېز ئېرىشكىلى بولىدۇ (11). بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغان بىر قۇرۇلما ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

يېڭى مېدىيانىڭ «transcoding»، يەنى «ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى» ئارقىلىق ئۇنى بىر رەقەملىك فورماتتىن يەنە بىر رەقەملىك فورماتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارغان ھەممە نەرسە (ئانالوگ) بىر خىل قۇرۇلمىدىن رەقەملىك قۇرۇلمىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، لېنتىدىكى بىر مۇزىكا رەقەملەشتۈرۈلۈپ CD غا كودلىنىدۇ. لېنتىدىكى مۇزىكىنىڭ نامى، ئۇنى قويغىلى بولىدىغان بۇراش قۇلىقى ۋە ئېچىپ-تاقاپ ئاۋازىنى تەڭشەيدىغان تولغىما تەڭشەك كونۇپكىسى بار. رەقەملىك مۇھىتتا، بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن باشقا، ھۆججەتنىڭ ئىسمى، چوڭ-كىچىكلىكى، تىپى ۋە شەكلى قاتارلىق رەقەملىك ئىقتىدارلار بار (12). شۇڭلاشقا ، ئۇ زىيارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئاسان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھۆججەتلەر بىر بوشلۇقتا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق جايدا ياكى نۇرغۇن رەقەملىك مۇھىتتا بىرلا ۋاقىتتا ساقلانغان بولىدۇ.

يېڭى مېدىيا كومپيۇتېردا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن كومپيۇتېر ئارقىلىق تارقىتىش، ساقلاش ۋە تارقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، مەھسۇلاتنىڭ كۈلتۈرەل ئالاھىدىلىكىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. كۈلتۈرەل ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇقۇملىرى كومپيۇتېر دۇنياسىغا ئاساسەن قايتا يارىتىلىۋاتىدۇ. ھازىر تارقىتىش يوللىرى، ئىشلىتىش ئەندىزىسى ۋە مەھسۇلات تۇيغۇسى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھېكايە سۆزلەش ئەنئەنىۋى مېدىيادا بەزى قائىدىلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى، يېڭى مېدىيادا بۇ قائىدىلەر بۇزۇلۇپ، يېڭى قائىدىلەر ياكى قائىدىسىزلىكلەر بارلىققا كەلدى. شۇڭلاشقا، يېڭى مېدىيانى تونۇش ئۈچۈن كومپيۇتېرنى تولۇق چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ (13). تارقىتىش يوللىرىنى ئېلېكترونلۇق مۇھىتقا يۆتكەش بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىلگىرى ئۇچۇرلارنى قەغەزدە توشۇش ۋە ساقلاش ئاز ۋە ئاددى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەلەپ قىلاتتى. يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ئارقىلىق توشۇلغان ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىشكە ئوچۇق بولىدۇ (14).

يېڭى مېدىيانى ئەنئەنىۋى مېدىيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەندىكى نۇقتىلار مەيدانغا كېلىدۇ: يېڭى مېدىيا ئەنئەنىۋى مېدىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رەقەملىك ئۆزگىرىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. رەقەملىك مېدىيانى تەشكىل قىلىدىغان ئېلېمېنتلار ئوخشاش بىر كودتا ساقلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر ئۈسكۈنىدە ئوخشىمىغان مېدىيا تىپلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. يېڭى مېدىيا ئىختىيارى يازمىلارغا يول قويىدۇ. ھالبۇكى، مەھسۇلاتلار ئەنئەنىۋى مېدىيادا تەرتىپلىك بولىدۇ. رەقەملىشىش ئارقىلىق بىر ئۇچۇر يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. تۈركۈملەر تەمسىلىدە بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئادەتتىكى مېدىيادا مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىش ئۇنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. رەقەملىك مېدىيانىڭ سۈپىتى تۆۋەنلىمەيدۇ. يېڭى مېدىيانىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش (ئىنتېراكتىف) قۇرۇلمىسى بار. ئەنئەنىۋى مېدىيا بولسا رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، رەقەملەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى (15).

يېڭى مېدىيا ئەنئەنىۋى مېدىياغا ئوخشىمىغاچقا يېڭى مېدىيا شەكىللەندۈرگەن كۈلتۈرەل كۆنۈشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، رەقەملىك كامېرا بىلەن تارتىلغان رەسىمنى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بىلەن ئاسانلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، تېخنىكا بىلەن رەسىمگە ئېرىشىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۆچۈرۈش جەريانى كۈلتۈرەل ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تېخنىكىلىق تەرەققىيات بىلەن نۇرغۇن كۆپەيتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى، بۇنىڭ بىلەن فوتو-سىنلار يېزىقتىن مۇھىمراق ئورۇنغا ئۆتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تەرەققى قىلغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستېمال كۈلتۈرىدە (16) ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار ماقالىلەرنى قىسقارتىش ۋە خۇلاسىلەش ئارقىلىق تېز ئوقۇيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتلىرى قىممەتسىزلىشىشكە، شەكلىي قىممەت گەۋدىلىنىشكە باشلىدى (17).

يېڭى مېدىيانىڭ بۇ ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن كەلگەن. يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ قۇرۇلما كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى كاپىتالىزىمنىڭ ئەڭ يېڭى ھالىتىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كاپىتالىزم دەۋرىدە تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.

يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىتى

ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىشى ئەقلىيلىك سايىسىدە بولدى. ئەقلىيلەشتۈرۈش ئىجتىمائىي سۇبيېكتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق تەدبىر بەلگىلەش ئۆلچىمىگە باغلاشنى كۆرسىتىدۇ (18). ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ، ۋاسىتە خاراكتېرلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سانائەتلىشىش بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. تېخنىكىنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشمۇ ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، تېخنىكىنىڭ مەقسەت ياكى قورال ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر سوئال ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئەقلىيلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخنىكىنى مۇۋاپىق مەقسەتتە ئىشلىتىش بىلەن تېخنىكىلىق ئەقىل ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى. تېخنىكىلىق ئەقىل ئىدىيەۋى بولغاچقا، ئۇ تەبىئەت ئۈستىدە ھاكىمىيەت شەكىللەندۈرىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىدۇ (19). تەبىئەتنى كونترول قىلىش غايىسى بىلەن تەرەققىي قىلغان تېخنىكا بۇ نۇقتىدىن باشلاپ «شەيئىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا قارىتىلغان تېخنىكىسى بىلەن تەبىئەتنىڭ سىرىنى يېشىپ ۋە ئۇلارنى يورۇتۇش ئارقىلىق ئەمەس» بەلكى، تەبىئەتكە سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق ئەپسانىۋى ۋە بىۋاسىتە ئۇسۇلدا ياتلىشىشقا خاتىمە بېرىپ بىر ۋاستە بولۇپ مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى (20). بىۋاسىتە ئەقىلنىڭ ئۆزى بىلەن يارىتىلغان تېخنىكا كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ئىگىلەش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۆكۈمرانلىق كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش شەكلىدە تەرەققىي قىلىدۇ. گەرچە تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەر نەتىجىسىدە ئىنسانلار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە بويسۇنىدىغاندەك قىلسىمۇ، ھۆكۈمدارلار تېخنىكىنى ئىشلىتىپ جەمئىيەتنى باشقۇرۇپ، كاپىتالىستىك قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولىدۇ. شۇڭا، ئەقلىيلىشىش ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قىلىش، ئىتائەتكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. ماركۇس بۇنى ئىلغار سانائەت كۈلتۈرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئىلغار سانائەت كۈلتۈرىدە ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلۇشى بىلەن ھوقۇقدار ياكى ھوقۇقسىز تۈزۈمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ناھايىتى ئاز پەرق باردەك قىلىدۇ (21).

ئەمما ئىلغار سانائەت مەدەنىيىتى تېخنىكا ئاساسىنىڭ تەشكىللەش شەكلىگە تايىنىپ، مۇستەبىتلىككە مايىلراق كېلىدۇ. بۇ مۇستەبىتلىك جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىدا نامايەن بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، جەمئىيەتتە ئىمتىيازنى ئاساس قىلىدىغان قاتلاملىق كارىزما قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىدۇ ۋە ئۈسكۈنىلەرمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. تەلىمات ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جامائەت پىكرىنى ئۇنى قۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە يوقىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ (22). بۇ باسقۇچ، تېخنىكىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك مەجبۇرلاش ئارقىلىق مۇستەبىتلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېخنىكا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن باغلانغان ۋە تەبىئەتنىڭ بارلىق قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي كونترول تىپى تېخنىكلىق كونترول تىپىدۇر.

ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ تېخنىكىلىق كېڭىيىشى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن يېڭى ئۇچۇر- ئالاقە تېخنىكىسى سەزگۈ ئەزالىرىنى (كۆز ، قۇلاق) ۋە ھەرىكەت ئەزالىرىنىڭ (قول ۋە پۇت) فۇنكىسيەلىرىنى، ئاندىن چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى ۋە مۇستەھكەملىدى. بۇ سەۋەبتىن، يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ قولى، پۇتى، كۆزى، قۇلىقى ۋە سېزىم تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېڭى ۋە قۇلاقنى تاللاپ ئالدى. يېڭى ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ئارقىلىق يېڭى كونترول قىلىش شەكلى مۇستەبىت قۇرۇلمىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى، چۈنكى ئىلغار سانائەت كۈلتۈرى باشلامچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىدىيىۋى ھالغا كەلگەنىدى. بۇ ئىدىيىۋى قۇرۇلما بىلەن نازارەت ۋە كونترول قىلىش يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى ئارقىلىق شەكىللەندى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى مۇستەبىت قۇرۇلمىنىڭ مۇلازىمىتىدە، تېخىمۇ مۇستەبىت ، تېخىمۇ كونترولچى ۋە ئېرىشىش تېخىمۇ ئاسان ھالدا ئىلگىرىلەيدۇ. رەقەملىك دەۋر ئېلىپ كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى كەلتۈرۈپ چىقارغان كونترول ۋە قاتلامنى ئاساس قىلغان مەركەزلىشىش دۇنيا تەرتىپىدىكى مەركىزىي نۇقتىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تور ۋە تورنى بويلاپ نۇرغۇن نۇقتىلارغا ئىگە قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتتىكى بۇ تور قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن قايتا قۇرۇلدى. بۇ يارىتىلغان دۇنيادا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، بىلوگلار، ۋىكىلار، پودكاستلار، مۇنبەرلەر، مىكرو بىلوگلار، Facebook، Twitter ، Istegram ، MySpace، Linkedin قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرۇلمىلىرى ھەم ھۆججەتلەرنى ھەمبەھىرلىمەكتە ھەم سودىنى رەقەملىك مۇھىتقا يۆتكىمەكتە. ئىجتىمائىي گۈللىنىش دەپ ئاتالغان بۇ تەرەققىياتلار ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېڭىيىشى بۇ ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە بولدى. دان شىللېر بۇنى «كاپىتالىزىمنى رەقەملەشتۈرۈش» دەپ ئاتايدۇ. رەقەملىك كاپىتالىزىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شىركەتلەر ئارا ۋە شىركەتلەر ئىچى سودا جەريانىنى قوللايدىغان دۇنياۋى ئىقتىساد تورىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەت بوغالتىرلىق، ئېلان، بانكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش پىلانىدىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىغىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (23).

بۇ قۇرۇلما مەركىزى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە كونترول قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. كونترول قۇرۇلمىسى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەنگەن تورلار، مېدىيا، تېلېفون لىنىيىسى، سىملىق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ، نۇر كابېل سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تورنى باشقۇرۇش، مەشغۇلات قىلىش ۋە كىرىش قاتارلىق ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېڭەيتىلگەن خىزمەت تىزىملىكىدىن تەركىب تاپىدۇ (24). تورلار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ كۈلتۈرەل ۋە ئىجتىمائىي ساھەسىنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىدۇ (25). شۇڭلاشقا رەقەملىك كاپىتالىزىمنىڭ بارلىققا كېلىشى جەمئىيەتنى تېخنىكىغا ئوخشاش تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ (26). خەلقئارا شىركەتلەر كونترول قىلىدىغان رايون يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال سەۋىيەسىدە بولىدۇ. قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھە ۋە بارلىق رەقەملىك ئۈسكۈنىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. يۇمشاق دېتال بولسا بۇ قاتتىق دېتالدا ئىجرا بولىدىغان ۋە مەشغۇلات قىلىدىغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قۇرۇلمىنىڭ بۇ خىل كونتروللۇققا ئوچۇق بولۇشى، يەنى قاتتىق دېتالنىڭ يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن كونترول قىلىنىش ئېھتىماللىقى، شەخس، شىركەت، تەشكىلات ۋە دۆلەتلەردە بۇ ساھەنى كونترول قىلىش ئارزۇسى پەيدا قىلىدۇ. ھەر خىل تەھدىت خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتاللارنى شەخس ۋە گۇرۇپپىلار ئىشلەپچىقىرالايدۇ. شەخسلەر، شىركەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇ تەھدىتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

مەسىلەن ، بىر كىشىنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش پروگراممىسى سېتىۋىلىشىنىمۇ بۇ دائىرىدە ئويلىشىشقا بولىدۇ. شىركەت، تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەھدىتلەرنى يىراقلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىشقا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىلىرى ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە بىخەتەرلىك ئۇقۇمى تېخى مۇھىم بولۇشقا باشلىدى.

يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى

ئىنتېرنېت تورىنى كونترول قىلىدىغان شىركەتلەر شەخس ۋە گۇرۇپپىلار پەيدا قىلغان تەھدىت پروگراممىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، كونترول قىلالايدۇ ياكى باشقۇرالايدۇ. ئۇل-ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، تور بەتلەر ئۈچۈن ساھىبخانلىق قىلىدىغان شىركەتلەر، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى غايەت زور چوڭلۇقتىكى قۇرۇلمىغا تايىنىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش يوشۇرۇن خەۋپى ھەردائىم مەۋجۇت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رەقەملىك سۇپىدا شەكىللەنگەن ھەر بىر قۇرۇلمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە ئاجىز قۇرۇلمىلاردىن باشقا ئۆكتىچى قۇرۇلمىلارغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بولۇپمۇ مىللىي سىياسەتلەرمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى كېرەك.

رەقەملىك تەشكىللەش يولى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ، گۇرۇپپىلارنىڭ، دۆلەتكە ئوخشاش قۇرۇلمىلارنىڭ ئاسانلا كونترول قىلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىنىشى، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ھەرىكىتى، ئوي-پىكىرلىرىنى باشقىلارنىڭ ئ‍اسان بىلەلەيدىغان بولۇپ قېلىشى بىخەتەرلىك جەھەتتىن مەسىلە پەيدا قىلالايدىغان بولغاچقا ياخشى قاراپ چىقىش كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، بىخەتەرلىك سىياسىتىگە تەھدىت سالىدىغان مىساللارنى تەكىتلەش كېرەك. بۇ مىساللار يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ قانداق قىلىپ بىخەتەرلىك سىياسىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. راتسىيوناللاشقان ئەقىل شەكىللەندۈرگەن يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى يۇمشاق دېتال ئاساسى ھوقۇق ئېقىمى بىلەن قاتلاملىق قۇرۇلمىنى ساقلاپ قالماقتا. بۇ يۇمشاق دېتال تورىغا كىچىك ياكى چوڭ يۇمشاق دېتاللارنى قويۇش ئارقىلىق ھەر خىل كۆزلىگەن كونتروللارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلار بۇنى چەكلىك ئۇسۇلدا قىلالايدۇ. ھالبۇكى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلما بۇ كونترولنىڭ ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدا تور كومپيۇتېر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان گىگانت دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدىغان 13 مۇلازىمېتىرنىڭ ئونى ئامېرىكىغا جايلاشقان. ئىنتېرنېتنى ئامېرىكىلىقلار تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى 1998-يىلى قارار چىقىرىش ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ICANN (The Internet Corporation for Assigned Namesand Numbers) دەپ ئاتىلىدىغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولغان «ئىنتېرنېت تەقسىملەنگەن ئىسىملار ۋە سان باشقۇرۇش ئورگىنى» غا بەرگەن.

بۇ مۇلازىمېتىرلار تور نامىنى (Domain Names) بوشلۇق ناملىرىنى كونترول قىلىدىغان مۇلازىمېتىرلار بار مەركەزگە ئۇلايدۇ. گەرچە ICANN ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولسىمۇ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىگە قارايدۇ (27). بۇ سەۋەبتىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدىن چېكىنىشى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ئايلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بار. ئامېرىكا بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى (28). تور مۇلازىمېتىرى ھەر قېتىم تورغا چىققاندا تور نامىنى ماس رەقەملىك ئىپادىلەش بىلەن بىرلەشتۈرگەن ۋە بىزنىڭ بەتنى تېپىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇ مۇلازىمېتىرلار ئاخىرىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. ئامېرىكا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن تور قوماندانلىق ئورگىنى بىلەن ئېلېكترونلۇق ئىستىخبارات، سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىگە زور مەبلەغ سەرپ قىلىدۇ. ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك تەشەببۇسىدا خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا، ئۇچۇرلارنى قوغداش ۋە تېرورلۇق تەھدىتىگە قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تور ئۇرۇشىغا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. 2010-يىلى كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان «دۆلەت مۈلكى قانۇنى» مۇ بۇ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 2010-يىلى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «دۆلەت مۈلكى قانۇنى» مۇ بۇ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

بۇنىڭ بىلەن ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىلىرى بۇ قانۇن دائىرىسىدە يولغا قويماقچى بولغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك جىددىيلىكى ئېلان قىلىنغاندا يولغا قويۇلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. قانۇنغا ئاساسەن جىددىي تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى باشلىق باشقۇرۇش ۋە باھالاش، ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە تور ئۇلىنىشىنى ئوتتۇز كۈنگىچە چەكلەشكە مەجبۇرلايدۇ.

يەنە كېلىپ، قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىگە قارىتا بۇ كەڭ ھۆكۈمرانلىق ھەر قانداق ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالتە ئايغىچە داۋاملىشالايدۇ. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئاممىۋى ئورگاننىڭ شەخسىي ۋە مەمۇرىي ھەمكارلىقى نامىدا تورنى كونترول قىلىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ (29). مەسىلەن، «ئېينىشتىيىن 3» ناملىق يۇمشاق دېتال بارلىق ئېلېكترونلۇق خەتلەرنى ۋە باشقا ئالاھىدە ئېلېكترونلۇق مەزمۇنلارنى ئوقۇيالايدۇ. تەھدىت ياكى يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قاراشقا بولىدىغان بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان مېخانىزم ئورنىتىش مېدىياغا بىۋاسىتە قوللىنىلىدىغان سۈزۈش (censure) ئۇسۇلىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى شەخسىي ئالاقە ئەركىنلىكىدۇر.

كىشىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى خەت-چەك ئالاقىسىنى قولغا چۈشۈرەلىشى ئىنتېرنېتنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمزالانغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تەھدىتكە قارشى ئاپتوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىسىنى قانداق قوزغىتىش كېرەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (30). بۇ تەتقىقاتلار دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشتا خاكېرلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىچكى ئۇچۇرلار بىلەن تور ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە خاكېرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان قارا قالپاق يىغىنىدا دۆلەتلەرنىڭ تورىنى قوغداشتا خاكېرلارنى يېنىغا ئالماقچى بولدى (31). ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ھەر خىل قوشۇنلار ئىنتېرنېت تورىدىن باشقا بىر تور ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. دۆلەتلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ قۇرۇلما بىلەن تور بىخەتەرلىكى خەلقئارادا ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىمكانىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇڭا باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالماقتا.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخنىكىغا تايىنىشچانلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى تېرورچىلار ئېلىپ كەلگەن تەھدىتنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك دىنامىكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ھاۋا، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، قاتناش لىنىيىسى، دوختۇرخانا، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش لىنىيىسى، خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر مەركەزلىرىنىڭ تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ۋە تېخىمۇ ئاجىز نىشانغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى شەكىللەندى (32). بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ تارماقلار ھەر خىل مەقسەتلەردە ئۇلانغان تور قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىتىلماقتا. بۇ ئۇچۇر نىشانلىرىغا قارشى ئېچىلغان ئۇرۇش يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىنى قورالغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ قورال كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورالغا ئوخشاش غايەت زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەغەزنىڭ ئورنىنى ئالغان رەقەملىك تېخنىكا بىلەن تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتلىرى ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ يېڭى تىپتىكى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ.

دەسلىپىدە، يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىسى ۋە تەشۋىقاتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. تۇنجى قېتىم ھەر خىل خاكېرلار ئىشلەپچىقارغان ۋىرۇس، DNS ھۇجۇملىرى كىچىك زىيانسىز دەپ قارالغان ھۇجۇملاردىن كېڭىيىپ شىركەت، تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ھەرىكەت ۋە ھۇجۇملارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولدى. شىركەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە قۇرۇلمىسىنىڭ قەغەزدىن مەۋھۇم مۇھىتقا يۆتكىلىشى ئەمەلىيەتتە جىنايى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاسانلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. پۇل ئېقىمى رەقەملىك مۇھىتقا يۆتكەلدى، ھازىر تېخنىكىلىق تېرورچى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغان تېرورچىلار پۇل بۇلاش ياكى پۇل ئوغرىلاشقا ئوخشاش جىنايەتلەر مەۋھۇم مۇھىتتا ئاسانلا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تولىمۇ مۈشكۈل. دۆلەت قۇرۇلمىسى، ھەربىي قۇرۇلمىلار ۋە كارخانا قۇرۇلمىلىرىنىڭ مەۋھۇم مۇھىتقا يۆتكىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاسان يىمىرىلىشى يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. تەھدىتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ مۈشكۈل. تېرورچىلار ساختا DNS نومۇرى بىلەن سىستېمىغا كىرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بۇلاڭچىلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ سىستېمىلار سەۋەبىدىن، تېرورلۇق تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ئورتاق ھەرىكەت قارارى چىقىرىشى ئاسانلاشتى.

مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەۋھۇم دۇنيادا تور تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى يوق، چۈنكى تەھدىت نۇرغۇن جايلاردىن، بىرلا ۋاقىتتا ۋە ئېنىقسىز كىشىلەردىن كېلىدۇ.

بانكا سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە ۋە تېلېگراف نىشانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تور ھۇجۇمى جانغا زامىن بولالايدۇ ۋە ئىقتىسادىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. تور ئارقىلىق ھەر قانداق تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى، ئەزا قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، تېرورلۇقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋە قويمىچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ياكى بومبا ، قوراللىق ھۇجۇم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېرورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىنى مەقسەت قىلغان تەربىيەلەش تۈسىدىكى پروگرامما تارقىتىشلىرى تور تېرورلۇق ئۇقۇمى ئىچىدە باھالىنىدۇ (33). تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى غەزەپلەندۈرۈش ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نىشانىغا يېتىشنى خالايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك پەرقى تېخىمۇ كۆپەيدى.

خۇلاسە

يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى تەبىئەتكە ئەقىل بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ يېڭى شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. تەبىئەتتىكى كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ تەشەببۇس تېخنىكا ئارقىلىق كاپىتالىستىك قۇرۇلمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. تېخنىكىنىڭ قاتلاملىق قۇرۇلما بەرپا قىلىشى ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇستەبىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئورنىغا كونترول قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ. يېڭى ئالاقە تېخنىكىسى ھازىرقى قۇرۇلمىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىلىشىش تىرىشچانلىقىغا تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن. بۇ مەركىزىي قۇرۇلما بىخەتەرلىك سىياسىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا يول ئاچىدۇ. بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى DNS ئېقىمىنى كونترول قىلىدىغان 13 مۇلازىمېتىرنىڭ ئونىنىڭ ئامېرىكىغا جايلىشىشى ، يەنە بىر تەرەپتىن تور تېرورلۇقىنىڭ ھەمىشە يوشۇرۇن تەھدىت بولۇپ تۇرۇشى مۇستەبىت قۇرۇلمىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ تور ئېقىمىنى كونترول قىلىشى ئاسانلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قۇرۇلمىدىن پايدىلانغان تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى خەۋىپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدۇ.

يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىدا ھەمىشە بىر بىخەتەرلىك يوچۇقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، يېڭى ئالاقە تېخنىكىلىرى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكىدىكى ئون تور مۇلازىمېتىرى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئەمەس، مۇستەقىل تەشكىلاتلار ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەك. بۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ DNS ئېقىمىنى كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە جىنايەتچىلەرنى ئامېرىكىغا دۆڭگەش خاھىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىككىنچى، ئىنتېرنېت بوشلۇقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيىلىك قۇرۇلمىغا ئايلىنىشى زۆرۈر. بۇ ئاپتونومىيىلىك قۇرۇلمىلار يەككە تورنىڭ ئەمەس ، بەلكى بىردىن كۆپ تورنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بىردىن كۆپ ئىنتېرنېت تورى قۇرۇشقا يول قويىدىغان بۇ قۇرۇلما سايىسىدە يوشۇرۇن تەھدىت كۈچى ئازىيىدۇ، سىستېمىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىش ئېھتىماللىقى يوقىلىدۇ. سىستېمىلارنى زاپاسلاش ياكى زاپاسلاش تورىنى ساقلاش تور ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە زىياننى ئازايتالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى زور پايدا ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، سىستېمىنىڭ مۇستەبىت، جانلىق ۋە تەھدىتكە ئوچۇق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلمىنى قايتا ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، نۆۋەتتە كىشىلەر تېخنىكا فاشىزىمىدىن مۇستەسنا تۇرۇپ بۇ قۇرۇلمىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشى كېرەك.

مەنبەلەر

1. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: İzmir, s.252

2. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.44.

3. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Changeand Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: Izmir, s.252.

4. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.45.

5. Thedor Adomo, Popüler Müzik Üzerine. Toplumbilim Müzik Özel Sayısı, Sayı: 9, Mart 1999, ISSN 1301:0468, İstanbul: Bağlam, s.70.

6. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011.Ege University Press, 2012: Izmir, s.253.

7. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.51.

8. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: Izmir, s.254.

9. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011.Ege University Press, 2012: İzmir, s.254.

10. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.53.

11. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.56.

12. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: İzmir, s.255.

13. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.63.

14. Lev Manovich, The Language of New Media, Cambridge, Mit Press, 2002, s.65.

15. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: İzmir, s.255

16. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: İzmir, s.255.

17. Reader’s Digest Kültürü: 1940’lardan itibaren ABD’de yayınlanan ulusal ve uluslararası çapta basılan popüler yazı ve makalelerin çoğu kez özetlenerek oluşturulduğu dergiye işaret yapılarak özetlenmiş ve gerçek referansından koparılmış göstergeleri ifade etmek için kullanılan kültür pratikleri.

18. Hüseyin Çelik, “Yeni Medya Ortamında Görsel Kültürün Yükselişi: İnternet Haberciliğinde Sanal Oluşumlar ve Sanal Fırsatlar”, Change and Chalenge, s. 251-262, Ege University, 13. Proceedings of the Thirteenth International Cultural Studies Symposium, 4-6 Mayıs 2011. Ege University Press, 2012: Izmir, s.255.

19. Jürgen Habermas, İdeoloji’ Olarak Teknik ve Bilim, çev.: Mustafa Tüzel, İstanbul, YKY, 1993, s.33.

20. Jürgen Habermas, İdeoloji’Olarak Teknik ve Bilim, çev.: Mustafa Tüzel, İstanbul, YKY, 1993, s.33.

21. Walter Benjamin, Estetize Edilmiş Yaşam, Sunan: Ünsal Oskay, Derin Yayınları, İstanbul, 2007, s. 79.

22. Herbert Marcuse, One Dimensional Man, Routledge, New York, 2002, s.3.

23. Herbert Marcuse, One Dimensional Man, Routledge, New York, 2002, s.6.

24. Dan Schiller, Digital Capitalism: Networking the Global Market System, The MIT Press, 1999, Londra, s. 5.

25. Robert W McChesney ve Dan Sciller, The Political Economy of International Communications,UN Technology an Business and Society Programme Paper Number 11, October 2011, New York, s.19.

26. Dan Schiller, Digital Capitalism: networking the Global Market System, The MIT Press, 1999, Londra, s. 5.

27. Dan Schiller. Digital Capitalism: Networking the Global Market System, The MIT Press, 1999, Londra, s. 4.

28. https://www.icann.org/(Erişim 22.11.2015, 14:11).

29. ABD hükümeti internetin kontrolünü bırakmıyor, http://www.dw.com/tr/abd-h%C3%BCk%C3°/’o- BCmeti-intemetin-kontrol%C3%BCn%C3%BC-b%C4%B 1 rakm%C4%B lyor/a-18655043, (Erişim 18.8.2015, 22:20).

30. Protecting Cyberspace as a National Asset Act of 2010, httpsV/www.govtrack.us/congress/bills/l 11/ s3480, (Erişim 22.11, 12:10).

31. EinsteitıAct of 2015, https://www.govtrack.us/congress/bills/114/hr3305 (Erişim 25.11.2015, 11:30).

32. https://www.blackhat.com/us-15/(Erişim 25.11.2015, 11:38).

33. Mesut Hakkı Caşm, Uluslararası Terörizm, İstanbul, Nobel, 2008, s.447.

34. Mesut Hakkı Caşırı, Uluslararası Terörizm, İstanbul, Nobel, 2008, s.447.

تەرجىمان: مۇھەممەد ئابدۇمېجىت

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*