يەنە بىر دۆلەت قىممەتلىك بايلىق مەنبەسىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى

2020-يىلى 2-دېكابىر

يەنە بىر دۆلەت قىممەتلىك بايلىق مەنبەسىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى

بېيجىڭ قەرز يولى بىلەن ئىمپېرىيە قۇرۇۋاتىدۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەر خەتەر ئاستىدا قالماقتا[1]

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەدئەمىن نۇرمۇھەممەت

مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

خىتاي قەرز بېرىش ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» دىكى نامرات دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، بۇ «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» غا ئايلانغان بولۇپ، ھازىر غەرب دۆلەتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ دائىملىق ئەيىبلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

بۇ ئەندىشىلەر يېقىندا يەنە بىر دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشۈپ كېتىشى بىلەن يەنىمۇ كۈچەيدى.

 

لائوس خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشمەكتە

لائوس بولسا، ۋېيتنام ، كامبودژا ۋە تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى بىر دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قۇربانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بايلىق مەنبەسى مول دۆلەت بولۇپ، ئانالىزچىلار، ھۆكۈمەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ دەۋاتىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى لائوس دۆلەتلىك ئېلېكتىر مەنبەلىرى تورىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتىر تورى (China Southern Power Grid) غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا بولۇپ، ئورنى گۇاڭجۇدا.

«ياۋرو-ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تۆۋەنلەپ 1 مىليارد دوللارغا يەتمەيدىكەن، بۇ خىتايغا لائوسنى خىتاي مەبلىغىگە قىزىقتۇرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئالتۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.[2]

لائوس يەنە بۇ يىل باھالاش ئورگىنى مۇدى Moody تەرىپىدىن B3 دىن Caa2 گە تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى قەرزدار دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى «زاپاس پۇلىنىڭ سۇيۇلدۇرۇلۇش (پۇل پاخاللىقى) بېسىمى» سەۋەبىدىن، بىتەرەپلىكىدە چىڭ تۇرالمايدىغان يۆنىلىشكە ئۆزگىرىپ ماڭغان.

بۇ كىچىككىنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى جۇڭگونىڭ قەرزىنى تۆلەشتە قىينىلىپ قالدى، دۆلەت ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ قەرزى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 26 گە يەتتى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى.

———————————————————————————————-

[1]    ئەرەبىي پوست تورى. نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2020/11/26.  بلد جديد يسلم ممتلكاته الثمينة للصين.. بكين تؤسس إمبراطورية باستخدام الديون، ودول إسلامية معرضة للخطر (arabicpost.me)

[2]   Eurasian Times

 

ماقالىنىڭ داۋامىنى بۇيەردىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*