كاپىتالىستىك ئىقتىساد

2019-يىلى 3-ئاۋغۇست

كاپىتالىستىك ئىقتىساد

يۇھال ھارىرى

 پۇل ھەم ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقىش ھەمدە ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەقىقەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. نە زامانىۋى ھەربىي قوشۇنلار نە ئۇنىۋېرستىت تەجرىبىخانىلىرى  بانكا بولماي تۇرۇپ مەۋجۇدلۇقنى داۋاملاشتۇرالمايتتى.

مودېرن تارىختىكى ئىقتىسادنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەس. پۇلنىڭ دۆلەتلەرنىڭ  قۇرۇلۇشى ۋە ۋەيران بولۇشىغا قانداق سەۋەب بولغانلىقى، ئىنساننىڭ نەزىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە مىليونلارچە ئىنساننى قانداق ئەسىرگە ئالغانلىقى، سانائەتنىڭ چاقىنى ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئوخشاشلا يۈزلەرچە سانائەت تۈرىنى قانداق يوق قىلغانلىقى توغرۇلۇق نەچچە توم كىتابلار يېزىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، مودېرن ئىقتىسادنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنۇ كەلىمىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك: زورىيىش (تەرەققىيات مەنىسىدە). مودېرن ئىقتىساد ھورمون بېرىلگەن بىرسىگە ئوخشاش ئالدىغا چىققان ھەر قانداق نەرسىنى يېيىش ئارقىلىق ئۆلچەش ۋە مۆلچەرلەشمۇ قىيىنغا توختايدىغان دەرىجىدە تېز سۈرئەتتە زورايماقتا.

تارىختىن بۇيان ئىقتىساد كۆپ ۋاقىتلاردا ئوخشاش چوڭلۇقتا  ۋە سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ماڭدى. يەر شارى خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈلۈك ئاشتى، لېكىن بۇ ئەھۋال يېڭى زېمىنلارنى  تۇرالغۇ رايون قىلىش ۋە نوپۇس ئۆسۈشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ شۇ پېتى ماڭدى. مودېرن دەۋردە بولسا بۇ ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگەردى. 1500-يىللاردا دۇنيا بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات ۋ مۇلازىمەت مىقدارى 250 مىليارد دوللارئەتراپىدا ئىدى، كۈنىمىزدە 60 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا بولماقتا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 1500-يىللاردا  يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، ئوتتۇرىچە 550 دوللار بولغان بولسا، كۈنىمىزدە ئوتتۇرىچە 8800 دوللار ئەتراپىدا بولماقتا،  ئۇنداقتا ئىقتىسادتىكى بۇ پەۋقۇلئادە زورىيىشنىڭ قوزغاتقۇچى سەۋەبى نېمە؟

ئىقتىساد ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك تولىمۇ مۇرەككەپ تېمىدۇر. بۇنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر مىسال بېرەيلى: كارخانىچى ئەھمەت ئىزمىردا بىر بانكا قۇرىدۇ. ئىزمىرلىق قۇرۇلۇش-بىناكار ھۆددىگىرى ھەسەن كىرەمىت تۇنجى ئىشنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ 1 مىليون دوللار ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە بۇ پۇلنى ھەسەن كىرەمىتنىڭ بانكىسىغا قويىدۇ. بانكىنىڭ ھازىر بىر مىليون دوللار سەرمايسى بار.

بۇ ئەسنادا تەجرىبىلىك لېكىن پۇلسىز بولغان ئايشەن ئۆزفىرىنجى يېڭى بىر ئىشنىڭ يولىنى بىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىدە بىرمۇ ناۋايخانا يوق، بۇنىڭدىن سىرت قولىدا زامانىۋى بىر ناۋايخانا، كېرەكلىك ئەسۋابلار، پىچاقلارغا كېتىدىغان دەسمايە يوق. ئايشەن ئۇستا بانكىغا بېرىپ ئىش پىلانىنى بانكا مەسئۇللىرىغا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ ياخشى بىر سېلىنما بولىدىغانلىقىغا بانكا مەسئۇللىرىنى قايىل قىلىدۇ. بانكېر ھەسەن ئۇنىڭغا بىر مىليون قەرز تەستىقلايدۇ.

ناۋاي ئايشەنمۇ قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ھەسەن كىرەمىت بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇبتا بىر ناۋايخانا ياساپ بېرىش ئۈچۈن كېلىشىدۇ ۋە بۇ ئىش ئۈچۈن ھەسەن كىرەمىت ئايشەن ئۇستىدىن بىر مىليون دوللار تەلەپ قىلىدۇ. ناۋاي ئايشەنمۇ بۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ، ئايشەن ھېساۋاتىدىن بىر چەك يازدۇرۇپ  ھەسەن كىرەمىتقا تۆلەيدۇ، ھەسەن كىرەمىت بۇ چەكنى بانكېر ئەھمەتنىڭ بانكىسىدىكى ھېساۋاتىغا قويىدۇ. ئۇنداقتا ھەسەن كىرەمىتنىڭ بانكا ھېساۋاتىدا قانچىلىك پۇل قالدى؟ 2 مىليون دوللار. بانكىنىڭ ھېساۋاتىدا قانچىلىك نەق پۇل قالدى؟ 1 مىليون دوللار.

ئەلۋەتتە ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى داۋاملىق قىلىپ تۇرغانغا ئوخشاش ئىشنىڭ ئىككىنچى ئېيىدىلا ھەسەن كىرەمىت ناۋاي ئايشەنگە ئويلمىغان مەسىلىلەرنىڭ  كېلىپ چىقىپ قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك قۇرۇلۇش چىقىمىنىڭ 2 مىليونغا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى دەيدۇ. ناۋاي ئايشەن بۇ ئىشقا قەتئىي رازىلىقى بولمىسىمۇ ئىشنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن قايتىدىن بانكىغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بانكېر ئەھمەتنى قايىل قىلىپ يەنە 1 مىليون دوللار قەرز ئېلىپ بۇ پۇلنى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ھەسەن كىرەمىتنىڭ ھېساۋاتىغا ئەۋەتىدۇ . بۇ ئەھۋالدا ھەسەن كىرەمىتنىڭ بانكىدىكى پۇلى ئۈچ مىليون دوللارغا يېتىدۇ ، لېكىن بانكىدىكى نەق پۇلىنىڭ مىقدارى 1 مىليون دوللار. باشتىن ھازىرغىچە بانكىدىكى نەق پۇلنىڭ مىقدارى 1 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ مۇشۇ پېتى داۋاملىشىدۇ.

كۈنىمىزدە ئامېرىكا بانكىچىلىق قانۇنلىرىدا بانكىنىڭ بۇ خىلدىكى مەشغۇلاتنى 7 قېتىم ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا بانكىنىڭ پۇل ساندۇقىدا 1 مىليون نەق پۇل بولسىمۇ قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بانكىدا 10 مىليون دوللارغىچە پۇل ساقلىيالايدۇ. بانكىلار ئادەتتە قولىدىكى نەق پۇلغا ئاساسەن 10 ھەسسە ئارتۇق قەرز پۇل بېرەلەيدۇ، بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: بانكا ھېساۋاتلىرىمىزدىكى پۇلنىڭ %90ى ھەققىي نەق پۇل ئەمەس، بەلكى پۇل باردەك كۆرىنىدۇ، خالاس. ناۋادا باركلېيس بانكىسىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار پۇللىرىنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرۇۋالسا بانكا ۋەيرانلا بولىدۇ. ئوخشاشلا بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى بارلىق بانكىلارنىڭ بېشىغا كەلسە ئاقىۋەت پەرقلەنمەيدۇ.

بۇ قۇلىقىمىزغا غايەت زور چوڭلۇقتىكى سائادەت زەنجىرىدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ سىستېما ساقتىپەزلىك ھېسابلىنىدىغان بولسا ئۇنداقتا بارلىق مودېرن ئىقتىسادىي سىستېما قىپ-قىزىل يالغانچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش بولماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ تولىمۇ قالتىسلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، تەقدىرلەشكە تېگىشلىك بىر ئىشتۇر. بانكىلار ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىنى ۋە زورىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىمىز بولۇپ، ئىشەنچ دۇنيادىكى پۇلنىڭ كۆپ قىسمنىڭ يېگانە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ناۋايخانا مىسالىدا قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ بانكا ھېساۋاتىدىكى پۇل بىلەن بانكىدىكى نەق پۇلنىڭ مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەل ئايشەننىڭ ناۋايخانىسىدۇر. بانكېر ئەھمەت بانكىنىڭ پۇلىنى ناۋايخانىغا سېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىغاچقا ناۋاي ئايشەنگە قەرز بېرىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە ئايشەننىڭ ناۋايخانىسىدىن بىرمۇ نان ياكى بولكا پىشىپ چىققىنى يوق، بىراق بانكېر ئەھمەت بىلەن ناۋاي ئايشەن كېلەر يىلى ناۋايخانىدىن ھەر كۈنى مىڭلارچە نان، تاتلىق-تۈرمىلەر ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىغا ۋە بۇلارنى ساتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ناۋاي ئايشەنمۇ قەرزىنى ئۆسۈمى بىلەن بانكېر ئەھمەتكە قايتۇرۇلايدۇ. ناۋادا بۇ ئەسنادا قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ھەسەن كىرەمىت بانكىدىكى پۇلنى ئالماقچى بولسا، بانكېر ئەھمەت لازىملىق پۇلنى دەرھال تەق قىلىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە سىستېما خىيالى بىر كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئىشەنچ كارخانىچى ۋە بانكېرنىڭ ناۋايخانىنىڭ كېلەچىكىگە، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ بانكىنىڭ كېلەچەكتىكى پۇل قايتۇرۇش كۈچىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، پۇل سان-ساناقسىز شەيئىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق نەرسىنى ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە نەرسىگە ئايلاندۇرۇلايدۇ. لېكىن پۇلنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى مودېرن دەۋردىن ئىلگىرى تولىمۇ چەكلىك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا پۇل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ ئۇلارنى قىممەتكە ئىگە قىلالايتتى، بۇ ئەھۋال ئىقتىسادنىڭ زورىيىشىغا توسالغۇ بولاتتى، چۈنكى يېڭى ئىگىلىك تۈرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش تولىمۇ قىيىنغا توختايتتى.

يەنە ناۋايخانا مىسالىغا قايتىپ كېلەيلى. ناۋاي بۇ ئەھۋالدا پەقەت كونكرېت نەرسىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلالايدىغان پۇلنى ئالالامتى؟ ئالمايدۇ، چۈنكى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ زور خىياللىرى بار بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئىقتىسادىي مەنبەلىرى يوق ئىدى. بۇ ناۋايخانىنى سېلىپ چىقشنىڭ بىردىنبىر يولى پۇلىنى بىر نەچچە يىل بەرسىمۇ قوبۇل قىلىدىغان بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى تېپىش ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، پۇلنى بىر نەچچە بەرسىمۇ ماقۇل دەيدىغان قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى تېپىش تولىمۇ تەس. بۇ ئەھۋالدا ناۋاي ھەقىقەتەن تەس كۈنگە قالىدۇ،يەنى ناۋايخانا بولمىسا نان ۋە تاتلىق تۈرمە چىقىرالمايدۇ، نان ۋە تاتلىق تۈرمىلەر بولمىسا پۇل تاپالمايدۇ، پۇل بولمىسا قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بولمىسا ناۋايخانا پۈتمەيدۇ.

ئىنسانىيەت  مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدە مىڭلارچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، ئىقتىسادمۇ بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدى، يەنى ئاساسەن بىر ئىزدا ماڭدى. ئىقتىسادتىكى بۇ خالتا كوچىدىن چىقىشنىڭ بىردىنبىر يولى مودېرن دەۋردە بارلىققا كەلگەن كەلگۈسىگە دائىر ئىشەنچنى ئاساس قىلىدىغان سىستېما ئىدى. بۇ سىستېمىدا ئىنسانلار خىيالى مەھسۇلاتلارنى –ھازىرنىڭ ئۆزىدە بولمىغان مەھسۇلاتلارنى- «كىرېدىت»دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل پۇل تۈرى ئارقىلىق سېتىشنى قوبۇل قىلىشتى. كىرىدېت كەلگۈسى بەدىلىگە ھازىرنى بەرپا قىلىشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، كەلگۈسىدىكى بايلىقلىرىمىز ۋە مەنبەلىرىمىزنىڭ ھازىرقىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى كىرىمىمىزنى ھازىرقى زاماندا بىر ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسەك تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر چىقىشى مۇمكىن.

كەچمىشتە بىر ھۈنەرۋەن-كاسىپ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق

فورمىلا مۇنداق: ناۋايخانا يوق –نان يوق- پۇل يوق-  قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى يوق.

مودېرن ئىقتىسادنىڭ سىھىرلىك چارقىنىڭ فورمىلاسى: كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ-كىرىدېت- قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە پۇل ئاجرىتىش-يېڭى پۇرسەتلەر-كىرىدېتلارنى قايتۇرۇلايدىغان تاتلىق-تۈرمىلەر

ئۇنداقتا كىرىدېتلار بۇنچىلىك قالتىس نەرسە بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇرۇنلاردا ئىنسانلار بۇنى ئويلاپ يېتەلمىدى؟ ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە باش قاتتۇرۇشتى. قايسى خىل ئۇسلۇبتا بولمىسۇن، كىرىدېت توختاملىرى تۈزۈش بارلىق ئىنسان كۈلتۈرلىرىدە بار ئىدى، بۇنىڭ تارىخى قەدىمكى سۈمەر خەلقىگىچە سوزۇلىدۇ. بۇرۇنقى دەۋرلەردە ھېچكىمنىڭ بۇنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكى ياكى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكىدىن بەكرەك، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھازىرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكى ياكى ئويلىماسلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا كىرىدېت بېرىشنى خالىماسلىقى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئاساسەن ئۆتمۈشنىڭ ھازىرقى زاماندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ناچار ياكى ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى زاماندەك ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىلەتتى. بۇ ۋەجىدىن ئىنسانلار شەخسەن ئۆزلىرىنىڭ  ۋە خانىدانلىقلىرىنىڭ ياكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ، مەسىلەن ئون يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئاساستا ئىگىلىك يارىتىشنىڭ چوڭ بىر قىمار بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. سودا دۇنياسىغا ئويۇندەك قارىلاتتى، بۇ دېگەنلىك پەقەت كىرىم يوق دېگەنلىك ئەمەس،بۇرۇنلاردا ھەر قانداق بىر ناۋايخانا كىرىمىنى ئەلۋەتتە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى ۋە مۇشۇنداق قىلاتتى. لېكىن بۇ باشقا ناۋايخانىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئازىيىشى بىلەن ئىشقا ئاشاتتى، يەنى بىر ناۋايخانا كۆپرەك كىرىم قىلسا باشقا ناۋايخانىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتەتتى، مودېرن دەۋردىكىگە ئوخشاش پۈتكۈل ناۋايخانىلار كىرىمىنى بىرلا ۋاقىتتا ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان ئىش يوق ئىدى. بۇرۇنلاردا ئىتالىيەدىكى ۋەنەدىك باي بولالايتتى، لېكىن جەنوۋا نامراتلىشىپ كېتەتتى، ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى باي بولالايتتى، لېكىن بايلىقنى ئىران شاھىدىن ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى باي بولسا ئىران شاھى نامراتلىشىپ كېتەتتى. تورتنى پەرقلىق ئۇسۇللاردا كەسكىلى بولاتتى، لېكىن تورت بۇرۇنقى بىرلا تورت ئىدى. بىرلا تورتنى پەرقلىق ئۇسلۇبتا كەسسىڭىز بىرسى كۆپرەك ئالسا باشقسىغا ئاز قالىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن مىللەت كۆپ پۇل تپىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى يا تەن ئېلىشتى ياكى قايىل بولدى. ھەزىرىتى ئىسانىڭ دېگىنىدەك «بىر تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى بىر باينىڭ تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن تېخىمۇ ئاساندۇر» (ماتتا 19:24). ئەگەر بىر تورتنىڭ  كۆپ قىسمىنىڭ ماڭىلا تەۋە بولۇشى بۇنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارنىڭ  ئۈلۈشىدىن ئالغانلىقىم ئۈچۈندۇر. بايلار بۇ سەۋەبتىن  يەنى يامان قىلمىشلىرى ۋەجىدىن تاپقان پايدىلىرىنىڭ  بىر قىسمىنى نامراتلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە مەجبۇر ئىدى.

دۇنيادىكى تورت ئۆزگەرمەي شۇ پېتى قالىدىغان بولسا كىرىدىتقا كېرەك يوق، چۈنكى كىرىدېت بۈگۈننىڭ پۇلى بىلەن ئەتىنىڭ پۇلى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ئىبارەت. تورت ئۆزگەرمەي شۇ پېتى قالىدىغان بولسا نېمىشقا كىرىدېت بېرىمىز؟  ناۋادا سىزدىن قەرز سورىغان ناۋاينىڭ ياكى خاننىڭ باشقىلاردىن ئوغرىلايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ئىشىڭىز چاتاق دېگەن گەپ. بۇ سەۋەبتىن مودېرن دەۋردىن ئىلگىرى قەرز ئېلىش تولىمۇ تەس ئىش ئىدى، قەرز ئالغان تەقدىردىمۇ قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۆسۈمى يۇقىرى بولاتتى. ھۈنەرۋەن-كاسىپ ياكى سودىگەرنىڭ يېڭى بىر ئىشنى قىلىشى تولىمۇ تەسكە توختايتتى، يېڭى سارايلار سېلىش ياكى ئۇرۇش قوزغىماقچى بولغان پادىشاھلارمۇ  يۇقىرى تاموژنا بەلگىلىمىلىرى ۋە باجلار بىلەن بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلاتتى. بۇ پادىشاھلارغا نىسبەتەن تەسكە توختىمايتتى (باشقۇرۇشىدىكى خەلقلەر ئىتائەتكار بولسىلا مەسىلە يوق)لېكىن ناۋايخانا ئاچماقچى بولغان بىرسىنىڭ ئىشى تەسرەك ئىدى، بۇ خۇددى خان سارىيىدا ئىشلەيدىغان چاكارنىڭ بايلىقنىڭ خىيالىنى قىلىشىغا ئوخشايتتى.  ئۇ دەۋرلەردە كىرىدېتلارنىڭ سانى تولىمۇ چەكلىك بولغانلىقتىن ئىنسانلار يېڭى ئىشلارغا ئاسان تۇتۇش قىلىپ بولالمايتتى. يېڭى ئىش تۈرلىرى ياكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى ئاز بولغانلىقتىن ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايتتى، ئىقتىساد گۈللەنمىگەنلىكتىن ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ھېچ گۈللەنمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى.قولىدا سەرمايىسى بولغانلارمۇ قەرز بېرىشكە بەكمۇ خۇشتار ئەمەس ئىدى،نەتىجىدە تۇرغۇنلۇققا كۆنۈپ كېتىش خاھىشى رىئاللىققا ئايلىناتتى.

چوڭايغان تورت

كېيىنكى دەۋرلەردە ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ۋە تەرەققىيات-زورىيىش چۈشەنچىسى پەيدا بولدى. تەرەققىيات-زورىيىش چۈشەنچىسى ناۋادا نادانلىقىمىزنى تەن ئالساق ۋە تەتقىقاتلارغا كېرەكلىك مەبلەغنى ئاجرىتالىساق ئىشنىڭ چوقۇم ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچكە تايىنىدۇ. بۇ چۈشەنچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىقتىسادىي ساھەگە تەدبىقلاندى، تەرەققىياتقا ۋە زورىيىشقا ئىشەنگۈچىلەر جۇغراپىيەلىك كەشىپلەرنىڭ، تېخنولوگىيەلىك ئىجادلارنىڭ  ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى ۋە بايلىقنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئاتلانتىكتىكى يېڭى تىجارەت يوللىرى، ھىندى ئوكياندىكى كونا سودا يوللىرىنى يوق قىلماي تۇرۇپمۇ گۈللىنەلەيتتى. كونا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتماي ياكى ئازاتماي تۇرۇپمۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولاتتى. مەسىلەن، بار بولغان ناۋايخانىلارنىڭ ئىشىنى بۇزماي تۇرۇپمۇ، مەخسۇس شاكلات ۋە تاتلىق-تۈرمىلەر ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەشكەن يېڭى تورتخانىلار ئاچقىلى بولاتتى، بۇنداق بولغاندا ھەممە ئادەم ئىستېمالدا يېڭى نەرسىلەرنى تېتىشقا ۋە يېڭى زوقلارنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولاتتى، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالنى تەقەززا قىلاتتى. يەنى مەن سېنى نامراتلاشتۇرماي تۇرۇپمۇ باي بولالايمەن، سەن ئاچلىقتىن ئۆلمىسەڭمۇ مەن يەنىلا سېمىز بولالايمەن. قىسقىسى، دۇنيادىكى تورتمۇ بارغانچە چوڭىيالايتتى.

ئۆتكەن بەش ئەسىردە تەرەققىيات-زورىيىش چۈشەنچىسى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بۇ ئەھۋال كىرىدېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا سەۋەب بولدى، كىرىدېت ھەققىي مەنىدىكى ئىقتىسادىي زورىيىشقا، زورىيىش بولسا كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ قەرز پۇل بېرىلىشىگە زېمىن تەييارلىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بىر كۈندىلا بولمىدى ، ئىقتىساد بىر شارچىدىن بەكرەك بالىلار باغچىسىدىكى ئويۇنچاق پويىزغا ئوخشاش بىر يۇقىرىغا بىر تۆۋەنگە ھەرىكەت قىلىپ تۇردى. لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدىغانلىقى ۋە داۋاملىق ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. كۈنىمىزدە شۇنچىلىك كۆپ كىرىدېت تۈرى باركى، ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە شەخسلەر تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزلەرگە ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ.

كۈنسايىن چوڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي تورتقا بولغان ئىشەنچ ئاخىرى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1776-يىلى شوتلاندىيەلىك ئىقتىسادچى ئەدەم سىمىس «مىللەتلەرنىڭ  بايلىقى»ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلدۇردى. كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ 8-بابىدا ئەدەم سىمىس مۇنداق بىر يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىر  زېمىندار، بىر كىيىم تىككۈچى ياكى بىر موزدوز ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئېھتىياجىدىن كۆپرەك كىرىم قىلسا، بۇ ئېشىندى كىرىمنى تېخىمۇ كۆپ خادىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىش ئۈچۈن  قوللانسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشقانسېرى تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ئىشلىتىدۇ، شەخسىي كارخانچى ياكى ئىگىلىك بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ كىرىمىدىكى ئېشىش جەمئىيەتنىڭ باياشاتلىقى ۋە بايلىقىنىڭ ئاساسىدۇر.

بۇ بىزگە يېڭى ياكى ئالاھىدە قاراشتەك بىلىنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن بىز  ھەممىمىز  ھازىر ئەدەم سىمىسنىڭ بۇ قارىشى ناھايىتى نورمال قىلىنغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ قاراشنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى بىلەن ئۇچرىشىۋاتىمىز. ئەدەم سىمىسنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاپ نەپكە ئېرىشىشتەك شەخسىيەتچىلىكنىڭ كوللېكتىپنىڭ باي بولۇشى ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قاراشلاردىن بىرى بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. ئەدەم سىمىس قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ: ئاچكۆزلۈك ئەسلىدە ياخشى خۇيدۇر، مەن باي بولسام ئۆزۈمگىلا ئەمەس جەمئىيەتكىمۇ پايدام تېگىدۇ. بۇنىڭ فورمىلالاشتۇرساق: ئۆز مەنپەئەتىمنى كۆزلەش باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ.

ئەدەم سىمىس ئىنسانلارغا ئىقتىسادنىڭ «مەنمۇ سەنمۇ نەپلەنگىن»پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى، يەنى بىرىنىڭ پايدىسىنىڭ سىزنىڭمۇ پايدىڭىز ئىكەنلىكىنى ئويلاشنى ئۆگەتتى. ھەم بىرلا ۋاقىتتا چوڭ بىر تورتىمىز بولىدۇ ھەمدە سېنىڭ تورتىڭ چوڭايسا مېنىڭكىمۇ چوڭىيىپ بارىدۇ. مەن نامراتلاشسام سەنمۇ نامراتلىشىسەن، چۈنكى سېنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭ ۋە مۇلازىمەتلىرىڭنى سېتىۋالالايدىغان قۇربىم يوق، مەن بېيىسام سەنمۇ تەڭ بېيسەن، چۈنكى سەن ماڭا مەھسۇلاتلىرىڭنى ساتالايسەن. ئەدەم سىمىس بايلىق بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلارغا «جەننەتنىڭ ئىشكىنى»ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە باي بولۇش ئەخلاقلىق بولۇش بىلەن ئوخشاش مەنىگە كېلەتتى. ئەدەم سىمىسنىڭ قارىشىدا ئىنسانلار قوشنىلىرىنى شۈمۈرۈپ ئەمەس، ئومۇمىي تورتنى تېخىمۇ چوڭايتىپ باي بولاتتى ۋە تورت چوڭايغانسېرى بۇنىڭدىن ھەممە ئادەم نەپلىنەتتى. بۇ مەنتىق بويىچە بولغاندا، بايلار جەمئىيەتتە ھەم ئەڭ ياراملىق ھەمدە ئەڭ ساخاۋەتچى ئىنسانلاردىن ئىدى، چۈنكى ئۇلار تەرەققىيات ۋە زورىيىشنىڭ چاقلىرىنى ھەممە ئادەمنىڭ پايدىسىغا چۆگلىتەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى بايلارنىڭ ساپ پايدىلىرىنى يېڭى زاۋۇت قۇرۇشىغا، كۆپلەپ ئىشچىلارنى ئىشقا ئېلىشىغا،  بارلىق مەبلەغلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقىغا باغلىق ئىدى. ئەدەم سىمىس بۇ سەۋەبتىن «پايدا ۋە كىرىم ئاشقانسېرى بېخىل بايلار پۇللىرىنى ئۆيدىكى ساندۇقلىرىغا تولدۇرىدۇ ۋە بۇ ساندۇقنى پۇل ساناش ئۈچۈن ئاچىدۇ»دېمىدى، بەلكى «پايدا ۋە كىرىم ئاشقانسېرى زېمىندار ياكى كىيىم تىككۈچى ۋەياكى موزدۇز يېڭى ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىدۇ»دېدى.

مودېرن كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق قىسمى پايدىنى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ يېڭى ئەخلاقىي قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىغا تايىنىدۇ. بۇ سېلىنما تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، مۇشۇ چاق داۋاملىق چۆگلىسە پايدا داۋاملىق ئېشىپ ماڭىدۇ ۋە جەمئىيەت تېخىمۇ باياشات بولىدۇ. سېلىنمىلارنى ھەر خىل شەكىلدە سېلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، زاۋۇتنى چوڭايتىش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يېڭى مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىش. لېكىن سېلىنمىلار چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇشى ۋە تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە كىرىم ئېلىپ كېلىشى كېرەك. يېڭى كاپىستالىتىك ئېتىقادتا تۇنجى ۋە ئەڭ مۇقەددەس بۇيرۇق مۇنداق:« ئىشلەپچىقىرىشتىن كەلگەن پايدىنى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك.»

دۇنيا ئىقتىساد تارىخىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى

مودېرن دەۋردىن بۇرۇنقى ئىقتىساد: كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ سۇس بولۇشى-ئاز مىقداردا كىرىدېت (قەرز)-ئاستا زورىيىش

مودېرن دەۋردىن كېيىنكى ئىقتىساد: كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچلۈك بولۇشى-يۇقىرى مىقداردا كىرىدېت- تېز سۈرئەتتە زورىيىش

بۇ سەۋەبتىن كاپىتالىزمنىڭ نامى «كاپىتالىزم»دۇر. كاپىتالىزم «كاپىتال»(سەرمايە) بىلەن بايلىقنى (مال-دۇنيانى كۆرسىتىدۇ) بىر-بىرىدىن چوقۇم ئايرىيدۇ، سەرمەيا نوقۇل ئىشلەپچىقىرىشقا ئاجىرىتلغان پۇل، مەھسۇلات ۋە مەنبە دېگەنلىكتۇر. بايلىق بولسا يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋېتىلگەن ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بايلىقىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قىلچە پايدىسى تەگمەيدىغان بىر پىرامىدا ياساشقا ئىشلەتكەن پىرئەۋۇن كاپىتالىست ئەمەس، بىر ئىسپانىيە كېمىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ پۇللار بىلەن تولغان ساندۇقلارنى كارايىپ ئاراللىرىنىڭ قۇملۇقىغا كۆمۈۋەتكەن دېڭىز قاراقچىلىرى كاپىستالىست ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، پايدىسى ۋە كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى پايچىكقا سالغان تىرىشچان ۋە ئىگىلىك يارىتىش روھى يۇقىرى بولغان بىرسى كاپىتالىستتۇر.

« ئىشلەپچىقىرىشتىن كەلگەن پايدىنى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك»دېگەن چۈشەنچە قۇلاققا ئادەتتىكى گەپتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ چۈشەنچە مودېرن دۇنيادىن ئىلگىرى ئىنسانلارغا ناتونۇش ئىدى. مودېرن دەۋردىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ۋە بىر ئىزدا تۇرىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى. شۇنچە قىلسىڭىز ئىشلەپچىقىرىش ئاشمايدۇ، ئۇنداقتا پايدا ۋە كىرىمىڭىزنى ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا سېلىپ نېمە قىلىسىز؟ بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەر، بايلار سېخىيلىق ۋە نوقۇل ئىستېمالغا تايانغان ئەخلاق چۈشەنچىسى پەيدا قىلىشتى. كىرىملىرىنى مۇسابىقىلارغا، زىياپەتلەرگە، سارايلارغا، ئۇرۇشلارغا، نامراتلارنى يۆلەشكە ۋە ھەيۋەتلىك چېركاۋلارغا ئىشلەتتى. كىرىملىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى كېڭەيتىشكە، ئاشلىقنى كۆپەيتىشكە، تېخىمۇ كۆپ بۇغداي، قوناق ئىشلەپچىرىشقا ياكى يېڭى بازارلار تېپىشقا سەرپ قىلاتتى.

مودېرن دەۋردە بولسا زېمىندارلار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە بايلار كاپىستالىستىك ئېتىقادقا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان بۇرژۇۋازىيە سىنىپى تەرىپىدىن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاند، بۇرژۇۋازىيە سىنىپى ئۇتۇپ چىقتى. كاپىتالىستىك دۇنيادا شەكىللەنگەن بۇرژۇۋازىيە سىنىپى يەنى كاپىتالىستلار زېمىندارلار،كىنەزلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن ئەمەس شىركەتلەرنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى، پايچىكچىلار، سودا-سانائەتچىلەردىن تەشكىل تاپاتتى. يېڭى شەكىللەنگەن بۇ سىنىپ بۇرۇنقى ئاقسۆڭەكلەر، ئېسىلزادىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈككە ئىگە، لېكىن ئىستېمالغا بۇرۇنقىلاردەك بېرىلمەيدۇ، ئۇلار كىرىم ۋە پايدىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى پۇلدارلار، ئېسىلزادىلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ھەل بېرىلگەن  كىيىم-كىچەكلەرنى كىيەتتى، ۋاقتىنىڭ كۆپ قسىمىنى زىياپەتلەرگە، ھەشەمەتلىك مۇراسىملارغا ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. مودېرن دۇنيادىكى بۇرژۇۋازىيە سىنىپى يەنى شىركەت ۋە گۇرۇھلارنىڭ باشلىقلىرى كاستۇم-بۇرۇلكىلارنى كىيىشىدۇ، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىك يارىتىشقا، بازار ئېچىشقا، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا، بازار تورى شەكىللەندۈرۈشكە ۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئاجرىتىدۇ. ئويۇن-تاماشىغا كۆپ ۋاقىت چىقارمايدۇ. ئادەتتىكى بىر كاپىتالىست ياكى بۇرژۇۋازىيە يىغىنلارغا قاتنىشىپ بىر تەرەپتىن سەرمايسىنى قايسى ساھەگە سېلىش توغۇرۇلۇق باش قاتتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتە شىركىتىنىڭ پايچىك بازىرىدىكى قىممىتىنى تەقىب قىلىدۇ. ئۇلار ئەڭ ئېسىل ماركا كىيىملەرنى كىيىپ، ئالاھىدە ئايروپىلانغا چىقىپ ساياھەت قىلىشىدۇ، لېكىن بۇ چىقىملار قانداقتۇر ئىسراپخورلۇق بولماستىن بەلكى سېلىنما ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، ئەمەلىيەتتە بۇلار تاپىدىغان پايدا ۋە قىلىدىغان كىرىم ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس.

ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلار نوقۇل ۋېرساكې كىيىدىغان خوجايىنلارلا ئەمەس، ئادەتتىكى ئىنسانلار ۋە دۆلەت ئورگانلىرىمۇ مۇشۇنداق ئويلايدۇ. نورمال بېزەلگەن لېكىن پاكىز ۋە ئازادە رېستونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەبلەغلەرنى پايچىكمۇ ياكى بىرەر مەھسۇلاتقىمۇ ياكى بازار ئېچىشقىمۇ ۋەياكى ئۆي-مۈلۈككىمۇ سېلىش دېگەندەك ئايغى چىقايدىغان مۇنازىرىلەرگە  ئايلىنىپ كېتىدۇ. دۆلەتلەرمۇ باجدىن كېلىدىغان كىرىملارنى دۆلەت كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. مەسىلەن،دۆلەت  بىر پورت ياساپ دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا دۆلەت مال ئېكسپورت قىلىدىغان زاۇۋتلاردىن تېخىمۇ كۆپ باج ئالالايدۇ، باجدىن كېلىدىغان كىرىم بىلەن باشقا ساھەلەرگىمۇ مەبلەغ سالالايدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يوللاردىن بىرىدۇر. باشقا بىر دۆلەتمۇ ئىقتىساسلىق ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىدىغان تېخنولوگىيە ساھەلىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ساھەلەردىن مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان پورتلارغا ئېھتىياج چۈشمەستىن يۇقىرى كىرىم قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ مائارىپ ساھەسىگە مەبلەغ سالىدۇ.

كاپىتالىزم ئىقتىسادنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ نەزىرىيە ھەم پۇلنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلايتتى ھەمدە كىرىمدىن كېلىدىغان پايدىنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سۈپىتىدە سېلىشنىڭ ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. كاپىتالىزىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نورمال بىر ئىدىيە ئەندىزىسىدىن ھالقىپ، ئىنسانلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، بالىلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەكلىكىنى، ھەتتا قانداق تەپەككۇر قىلىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەلىمات ئەندىزىسىگە ئايلاندى. ئەڭ ياخشى نەرسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىكەنلىكى، ئادالەت، ئەركىنلىك  ھەتتا بەخت-سائادەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا باغلىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلار كاپىتالىزم تەشەببۇس قىلىدىغان ئاساسلىق تەلىماتلاردۇر.  بىر  كاپىتالىستتىن زىمباۋې ياكى ئافغانىستانغا ئوخشاش جايلاردا ئادالەت ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى قانداق بەرپا قىلىش توغرۇلۇق سوئال سوراپ قالسىڭىز، ئۇ سىزگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كۈچلۈك بىر ئوتتۇرا تەبىقەنىڭ دېموكراتىك ئورگانلارغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئافغان خەلقىنىڭ ئەركىن ئىگىلىك يارىتىش روھى، تىجەشلىك بولۇش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قامداش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەربىيەلىنىشى لازىملىقىنى ئىكىلەنمەيلا دەپ بېرەلەيدۇ.

ئوخشاشلا كاپىتالىزمنىڭ تارىخىنى بىلىمنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ تولۇق ۋە توغرا ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمايدۇ. كاپىتالىزم ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل زورىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىدۇ، كاپىتالىزمنىڭ ئاللىبۇرۇن ئېتىقاد تۈسىنى ئېلىپ بولغان بۇ پىرىنسىپى كائىنات توغرۇلۇق بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىزغا تامامەن زىتتۇر. مەسىلەن، بىر توپ بۆرىنىڭ قوي سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىۋېلىشى تەلۋىلىكتۇر. ئىقتىساد مودېرن دەۋردە ئىزچىل لوگارىتمىكلىق تەرىقىدە زورىيىپ كەلدى. بۇ زورىيىش بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە يېڭى بىر ئامېرىكا قىتئەسى بايقاپ چىقىشى، ئىچىدىن يانىدىغان موتور ياكى گېنى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن قويغا ئوخشاش يېڭى ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىشى ۋەياكى يېڭى بىر ئىجاد ياساپ چىقىشى قاتارلىقلار تۈرتكىسىدە  ھاسىل بولىدۇ. بانكىلار ۋە دۆلەتلەر پۇل بېسىپ تارقىتىدۇ لېكىن ئاخىرقى  ھېسابتا ھېساب –كىتابىنى بېرىدىغانلار يەنىلا بىلىم ئىنسانلىرىدۇر.

كېيىنكى مەزگىللەردە بانكىلار ۋە دۆلەتلەر تەلۋىلەرچە ھالدا پۇل بېسىپ تارقاتماقتا، ھەممە ئادەم ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن مىليونلارچە دوللار، ياۋرو ۋە يېن بېسىلىش ئارقىلىق پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى يېڭى كىرىدېتلار بىلەن تەمىنلىنىپ ئوزۇقلاندۇرۇلماقتا، بىلىم ئىنسانلىرى، تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئىنژىنىېرلاردىن شارچە پارتلاشتىن ئىلگىرى يېپ-يېڭى بىر ئىجاد بەرپا قىلىش كۈتۈلمەكتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەممە نەرسە تەجرىبىخانىلاردىكى ئىنسانلارغا باغلىق بولۇپ قالماقتا. بىيو-تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش ساھەلەردىكى يېڭى ئىجادلار يېڭى ساھەلەرنى يارىتىپ، بۇ ساھەلەردىن كېلىدىغان پايدىلار 2008-يىلدىن بۇيان  ھېسابسىز ۋە بەدەلسىز بېسىلىپ كېلىۋاتقان تونلارچە پۇلنىڭ ئورنىنى تولدۇرالاشى مۇمكىن. ناۋادا تەجرىبىخانىلار شارچە پارتلاشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدىگە جاۋاب بېرەلمىسە ئېغىر كۈنگە قالىمىز.

كولومبو كارخانىچى ئىزدىمەكتە

كاپىتالىزم مودېرن ئىلىم-پەننىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدىلا ئەمەس ياۋروپا جاھانگىرلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمەلىيەتتە كاپىتالىستىك كىرىدېت سىستېمىسىنى پەيدا قىلغانمۇ دەل ياۋروپا جاھانگىرلىكى ئىدى. ئەلۋەتتە كىرىدېت (قەرز سىستېمىسى)مودېرن دەۋرگىلا خاس بىر نەرسە ئەمەس، بۇرۇنقى تېرىقچىلىق جەمئىيەتلىرىدىمۇ بار ئىدى،  باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە ياۋروپا كاپىتالىزمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوخشاشلا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاسىيانىڭ دۇنيانىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدا خىتايلار، مۇسۇلمانلار ياكى ھىندىستانلىقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز سەرمايە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاي، ھىندىستان ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمىلىرىدە كىردېت سىستېمىسى ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇراتتى. ئىستانبۇل، ئىسفاھان، دېھلى ۋە بېيجىڭنىڭ بازارلىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە بانكېرلار كاپىتالىستىك ئەقىل بىلەن ئويلاپ ئىش قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سارايلاردىكى ۋە قەلئەلەردىكى خانلار ۋە قوماندانلار تىجارەت مەركەزلىك تەپەككۇر شەكلىنى چوڭ بىلىپ كەتمەيتتى. باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە ياۋروپالىق بولمىغان ئىمېپرىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمى نۇرھاجى ۋە نادىر شاھقا ئوخشاش بۈيۈك قوماندانلار ياكى چىڭ ۋە ئوسمانلى ئىمېپرىيەسىگە ئوخشاش بىيوكراتىك ۋە ھەربىي داھىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى. بۇ دۆلەتلەر ئۇرۇشقا كېتىدىغان چىقىمنى ئولپاڭ ۋە مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىپ، كىرىدېت سىستېمىسىغا بەكمۇ ئېھتىياجى چۈشۈپ كەتمىدى، بانكېرلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلمىدى.

ياۋروپادا بولسا خانلار ۋە گېنېرلار كۈنسايېن تىجارىي ئويلاشقا باشلىدى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودىگەرلەر ۋە بانكېرلار سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى، بۇ ئىككى سىنىپ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلمىدىن ئورۇن ئېلىپ سەر خىللاردىن بولدى. ياۋروپانىڭ دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈشىگە كېتىدىغان چىقىم باجدىن كېلىدىغان كىرىملار بىلەن ئەمەس كىرىدېتلار بىلەن ھەل قىلىناتتى، دۇنيانى قولغا كىرگۈزىدىغان بۇ كەڭ كۆلەملىك  ئىشقا سالغان مەبلىغىنىڭ نەچچە ھەسسە ئارتۇق قايتۇرۇۋېلىشىغا تولۇق ئىشەنچ قىلىدىغان كاپىتالىستلار بىۋاستە قول تىقاتتى. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇزۇن شەپكىلەرنى كىيىۋالغان بانكېرلار ۋە سودىگەرلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىمپېرىيەلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن كىيىم كىيىۋالغان پادىشاھلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىمپېرىيەلەرنى يېڭىۋالدى. سودىگەر ۋە بانكېرلار دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىمنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئوبدانلا بىلىۋالغانىدى، يەنى ھېچكىم باج تۆلەشنى خالىمايتتى، لېكىن پايدا چىقىدىغان ئىشقا مەبلەغ سېلىشقا شۇنچىلىك ھېرسمەن ئىدى.

1484-يىلى كىرىستوف كولومبو شەرقىي ئاسىياغا تۇتۇشىدىغان يېڭى سودا يولى تېپىشنى نىيەت قىلىدۇ، ئۇ سەپەرگە كېتىدىغان چىقىم ئۈچۈن پورتۇگالىيە خانىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بۇ پايدىسى كۆپ ئىشقا پورتۇگالىيە خانىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق سەپەرلەرگە  ھەم چىقىم كۆپ كېتەتتى ھەمدە خەتەرلىك ئىدى. كېمە ياساش، ئاشلىق تەييارلاش، دېڭىزچىلار ۋە ئەسكەرلەرگە مائاش بېكىتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن خېلىلا پۇل كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالغان مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭلاشقا پورتۇگالىيە خانى بۇ ئىشقا پۇل چىقىرىشنى رەت قىلىدۇ.

كولومبو خۇددى كۈنىمىزدىكى كارخانچى ياكى سودىگەرلەرگە ئوخشاش ئىش تۇتۇپ بۇ ئىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى. ئۇ فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە، ھەتتا پورتۇگالىيەدىكى پۇلدارلاردىن مەبلەغ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ھەر قېتىم قۇرۇق قول قايتتى. ئۇ يەنە ئۈمىدسىزلەنمەي ئىسپانىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن فېردىناد ۋە ئىسابېللا بىلەن كۆرۈشۈپ باقتى، ئۇ بۇ قېتىم تەجرىبىلىك كىىشلەرنىمۇ يېنىغا ئېلىۋالغانىدى، ئۇ ۋە ھەمراھلىرى ھۆكۈمدار ئىسابېللانى قايىل قىلدى. ئىسابېللانىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن كولومبو دەرھال يولغا چىقىپ يېپ-يېڭى بىر قىتئەنى بايقىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يېپ-يېڭى بىر قىتئەنى بايقىغانلىقىدىن خەۋىرىمۇ يوق ئىدى. كولومبو ئامېرىكاغا ئاياغ باسقاندىن كېيىن، باشقا ئىسپانىيەلىكلەرمۇ ئامېرىكاغا تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ زېمىنغا قەدەم باسقانلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېسابسىز ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرگە ئىگە بولدى، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئامېرىكا قىتئەسىدە شېكەر ۋە تاماكا ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇش قىلدى.

كولومبو ئامېرىكانى بايقاپ 1 ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپالىق كىنىزەكلەر ۋە بانكېرلار كولومبونىڭ ئىزباسارلىرىغا ئىككىلەنمەيلا كىرىدېت بېرىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئامېرىكادىن ئېلىپ كېلىنگەن بايلىقلاردىن ئېرىشكەن ھەددى-ھېسابسىر سەرمايە بار ئىدى. كىنەزەكلەر ۋە بانكېرلار يېڭى زېمىننىڭ بايلىقىپ تۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايتتى، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن يېڭى زېمىن دېگەنلىك زور بايلىق دېگەنلىك بولاتتى. جاھانگىر كاپىتالىزمنىڭ سىھىرلىك فورمىلاسى مۇنداق ئىدى: كىرىدېت يېڭى زېمىننىڭ بايقىلىشىغا ئىشلىتىلەتتى، يېڭى زېمىنلار مۇستەملىكە رايونى قىلىناتتى، مۇستەملىكە رايونىدىن زور كىرىم قىلغىلى بولاتتى، بۇ رايونلاردىن كېلىدىغان كىرىم ۋە پايدا زور ئىشەنچ ئاتا قىلاتتى. ئىشەنچ بولسا تېخىمۇ كۆپ كىرىدېت دېگەنلىك بولاتتى. نۇرھاجى ۋە نادىر شاھ بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىر باسقاندىن كېيىن ھالسىراپ قالدى، كاپىستالىستلار بولسا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىۋاتاتتى. لېكىن بۇ ئۇنچىۋېلا ئوڭۇشلىق بولمىدى، نۇرغۇن خەتەر بار ئىدى. كىرىدېت بازارلىرى بۇ ئىشقا يەنىلا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. نۇرغۇن ئىستىلاچى ياۋروپاغا قۇرۇق قول قايتتى. مەسىلەن، ئىنگىزلەر شىمالىي قۇتۇپتىن ئاسىياغا چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلدى، لېكىن ھەممىسى بىكارغا كەتتى. يېڭى زېمىن بايقاشقا يولغا چىققان نۇرغۇن دېڭىزچى سەپەرلەردە دىشۋارچىلىققا يولۇقۇپ ساق قايتالمىدى، بەزى كېمىلەر مۇز تاغلىرىغا سوقۇلۇپ كەتتى، بەزىلىرى بولسا تىروپىك بەلۋاغلاردا چۆكۈپ كەتتى ياكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا يەم بولدى. مەبلەغچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ۋە خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ياۋروپالىقلار  ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركەتلىرىگە يۈزلەندى. بىرلا كىشىنىڭ پۇلىنى بىراقلا بىرلا ئىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا، ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى نۇرغۇن كىشىدىن پۇل يىغىپ ھەممىسىنىڭ سەرمايىلىرىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى ئىشلەتتى، بۇنداق بولسا مەبلەغ سالغۇچىلار ئاز زىيان تارتاتتى، لېكىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا كېلىدىغان كىرىم ۋە نەپ ھەددى-ھېسابسىز بولاتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا غەربىي ياۋروپادا زور مىقداردا كىرىدېت يىغالايدىغان ۋە بۇنىڭدىن شەخسىي كارخانىلار ۋە دۆلەتلەر پايدىلىنالايدىغان مۇرەككەپ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى.

بۇ سىستېما يېڭى زېمىنلارنى بايقاش ۋە قولغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى  ھەر قانداق بىر خانلىق ياكى ئىمپېرىيەلەرگە قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلەتتى. كىرىدېتنىڭ يېڭىدىن بايقالغان بۇ قۇدرىتى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنىمسىز كۈرەشتە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى 16-ئەسىردە ئىسپانىيە ياۋروپا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن زېمىنغا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغان جاھانگىر دۆلەت ئىدى. ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمنى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى كەڭ كەتكەن زېمىنلارنى، فىلىپپىننى، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بەزى جايلارنى باشقۇراتتى. ئىسپانىيەلىكلەر ھەر يىلى ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىن لىق بايلىقلار بىلەن تولدۇرۇلغان كېمىلەر بىلەن سەۋىللا ۋە كادىز پورتلىرىغا قايتىپ كېلەتتى، تەبىئىي بايلىقلىرى بولمىغان گوللاندىيە بولسا ئىپسانىيە ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدىكى كىچىك ۋە پاتقاقلىق بىر زېمىن ئىدى.

كۆپ قىسمى پىروتېستان بولغان گوللادىيەلىكلەر 1568-يىلى كاتولىك ئىسپانىيەلىكلەرگە قارشى ئىسيان چىقاردى، بۇ ۋاقىتقىچە ئىسپانىيەلىكلەر گوللاندىيەلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، دەسلەپكى مەزگىللەردە گوللاندىيەلىك ئىسيانچىلار دونكىخوتقا ئوخشاش يېڭىلمەس كىشىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى، لېكىن 8  يىل ئىچىدە گوللاندىيەلىكلەر ھەم ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولدى ھەمدە ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنىڭ ئوكيانلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋالدى، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گوللاندىيە ئىمپېرىيەسى ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندى.

گوللاندىيەلىكلەرنىڭ تېزلا ۋاقىت ئىچىدە قۇدرەت تېپىپ كېتىشىنىڭ سىرى دەل كىرىدېت ئىدى. قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىشقا خام بولغان گوللاندىيە بۇرژۇۋازىيەسى، ئىسپانىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ياللانما ئەسكەر ئىشلەتتى. گوللاندىيەلىكلەرمۇ دېڭىز ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ دېڭىز سەپىرىگە چىقىشقا باشلىدى. ياللانما ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان قوشۇن ۋە توپ ئوقلىرى بىلەن قوراللانغان دېڭىز ئارمىيەسىگە زور چىقىم كەتتى، لېكىن گوللاندىيەلىكلەر ھەربىي ئىشلارغا كېتىدىغان چىقىمنى قۇدرەتلىك ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى قارىغاندا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر تەرەپ قىلالىدى، چۈنكى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ بېرىۋاتاتتى، گوللاندىيەلىكلەر بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى گوللاندىيەلىكلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە يەتكۈدەك كىردېت بەردى، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيەسى گوللاندىيەگە دۇنيا تىجارەت يوللىرىنىڭ تىزگىنىنى ئېلىشىغا، ھەممىدىن مۇھىمى دېڭىز سەپەرلىرىدىن زور كىرىملەرنى قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. گوللاندىيەلىكلەر تاپقان پايدىسى بىلەن قەرزلىرىنى تولۇق ۋە ۋاقتىدا تاپشۇرغاچقا، پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ گوللاندىيەگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئامستېردام قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاساسلىق پورتى بولۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى.

گوللاندىيەلىكلەر ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشتى؟ بىرىنچىسى، كىردېتلىرىنى تولۇق ۋە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، بۇ ئەھۋال پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىگە پايدىلىق ھېسابلىناتتى، چۈنكى خەتەر تېخىمۇ ئاز بولاتتى. ئىككىنچىسى، گوللاندىيەنىڭ قانۇن سىستېمىسى مۇستەقىل ئىدى، يەنى سىياسىي ھۆكۈمەت ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئارىلاشمايتتى. شەخسىي ھەق-ھوقۇقلار بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى ئالاھىدە قوغدىلاتتى. مەلۇمكى سەرمايە شەخسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىمايدىغان دېكتاتور ھاكىمىيەتلەردىن يىراقلىشىدۇ، لېكىن قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان، شەخسلەرنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى قوغدىلىدىغان دۆلەتلەرگە تىنىمسىز ئاقىدۇ.

ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق مېڭىۋاتقان نېمىس بىر پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ خوجايىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. دادىڭىز ئىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە تارماق شىركەت قۇرۇشنى پىلانلايدۇ، سىزنى ئامستىردامغا، ئىنىڭىزنى مادرېدقا ئەۋەتىپ ھەر ئىككىلىڭلارغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن  10مىڭ ئالتۇن بېرىدۇ. ئىنىڭىز مەبلەغنى فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇن تەشكىللىۋاتقان ئىسپانىيە خانلىقىغا سالىدۇ، سىز مەبلغىڭىزنى ھۇدسون دەرياسىنىڭ تىجارەت يولىغا ئايلىنىشى بىلەن دەريانىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مەنھاتتان ئىسىملىك بىر ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى بىر چاتقالىققا مەبلەغ سالماقچى بولغان گوللاندىيەلىك سودىگەرگە بېرىسىز. ھەر ئىككى كىردېت بىر يىل ئىچىدە قايتۇرۇلۇشى كېرەك.

بىر يىل ئۆتىدۇ، گوللاندىيەلىك سودىگەر سېتىۋالغان زېمىنىنى خېلى ئوبدان پايدىسىغا سېتىپ پۇلىڭىزنى ئۆسۈمى بىلەن ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ، دادىڭىز بۇ ئىشتىن قاتتىق سۆيىنىدۇ. لېكىن مادرىتتىكى ئىنىڭىزنىڭ ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇشقا كىرگەن ئىسپانىيە پادىشاھى بۇ ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقىدۇ، بىراق ئويلمىغان يەردە تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قولىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مەجبۇر، قەرزلىرىنى قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا پۇلنى ئۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنىڭىز قەرزنى سۈيلەپ ئىسپانىيە خان سارىيىغا توختىماي خەت يازىدۇ، سوتتا تونۇش دوستلىرىنى ئىشقا سېلىپ  قەرزىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۆتىنىدۇ. لېكىن نەتىجە ئالالمايدۇ، ئاخىرى ئىنىڭىز بەرگەن قەرزىدىن ئۆسۈم ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەسمايىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ. دادىڭىز بۇ ئەھۋالدىن كۆڭلى يېرىم بولۇشى تولىمۇ نورمال بىر ئىش.

بۇلارنى ئاز دەپ ئىسپانىيە خانى ئىنىڭىزنىڭ يېنىغا بىر مالىيە خادىمى ئەۋەتىپ ئوچۇق ئاشكارە دېمىسىمۇ يەنە سىزدىن پۇل تەلەپ قىلىدۇ، ئەپسۇس ئىنىڭىزدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان دەسمايە يوق. لېكىن ئىنىڭىز دادىڭىزغا پۇرسەت بەرسە تىجارىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى يالۋۇرۇپ خەت يازىدۇ. دادىڭىز ئىنىڭىزنىڭ  دېتسىزلىقىدىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئۆينىڭ كىچىكى بولغانلىقتىن چىدىماي يەنە ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئالتۇن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ ئالتۇنلار ئىسپانىيە خەزىنىسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىپ يەنە قايتىپ كەلمەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئامستىرادامدا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولماقتا، سىز گوللاندىيەلىك سودىگەرگە قەرز بەرسىڭىز، ئۇلارمۇ پۇلىڭىزنى ۋاقتىدا تولۇق قايتۇرۇپ سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىپ كەلمەكتە، لېكىن تەلىيىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى بولۇشىغا بىر نەرسە دېيىش تەس.  كونا خېرىدارلىرىڭىزدىن بىرسى ئەرەنچە ئاياغ سودىسىنىڭ پارىژدا قالتىس بازار تېپىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ سىزدىن قەرز سورايدۇ، سىز تېخىمۇ كۆپ نەپنىڭ كويىدا دەرھال ئۇنىڭغا قەرز بېرىسىز. شۇنىڭ بىلەن خېرىدارىڭىز پارىژدا ئاياغ دۇكىنى ئاچىدۇ، لېكىن سودا تازا ياخشى ماڭمايدۇ، ئىشلار ھەقىقەتەن كاسات، بۇنداق ئەھۋالدا خېرىدارىڭىز زىيان تارتىدۇ ۋە سىزگە ۋاقتىدا پۇلىڭىزنى بېرەلمەيدۇ، ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەسمايىڭىزنىمۇ بېرىشنى رەت قىلىدۇ.

دادىڭىز بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، سىزگە دەرھال بىر ئادۋۇكاتنى ئىشقا سېلىپ دەسمايىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى دەيدۇ. ئىنىڭىز مادرىدتا خان ئۈستىن ئەرز قىلىدۇ، سىز بولسىڭىز ئامىستىرادامدىكى شىرىكىڭىز ئۈستىدىن ئەرز قىلىسىز. ئىسپانىيەدىكى ئەدلىيە ئورۇنلىرى خاننىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولغاچقا، خاننىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئىنىڭىز نىڭ داۋاسى ئاقمايدۇ. لېكىن گوللاندىيەدە ئەدلىيە ئورۇنلىرى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي ھاكىمىيەت قانۇنغا ئارىلىشىۋالمىغاچقا سىزنىڭ داۋايىڭىز ئاقىدۇ، ئامىستىرادامدا مەيلى باي بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشى بولسۇن بارلىق پۇقرالارنىڭ ھەق—ھوقۇقلىرى قانۇن تەرىپىدىن ئوخشاش دەرىجىدە قوغدىلىدىغان بولغاچقا، سىز گوللاندىيە قانۇنىغا ئىشىنىسىز. دادىڭىز بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، خانلارغا ئەمەس سودىگەرلەرگە، قانۇن سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغان دۆلەتتە ئەمەس قانۇن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتتە مەبلەغ سېلىشنى ئۆگىنىدۇ.

ئىنىڭىزنىڭ دىشۋارچىلىقى بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئىسپانىيە خانى ئارمىيەسىنى بېقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن ھەر خىل يوللارنى سىناپ باقىدۇ، ھەتتا دادىڭىزدا نەق پۇل بارلىقىدىن خەۋىرى بولغاچقا، ئىنىڭىزغا يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر تۈپەيلى جىنايەت ئارتىپ قويۇپ ئىنىڭىزنى تۈرمىگە تاشلاتقۇزىدۇ. ناۋادا ئىنىڭىز ئۈچۈن دەرھال 20 مىڭ ئالتۇن تۆلەپ بېرىلمىسە ئىنىڭىزنىڭ زىنداندىن چىقالمايدىغانلىقى دادىڭىزغا يەتكۈزۈلىدۇ.

دادىڭىز ئىنىڭىزنى قۇلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ پۇلنى خانغا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئىسپانىيە خانلىقى بىلەن ئىككىنچى ئىش قىلماسلىققا تۆۋبە قىلىدۇ. دادىڭىز شىركەتنىڭ مادرىدتىكى تارمىقىنى تاقاپ ئىنىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. دادىڭىز ئامىستىرادامدىكى شىركەتنىڭ تارمىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلىدۇ. ئىسپانىيە كاپىتالىستلىرى ئىسپانىيە قانۇنىنىڭ  ھاكىمىيەتنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن قانۇن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان، ھاكىمىيەت قانۇنغا ئارىلىشىۋالمايدىغان، قانۇن ھاكىمىيەتنىڭ ئويۇنچىغا ئايلىنىپ قالمىغان، شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغان، شەخسنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان گوللاندىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

ئاقىۋەت، ئىسپانىيە خانى  بارلىق كاپىستالىستلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، گوللاندىيە بۇرژۇۋازىيەلىرى بولسا ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە گوللاندىيە ئىمېپرىيەسىنى قۇرغۇچىلار گوللاندىيەلىك سودىگەرلەر ئىدى. ئىسپانىيە خەلقى ئەسلدىنلا قىيىن كۈندە قالغان خەلقىگە تېخىمۇ ئېغىر باج قويۇپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. گوللاندىيە بۇرژۇۋازىيەلىرى گوللاندىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يېڭى زىمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈش سىياسىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىمپېرىيەسىگە قەرز بېرىدۇ، ئۇلار يەنە پايدىسىنىڭ بىر قىسمىنى شىرىكلىرىگە ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىدىغان شىركەتلىرىنىڭ پايلىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ. ئىسپانىيە خانىغا قەرز بېرىشنى خالىمايدىغان ۋە گوللاندىيە دۆلىتى بىلەن سودا شىرىكلىكى قىلىشقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان پۇلدارلار، يېڭى ئىمپېرىيەنىڭ تۈۋرىكى ھېسابلىنىدىغان گوللاندىيە ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە خۇشاللىق بىلەن مەبلەغ سالىدۇ.

ناۋادا بىر شىركەتنىڭ زور پايدا تاپىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز بولسا ۋە شىركەتمۇ بارلىق پېيىنى ساتسا، بۇ پايلارنى يېڭى ئىگىسىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سىز يېڭى ئىگىسىدىن قىممەترەك سېتىۋالىسىز. ناۋادا شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى پەرق ئەتسىڭىز، ئەرزان بولسىمۇ شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. قىسقىسى، شىركەت پايلىرىنى ئېلىپ سېتىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن سودا تورى ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە پايچىك مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىدۇ.

گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىدىن بولغان ۋېرېنىگدې ئوسىندىسچې شىركىتى (1602)، گوللاندىيە ئىسپانىيەنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان كۈنلەردە قۇرۇلىدۇ.  بۇ شىركەت پايلىرىنى سېتىپ قىلغان كىرىملەر بىلەن كېمە سېتىۋېلىپ خىتاي، ھىندىستان ۋە ھىندىنوزىيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مال ئەۋەتىدۇ ۋە بۇ دۆلەتلەردىن مال ئېلىپ كېلىپ ياۋروپادا ساتىدۇ. بۇ شىركەت بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەبلىغىنى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرىغا سالىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي، بۇ شىركەت گوللاندىيە ئارمىيەسىگە ھىندېنوزىيەنى بېسىۋېلىشى ئۈچۈن پۇل بېرىدۇ ۋە ھىندېنوزىيە گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئارال دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان ھىندونېزىيەدىكى مىڭلارچە ئارال 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈزلەرچە كىچىك خان، كىنىزەك، سۇلتان ۋە قەبىلە تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى.  ۋېرېنىگدې ئوسىندىسچې شىركىتى 1603-يىلى ھىندونېزىيەگە تىجارەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەنىدى، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىرتتىن كېلىدىغان ماللاردىن زور مىقداردا باج ئالىدىغان يەرلىك ھاكىمىيەتلەر ۋە ياۋروپالىق رەقىب شىركەتلەر بىلەن تىركىشىشكە باشلايدۇ. شىركەت بۇ ئەھۋالغا قارىتا سودا كېمىلىرىنى توپ ئوقلىرى بىلەن تولدۇرغاندىن سىرت ياۋروپا، ياپون، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ياللانما ئەسكەردىن قوشۇن تەشكىللەپ ئۇرۇشقا كىرىدۇ. بۇ ئەھۋال بىزگە غەلىتە بىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن باشلانغۇچ مودېرن دەۋرلەردە شىركەتلەرنىڭ ياللانما ئەسكەر ئىشلىتىپ ئۇرۇشقا كىرىشى، مەخسۇس قوشۇن تەشكىللىشى، ھەتتا ئارمىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ باشقا رايونلارنى ئىشغال قىلىشى قاتارلىقلار نورمال ھېسابلىناتتى. خەلقئارامۇ بۇ ئىشقا نورمال قارايتتى، شەخسىي بىر شىركەتنىڭ ئىمپېرىيە قۇرۇشى غەلىتە بىلىنمەيتتى.

ۋېرېنىگدې ئوسىندىسچې شىركىتىنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى ھىندونېزىيە ئاراللىرىنى بىر-بىرلەپ قولغا كىرگۈزىدۇ، نەتىجىدە ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى ۋېرېنىگدې ئوسىندىسچې شىركىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ.  بۇ شىركەت ھىندونېزىيەنى ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت باشقۇرىدۇ. گوللاندىيە دۆلىتى ھىندونېزىيەنى 1800-يىلى تولۇق قولغا كىرگۈزىدۇ، 150يىلدەك گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالىدۇ. كۈنىمىزدە بەزىلەر 21-ئەسىردىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. باشلانغۇچ مودېرن تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزى شىركەتلەرنىڭ دۆلەت قىلىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ۋېرېنىگدې ئوسىندىسچې شىركىتى  ھىندى ئوكياندا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، دۇت ۋېست ئىندىيا (Dutch West İndies) شىركىتى ئاتلاتنىك ئوكياندىكى رايونلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن بەند بولىۋاتاتتى. بۇ شىركەت  ھۇدسون دەرياسىدىكى سودىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئارالدا يېڭى ئامىستىرادام (New Amsterdam) نامى ئاستىدا بىر تۇرالغۇ رايون بەرپا قىلىپ چىقىدۇ. بۇ رايون داۋاملىق ھىندىئانلار ۋە ئىنگىلىزلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاخىرى 1664-يىلىغا كەلگەندە ئىنگىلىزلەر بۇ رايوننى قولغا كىرگۈزۈپ نامىنى نىيۇيوركقا ئۆزگەرتىدۇ. ھىندىئانلار ۋە ئىنگىزلەرگە قارشى سېلىنغان مۇداپىئە سېپىللىرىنىڭ قالدۇقلىرى بولغان جاي كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر كوچىسى بولۇپ، بۇ جاينىڭ نامى ۋول سسترېتتۇر (سېپىل كوچىسى).

گوللاندىيەلىكلەر 17-ئەسىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل خەجلدى، بۇنىڭدىن سىرت بۇرۇنقىدەك قالتىس ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى، بەلكى بەل قويۇۋەتتى. بۇلار ۋە باشقا سەۋەبلەر قوشۇلۇپ گوللاندىيەلىكلەر ھەم نىيۇيوركتىن ئايرىلىپ قالدى ھەمدە ياۋروپانىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە جاھانگىرلىك موتورى بولۇشتەك سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدى. گوللاندىيەلىكلەر پەيدا قىلغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزلەر بىلەن فىرانسۇزلار كەسكىن رىقابەتكە كىردى، دەسلەپكى مەزگىللەردە فىرانسۇزلار ئىنگىزلەرگە قارىغاندا ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى.  ئارمىيە، ئۇرۇش تەجرىبىسى، بايلىق، نوپۇس ۋە باشقا جەھەتلەردە فىرانسۇزلار خېلىلا ئالدىدا ئىدى. لېكىن ئىنگىزلەر ئاجىزلىقىدىن مەيۈسلىنىپ قالمىدى، ئۇلار فىرانسۇزلار قول تىقمىغان ساھەگە كىردى، بۇ ساھەنىڭ نامى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئىدى، ئىنگىلىزلەر ياۋروپانىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن زور كۈچىدى،فىرانسۇزلار دەل ئەكسىنى قىلدى. فىرانسىيە پادىشاھى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. بولۇپمۇ مىسسىپىي شارچىسى دەپ نامى بېرىلگەن 18-ئەسىردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى فىرانسۇزلارنى ئەندىكىتىپ قويغانىدى. بۇ كىرىزىس ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىققان بىر ھەسسىدارلىق شىركىتىدە كېلىپ چىققان چاتاقتىن باشلىغانىدى.

1717-يىلى فىرانسىيەدە قۇرۇلغان مىسسىپىي شىركىتى مىسسىپىي ۋادىسىنى مۇستەملىكە رايونى قىلىۋېلىپ نىيۇ ئورلېنس شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى. پادىشاھ 15-لىيۇس بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان بىر شىركەت، چوڭ پىلانلىرىغا مەبلەغ تېپىش ئۈچۈن پارىژ پايچىكىدىكى بارلىق پايچىكلىرىنى سېتىۋەتتى. بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى فىرانسىيە مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقىمۇ ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى جون لوۋ  كۈنىمىزدىكى مالىيە مىنىسىتىرلىرىدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى،ئەمەلىيەتتىمۇ پادىشاھ 15-لىيۇس ئۇنى فىرانسىيەنىڭ مالىيەسىگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 1717-يىلى مىسسىپىنىڭ تۆۋەن تەرىپى تىمساقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن پاتقاقلىقلار ئىدى، لېكىن مىسسىپىي شىركىتى بۇ پاتقاقلىقلارنىڭ زور بايلىق بىلەن تولغان جاي ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى. فىرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى، پۇلدارلار، كارخانچىلار ۋە شەھەرلىك بۇرژۇۋازىيەلەر بۇ خەۋەرگە ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پاتقاقلىقنىڭ باھاسى ۋە پايچىك قىممىتى نەچچە يۈز ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى. دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ پاتقاقلىقنىڭ پايچىكلىرى 500 لىۋرىدىن سېتىلاتتى، 1719-يىلى 1-ئاۋغۇستتا پاتقاقلىقنىڭ پايچىكى بىردىنلا 2750 لىۋرىغا ئۆسۈپ كەتتى، 30-ئاۋغۇستتا 4100، 4-سېنتەبىردە 5000 لىۋرىغىچە ئۆستى. 2-دېكابىردا مىسسىپى يەنى پاتقاقلىقنىڭ پايچىك قىممىتى 10000 لىۋرى بولدى. پارىژ كوچىلىرى قاينام تاشقىنىققا تولغانىدى، ئىنسانلار قولىدىكى ھەممە نەرسىسىنى ساتتى، قەرزلەر قىلىپ مىسسىپىسى پاتقاقلىقىنىڭ پايچىكىنى ئالدى. ھەممە ئادەم ئاسان يولدىن پۇل تېپىشنىڭ كويىغا كىرگەنىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا فىرانسىيەدىكى ھاياجانلىق كەيپىياتنىڭ ئورنىغا ئەنسىزلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. بەزى ھايانكەشلەر مىسسپىي پاتقاقلىقىنىڭ ئەمەلىي باھاسى ۋە پايچىك قىممىتىنىڭ سۈنئىي ۋە پاخال ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، قولىدىكى بارلىق پايچىكلارنى سېتىۋەتتى. بۇ جايغا بولغان پايچىك تەلىپى ئۆرلىگەنسېرى بۇ جاينىڭ باھاسى چۈشكىلى تۇردى. مەبلەغچىلەر بۇنى كۆرۈپ قولىدىكى پايچىكلارنى سېتىۋېتىشكە تۇتۇش قىلدى،شۇنىڭ بىلەن پايچىكلارنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەشكە باشلىدى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئەھۋال قار توپىدەكلا چوڭىيىپ كەتتى. باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن فىرانسىيە مەركەز بانكىسى مىسسپىي پاتقاقلىقىنىڭ پايچىكىنى سېتىۋالدى، لېكىن بۇ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بولالمايتتى، مەركەز بانكىسى قۇرۇقدىلىپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا، مەركەز بانكىسى باشلىقى جون لاۋ، مالىيە مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ پۇل بېسىپ تارقىتىش يوليۇرۇقىنى چۈشۈردى. بۇ ئەھۋال فىرانسىيە پۇل-مۇئامىلە سىستېمسىنىڭ شارچە ئىچىگە كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. يەنى فىرانسىيە پۇل-مۇئامىلە چوڭ شارچە ئىچىگە قاپسىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق پۇل-مۇئامىلە سىھىرگەرلىكى فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇشقا پايلىمىدى. مىسىسپىي پاتقاقلىقىنىڭ پايچىك قىممىتى 10000 لىۋرىدىن 1000لىۋرىغىچە تۆۋەنلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىممىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. ئاقىۋەت مەركەز بانكىسى ۋە خان جەمەتىنىڭ قولىدا قىممەتسىز بىر دۆۋە پايچىك يىغىلدى، لېكىن ئىشقا يارايدىغان پۇل بولسا قالمىغانىدى. چوڭ ھايانكەشلەر پايچىكلىرىنى ۋاقتىدا سېتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتمىدى، لېكىن كىچىك مەبلەغچىلەر ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

مىسسىپىي شارچىسى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسلىرىدىن بىرى  ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بۇ قېتىمقى كىرىزىستىن كېيىن تۈزەلمىدى. مىسسپىي شىركىتىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدىن پايچىكلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشى ئىنسانلارنىڭ فىرانسىيەنىڭ بانكىچىلىق سىستېمىسى ۋە فىرانسىيە پادىشاھىنىڭ پۇل-مۇئامىلە قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۋەتتى. نەتىجىدە پادىشاھ 15-لىيۇس ناھايىتى تەسلىكتە قەرز تاپىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال فىرانسىيەنىڭ دېڭىزدىن ھالقىغان جاھانگىرلىكىنى ئىنگىلىزلەرگە تاتقۇزۇپ قويۇشىغا سەۋەب بولغان چوڭ ئامىللاردىن بىرىدۇر. ئىنگىلىزلەر ئاسانلا قەرز تاپالايتتى، فىرانسۇزلار بولسا قەرز تاپالمايتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا فىرانسۇزلارغا بىرسى ئىشىنىپ قەرز بەرمەيتتى، فىرانسۇزلارغا قەرز بەرگۈچىلەرمۇ ئۆسۈمى يۇقىرى قەرزلەرنى بېرەتتى. كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن فىرانسىيە پادىشاھ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەرنى ئېلىشقا باشلىدى. 1780-يىللاردا چوڭ ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تەختكە چىققان پادىشاھ 16-لىيۇس، يىللىق خامچوتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قەرزگە كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى  تونۇپ يەتتى. ئۇ مەجبۇرىي ھالدا 150يىلدىن پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە پارلامېنتىنى  كىرىزىستىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە قايتىدىن يىغدى. بۇ دەل 1789-يىلىغا توغرا كېلەتتى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا فىرانسىيە ئىنقىلابى مۇشۇ تەرىقىدە باشلىدى.

فىرانسىيەنىڭ دېڭىزدىن ھالقىغان جاھانگىرلىكى ۋەيران بولغان بولسا، ئىنگىلىزلەر جاھانگىرلىك يولىدا تىز سۈرئەتتە ئىلگىرىلۋاتاتتى. ئۆزىدىن بۇرۇنقى گوللاندىيە ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش ئىنگىلىز ئىمپېرىيەسىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك لوندون پايچىك بازىرىغا قاراشلىق ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ئامېرىكادىكى تۇنجى ئىنگىلىز كۆچمەن تۇرالغۇ رايونلىرى لوندون شىركىتى، پىلىيمونت شىركىتى، دورچېستېر شىركىتى ۋە ماسساچۇس شىركىتىگە ئوخشاش ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغانىدى.

ھىندىستانمۇ ئىنگىلىز دۆلىتى تەرىپىدىن ئەمەس بىرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان قوشۇن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى. بۇ شىركەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەينى چاغدىكى ۋوڭ شىركىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. بۇ شىركەت لوندوننىڭ  لېدېنھال كوچىسىدىكى مەركىزىدىن كەڭ كەتكەن زېمىنغا ئىگە بولغان ھىندىستان ئىمپېرىيەسىنى 100 يىل باشقۇرۇپ، 350 مىڭ كىشىلىك  (ئىنگىلىز خانىنىڭ ئارمىيەسىدىنمۇ چوڭ) ھەربىي كۈچنى تۇتۇپ تۇردى. ئىنگىلىزلەر بۇ شىركەتنىڭ ياللانما ئەسكەرلەردىن تاپقان قوشۇنى بىلەن ھىندىستاننى 1858-يىلىغا كەلگەندە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ناپاليون تەرىپىدىن ئۇششاق تىجارەتچى مىللەت دەپ كەمسىتىلگەن ئىنگىلىزلەر، ناپاليوننى مەغلۇپ قىلىپلا قالماستىن دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقتى.

سەرمايە ئۈچۈن

ھىندونېزىيەنىڭ گوللاندىيە (1800) ۋە ھىندىستاننىڭ بىرىتانىيە خانلىقى ۋاستىسى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى كاپىتالىزم بىلەن ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. ئەكسىچە، كاپىتالىزم بىلەن ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇڭا ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ مۇستەملىكە رايونى بەرپا قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى، شىركەت خوجايىنلىرى ۋە چوڭ پايچىك ئىگىلىرى لوندون، ئامستېردام ۋە پارىژدا تۇرۇپلا ئىشلىرىنى باشقۇرالاتتى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلىتىگە ئىشەنسىلا بولاتتى. ماركس ۋە مەسىلىگە تەنقىدىي نۇقتىدىن قارايدىغانلارنىڭ دېگىنىدەك، غەرب ھاكىمىيەتلىرى كاپىتالىستىك بىر گەۋدە بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىۋاتاتتى.

ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۈيۈك سەرمايىدارلارنىڭ  مەنپەئەتى ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئەڭ تىپىك مىسال، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، بىرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ۋە بەزى ئىنگىلىز  كارخانچىلار خىتايغا زەھەرلىك چىكىملىك بولۇپمۇ ئەپىيۇن سېتىپ نۇرغۇن كىرىم قىلدى. مىليونلارچە خىتاي ئەپىيۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىپ ھەر جەھەتتىن قىيىن كۈنگە قالىدۇ، خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، جەمئىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، چىڭ خاندانلىقى زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىنى چەكلەيدۇ، بۇ چەكلىمىگە ئىنگلىزلەر قاتتىق قارشى چىقىدۇ ۋە چىڭ خاندانلىقىنىڭ چەكلىمىسىنى كۆزگىمۇ ئىلىپ قويماي تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ. زەھەرلىك چېكىم ساتىدىغان بۇ شىركەتلەر ۋېستمىنستېر ۋە دوۋنىڭ كوچىسىدىكى شىرىكلىرى (بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلارنىڭ بۇ شىركەتتە پېپى بار ئىدى) ۋە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىدۇ.

1840-يىلى ئەنگلىيە خىتاينى ئەركىن سودا پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتايغا ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئۇرۇشتا ئەنگلىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ئۆزىگە قالتىس ئىشىنىدىغان خىتايلار ئىنگىلىزلارنىڭ پار كېمىلىرى، توپ ئوقلىرى ۋە مىلتىقلىرىغا ئوخشاش مۆجىزىلىك قوراللىرىغا تەك كېلەلمەيدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا چىڭ خاندانلىقى ئىنگىلىزلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىگە ئارىلاشماسلىقنى ۋە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىنگىلىزلەر يەنە خوڭكوڭنىڭ باشقۇرۇشىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بۇ جايدىن زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ئۈچۈن بازا سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 40 مىليون خىتاي، يەنى نوپۇسنىڭ 10% ئەپيۇنغا خۇمار بولۇپ قالغانىدى.

مىسىرمۇ ئىنگىلىز كاپىتالىزمىنىڭ ھەممە يەرگە قولى يېتىدىغان قۇدرىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تونۇپ يېتىدۇ. 19-ئەسىردە فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە كاپىتالىستلىرى مىسىر  ھاكىمىيىتىگە زور مىقداردا قەرز بەردى، بۇ قەرزلەر دەسلەپ سۇۋەيش قانىلى لايىھەسى ئۈچۈن، ئارقىدىن باشقا لايىھەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. تاشقى قەرزلىرى بارغانچە كۆپىيىپ ماڭغان مىسىرغا قەرز بەرگەن ياۋروپالىقلار مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشقا باشلىدى. مىسىرلىق مىللەتچىلەر 1881-يىلى بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تاشقى قەرزلەرنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى جاكارلاشتى. ئەلۋەتتە ئەنگلىيە خانىشى ۋىكتورىيە بۇ ئەھۋالدىن خۇش بولمىدى ۋە مىسىرغا قوشۇن ئەۋەتتى. مىسىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالدى.

سەرمايىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار بۇلار ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەپىيۇنغا ئوخشاش تاۋار ھالىتىگە كەلگەنىدى. 1821-يىلى گىرىكلار ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى، گىرىكلارنىڭ بۇ ئىسيانىغا ئەنگلىيەدىكى لىبېرال ۋە رومانتىك قاتلاملار ھېسداشلىق قىلدى، ھەتتا ئىنگىلىز شائىر لورد بيرون ئىسيانچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن گىرېتسىيەگىچە كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت، لوندوندىكى كاپىستالىستلار ئۇرۇشنى غەنىمەت بىلىپ، ئىسياننىڭ كاتتىباشلىرىغا لوندون پايچىك بازىرىدا ئۆتىدىغان چەك بېرىپ تۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. ناۋادا گىرىكلار مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ قالسا بۇ چەكلەرنى ئۆسۈمىنى بىلەن قايتۇراتتى، بەزى شەخسلەر ياكى گىركلارنىڭ ئىسيانىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغۇچىلار نۇرغۇن مىقداردا چەك سېتىۋالدى. گىرىك ئىسيان چەكلىرىنىڭ لوندون پايچىك بازىرىدىكى قىممىتى، گىرىكلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇراتتى. تۈركلەر ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن چاغدا، سەرمايىدارلار قاتتىق جىددىيلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئاللىبۇرۇن مىللىي مەنپەئەت سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكتىن، ئىنگىلىزلەر بىر دېڭىز ئارمىيەسى قوشۇنى تەييارلاپ ئوسمانلىغا تەۋە بىر دېڭىز پاراخوتىنى 1827-يىلى ناۋىراندا چۆكتۈرۈۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا گىرېتسىيە نەچچە يۈز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققە ئېرىشتى. لېكىن بۇ مۇستەقىللىق ياكى ئەركىنلىك گىرىكلار تۆلەپ بولالمايدىغان قەرز بەدىلىگە كەلگەنىدى. مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللار ئىنگىلىز سەرمايىدارلارغا بېقىندى.

سەرمايە بىلەن سىياسەتنىڭ بىر-بىرىگە بۇنچىلىك دەرىجىدە گىرەلىشىپ كېتىشى كىرىدېت بازىرىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنىدى. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدىكى كىردېت مىقدارى بىرەر نېفىت قۇدۇقىنىڭ بايقىلىشى ياكى يېڭى بىر ماشىنىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئوخشاش پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي ئامىللاردىن سىرت، يەنە ھاكىمىيەت ئالمىشىش ۋە ئاكتىپ تاشقى سىياسەتكە ئوخشاش سىياسىي ئامىللار تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ. ئىنگىلىز كاپىتالىستلار ناۋارىن ئۇرۇشىدىن كېيىن مەبلەغلىرىنى باشقا رايونلاردىكى خەتەرلىك ئىشلارغا قورقماي سېلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار سالغان مەبلىغىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇۋالالمىسا ئەنگلىيە خان جەمەتى ئارمىيەسىنىڭ دەرھال قوشۇپ ئەۋەتىپ ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

بۇ سەۋەبتىن كۈنىمىزدە بىر دۆلەتنىڭ كىرىدېت باھالاش نومۇرى ئۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىقى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىردېت نومۇرلىرى بىر دۆلەتنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي ئامىللاردىن باشقا سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەتتا كۈلتۈر ئامىللىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر، توقۇنۇش ۋە چىرىكلەشكەن قانۇن سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىرىدېت باھالاش نومۇرى تۆۋەن بولىدۇ، نەتىجىدە بۇنداق دۆلەتنىڭ خەلقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتلەر قولىدىكى نېفىتقا ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلاردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارغا كىرىدېت يەنى قەرز تاپالمايدۇ. تەبىئىي بايلىقلاردىن مەھرۇم بولغان لېكىن تىنچلىق ئىچىدە، ياخشى قانۇن سىستېمىسى ۋە ئەركىن ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئىگە دۆلەتلەر يۇقىرى كىردېت باھالاش نومۇرىغا ئېرىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ دۆلەتلەر سۈپەتلىك مائارىپ تۈزۈمى ۋە ئىلغار خەلقئارالىق ساھە بەرپا قىلالايدىغان كىرىدېتلارنى ئاسانلا تاپالايدۇ.

ئەركىن بازار خۇراپاتلىقى

سىياسەت بىلەن سەرمايە بىر-بىرىگە شۇنچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆسىتىدۇكى، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىقتىسادچىلار، سىياسەتچىلەر، ھەتتا خەلق تەرىپىدىن توختىماپ مۇنازىرە قىلىنىپ كەلمەكتە. ئاشقۇن كاپىتالىستلار سەرمايىنىڭ سىياسەتكە خالىغانچە تەسىر كۆرسىتىش سالاھىيىتى بارلىقىنى، لېكىن سىياسەتنىڭ سەرمايىگە ئارىلىشىش سالاھىيىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دۆلەتلەر بازارغا ئارىلىشىۋالغان تەقدىردە، سىياسىي مەنپەئەتلەر مەبلەغلەرنىڭ خاتا يەرگە سېلىنىشىغا، ھەتتا ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ھۆكۈمەت سودا-سانائەتچىلەرگە يۇقىرى مىقداردا باج قويۇپ، بۇنىڭدىن كېلىدىغان كىرىمنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار خەلقنى قاتتىق سۆيۈندۈرىدۇ. لېكىن سودا-سانائەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە كىرىمنىڭ يەنە سودا-سانائەت ساھەسىگە ئىشلىتىشى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، بۇنداق بولغاندا يېڭى زاۋۇتلارنى كۆپلەپ ئېچىپ يېڭى خىزمەت پۇرسەتلىرى ياراتقىلى بولىدۇ.

بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، ئەڭ راتسىيونال ئىقتىسادىي سىياسەت، سىياسەتنى ئىقتىسادنىڭ سىرتىدا تۇتۇش، باج مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ۋە دۆلەتنى ئامال بار ئىقتىسادقا ئارىلاشتۇرماسلىق، ھېچ بولمىغاندا بۇنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق بازار كۈچلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان سەرمايىدارلار مەبلەغلىرىنى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ساھەلەرگە سالىدۇ، شۇڭلاشقا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېگانە يولى دۆلەتنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىدۇر. بۇ ھەم سودا-سانائەتچىلەرگە ھەمدە ئىشچىلارغىمۇ پايدىلىق. بۇ ئەركىن بازار ئىدىيەسى كۈنىمىزدىكى كاپىستالىستىك ئىتىقادنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە كەڭ ئومۇملاشقان ئاساسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەركىن بازار ئىدىيەسىنى ياقلىغۇچىلار تاشقى سىياسەتتىكى داۋالغۇشلارنى، ئىچكى سىياسەتتىكى پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ھۆكۈمەتكە زېن ئۇستىلىرىنىڭ مۇنۇ تەۋسىيەسىنى قىلىدۇ: ھېچنېمە قىلماڭلار ۋە ئارىلاشماڭلار.

ئەركىن بازارغا بولغان ئېتىقاد نوئېل بوۋايغا بولغان ئېتىقادتەكلا كۈچلۈكتۇر، لېكىن سىياسىي مەنپەئەتلەر ۋە خاھىشلاردىن خالىي ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە بولسا كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىدۇر، لېكىن بۇ داۋاملىق ئوغرىلار ۋە  باشقا يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بازارلار ئۆز ئالدىغا ساقتىپەزلىك، ئوغرىلىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرالمايدۇ، بۇ قىلمىشلارنى ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ بازارلارنى رەتكە سالمىسا، بۇ بازارغا بولغان ئىشەنچنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە، قەرز ئېلىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە ۋە ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. 1719-يىلى يۈز بەرگەن مىسسىپىي ئىقتىسادىي كىرىزىس بىزگە مۇشۇ ساۋاقنى بەردى، بۇ ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالغانلار بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2007-يىلى  يۈز بەرگەن ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق نەتىجىسىدە قايتىدىن ئەسكە ئالغان بولدى.

كاپىتالىستىك دوزاخ

بازارلارغا چەكسىز ھوقۇق بېرىۋېتىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى بار. ئەدەم سىمىس موزدوز قىلغان كىرىملىرىنى ئىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. ئەدەم سىمىس شەخسىيەتچىلىك ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە قىلغان كىرىملارنى ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئۇنداقتا موزدوز تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىش ۋە نەپ ئېلىش ئۈچۈن ئىشچىلىرىغا تۆۋەن مائاش بېرىپ نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا مۇنداق ئۆلچەملىك جاۋاب بېرىلىپ كەلمەكتە: ئىشچىلارنىڭ  ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەركىن بازار قوغدايدۇ. ناۋادا موزدوز ئىشچىلىرىغا تۆۋەن مائاش بېرىپ نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەتسە، ئىشچىلار ئىشنى تاشلاپ رەقىب موزدوزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. مۇستەبىت ۋە بېخىل موزدوز بولسا ئەڭ ھورۇن ئىشچىلىرى بىلەن قالىدۇ ياكى تامامەن ئىشچىسىز قالىدۇ، يەنى يا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى دۇكاننى تاقايدۇ، ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈكى تەبىئىي ھالدا ئىشچىلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

بۇ چۈشەندۈرۈش شەكلى نەزىرىيە جەھەتتىن قارىماققا قۇلاققا مەنتىقىلىق كېلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىشلار بۇنداق بولمايدۇ. پادىشاھلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە  راھىبلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنمىغان بازارلاردا كاپىتالىستلار ھەممىنى مونوپۇل قىلىۋېلىشى مۇمكىن ياكى ئىشچىلارغا قارشى ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن، ئەركىن بازار دېگەندە مۇشۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىر دۆلەتتىكى بارلىق ئاياغ زاۋۇتلىرىنى بىرلا كاپىستالىست كونترول قىلىدۇ ياكى بارلىق زاۇۋت خوجايىنلىرى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنلىتىۋەتسە ئىشچىلار ئامالسىز قالىدۇ.  ھەممىدىن چاتاق يېرى، ئاچكۆز خوجايىنلار قەرز ئاسارىتى ياكى قۇل قىلىش ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چۈشەپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇللۇق ياۋروپادا ئاساسەن دېگۈدەك يوق ئىدى، باشلانغۇچ مودېرن دەۋردە بولسا  ياۋروپادا كاپىتالىزم ئاتلانتىك تىجارەت يولىنىڭ گۈللىنىشىگە پاراللىل ھالدا تەرەققىي قىلدى. بۇ بالايى-ئاپەتنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر ئىرقچىلىق ياكى مۇستەبىت پادىشاھلاردىن ئەمەس بەلكى تىزگىنسىز بازار مۇۋازىنەتلىرى ئىدى.

ياۋروپالىقلار ئامېرىكا زېمىنلىرىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكادا ئالتۇن ۋە كۈمۈش كانلىرى ئاچتى، كۆپلەپ تاماكا ۋە پاختا ئىكىنزارلىقلىرى بەرپا قىلدى. بۇ كانلار ۋە ئىكىنزارلىقلار ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ شېكەر ئىكىنزارلىقلىرى تىجارەتتە تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا شېكەر تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھەشەمەتلىك ئىستېمال بۇيۇمى ھېسابلىناتتى، ئاساسەن ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن يۇقىرى باھا بىلەن ئېكسپورت قىلىناتتى، شېكەر دورىلىق قىلىپ ئىشلىتىلگەندىن سىرت بەزى يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىگە سېلىناتتى. ئامېرىكادا شېكەر قۇمۇشلىرى كۆپلەپ تىكلدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپاغا ئامېرىكادىن شېكەر كېلىشكە باشلىدى. ياۋروپادا ئاستا-ئاستا شېكەرنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى، ياۋروپالىقلارغىمۇ شېكەر تېتىپ قالغانىدى. بۇنى غەنىمەت بىلگەن كاپىتالىستلار تاتلىق-تۈرمە ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سالدى. مەسىلەن، تورت، پىچىنە-پىرەنىك، شاكلات، كاكاۋ، قەھۋە ۋە چايغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك تىپلىق تىپلىق زاۋۇتلار سېلىندى. ئوتتۇرىچە بىر ئىنگىلىزنىڭ شېكەر ئىستېمالى 17-ئەسىردە نۆل بولغان بولسا، 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا 8 كىلوگىرامغا چىققانىدى.

لېكىن شېكەر قۇمۇشى ئۆستۈرۈش ۋە شېكەرئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى جاپالىق ئىش ئىدى.  ناھايىتى ئاز ئىنسان بەزگەك كېسىلى قاپلاپ كەتكەن شېكەر ئىكىنزارلىقلىرىدا،  ئۇنىڭ ئۈستىگە پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىشلەشكە رازى ئىدى. ياللانما ئىشچى تۇتۇشقا نۇرغۇن پۇل كېتەتتى. ياۋروپالىق زېمىندارلار بازار دىنامىكلىرىغا، پايدىغا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلاتتى، ھەممىدىن مۇھىمى بۇ زېمىندارلار ئاچكۆز ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ياۋروپالىق زېمىندارلارنى قۇل تىجارىتىگە يۈزلەندۈردى.

16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە 10 مىليون ئافرىلىق قۇل ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىندى، بۇلارنىڭ %70ى شېكەر ئىكىنزارلىقلىرىدا ئەمگەككە سېلىندى، ئەمگەك شارائىتى ناھايىتى ناچار ئىدى، كۆپ قىسمى ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئافرىقلىق قۇل تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ياكى ئافرىقانىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىن ئامېرىكا ساھىللىرىغا قىلىنغان ئۇزۇن سەپەرلەردە مىليونلارچە قۇل ئۆلۈپ كېتەتتى. بۇ ۋەھشىيانە ئىشلار ياۋروپالىقلارنىڭ شېكەرلىك چاي ئىستېمالى قىلىشى، شۇنداقلا شېكەر سودىگەرلىرىنىڭ تېخىمۇ باي بولۇشى ئۈچۈن سادىر بولاتتى.

قۇل سودىسى ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايتتى، بۇ تامامەن ئىقتىسادىي پائالىيەت بولۇپ، تەلەپ-ئېھتىياج پىرىنسىپى دائىرىسىدە ئەركىن بازار تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلاتتى. مەخسۇس قۇل سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئامستېردام، لوندون ۋە پارىژ پايچىك بازارلىرىدا پايچىكلىرى بار ئىدى، شۇڭا قۇل سودىسىغا ياخشىراق كىرىم قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن ئوتتۇرا سىنىپ ياۋروپالىقمۇ مەبلەغ سالدى. بۇلاردىن كېلىدىغان كىرىملار بىلەن قۇل سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەر چوڭ كېمىلەرنى ياساتقۇزۇپ تۈركۈملەپ دېڭىز خادىملىرى ۋە ياللانما ئەسكەر ئىشلەتتى، شىركەت خوجايىنلىرى قولىدىكى بۇ زور ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئافرىقىدىن ئالغان قۇللارنى ئامېرىكاغا يۆتكەپ كېلىپ، ئامېرىكادىكى ئىكىنزارلىقلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ساتاتتى. ئۇلار قۇل سودىسىدىن كېلىدىغان كىرىملار بىلەن يەنە شېكەر، قەھۋە، تاماكا، پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، بۇ ماللارنى ياۋروپاغا ئاپرىپ يۇقىرى باھادا ساتاتتى. 18-ئەسىردە قۇل تىجارىتىنىڭ ساپ پايدىسى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى، شۇڭا قۇل سودىسىغا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدىن مەمنۇن ئىدى. مودېرن دەۋردىكى ھەر قانداق بىر مالىيە مەسلىھەتچىسىمۇ قوبۇل قىلغىنىدەك قۇل سودىسىغا مەبلەغ سېلىش كىرىمى ئوبدان سودا ھېسابلىناتتى.

ئەركىن بازار كاپىتالىزمىنىڭ چاتاق تەرىپى مۇشۇ ئىدى. بۇ تۈزۈمدە كىرىملار نە ئادىل بىر شەكىلدە قىلىنمايدۇ نە ئادىللىق بىلەن  تەقسىملەنمەيدۇ. بۇ تۈزۈمدىكى كىرىمنى، پايدىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تىنىمسىز ئاشۇرۇش ئىستىكىسى ۋە بېسىمى ئىنسانلارنىڭ توسالغۇلارغا سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەركىن بازار كاپىتالىزمىنىڭ دەستۇرى ھېسابلىنىدىغان تىنىمسىز زورىيىش پىرىنسىپى ھېچبىر ئەخلاقىي پىرىنسىپنى ئېتىراپ قىلمايدىغان پىرىنسىپ بولغاچقا، زور پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خىرىستىيانلىق ۋە ناتسىزمغا ئوخشاش ئېتىقاد ۋە ئىدىئولوگىيەلەر نەپرەت سەۋەبلىك مىليونلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئوخشاشلا كاپىتالىزم ئاچكۆزلۈك سەۋەبلىك مىليونلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئاتلانتىك ئوكياندىكى قۇل سودىسى ئافرىقالىقلارغا ئۆچمەنلىك سەۋەبلىك كېلىپ چىقمىدى. قۇل سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ پايچىكلىرىنى سېتىۋالغۇچىلار، پايچىكلارنى ساتقۇچىلار ۋە قۇل سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى ئافرىقالىقلارنى ئويلاپمۇ قويمايتتى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىگە كېلىدىغان پايدىنىڭ كويىدىلا يۈرەتتى. ئەلۋەتتە شېكەر ئىكىنزارلىقلىرىنىڭ خوجىدارلىرىمۇ مۇشۇنداق ئويلايتتى، ئۇلار قۇللار ئىشلەيدىغان ئىكىنزارلىقلاردىن يىراقتا ياشايتتى، ئۇلارمۇ قۇللاردىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ كويىدا ئىدى.

ئوخشاشلا بىرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىمۇ مىليونلارچە بىنگاللىقنىڭ ھاياتىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ پايدىسىنىلا ئويلايتتى. “ۋوك”شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان، نامراتلارغا ياردەم قىلىدىغان، لەرزان مۇزىكا ۋە يېقىملىق ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان لېكىن جاۋا، سۇماترا ۋە مالاككا خەلقلىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمايدىغان روھسىز گوللاندىيەلىك بۇرژۇۋازىيەلەر مەبلەغ سالغانىدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مودېرن ئىقتىساد پەيدا بولىۋاتقان جەرياندا سان-ساناقسىز قەتلىئام ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى مەيدانغا كەلدى، يەنى مودېرن ئىقتىسادقا بۇ پاجىئەلەر ھەمراھ بولدى.

19-ئەسىردە كاپىتالىستىك ئەخلاق ۋاي دېگۈدەك يېڭىلىق پەيدا قىلالمىدى. ياۋروپانى زىل-زىلىگە سالغان سانائەت ئىنقىلابى بانكېرلارنى ۋە سەرمايدىلارنى باي قىلدى لېكىن مىليونلارچە ئىشچىنى بالايى-ئاپەتكە مۇپتىلا قىلدى. ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلاردا ئەھۋال تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. 1876-يىلى بېلگىيە پادىشاھى 2-لىپولد بىر ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇپ ئوتتۇرا ئافرىقانى بايقاش ۋە كونگو دەرياسى ئەتراپىدىكى قۇل سودىسىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ يەنە رايون خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يول، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا سېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىمۇ بار ئىدى. 1885-يىلى ياۋروپالىقلار بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتقا كونگو ھاۋزىسىدىكى 2 مىليون 300 مىڭ كىلومېتىرلىق زېمىننى بېرىش ئۈچۈن كېلىشتى. بېلگىيە زېمىنىدىن 75 ھەسسە چوڭلۇقتا بولغان بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتكە  ئەركىن كونگو دۆلىتى دېيلەتتى، لېكىن رايوندا ياشايدىغان 20، 30 مىليون كىشىدىن بىرمۇ ياۋروپالىق زېمىن مەسىلىسى توغرۇلۇق مەسلىھەتمۇ سوراپ باقمىدى.

ئىنسانىي مەقسەتلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بۇ شىركەت ئۇزۇن ئۆتمەيلا پايدىنىڭلا كەيىنىگە كىرىپ شىركەتلا ئايلاندى. يول ياساش، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا سېلىشنى بىر ياققا تاشلاپ قويدى. كونگو  ھاۋزىسى يەرلىك خەلقنى رەھىمسىزلەرچە شۈمۈرگەن بېلگىيەلىكلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان كانلار ۋە ئىكىنزارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن سىرت كاۋچۇك يېتىشتۈرۈشمۇ زور كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، كاۋچۇك تېز سۈرئەتتە غول سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. كاۋچۇك يىغىدىغان ئافرىقالىقلارنىڭ يۈكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىشقا باشلىدى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلار “ھورۇنلۇق قىلىش جىنايىتى”بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەھشىيەلەرچە جازالىناتتى، ئۇلارنىڭ پۇل-قوللىرى كىسىپ تاشلىناتتى، ھەتتا بەزى بىر يېزا ئادەملىرى پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىناتتى. ئەڭ مۆتىدىل تەخمىنلەرگە كۆرە، 1885-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نوقۇل ئىقتىسادىي نەپ ۋە كۈچنىڭ كويىدا يۈرگەنلەرنىڭ ئاچكۆزلىكى تەخمىنەن 6 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان (كونگو نوپۇسىنىڭ %20). ھەتتا بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەينى چاغدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 10 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن.

كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ 1945-يىلدىن كېيىن كاپىتالىستىك ئاچكۆزلۈك قىسمەن بولسىمۇ ئاجىزلىدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا كوممۇنىزم ئەندىشىسىنىڭ رولىمۇ بار ئىدى. كۈنىمىزدە ھېلىھەم تەڭسىزلىك، باراۋەرسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت. 2013-ئىقتىسادىي تورت 1500-يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭ، لېكىن تەڭسىزلىك بىلەن تەقسىم قىلىنماقتا. نۇرغۇن ئافرىقالىق سەھراھلىق ۋە ھىندونېزىيەلىك ئىشچى كۈن بويى ئىشلەپ، 500 يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرى تاپقان پۇلدىن تېخىمۇ ئاز پۇل تاپىدۇ. خۇددى تېرىقچىلىق ئىنقىلابىغا ئوخشاش مودېرن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىمۇ چوڭ بىر ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئىنسان نەسىلى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي زورىيىپ ماڭىدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئىنسان ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

كاپىتالىزمنىڭ بۇ تەنقىدلەرگە مۇنداق ئىككى جاۋابى بار: بىرىچنىسى، كاپىتالىزم كاپىتالىستلاردىن باشقا ھېچكىم ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان بىر دۇنيا ياراتتى. دۇنيانى باشقىچە تەرىقىدە باشقۇرالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەيدانغا چۈشكەن سوتسىيالىزم شۇنچىلىك رەزىل ۋە ناچار ئىدىكى،ھېچكىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنى سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.  مىلادىن ئىلگىرى 8500-يىللاردا بىر ئىنسان تېرىقچىلىق ئىنقىلابى تۈپەيلى كۆز يېشى قىلالايتتى، كۈنىمىزدە بولسا كاپىتالىزمنى ياخشى كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭسىز ياشاش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.

ئىككىنچى جاۋاب، تېخىمۇ سەۋرلىك بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كاپىتالىستلار ۋەدە قىلغان “جەننەت”كە كىرىشىمىزگە ئازلا قالغانلىقىمىزنى دەيدۇ. تارىختا ئاتلانتىك قۇل سودىسى ۋە ياۋروپا ئىشچى سىنىپىنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە ئوخشاش  بەزى ئەجەللىك خاتالىقلار ئۆتكۈزۈلدى، بىز كاپىتالىستلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالدۇق، بىز ئاز سەۋر قىلىپ ئىقتىسادىي تورتنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشىغا يول قويساق ئالىدىغان ئۈلۈشىمىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ ئۈلۈش بەلكىم ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولۇپ ھەممە ئادەم ئالغان ئۈلۈشىدىن رازى بولىدۇ، ھەتتا نامرات كونگولۇقلارمۇ رازى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە كاپىتالىزمنىڭ بۇ جاۋابلىرىنىڭ ئىپادىلىرىنى رىئاللىقتا ئازراق بولسىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا كونكرېت ئۆلچەملەر بويىچە مەسىلىگە قارايدىغان بولساق، شۇنى پەرق ئېتەلەيمىزكى 2013-يىلى ئوتتۇرىچە بىر ئىنساننىڭ تۇرمۇشى نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئەكسىچە، 1913-يىلىغا قارىغاندا نىسبەتەن ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئىقتىسادىي تورت ئەبەدىي داۋاملىشامدۇ؟ ھەر تورتنىڭ خام ماددا ۋە ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجى بار. بەزى كاھىنلار ۋە پېتنە-پاساتچىلار ھامان بىر كۈنى ئىنسان ئوغلىنىڭ دۇنيادىكى خام ماددا ۋە ئېنېرگىيەنى تۈگىتىپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ياكى بىزنىڭ تەقدىرىمىز قانداق بولىدۇ؟

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*