جەمئىيەتشۇناس بوردىيونىڭ سىمۋوللۇق زوراۋانلىق چۈشەنچىسى، «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ ئارقىسىدىكى سوتسىيولوگىيەلىك مېخانىزملار ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش جەريانلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ناھايىتى مۇۋاپىق بىر رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىمۋوللۇق زوراۋانلىق، شەخسلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئاڭسىز ئېقىمىدا، قانۇنىي ۋە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان دەپ قارالغان بىر ھۆكۈمرانلىق شەكلى يارىتىدۇ؛ بۇ يەردە بېسىم، ئوچۇق-ئاشكارا جىسمانىي زوراۋانلىق ياكى مەجبۇرلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى تىل، مەدەنىيەت كودلىرى، سىمۋوللار ۋە بەلگىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ھۆكۈمران كۈچنىڭ بەلگىلەر، سىمۋوللار ۋە تىل ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، جەمئىيەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا ۋە كىملىك چۈشەنچىسىگە بىۋاسىتە سىڭىپ كىرىدۇ.[1]
[1] Bourdieu , Wacquant, 2003: 167. Bourdieu, Pierre ve Wacquant, Loic (2003), Düşünümsel Bir Sosyoloji için Cevaplar, (Çev. Nazlı Ökten), İletişim Yayınları, İstanbul.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.















