جازا لاگېرلىرى: ئۇيغۇر بەدىنىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا بىيو-سىياسىي قورال

2024-يىلى 22-نويابىر

شەخسنىڭ كىملىكىنى قۇرىدىغان ۋە نامايەن قىلىپ بېرىدىغان بىر ماكان سۈپىتىدە كۆرۈلىدىغان بەدەن، دىنامىك، ھەرىكەتچان ۋە تەسىرلەرگە ئوچۇق بىر مەۋجۇداتتۇر. بۇ تەسىرلەر بەدەن ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ھەر خىل مۇداخىلىلەر تۈرتكىسىدە كۆپىنچە ئىجتىمائىي دۇنيادىن كېلىدۇ. شۇڭا، بىئولوگىيەلىك مەۋجۇدات بولۇشتىن سىرت ئىجتىمائىي رېئاللىق بولغان بەدەن، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ نازارەت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقلىرىغا تەۋەدۇر. ئىجتىمائىي مەۋجۇدات بولغان ئىنسان، بىر ئالاقە تىلى ياكى ۋاسىتىسى سۈپىتىدە بەدىنى ئارقىلىق ئىجتىمائىيلىشىدۇ. بۇ جەھەتتىن  جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەبىئىي بىر تېمىسى بولۇشىغا قارىماي، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بەدەنگە بولغان قىزىقىشى كۆپىنچە 1980-يىللاردا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*