«ئېتنىك، ئۇلۇس، كىملىك ۋە ئۇلۇسچىلىق» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

2020-يىلى 21-يانۋار

ئىنستىتۇتىمىزنىڭ غوللۇق تەتقىقاتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان «ئېتنىك، ئۇلۇس، كىملىك ۋە ئۇلۇسچىلىق» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيىۋى نۇقتىلار ئاپتورنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇلارنى دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى بويلاپ يولغا چىققان ۋە بۇ يولدا تەر تۆكۈۋاتقانلار نەزەردىن ساقىت قىلسا بولمايدىغان بىر قىسىم مۇھىم ساۋاتلار دېيىشكە بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ كىتابقا يازغان كىرىش سۆزى بىلەن كىتابنىڭ 6 – بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

كىرىش سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 2017-يىلى، تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي رايونلىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەسلىھەتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىبرىستا ئېچىلغان ئىستراتېگىيە يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك ھەرىكىتىگە يېتەكچى ئىدىيە تۇرغۇزۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوللانما يېزىپ چىقىش ئىشىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ بىر مىللىي مەپكۇرە بولۇپ، مىللىي مەپكۇرە دېگىنىمىزدە بىر مىللەتنىڭ ئەگىشىدىغان نىشانى كۆزدە تۇتۇلاتتى. مەسىلەن، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى تارىخىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن (قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس) قىزىل ئالما مەپكۇرەسى بىر سىمۋوللۇق ئىدىيەنىڭ ئىسمى بولۇپ، زامان ۋە ماكانغا ئاساسەن بەزىدە قىزىل ئالما يەر شارىدىكى پۈتۈن تۇپراقلارنى ئىگىلەش نىشانىغا سىمۋول قىلىنغان بولسا، بەزى چاغلاردا يەتمەكچى ۋە ئېرىشمەكچى بولغان مەلۇم زېمىنغا سىمۋول قىلىنغان. بەزى چاغلاردا تۈرك مىللەتچىلىكىگە سىمۋول قىلىنسا، يەنە بەزىدە دۆلەت قۇرۇشقا سىمۋول قىلىنىپ كەلدى. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەتمەكچى بولغان نىشان نېمە؟ ۋە بۇ قانداق بىر ئىدېئولوگىيە ياكى ئىدىيە شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك؟ يىغىندا بۇ ھەقتە بىر قوللانما يېزىپ چىقىش مەسىلىسى در. ئەركىن ئەكرەم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك قوللىغان بولسىمۇ، كىمنىڭ يېزىشى ۋە قانداق يېزىش مۇزاكىرە قىلىنمىدى. يىغىندىن كېيىن مەن در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن كۆرۈشتۈم. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنى تەرغىب قىلىدىغان بۇنداق بىر ئىدېئولوگىيە قوللانمىسىنى يېزىشتىن بۇرۇن، بۇ قوللانمىنى خەلقنىڭ چۈشىنەلىشىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئۇقۇملار ۋە دۆلەت قۇرۇش ئىدېئولوگىيەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشىنىشكە ئاساس سالىدىغان بىر ئىلمىي كىتابنىڭ يېزىلىشى زۆرۈرلۈكىنى مەسلىھەتلەشتۇق ۋە بۇنى يېزىشنى مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. در. ئەركىن ئەكرەم بۇ كىتابنى يېزىشتا پايدىلىنىشىم زۆرۈر بولغان بىر يۈرۈش كىتابلارنى ئەۋەتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى 2017- يىلى يازدا يېزىپ پۈتتۈردۈم. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنىڭ مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغانلىقىغا ۋە مېنى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمدەك مىللەتنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزالايدىغان كىشىلىرىمىزنى بىزدىن ئايرىمىسۇن ئۇلارغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن.

لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى، خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىققا ئۆتۈشى ۋە جازا لاگېرى مەسىلىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتكە يېتىشىپ ماڭالماس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن ئىنتايىن ئالدىراش ۋە جىددىي بىر كەيپىيات ئىچىگە چۆكۈپ قالدۇق. كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بولماي تاشلىنىپ قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن كىتابنى قايتا بىر كۆرۈپ تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدىم. كىتاب ئارگىنالى لاتىن يېزىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇرەھىم قاھار سوغۇق ئۇنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىملاسىنى تۈزىتىپ بەردى. ئىملا تۈزەش جەريانىدا چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان سۆز – جۈملىلىرىمنى كۆرسىتىپ ئوتتى. ئابدۇرەھىمنىڭ ئەستايىدىللىقىغا ھەقىقەتەن قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن. كىتابنى باستۇرۇشتىن بۇرۇن،سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى ئالاقە ئىشخانىسى كوردىناتورى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى باش كاتىپى تەتقىقاتچى ئادىلجان ئەرئۇيغۇر قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كىتابنى كۆرۈپ چىقتى. ئادىلجاننىڭ ئۇيغۇرچىدە ئومۇملاشقان ئاتالغۇلارنى ئېسىمگە سالغىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كىتابنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىشىشىگە ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. تۆۋەندە نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىشنى ئۈستۈمگە ئالغانلىقىمنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنگلىزچە يازغان ماقالىلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە ماقالىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى بەس – مۇنازىرىلەردە بولسۇن، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تۇتقان يولى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى يېتەكلەيدىغان كۈچ ھەققىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن ئىچكى كىرىزىسنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيتتىم. قىبرىس يىغىنىدا مىللىي مەپكۇرە ھەققىدە قوللانما يېزىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئالدى بىلەن خەلقنى مىللىي مەپكۇرىگە ئەگىشەلەيدىغان ئاڭغا ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم. ۋە بۇ ھەقتە در.ئەركىن ئەكرەم بىلەن پىكىرلەشكىنىمدە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇرچە كىتاب يازدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. چۈنكى خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكىدە بۈگۈنكى كۈندە پەقەت دىن، تىل ۋە كۇلتۇرلا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەمدۇ ۋە يېتەرلىكمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇر كىملىكىنى خەلقئارادىكى ئۇقۇملار بىلەن قانداق چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ؟ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى، يوقىتىلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇس كىملىكىنىڭ پەقەت زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق نەرسىمۇ؟ ئۇنداقتا زۇلۇم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئۇيغۇر ئىسمىدىكى بىر ئېتنىك توپلۇم سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەنمۇ؟ بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىدا پەقەت ئەنە شۇ كۇلتۇر كىملىكى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىرلا ئېتنىك مىللەتنىڭ ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان ئۇلۇس دۆلىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇستەملىكە مىللەتلەرنىمۇ كۆزدە تۇتقان شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىنىڭ نامىدا ئاتالغان كۆپ مىللەتلىك ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش ئېڭىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكمۇ؟ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىدېئولوگىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۇلۇسچىلىقنى ئاساس قىلغان؟ بىزنىڭ ئۇلۇسچىلىق ئىدېئولوگىيەمىزنى تىكلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تېپىش جىددىي لازىم ئىدى. مەن بولسام ۋاقىت، ماتېرىيال دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئىزدەنمەي يۈرگەن ئىدىم. كىتابنى يېزىش جەريانىدا، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، تىل بايلىقىمنىڭ مول بولماسلىقى سەۋەبىدىن پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئىپادىلەشتە قىينالغان بولساممۇ، لېكىن ئامال بار چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىشقا تىرىشتىم. كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاساسەن غەرب دۇنياسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇملار توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەر سېلىشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم زېرىكىشلىك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما زېرىكىشلىك بولسىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز باشقا بۆلۈملەردىكى پىكىرلەرنى تولۇق چۈشىنەلىشىڭىزگە ئاسان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ ئاۋام خەلقىمىز نەزەرىيەۋى كىتابلارغا قىزىقماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن. ئەمما قاچان بىزدىكى ئاۋام خەلق نەزەرىيەلەرنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان بولغاندا، توغرا ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ئۆگەنگەن بولىدۇ. چۈنكى نەزەرىيە، ئوي – پىكىر بولماي تۇرۇپ ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ. ئوي -پىكىر ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ، مىللىي ھۆرلۈك ھەرىكىتىمىزدە توغرا يۆنىلىش ۋە خۇددى تۈرك مىللىتىنىڭ قىزىل ئالما مەپكۈرەسىدەك بىر مەپكۇرەنىمۇ تىكلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ كىتابىم ئارقىلىق بۇ مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزىقىش ۋە مۇنازىرە قوزغاشقا ۋەسىلە بولالىسام، قىلغان ئەجرىمدىن رازى بولۇشقا سەۋەب تاپقان بولىمەن. ئەمىسە مەرھەمەت! كىتاب ئۇنچىلىك ئۇزۇنمۇ ئەمەس، ھەر كۈنى ئانچە – مۇنچە ۋاقتىڭىزنى چىقىرالىسىڭىز بىر ھەپتىدە ئوقۇپ بولىسىز. قارشى پىكىر، خاتا كەتكەن يەرلەر ۋە ياكى مۇئەييەنلەشتۈرگەن پىكىرلىرىڭىز بولسا كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەر زامان ئاشكارا بەس – مۇنازىرىگە تەييارمەن. خەير خوش، بۇ كىتابنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*