«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ژۇرنىلىمىزنىڭ 4-سانى نەشردىن چىقتى

2022-يىلى 25-مارت

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان»  ژۇرنىلىمىزنىڭ 4-سانى نەشردىن چىقتى

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق پەسىللىك ئاكادېمىك ژۇرنىلىمىزنىڭ 4-سانى نەشردىن چىقتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنىلىمىزغا ئەسەر ئەۋەتكەنلەرگە، ئەسەر باھالىغۇچىلارغا، تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ۋە ژۇرنالنىڭ لايىھەسىنى ياساپ چىققانلار شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ژۇرنىلىمىز خەلقئارالىق ئاكادېمىك ئۆلچەم ۋە مېتودنى ئاساس قىلغان بولۇپ مەقسىتىمىز تۆۋەندىكىچە :

1 . ئۇيغۇرچە ئەسەر يازىدىغان زىيالىيلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئاكادېمىك ئەسەر يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش.

2 . دىئاسپورادا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكادېمىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش شۇنداقلا يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3 . خەلقىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى شۇنداقلا سىياسىي ۋە تارىخى مەسىلىلەرنى رېئاللىققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش.

4 . ۋە ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئاكادېمىك ژۇرنالنى بارلىققا كەلتۈرۈش.

ژۇرنىلىمىز سىياسىي مەيدان ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ھېچقانداق تەشكىلات ۋە ئورگانغا باغلىق ئەمەس ۋە ھېچبىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلمايدۇ. ھەر قانداق كۆز قاراش ۋە ئىدىيەنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەر تەلەپ قىلىنغان مېتود، قائىدە ۋە قېلىپقا چۈشكەن بولۇشى شەرتى ئاستىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاكادېمىك ئۆلچەمگە چۈشكەن – چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچ نەپەر باھالىغۇچى تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ .

زىيالىيلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ژۇرنىلىمىز ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز.

ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپرەك ئەسەر ئەۋەتىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولسىڭىز بولىدۇ. ئەسىرىڭىز تەييار بولغاندىن كېيىن ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى مېتود ۋە شەكىل قاتارلىق ئاكادېمىك ئۆلچەملەردە سىزگە ياردەم قىلىدۇ (شۇنداقلا تەلەپكە لايىق بولۇشقا ئىمكان بولمىسا رەت قىلىدۇ).

5-سان ئۈچۈن ئەسەرلەرنى بۈگۈندىن باشلاپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ژۇرنالنى بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ:

View Fullscreen

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*