غەربنىڭ ئاجىزلىشىپ، «باشقىلار»نىڭ گۈللىنىشى يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟

2025-يىلى 26-سېنتەبىر

 

 

(ئامىتاۋ ئاچارىيانىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىنىڭ خۇلاسىسى)

 

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

يېڭى دۇنيا قۇرۇلمىسى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە پىروفېسسورى ئامىتاۋ ئاچارىيا (Amitav Acharya) نىڭ «غەربنىڭ ئاجىزلىشىپ، <باشقىلار>نىڭ گۈللىنىشى يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بولغان چاسام ئۆيى (Chatham House) تەسىس قىلغان «بۈگۈنكى دۇنيا» ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىلى 15-سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە، ھازىرقى دۇنياۋى ۋەزىيەتتىكى مۇھىم بىر يۈزلىنىش — غەرب دۇنياسىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە باشقا دۆلەتلەر «قالغانلار»نىڭ كۈچىيىشىنىڭ، كەلگۈسىدە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان-شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مەركىزىي سوئالغا جاۋاب ئىزدەلگەن.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىس، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە پىروفېسسورى ئامىتاۋ ئاچارىيانىڭ بۇ ماقالىسى ھازىرقى زامان دۇنيا سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان دۇنيا تەرتىپىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئاپتور ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب مەركەزلىك دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى نۇرغۇن سىياسىي شەرھلىگۈچىلەرگە ئوخشاش بىر «ئاپەت» ياكى «تەرتىپنىڭ گۇمران بولۇشى» دەپ قارىماستىن، ئەكسىچە بۇنى يېڭى، تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق بىر دۇنيا قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «كۆپ قاتلاملىق» (multiplex) دۇنيا تەرتىپى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، غەربتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە يەر شارى جەنۇبىدىكى كۈچلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە ئەمەلىيتىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭ يەر شارىلىشىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس، بەلكى «يېڭىچە يەر شارىلىشىش» دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ماقالە كىشىلەرنىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا قارشى، ئۈمىدۋار، ئەمما رېئاللىققا ئۇيغۇن بىر كۆزقاراش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  1. I. ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى كىرىزىسى ھەققىدىكى خاتا ھۆكۈملەرنى تۈزىتىش

ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا، ئاپتور دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە سەل قارىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك ئەندىشىلەرنى تىلغا ئالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھادىسىلەرنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئورنىتىلغان لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىماقتا. ئاچارىيا بۇ خىل قاراشنىڭ مەسىلىنىڭ يۈزەكى قىسمىغىلا قارايدىغانلىقىنى، ھەقىقىي مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تارىخىي يىلتىزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ترامپ بۇ كىرىزىسنى ياراتقۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇ پەقەتلا ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان، كونا تەرتىپنىڭ ئۇل تاشلىرىنى تەۋرىتىۋاتقان كۈچلۈك ئېقىملارنى تېزلەتكۈچى بىر كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىغان، خالاس. يەنى، دۇنيا تەرتىپىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ترامپتىن بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسەتلىرى بۇ جەرياننى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن ۋە تېزلەتكەن.

بۇ سەۋەبتىن، دۇنيا تەرتىپىنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلغاندا، يەر شارىلىشىشنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقى ياكى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەددىدىن زىيادە كەسكىن ھۆكۈملەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئاچارىيا يەر شارىلىشىشنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ مەركىزى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ غەربتىن شەرققە يۆتكىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خەلقئارالىق تۈزۈملەر ۋە ئىدارە قىلىش مېخانىزملىرىمۇ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يېڭى رېئاللىققا ماسلىشىش ئۈچۈن قىسمەن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە قايتىدىن شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى قالايمىقانچىلىقنى بىر ئاخىرلىشىش دەپ ئەمەس، بىر ئۆتكۈنچى ۋە قايتا قۇرۇلۇش دەۋرى دەپ چۈشىنىش تېخىمۇ توغرىدۇر.

  1. II. غەرب مەركەزچىلىكىدىن ھالقىغان دۇنيا تەرتىپى

ئاپتور خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتىدىكى ئەنئەنىۋى بىر قاراشقا، يەنى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەقدىرىنى پەقەتلا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەمدە رەھبەرلىك ئىرادىسىگە باغلاپ قويۇشتەك غەرب مەركەزچىلىك ئىدىيەسىگە كۈچلۈك جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى تىرەپ تۇرغان نۇرغۇن مۇھىم پىرىنسىپلار، قائىدىلەر ۋە تۈزۈملەر پەقەت غەربنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق مىراسىدۇر. دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىش، ئەركىن سودىنى قوغداش، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرى قاتارلىق ئۇلۇغۋار غايىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق ياراتقان بايلىقىدۇر. بۇ پىرىنسىپلارنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلار غەربنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەنلا ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ غەربتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكىچىلىكتىن يېڭىدىن قۇتۇلغان دۆلەتلەرنىڭ رولىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىشى، ئىقتىسادنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ بۇ ئەھۋال ئوخشاش. مەسىلەن، يەر شارى جەنۇبىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىنى ئەيىبلەشتە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغان، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشتا غەرب دۆلەتلىرىدىنمۇ كۈچلۈكرەك ئاۋاز چىقارغان. بۇ مىساللار دۇنياۋى قائىدە-تۈزۈملەرنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ پەقەت غەربنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق ئىشىغا ئايلانغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.

III. «كۆپ قاتلاملىق» دۇنيا تەرتىپىنىڭ رامكىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

ئاپتور كەلگۈسىدىكى دۇنيا تەرتىپىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋردە كۆپ ئىشلىتىلگەن «كۆپ قۇتۇپلۇق» (multipolarity) دېگەن ئۇقۇمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ پەقەت چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغىلا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئاچارىيا «كۆپ قاتلاملىق» (multiplexity) دېگەن يېڭى ئۇقۇمنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ئۇقۇم دۇنياۋى قۇرۇلمىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ، كۆپ ئۆلچەملىك ۋە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن خاراكتېرىنى تېخىمۇ توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بار:

بىرىنچى، دۇنياۋى كۈچنىڭ كۆپ مەركەزلىشىشى. بۇ يېڭى تەرتىپتە ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي، پۇل-مۇئامىلە ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش جەھەتلەردە يېتەكچى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا سودا قائىدىلىرىنى بېكىتىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرنى تەڭشەشتە ئۆزگىچە تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق رايونلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى رولى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ.

ئىككىنچى، جانلىق ۋە مەنپەئەت مەركەزلىك ئىتتىپاقلار. «كۆپ قاتلاملىق» دۇنيادا، دۆلەتلەر سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش قاتتىق، ئىدېئولوگىيە ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلارغا باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇلار چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىدە ئېنىق بىر تەرەپتە تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش ئۈچۈن «خەتەردىن ساقلىنىش» (hedge) ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىدۇ. يەنى، بىر دۆلەت مەلۇم بىر مەسىلىدە بىر چوڭ دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشسا، باشقا بىر ساھەدە ئۇنىڭ رەقىبى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن ئىقتىسادىي ۋە ئۇل ئەسلىھە ياردىمى ئالغاچ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىخەتەرلىك جەھەتتە ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تايىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، ھەر قايسى ساھەلەردە ئوخشىمىغان كۈچلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى. بۇ يېڭى تەرتىپتە ھېچقانداق بىر دۆلەت بارلىق ساھەلەردە يېتەكچى بولالمايدۇ. ئامېرىكا ھەربىي بىخەتەرلىك ساھەسىدە يەنىلا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي يەر شارى مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى سۈپىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سانلىق ئىقتىساد قائىدىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە باشلامچى بولۇشى مۇمكىن. يەر شارى جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ياردەم ئىزدەيدۇ. بۇ خىل «مەسىلە مەركەزلىك» ھەمكارلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە نەتىجىلىك بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.

  1. IV. «يېڭىچە يەر شارىلىشىش»: شەرق يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى دولقۇن

ئاپتور بەزى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان «يەر شارىلىشىشتىن قېچىش» (de-globalization) ياكى «يەر شارىلىشىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى» ھەققىدىكى قارىشىغا قارشى چىقىپ، دۇنيانىڭ ئەكسىچە «قايتىدىن يەر شارىلىشىش» (re-globalization) باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يېڭى باسقۇچنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك غەرب ئەمەس، بەلكى شەرق، بولۇپمۇ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ: 2015-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ 57% نى تەشكىل قىلغان بولۇپ، دۇنيا سودىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەلۋەتتە، ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى، چۈنكى ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى كۆپ جەھەتتىن ئامېرىكا بازىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە تايانغان ئىدى. بىراق، بۇ «يەر شارىلىشىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى»دىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ۋە مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ئامېرىكا بازىرىغا بولغان تايىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا ۋە يەر شارى جەنۇبىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن يېڭى تىپتىكى تەمىنات زەنجىرلىرىنى قۇرۇپ چىقماقتا. بۇ خىل «يېڭىچە يەر شارىلىشىش» پەقەتلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى يەر شارى جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى سۆز ھوقۇقىنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

خۇلاسە: ئۆزگىرىش ئىچىدىكى ئۈمىد

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتور ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى كۆپ سانلىق پەرەزلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كۆڭۈلسىز ۋە ئۈمىدسىزلىك روھىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. دۇنيا تەرتىپى ئاخىرلاشمايۋاتىدۇ، بەلكى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئەگەر يادرو ئۇرۇشى قاتارلىق چوڭ ئاپەتلەر يۈز بەرمەيدىكەن، يېڭى خەلقئارا تەرتىپ كونا تەرتىپنىڭ بەزى ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىدىغان، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم پەرقلىق نۇقتىلار بىلەن قايتىدىن شەكىللىنىپ چىقىدۇ.

شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ «يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى» ياكى غەربنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىنلا پۈتكۈل دۇنيا تەرتىپىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشقا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەكسىچە، ھازىرقى زاماندا قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق كۈچلىرى بىلەن بىر قاتاردا، داۋاملىشىش، ماسلىشىش ۋە ئورتاق تونۇش كۈچلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇپ يېتىش مۇھىم. ئاپتور 14-ئەسىردىكى ئالەمشۇمۇل تارىخچى ئىبنى خەلدۇننىڭ: «دۇنيانىڭ يېڭىباشتىن بەرپا بولۇشى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە ئۈمىدۋار بىر پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى، چۈنكى ھەر قانداق بىر تەرتىپنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ يەنە بىر يېڭى تەرتىپنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*