ياكۇب ھودېك (Jakub Hodek)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەن پەلسەپەۋى ئىدىيەلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىش تولىمۇ زۆرۈر. خىتايلىقلار ئۈچۈن بەلكىم ئەڭ مۇھىم قىممەت قاراش مۇقىملىق بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇلار دۇچ كەلگەن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ سانىنى ئويلىغاندا بۇ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
خىتايدا كىلىمات ئاپەتلىرى ھوسۇلنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە مىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يوقىتىلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2008-يىلىدىكى سىچۈەندىكى كۈتۈلمىگەن يەر تەۋرەشتە تەخمىنەن 80،000 ئادەم قازا قىلغان. شۇنداقتىمۇ، خىتايلىقلار قەيسەرلىكىنى نامايان قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بىر قەدەر خاتىرجەم داۋاملاشتۇرالىدى[1]. ئەلۋەتتە، تەبىئەت بىردىنبىر دۈشمەن ئەمەس ئىدى. ھونلارغا ئوخشاش ھەرخىل كۆچمەن قەبىلىلەر دەسلەپكى خەن ئىمپېرىيەسىگە توختىماي تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى قايتىدىن يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلغانىدى[2]. بۇ كۈرەشلەر ئۇلارنىڭ مۇقىملىققا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
خىتايدا يىلتىز تارتقان بارلىق پەلسەپەۋى ئىدىيەلەر قالايمىقانچىلىقنىڭ يامانلىقىنى، مۇقىملىقنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلەيدۇ[3]. ئەمەلىيەتتە، قانۇنچىلىق (法家)، داۋجياۋ ئىدىيەسى ۋە كۇڭزىچىلىق ھازىرقى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆلچەملەرنى يەنىلا شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس، چۈنكى خىتايلىقلار مۇقىملىقنى ئىناقلىق ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئىدىيە تۇغۇلغاندىن باشلاپ يېتىلدۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا كۈچەيتىلىدۇ.
قانۇنچىلىق «جازا» نىڭ «ھوقۇق» تىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، ئاز سانلىقنىڭ مەنپەئەتى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىشى كېرەك[4]. بۇ ھازىرقى زامان خىتايىدا مەۋجۇت بولغان تاراتقۇلارنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، قاتتىق قول ئوقۇتقۇچىلار ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق قانۇنلارنى چىقىرىش قاتارلىق ھادىسىلەر شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. داۋجياۋ ئىدىيەسى ۋەقە-ھادىسىلەرنى بەلگىلەيدىغان بىر كائىنات تەرتىپىنىڭ بارلىقىنى ياقلايدۇ. [5]. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى خىتاينىڭ فېڭ شۈي (风水) ياكى ئېنېرگىيە ئېقىمى(气流) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكى ساھەلىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ. كۇڭزىچىلىق مۇقىملىقنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ[6]. ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە بويسۇنۇش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە بويسۇنۇش ۋە قارىغۇلارچە ئىشىنىش نورمىسى دەل كۇڭزىچىلىقتىن كېلىپ چىققان.
شۇڭلاشقا، خىتاي ئىش – پائالىيەتلىرىنى چۈشەنمەكچى بولغان غەيرى-خىتاي ئوقۇرمەنلەر ھازىرقى خىتاي ۋەقەلىرىنى تەھلىل قىلغاندا بۇ پەلسەپەۋى يىلتىزلارنى چوقۇم ئويلىشىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ مۇقىملىقنى «قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇتلەق پىرىنسىپ[7]» دەپ جاكارلىشى، چىرىكلەشكەن پارتىيە ئەزالىرىنى نىشان قىلغان قاتتىق تەشەببۇسلار، تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە مىللەتچىلىكنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۈچەيتىلىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەر ھەيران قالارلىق ئىش بولماسلىقى كېرەك. مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچكە ئېھتىياجلىق.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قارىتىلغان بۇ دەرىجىدىكى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، خىتاي خەلقىدە كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارىتا نارازىلىق پەيدا قىلمايدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئارقىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بىرى خىتايلىقلارنىڭ كوللېكتىپچىلىق كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ھوقۇقىدىن ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى بەكرەك ئەلا بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار تېخىمۇ يۇقىرى بىخەتەرلىك ۋە بىر خىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئەركىنلىكىدە دۆلەت بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا رازى.
ئەلۋەتتە، بۇ خىل ياشاش ئۇسۇلى شەخسىي ھوقۇقنى قەدىرلەيدىغان تەرەققىي تاپقان غەرب جەمئىيەتلىرى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، خىتايلىقلار ئۆز قىممەت قارىشىنى غەربنىڭكىدىن تۆۋەن دەپ ھېس قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تونۇشتۇرغاندا پەخىرلىنىش ۋە ئۆزگىچىلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، خىتايلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىقتىسادىي نەتىجىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەلنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى تەقلىد قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس.
خىتايلىقلاردىكى بۇ ئىنچىكە ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (PRC) بىلەن ئىقتىسادىي ياكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ سىياسىي شەرتلىرىنى تەھلىل قىلىش مۇھىم. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى چەت ئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، يېڭى ھەمراھىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي رېئاللىقىغا تەسىر كۆرسىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكرار – تەكرار بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن مىساللار بار. پەقەت ئۇلارنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» گە قاراش كۇپايە، بۇ سىياسەت نۇرغۇن لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىگە سەۋەب بولدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قىزغىنلىق بىلەن قوغدايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CCP) ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان بايلىقلارغا ئىگە ياكى ئۇلار تەمىنلىيەلەيدىغان ئۇل ئەسلىھەگە موھتاج دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بۇ كۆز قاراشنىڭ ئىقتىسادىي قولىغا ۋەكىللىك قىلسا، ئۇلارنىڭ يېقىندا بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدا كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك پائالىيىتى سىياسىي قولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قىسقىسى، ھېچ بولمىغاندا ھەرخىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېنىق رەھبەرلىك ۋە ئېنىقسىزلىق كەمچىل بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا گېئوپولىتىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولۇشنى خالايدۇ.
خەلقئارا سىياسەتنىڭ مەركىزىي سەھنىسىدە بولۇشقا بولغان بۇ ئارزۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىر چۈشەندۈرۈش ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىدە يوشۇرۇنغان. «مەركىزىي دۆلەت» دېگەن بۇ ئاتالغۇ خىتايچە «جۇڭگو» (中国) غا قارىتىلغان بولۇپ، بىرىنچى خەت «جوڭ» (中) «مەركەز» ياكى «ئوتتۇرا»، «گو» (国) بولسا «دۆلەت»، «مىللەت» ياكى «پادىشاھلىق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ[8]. بۇ ئاتالغۇ «جۇڭگو» نىڭ تۇنجى خاتىرىسى قەدىمكى خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ بەش كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ بىرى بولغان «شاڭنامە» («书经»)[1] دا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسەر قەدىمكى خىتاي شەخسلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە خىتاي سىياسىي پەلسەپەسىنىڭ، بولۇپمۇ كۇڭزىچىلىقنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان بىر ئەسەر. گەرچە بۇ ئەسەر مىلادى 4-ئەسىرگە تۇتىشىدىغان بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە «جۇڭگو» ئاتالغۇسى خىتاينىڭ رەسمىي نامىغا ئايلانمىغان[9]. گەرچە خىتايلىقلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنى يېتەكلەش بۇرچى بار دەپ قارايدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولمىسىمۇ، خىتاي بۇ خىل ئۇقۇمنى دۆلەت نامىدا ئىشلەتكەن بىردىنبىر دۆلەتتۇر.
«جۇڭگو» غا ئوخشاش بۇنداق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۇقۇملار ھازىرقى زامان خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا كۈچلۈك ئەكس ئېتىپ، خىتاينىڭ شەرقتىكى ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنى يېتەكلەيدىغان دۇنيا تەرتىپى قارىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ كۆز قاراش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CCP) نىڭ بېكىتىلگەن «يادرولۇق» رەھبىرى شى جىنپىڭدا گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئۇ دۆلەتنى مىللىي گۈللىنىش يولىغا يېتەكلەش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ تېمپوسىنى ئۆزى بەلگىلىمەكتە. ئەمەلىيەتتە، 2017-يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى مىللىي گۈللىنىش نىشانىنى مەركەز قىلغانىدى. بىر نىشان ۋە ۋاقىت بېكىتىلدى: «2049-يىلىغا قەدەر، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارالىق تەسىرى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ.»[10] باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي 2049-يىلىغا قەدەر «مەركىزىي دۆلەت» لىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى يېتەكچى كۈچكە ئايلىنىشنى نىشان قىلماقتا.
بۇ چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ تولۇق ئۇستىخىنىنى «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ھەققىدىكى شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» ناملىق ھۆججەتتە تاپقىلى بولىدۇ، بۇ ھۆججەت ھازىر خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ سىياسىي نەزەرىيەلىرى ياكى كومپارتىيە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق ئىدىيەگە ئوخشاشلا مۇھىم بىر تەلىمات ھېسابلىنىدۇ. خىتايلىقلار بۇ نىشانلارغا تېز ۋە ئۈنۈملۈك يېقىنلاشماقتا، ئۆتمۈشتە ئىسپاتلىغىنىدەك، بايلىق بولسىلا، ئۇلار زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، دۇنيا شى جىنپىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېقىندا، بېيجىڭ ئۆز تەسىرى ۋە قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە مەبلەغ سېلىشنى تاللىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) نى داۋاملىق تەكىتلەش، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA) نى كەڭ كۆلەمدە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تاشقى سىياسەتتىن باشلاپ بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي كىرىزىس ھەمدە ترامپنىڭ يەكتەرەپچىلىكى، خىتايغا، گەرچە ھازىرقى تەرتىپنى ۋەيران قىلىش ئىرادىسى بولمىسىمۇ، خەلقئارا سەھنىگە چىقىش ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك بوشلۇق يارىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، كومپارتىيە ئىجرائىيە ئورگانلىرىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرىنى يېڭىلاپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ خىتاينى ۋەدە قىلىنغان نىشانغا يېتەكلەش مەقسىتىدە، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كېرەكلىك سىياسىي كاپىتالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالدى.
خىتايغا دىققەت مەركىزىنى ئوغرىلاش پۇرسىتى بەرگەن يەنە بىر مەسىلە بولسا كىلىمات ئۆزگىرىشىدۇر. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2017-يىلى 6-ئايدا پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تېخىمۇ ئېنىق بولدى. ئۆتكەن يىلى يانۋاردا، شى جىنپىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنى تاللاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئېنىق مۇقىملىق ئالامەتلىرى ۋە تەخمىنەن %6.7 لىك ئېشىشقا ئىگە ئىقتىسادقا تايىنىپ، ئۇنىڭ شىددەتلىك چۈشۈپ كېتىشىنى پەرەز قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر پىرېزىدېنتنىڭ ئۆزىنى ئەركىن سودا ۋە يەرشارىۋى ئىسسىپ كېتىشكە قارشى كۈرەشنىڭ يېتەكچىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى. 2016-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا گاز قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، شى «مەركىزىي دۆلەت-中国» نىڭ يېڭى ئىقتىسادىي يەرشارىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىرادىسىنى ئېلان قىلدى.
پىرېزىدېنت شى ئۆز كۆز قارىشىنى ئىككى يۆنىلىشلىك ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. بىرىنچى، چەت ئەلدە «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ھەققىدىكى شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش. بۇ خىتايلىقلار ئۈچۈن نامەلۇم بىر ئىستراتېگىيە، چۈنكى كومپارتىيەنىڭ ئىدىيەلىرىنىڭ چەت ئەلدە تەشۋىق قىلىنغان بۇرۇنقى مىساللار يوق. قانداقلا بولمىسۇن، شى غەرب لىبېرال دېموكراتىيەسىنى خىتاينىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە ئۇ نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي جەھەتتە ئۈستۈن دەپ ھېسابلىغان خىتايچە سوتسىيالىزم شەكلىدە بىر تاللاش تەمىنلەشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ ئىدارە قىلىش مودېلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ۋە زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىككە چېكىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىر يولىنى تەمىنلەيدۇ[11]. بۇ خىتاينىڭ «خەير-ساخاۋەتلىك» ئىدارە قىلىشى ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزلەر شەكلىدىكى «سېخىيلىكى» گە قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن جەلپ قىلارلىق تەكلىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، شى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ئوخشاش تاشقى سىياسىتى تېخىمۇ كەسكىن (تاجاۋۇزچىل دېمىسەك) بولۇپ كەتكەن رايونلاردا خىتاينىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ[12]. بۇ ھەم كۈچلۈك ھەربىي ھەم ئىقتىسادىي سىجىللىقنىڭ 2049-يىلىغا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنيا تەرتىپىنىڭ مەركىزى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئەگەر بۈگۈنكى خىتاينى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلساق، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئەستايىدىللىق بىلەن قارىشىمىز كېرەك. يېگانە بىر مىللەت سۈپىتىدە باشلانغان بۇ دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاندىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا يۈزلىنىشنى كۈتۈۋاتقان ئۇيقۇدىكى بىر گىگانت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. يېقىنقى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا بىرەر تۈرتكە بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز نامىغا لايىق ياشاشنى ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولۇشنى ئىستەيدىغانلىقىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، گەرچە كېرەك بولسا كۈچ ئىشلىتىشكە رازى ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز پەلسەپەۋى ئىدىيەلىرىنى غەرب جەمئىيەتلىرىدىكى ئىدىيەلەردىن ئەڭ بولمىغاندىمۇشۇنچىلىك ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردىن پايدىلىق دەپ قارىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: ئەركىن سودا، مۇلازىمەتكە ئاساسلانغان ئىقتىساد، تەرەققىي تاپقان پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى ۋە باشقىلار. ھازىرقى ئەھۋالدا، خىتاي چوقۇم بىر قىسىم دوستلارنى تاپىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىكى غايەت زور ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە «ھېچقانداق شەرتسىز» ياردەم تەكلىپلىرىگە قىزىقىشى مۇمكىن بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلاردا بۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ئېھتىماللىق. بۇ رېئاللىقلار بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغان ئۆلچەملەرگە نىسبەتەن كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق بىر دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاي زېھنىيىتىنى چۈشىنىش گېئوپولىتىكىنىڭ كەلگۈسىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
[1] Daniell, James. «Sichuan 2008: A Disaster on an Immense Scale.» BBC News, BBC, 9-май 2013, www.bbc.com/news/science-environment-22398684. [2] The Editors of Encyclopædia Britannica. «Xiongnu.» Encyclopædia Britannica, Encyclopædia Britannica, Inc., 6-سېنتەبىر 2017, www.britannica.com/topic/Xiongnu. [3] Creel, Herrlee Glessner. Chinese thought, from Confucius to Mao Tse-tung. (1953). [4] Hsiao, Kung-chuan. «Legalism and autocracy in traditional China.» Chinese Studies in History 10.1-2 (1976). [5] Kohn, Livia. Daoism and Chinese culture. Lulu Press, Inc, 2017. [6] Yao, Xinzhong. An introduction to Confucianism. Cambridge University Press, 2000. [7] Blanchard, Ben. «China’s Xi Demands ›Strong Hands‹ to Maintain Stability Ahead of Congr.» Reuters, Thomson Reuters, 19-سېنتەبىر 2017. [8] Diccionario conciso español-chino, chino español. Beijing, China: Shangwu Yinshuguan. 2007. [9] Nylan, Michael (2001), The Five Confucian Classics, Yale University Press. [10] Tuan N. Pham. «China in 2018: What to Expect.» The Diplomat, 11-يانۋار 2018. [11] Li, Xiaojun. «Does Conditionality Still Work? China’s Development Assistance and Democracy in Africa.» Chinese Political Science Review 2.2 (2017): 201-220. [12] Chase, Michael S. PLA Rocket Force Modernization and China’s Military Reforms. (2018).
مەنبە:
[1] 尚书دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
Security Error: PDF files must be hosted on the same domain as this site.
PDF is hosted on: http://https%3A%2F%2Fwww.uysi.org%2Fug%2Fwp-content%2Fuploads%2F2025%2F10%2F21-%D9%8A%D9%94%DB%95%D8%B3%D9%89%D8%B1%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89-%D8%AE%D9%89%D8%AA%D8%A7%D9%8A-%D8%B3%D9%89%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89-%DA%86%DB%88%D8%B4%D9%89%D9%86%D9%89%D8%B4-2.pdf but this site is: https://www.uysi.org
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.























باھا يېزىڭ