network, social network, network theory
تەييارلىغۇچى: ئادىل ئەرئۇيغۇر
تەھرىرلىگۈچى:ئابدۇرېھىم دۆلەت
تور، ئىجتىمائىي تور، تور نەزەرىيەسى، تور ئاتالغۇسى، بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان، ئىجتىمائىي بىر تور شەكىللەندۈرگەن شەخسلەرنى (ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا، شېرىكچىلىكلەر ۋە ئىجتىمائىي روللارغا) كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر مۇناسىۋەت ئالاقىلىرىنىڭ ئىچىدە تۇققانچىلىق، ئالاقە، دوستلۇق، ھوقۇق ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىقلار بار. ئەگەر شەخسلەرنى بىرەر چېكىت، ئالاقىلەرنى بولسا بىرەر سىزىق شەكلىدە ئىپادىلىسەك، ئۇلارنى مودېل سۈپىتىدە گرافىك نەزەرىيەسىدە قوللىنىش مۇمكىن بولىدۇ. قوش تاللاش ياكى مۇناسىۋەت ئالاقىلىرى بىر جەدۋەلگە(sosyomatris tablo) تىزىلىدۇ ۋە بۇ يەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن ھاسىل بولغان تور، ئاساسەن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئىجتىمائىيگرام شەكلىدە قوللىنىدۇ (ژ.ل. مورېنو 1940-يىللىرى يېتەكچىلىك قىلغان، ناھايىتى تەپسىلىي، ئەمما ئاددىي بىر ئانالىز شەكلى). تور ئانالىزىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسىنى گرافىك نەزەرىيەسى تەشكىل قىلىدۇ. دەسلەپتە، تور ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئايرىم نۇقتىلار (يۇلتۇزلار ۋە ئايرىم نەرسىلەر) ۋە ماسلىشىش شەكىللىرى چۈشەندۈرۈلگەن كىچىك گۇرۇپپا ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىلارغا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئەمما 1950-يىللاردىن كېيىن، تور ئانالىزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەرىجىدە «كۆۋرۈكلەر» (زىچ بىرلەشكەن گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى يېگانە تور ئالاقىنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەر)، «تەڭپۇڭلۇق» (يۇقىرى سەۋىيەدە بىرلەشكەن گۇرۇپپىلارنىڭ قۇتۇپلىشىش مايىللىقى) ۋە تېخىمۇ راۋاجلانغان گۇرۇپپا ئېنىقلىمىلىرى قاتارلىق قۇرۇلمىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختالغانلىغىنى كۆرىمىز. ئىجتىمائىي تور ئانالىزى، 1960-يىللار ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە ھاررىسون ۋايت[1] باشلامچىلىق قىلغان ماتېماتىكىلىق جەمئىيەتشۇناسلىقىدىن كۈچلۈك تەسىر ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ نەزەرىيەۋى مەزمۇنغا ئېرىشكەن ۋە ھازىر ئۆزىنىڭ ژۇرنىلىنى (Social Networks) نەشىر قىلالايدىغان ھالغا كەلگەن.
ئىجادچان ۋە يېڭىلىقچى بىر ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىسىنىڭ غول ئەزاسى بولغان ۋايت[2]، 1960 ۋە 1970-يىللىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان ئىدى. ئۇ شەخس ئورنىغا ئىجتىمائىي ئۇقۇملاردا (مەسىلەن: ئايرىم-ئايرىم پوپلار ھەرىكىتىگە قارشى پوپ ھەرىكىتىدە) چىڭ تۇرۇشى ۋە ئوخشاش ئالاقە مودېللىرىنى ئورتاقلاشقان تور ئەزالىرىنىڭ «قۇرۇلمىلىق ئوخشاشلىقى»نى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بلوك-مودېللاش تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى.
تور ئانالىزلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئۈچ ئاساسىي نۇقتىسى بار. مەنمەركەزلىك تورلار، مەنبەسىنى بىر شەخستىن ئالىدۇ ۋە ئادەتتە ئۇ شەخسنىڭ ئۆز تورى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئاساسلىنىدۇ. ئې. بوتتنىڭ[3] ئەر-ئاياللار تورلىرى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلغان «ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تور»[4] (1957) ناملىق ئەسىرى بۇنىڭغا بىر مىسالدۇر. سىستېمىلىق تورلار، تورنىڭ بارلىق قاتناشقۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ ۋە تورنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۈستىگە مەركەزلىشىدۇ (مەسىلەن، مارك گرانوۋېتتېرنىڭ يېڭى بىر خىزمەتكە كىرىش ئۈچۈن شىركەت ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش جەريانىدا «ئاجىز باغلىنىش»نىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت قىلىشى). گرانوۋېتتېرنىڭ قارىشىچە، يېڭى ئۇچۇرلار كىشىنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان مۇھىتىنىڭ ئىچىدىن ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان مەنبەلەرگە يېتەلەيدىغان تور ئىچىدىن كېلىدۇ (قاراڭ «خىزمەتكە ئىگە بولۇش»، 1974).[5] ئاخىرىدا، تارقىلىش ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، تورلار ئىچىدىكى ئېقىمنىڭ يوللىرى ۋە شەكلىنى، يېڭىلىق جەريانلىرىنى، گەپ-سۆزنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ساھە ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىڭ.[6]
جەمئىيەتشۇنلىقتا ئىجتىمائىي تور، شەخسلەر، گۇرۇپپىلار ياكى ئورۇنلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى، داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىغىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان بىر يۆنىلىشتۇر. ئىجتىمائىي تور نەزەرىيەسى، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇرەككەپ بىر تور قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ قۇرۇلما ئىچىدە شەخسلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەم شەخسىي ھەم ئىجتىمائىي سەۋىيەدە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تور چۈشەنچىسى، شەخسلەرنىڭ پەقەت ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىدىن بەكرەك، ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، پۇرسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي روللىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى نىشان قىلىدۇ.[7]
ئىجتىمائىي تورنىڭ ئاساسىي چۈشەنچىلىرى:
باغلىنىش: ئىجتىمائىي توردىكى ئەڭ ئاساسىي بىرلىكلەردىن بىرى باغلىنىشتۇر. شەخسلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئاجىز ياكى كۈچلۈك باغلىنىشلار شەكلىدە ئېنىقلىنىدۇ. كۈچلۈك باغلىنىشلار، ئائىلە ئەزالىرى ياكى يېقىن دوستلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر ۋە زىچ مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىسە، ئاجىز باغلىنىشلار بولسا تونۇشلار، خىزمەتداشلار قاتارلىق تېخىمۇ يۈزەكى ۋە ئاز مۇناسىۋەت قىلىنىدىغان ئالاقىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاجىز باغلىنىشلارنىڭ ئۇچۇر ئېقىمى ۋە يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
تۈگۈن: تور ئىچىدىكى شەخسلەر ياكى پائالىيەتچىلەر «تۈگۈن» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر شەخس ياكى ئىجتىمائىي بىرلىك، تورنىڭ بىر تۈگۈنىنى ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە بۇ تۈگۈنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، تورنىڭ ئۇمۇمىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۇلىنىش: تۈگۈن ياكى پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باغلىنىشلار، ئائىلە رىشتىلىرى، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى، خىزمەت مۇناسىۋەتلىرى، سودىگەرچىلىك ئالاقىلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان تۈردە بولۇشى مۇمكىن. ئۇلىنىشلار ھەم سانلىق (مەسىلەن: قانچە كىشى بىلەن ئالاقىسى بار) ھەم سۈپەتلىك (باغلىنىشلارنىڭ كۈچى ياكى خاراكتېرى) جەھەتتىن ئانالىز قىلىنالايدۇ.
تور زىچلىقى: توردىكى بارلىق مۇمكىن بولغان ئۇلىنىشلارنىڭ قانچىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. تور زىچلىقى، شەخسلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانچىلىك باغلانغانلىقىنى ۋە تورنىڭ زىچ ياكى بوش قۇرۇلمىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
مەركەزلىك: تور ئىچىدىكى شەخسلەر ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ قانچىلىك مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. مەركەزدە تۇرغان شەخسلەر، توردىكى ئۇچۇر ۋە بايلىق تارقىلىشىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتال ياكى سەرمايە قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
ئىجتىمائىي تورنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئەھمىيىتى ۋە قوللىنىش ساھەلىرى:
ئۇچۇر ۋە بايلىق ئورتاقلىشىشى: ئىجتىمائىي تورلار، ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنىڭ قانداق تەقسىملىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر كىشى، كۈچلۈك بىر ئىجتىمائىي تور ئىچىدە بولسا، پۇرسەتلەرگە ئېرىشىشى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: خىزمەت تېپىش جەريانلىرىدا، ئاجىز باغلىنىشلار ئارقىلىق يېڭى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئاشىدۇ.
ئىجتىمائىي كاپىتال: تورلار ئارقىلىق شەخسلەر، ئىجتىمائىي كاپىتال توپلايدۇ. بۇ كاپىتال، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بايلىقلار، ياردەم، ئۇچۇر ۋە كۈچ بولۇشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي كاپىتال، شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە پۇرسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە مۇناسىۋەت قېلىپلىرى: ئىجتىمائىي تورلار، شەخسلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىمدۇر. كىملەر كىم بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتىدۇ؟ كىملەر تورنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ؟ بۇنداق سوئاللار، ئىجتىمائىي تور ئانالىزى بىلەن جاۋاپلاندۇرۇلالايدۇ.
ئىجتىمائىي تەسىر: شەخسلەر، تورلار ئارقىلىق بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توردا مەركىزىي ئورۇندا تۇرغان شەخسلەر، باشقىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە پىكىرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي تورلار، ئىجتىمائىي نورمىلارنىڭ ۋە ھەرىكەت قېلىپلىرىنىڭ قانداق تارقالغانلىغىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەتلەر: ئىجتىمائىي تور ئانالىزى، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى ۋە يېيىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. كوللېكتىپ ھەرىكەتلەر، شەخسلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق باغلانغانلىقىغا باغلىق ھالدا تېخىمۇ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى مۇمكىن.
ئىجتىمائىي ئايرىلىش: تور ئانالىزلىرى، جەمئىيەتتىكى چەتلەشتۈرۈلگەن ياكى ئايرىلغان شەخسلەرنىمۇ ئېنىقلاشقا ياردەم قىلىدۇ. تور ئىچىدە يېتەرلىك ئىجتىمائىي باغلىنىشقا ئىگە بولمىغان شەخسلەر، ئىجتىمائىي چەتلىشىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن ۋە بۇ ئەھۋال، پسىخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئىجتىمائىي تورنىڭ زامانىۋى قوللىنىلىشى:
ئىجتىمائىي تاراتقۇ: ھازىرقى كۈندە ئىجتىمائىي تور چۈشەنچىسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھنىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ھالغا كەلدى. Facebook، Twitter، Linkedin قاتارلىق سەھنىلەر، شەخسلەرنىڭ تور مۇناسىۋەت تورلىرىنى كېڭەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ سەھنىلەر، شەخسلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنىڭ كۈچىيىشىنى ياكى يېڭى ئالاقىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
كەسىپ ۋە خىزمەت مۇناسىۋەتلىرى: سودا دۇنياسىدا تور، كەسىپ تەرەققىياتى جەھەتتىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار، خىزمەت پۇرسەتلىرىنى كۆپىنچە كەسىپداشلىق تورلىرى ئارقىلىق تاپىدۇ ۋە بۇ تورلار، كەسىپلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.[8]
[1] Harrison White
[2] White
[3] E. Bott
[4] Family and Social Network
[5] Getting a Job,
[6] Sosyoloji Sözlüğü, (s.4)
[7] Wasserman, Stanley; Faust, Katherine (1994). «Sosyal ve Davranış Bilimlerinde Sosyal Ağ Analizi». Sosyal Ağ Analizi: Yöntemler ve Uygulamalar . Cambridge University Press. s. 1–27.ISBN 9780521387071.
[8] Scott, John P. (2000).Sosyal Ağ Analizi: Bir El Kitabı(2. baskı). Thousand Oaks, CA: Sage Publications.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















