ۋەھىمە كۈلتۈرى

2022-يىلى 10-ماي

ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

قورقــۇش تەبىئىــي ۋە ئىنســانىي بىــر تۇيغــۇ بولـۇپ، ئىنسـان ھاياتىنـى داۋاملاشتۇرۇشـنىڭ بىـر شـەرتىدۇر. ئىنسـان ئۆزىگـە ناتونـۇش، بىلمەيدىغـان، ســەۋەبىنى چۈشــەنمەيدىغان، ئىزاھلىيالمايدىغــان ياكــى چۈشــىنەلمىگەن نەرســىلەردىن قورقىــدۇ. بۇرۇنقــى ئىنســانلارنىڭ گۈلدۈرمامــا، چاقمــاق چېقىــش قاتارلىــق تەبىئــەت ھادىســىلىرىدىن قورقۇشــىنىڭ ســەۋەبىنىڭ مۇشــۇ ئىكەنلىكــى ئىلگىــرى ســۈرۈلىدۇ. ۋاقىتنىــڭ ئۆتۈشــىگە ئەگىشــىپ تەبىئــەت ھادىســىلىرىنىڭ ســەۋەبىنى چۈشـەنگەن ئىنسـان، بۇ قورقۇشتىن قۇتۇلغانىدى. كۈندىلىــك ھاياتتــا قورقــۇش ياكــى ۋەھىمــە ھەممــە ئــادەم دۇچ كېلىدىغــان نورمــال تۇيغــۇدۇر. ھــەر ئىنســان بېشــىدىن ئۆتكۈزگــەن بــەزى قورقۇشــلار بــار بولــۇپ، ھــەر قانــداق بىــر خەتــەر، يــات جىســىم ياكــى تەھدىتتىــن قورقــۇش، ئۆلۈمدىــن قورقــۇش، دۈشــمەندىن قورقــۇش، كۈچلۈكلەردىــن قورقــۇش، ئىشــتىن ئايرىلىــپ قېلىشــتىن قورقــۇش، ئــۆزى تــەۋە بولغــان ئىجتىمائىــي گەۋدىدىــن ئايرىلىــپ قېلىشـتىن قورقۇش، مودىغا ماسلىشالماسلىقتىن قورقــۇش، مال-مۈلۈكتىــن ئايرىلىــپ قېلىشــتىن قورقــۇش، ھاكىمىيەتتىــن قورقــۇش ۋە ئۇتــۇق قازىنالماســلىقتىن قورقــۇش دېگەنــدەك. بۇلارنىــڭ بەزىلىـرى پىسـخولوگىيەلىك جەھەتتىـن قورقـۇش بولســا، بەزىلىــرى ئىجتىمائىيلىقتىــن يەنــى جەمئىيەتتىـن كەلگـەن قورقـۇش ھېسـابلىنىدۇ. بۇ قورقـۇش ياكـى ۋەھىمەلەرنىـڭ ئىنسـاننىڭ نورمـال ئىش-ھەرىكەتلىرىگـە پەرقلىـق شـەكىل ۋە دەرىجىدە تەســىرلىرى بولىدىغانلىقــى شەكســىزدۇر.

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*