ئۇيغۇر ئەمىر كۇركۇز

2020-يىلى 29-ئىيۇن

ئۇيغۇر ئەمىر كۇركۇز
ۋە ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىدارىي ۋە پاراۋانلىق ساھەلەردىكى رولى

ئاپتورى:
پىروفېسسور، دوكتور سۇئاد ھادى ھەسەن تائىي (باغداد ئۇنىۋېرسىتېتى-ئىبنى رۇشىد ئىنسانىيەت ئىلىملىرى پېداگوگىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، موڭغۇل ۋە شەرق ئىسلام دۇنياسى ئابباسىيلار دەۋرى تەتقىقاتچىسى)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتاۋۇللا سەئىد


كىرىش سۆز
دۇنيانىڭ جەننىتى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئاستى نېفىت، تەبىئىي گاز، قىممەتلىك مېتال، مەدەن، قاشتېشى قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنىڭ كانى بولغىنىدەك، ئۈستىمۇ كۆككە تاقاشقان ئېگىز تاغلار، ياپيېشىل، جانغا ئارام بەرگۈچى راھەتبەخش باغلار، جەننەت مېۋىلىرىدىن نىشانە تەملىك، سۈپەتلىك مېۋە- چېۋىلەر، ئابى كەۋسەر كەبى سۈپسۈزۈك، تاتلىق سۇلار، كۆز يەتكۈسىز سىرلىق چۆل- باياۋانلار، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، چىن ئىنسانلار، پىداكارانە ئالىملار، قەھرىمانلارنىڭ كانىدۇر. تارىخىمىزمۇ يەر ئاستى بايلىقلىرىمىز كەبى «گۆھەرلەر» كانىدۇر. بۇ كاننى قازغانسېرى «گۆھەرلەر» شۇنچە نامايان بولىدۇ. يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن قاشتېشى ئۈزۈلمەي تېپىلىپ تۇرغىنىدەك تارىخىمىزدىنمۇ گۆھەر كەبى كىشىلىرىمىز تېپىلىپ تۇرىدۇ. يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن قاشتېشى كولىغۇچىلار ئۈزۈلۈپ قالمىغىنىدەك تارىخىمىزدىن «گۆھەر» قازغۇچىلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. تارىخىمىزدىكى «گۆھەر»لەرنى قېزىپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشمۇ گۆھەر تەقدىم قىلغانغا ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. تارىخىمىزدىكى ئىقتىدارلىق، ياراملىق ئالىملار، قوماندانلار، سىياسىيونلار، ئەمەل-مەنسەپدارلار، سەنئەتكارلارنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى روھىنى ئۇرغۇتۇش، ياشلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىش، خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىنى كۈچلەندۈرۈش، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىللىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلىتىش قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى.
مەن «كۇركۇز» دېگەن ئىسىمنى تۇنجى قېتىم غەيرەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە» دېگەن كىتابىدا كۆرگەن ئىدىم. بۇ كىتابتا موڭغۇل ئىمپېرىيەسىدە ھوقۇق تۇتقان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ئارىسىدا كۇركۇزنىڭ ئىسمىلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، نەسەبى، يۇرتى، ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، جۇۋەينىنىڭ «تارىخى جاھانكۇشاي»، ھەمەزانىنىڭ «تارىخلار توپلىمى» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا كۇركۇزغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ مەلۇماتلارنى ئۇچراتتىم ۋە مەشھۇر تارىخى كىتابلارغا ئىسمى پۈتۈلگەن بۇ ئوغلانىمىز ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆردۈم. ئىزدەنگەن ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا كۇركۇز ھەققىدە بىر ئەسەر يېزىش خىيالىدا يۈرگىنىمدە، دوكتور سۇئادنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇچراپ قالدى. ئەسەرنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. دوكتور سۇئاد بۇ ئەسىرىدە كۇركۇزغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىدىرىپ تەكشۈرگەن بولۇپ، پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭ سانى ئەرەبچە، پارسچە بولۇپ ئاتمىش بەشكە، نەقىل ۋە ئىزاھاتلارنىڭ سانى ئۈچ يۈزگە يەتكەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۇ ئەسەرگە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەن ھەر قانچە ئىزدەنسەممۇ بۇنچىلىك قىلالمىغان بولاتتىم. مەن يازغان بولسام، كۆپ بولسا 10~15 مەنبەگە مۇراجىئەت قىلالىغان بولاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئايرىم ئەسەر يېزىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ، باشقىلار مەن ئويلىغاندىنمۇ ئاشۇرۇپ يېزىپ بوپتۇ دەپ ئويلاپ، مۇشۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپلا خەلقىمىزگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.
ئۇيغۇرلار تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىق قوللانغان ۋە نۇرغۇن يېزىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىلىم-مەرىپەتلىك، مەدەنىيەتلىك خەلق بولسىمۇ، يېزىقچىلىقنىڭ ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا تازا ئومۇملاشماسلىقى، مەنىۋى مىراسلىرىمىزنىڭ كۆپ قېتىم تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك بىزگە يىتىپ كەلگەن قەدىمىي كىتابلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولغان. بولۇپمۇ تارىخ، تەرجىمىھال ئىلىملىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكتىن نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلىرىمىز ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ئاز بىر قىسىملىرى يات مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئاز تولا ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تارىخىمز ۋە مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى (ھەممىسىنى ئەمەس ئەلۋەتتە) يات مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىدىن ئىزدەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىمىز ۋە بەزى مەشھۇرلىرىمىز خىتاي ۋە باشقا قوشنا مىللەتلەر مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن بولسا، خەلقىمىز ئىسلامغا كىرگەن ۋە ئەرەبلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئەرەبچە، پارسچە مەنبەلەردىنمۇ ئورۇن ئالغان. ئەرەبلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن «مۇئەللەقات» دەپ ئاتىلىدىغان كەبىنىڭ تېمىغا ئېسىلىدىغان شېئىرلاردىن باشقا يازما ئەدەبىيات بولمىغان بولسىمۇ، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنلا ئەرەب ۋە ئىسلامغا كىرگەن باشقا خەلقلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك ئىلىملەر تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە ھەدىس توپلاشنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ «علم الرجال» (رىۋايەتچىلەرنى تونۇش) ئىلمى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئارقىلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن خاتىرىلەنگەن ۋە ئۇلارغا قىسقىچە باھا بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەش باشلىنىپ تارىخ ئىلمىمۇ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي «علم التراجم» (تەرجىمىھال ئىلمى) بارلىققا كېلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ساھەدە يېزىلغان كىتابلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يەتكەن. ئىسلامنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ «فتوح البلدان» (شەھەرلەرنىڭ پەتىھ قىلىنىش تارىخى) ھەققىدىمۇ نۇرغۇن كىتابلار يېزىلغان. جۇغراپىيە ئىلمىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن جۇغراپىيەشۇناسلار ۋە سەيياھلار تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بولۇپمۇ 8-9-10-ئەسىرلەردە يېزىلغان تەرجىمىھال، تارىخ، شەھەرلەرنىڭ پەتىھ قىلىنىشى، جۇغراپىيە كىتابلىرىدا تۈركى مىللەتلەر ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ئەرەبچە تارىخى ماتېرىياللارنى خېلى چوڭقۇر قىدىرىپ تەكشۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى قېزىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ماتېرىياللار يەنىلا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
كۇركۇز گەرچە موڭغۇللار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ۋەتىنى قولىدىن كەتكەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان يەرلىك ئاھالىنى موڭغۇللارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قوغدىغان. ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا، گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. بۇلاڭ-تالاڭغا ئادەتلەنگەن، ياۋايى، رەھىمسىز موڭغۇل قوماندانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا، دۈشمەنلىكلىرىگە ئۇچرىسىمۇ ئۆز يولىدىن يانمىغان. ئاخىرى بۇ يولدا ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئادالەتسۆيەر، ھەقسۆيەر، مەدەنىيەتپەرۋەر ئېسىل خىسلىتىنى نامايان قىلغان.
ئەسەرنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇشىغا قارىماي، نەقىل ۋە ئىزاھاتلارنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشى ئەسەر تىلىنىڭ راۋانلىقىغا ئاز-تولا تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتاكى بەزى جۈملىلەر ئىككى مەنبەدىن نەقىل قىلىنىپ قوراشتۇرۇلغان
ئەھۋاللارمۇ بولغان. بۇ ئەھۋال تەرجىمىنىڭ سۈپىتگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. – تەرجىماندىن

داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*