دوكتور نەبىجان تۇرسۇنىنىڭ 1933يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەت خاتىرىسىگە چوڭ سوۋغاتى
تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 5-6- توملىرى « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي گۈللىنىش ھەرىكەتلىرى » 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئاتاپ نەشردىن چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن، سىز ئاپتورنىڭ 30 يىللىق جاپا-مۇشەققەتلىق ئىزدىنىش، ئەمگەك سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە يېزىپ روياپقا چىقىرىپ، مىللىتىمىزگە تەقدىم قىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ جەمئىي 8 تومى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولغان بولىسىز.
تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇن 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق، مىللىي گۈللىنىش ۋە ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنى مول تارىخىي مەنبەلەر، ھۆججەتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك، كۆپ تىللىق مەنبەلەر ۋە ماتېرىياللار ئارقىلىق تەپسىلىي، پاكىتلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
بۇ 2 توملىق ئەسەردە دۇنيادىكى مەزكۇر دەۋر، يەنى 1931-1938-يىلللىرىگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىي دەۋرىنى، بولۇپمۇ مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى تولۇق، تەپسىلىي، ئىلمىي مېتود بىلەن ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە، بۇ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 2 توم شەكلىدە يورۇتۇپ باقمىغانىدى.
5-توم ئىنقىلابنىڭ 1931-يىلى قۇمۇل تاغلىرىدىن باشلىنىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىلى -شەرقىي تۈركىستاندا قانات يېيپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقىچە بولغان جەريانلارغا ئاتالغان بولسا، 6-توم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىش تۈزۈلمىسى، دۆلەتچىلىك ۋە مىللىي ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىكى خەلقئارالىق ۋە ئىچكى سەۋەبلەر شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشىدىكى شېڭ شىسەينىڭ ۋەتەننى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە 1937-يىللاردىكى ئىككىنچى قېتىملىق قوراللىق ئىنقىلاب ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئالاقىلىشىڭ:
ئامېرىكا ئۇيغۇر نەشرىياتى
ۋاتساپ،
1-571-484-2410
ئېلخەت:
Orxuntekin@gmail.com
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















