تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇندىن ئۇيغۇر خەلقىگە يەنە بىر خوش خەۋەر

2021-يىلى 30-ئاۋغۇست

 

ئەلگە تونۇلغان مول – ھوسۇللۇق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىغا بېغىشلاپ يېزىپ پۈتتۈرگەن 30 يىللىق جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇلى –  13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 10-تومى نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.

«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 10-تومى، يەنى مەزكۇر « ئومۇمىي  تارىخ» نىڭ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 4-قىسمىدىن ئىبارەتتۇر.  « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 7-8- 9-توملىرى، يەنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 1-2-3- قىسىملىرى نەشردىن چىقىپ  تارقىتىلىۋاتقانىدى. دېمەك بۇ قېتىم مەزكۇر دەۋرنىڭ 4-قىسمى يورۇققا چىقتى.

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 4-قىسمى، يەنى « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 10-تومىدا  قوشۇمچە «تىركىشىش،  قايتا قوزغىلىش ۋە مەۋجۇتلۇق كۈرىشى» دېگەن ماۋزۇدا 1947-يىلى 1-ئايدىن تاكى 1948-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە  بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇرەككەپ ھەم ئۆتكۈر سىياسىي ھاياتى پاكىتلىق، ئىلمىي ۋە ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

10-توم   جەمئىي 9 باب، 110 ئەتراپىدىكى ئايرىم ماۋزۇلاردىن ۋە جەمئىي 660 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر تومدا  نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1947-1948-يىللىرى ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە تەرەققىياتى، خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان ئۆتكۈر سىياسىي  كۈرەشلىرى، ئۈرۈمچى- قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئەركىنلىك نامايىشلىرى، تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي تاكتىكىلىرى  شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي توقۇنۇشلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ سىياسىي ۋە قوراللىق كۈرەش يولى بىلەن تۇرپان، توقسۇن، پىچان قوزغىلىڭىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا پۈتۈن جەنۇبنىمۇ ئازاد قىلىشقا ئىنتىلىشى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تاشلاپ غۇلجىغا قايتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا قايتىدىن  ئۇرۇش ھالىتى، تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇلغان.

ئاپتور بۇ تارىخىي باسقۇچنى ئوخشاشلا  سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى، تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى، خىتاي تەيۋەن مەخپىي ئارخىپلىرى، ئامېرىكا ئارخىپلىرى ۋە باشقا كەڭ ماتېرىياللارغا تايىنىپ بايان قىلىدۇ، چىگىش  ۋە سىرلىق مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنىنى يېشىدۇ.

ئەسەرنىڭ يەنە بىرقاتار مۇھىم نۇقتىلىرى شۇكى، بۇنىڭدا 1947-يىلى 7-ئايدىكى  تۇرپان -توقسۇن- پىچان خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ 1947-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ، يەنى ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىش، ۋەيران قىلىش تاكتىكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقى، ئەكسىچە ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ خىتاينىڭ قولىدىكى يەتتە ۋىلايەتتىن يۇقىرى، پاراۋان خەلق تۇرمۇش ياراتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

بۇ تومدا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي شوۋىنىست مىللەتچى ھەربىي-سىياسىي دائىرىلىرىنىڭ  مىللىي جەھەتتىن «باشقا مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش»، «نامايىشقا نامايىش»، «تەشكىلاتقا تەشكىلات» ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىنىمۇ پارچىلاش چارىسى قوللىنىپ، ئوسمان باتۇر قاتارلىق  قازاقلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى، شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئىلى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغاپ، ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنى بېسىۋالماقچى بولغانلىقى، ئەمما بۇ سۇيىقەستنىمۇ تارمار قىلغانلىقى  مول پاكىتلار ئاساسىدا ئانالىز ۋە  بايان قىلىنىدۇ.

مەزكۇر تومدا يەنە 1947-1949-يىلى ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي سىياسىتىدىكى ھەم  ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىيات يۆنىلىشى، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەسئۇد سەبىرى باشچىلىقىدىكى ئۈچ ئەپەندى باش بولغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقتىن قالدۇرۇلۇشىغا بولغان تەسىرى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ.

ھازىرغىچە تارقىتىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 7-تومى (860 بەت)، 8- تومى (890 بەت) يەنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 1-2-قىسىملىرىدا 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى پارتلاپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاكى 1946-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق سىياسىي، ھەربىي، دۆلەتچىلىك  تارىخى، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە بىتىم  تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغىچە بولغان پۈتۈن بىر يېرىم يىللىق جەريان ناھايىتى تەپسىلىي، تولۇق ۋە ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. 9-تومدا (650 بەت) يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخىنىڭ 3-قىسمىدا 1946-يىلى 7-ئايدىن 1947-يىلى 1-ئايغىچە بولغان 6 ئايلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىدىكى ئىس-تۈتەكسىز كۈرەش، يەنى ئۆتكۈر سىياسىي كۈرەش تولىمۇ تەپسىلىي يورۇتۇلغانىدى.

گەرچە، دۇنيادا كۆپ دۆلەتلەردە ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىق قىلىنىپ ھەر خىل تىللاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەر، مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى كىتابلىرى  يېزىلىپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مۇنداق 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» تېخى يېزىلمىغانىدى، جۈملىدىن يەنە 1949-1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدىمۇ بىرقىسىم كىتابلار چىققان بولسىمۇ، ئەمما 1944-1951-يىللىرى ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخى جەريانلىرىنى مۇنداق 5 توم ھالىدا ھازىرغىچە تولۇق ۋە تەپسىلىي شەكىلدە تېخى ھېچكىم يېزىپ باقمىغانىدى.

«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» دىن ئىبارەت 13 توملۇق غايەت زور ئىلمىي ئاكادېمىيەلىك، كۆپ مەنبەلىك، تەپسىلىي ئۇيغۇر تارىخى ئەسىرى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخچىسى، يەنى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىلدى.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي كىملىكى، تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن  بۈگۈنكىدەك ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلتۈرۈلگەن شۇنىڭدەك خىتاي ئۇيغۇر مىللىي تارىخىنى يوقىتىپ، ئۇنى خىتاي تارىخى، خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق پەيتتە 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر پۇقراسى ئوقۇشى ۋە ساقلىشى  شۇنىڭدەك قوللىشى كېرەك بولغان قىممەتلىك ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ھەم باشقا تىللاردىمۇ چىقىرىلىشى كېرەك.

ئەمدى نۆۋەت بولسا «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 11-تومى، يەنى  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغا ئائىت قىسمى نەشردىن چىقىشنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ بۇ تومغا، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتى ۋە يوقىتىش» دەپ نام بېرىلگەن.  1934-1933 يىللىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قىسمىمۇ ۋە باشقا توملارمۇ  بىرمۇبىر تەھرىرلىنىش ئارقىلىق ئارقىمۇئارقىدىن نەشر قىلىنىش ئۈستىدە تۇرماقتا. كىتابنى يېزىشتىن باشقا نەشرگە تەييارلاش، باسما مەبلىغىنى ھەل قىلىش  ئىشلىرىمۇ نەبىجان تۇرسۇننىڭ  ئۆزى تەرىپىدىن تەنھا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەسسىلەپ جاپا-چېكىشى ۋە بارلىق خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرى، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنىمۇ سەرپ قىلىشىغا توغرا كەلمەكتە.

ئىنستىتۇتىمىز دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا سالامەتلىك ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيدۇ.

كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن orxuntekin@gmail.com  ئېلخەت ئادرېسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزى بولىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

 

 Тарихшунас доктор Нәбиҗан Турсундин  Уйғур хәлқигә  йәнә бир хош хәвәр

Әлгә тонулған  тарихшунас, тарих пәнлири доктори Нәбиҗан Турсунниң  Уйғур хәлқиниң көп әсирлик тарихиға беғишлап йезип пүттүргән 30 йиллиқ җапалиқ илмий әмгәклириниң мәсъули -  13 томлуқ « Уйғур Омумий Тарихи» ниң 10-томи нәшрдин чиқип тарқитилишқа башлиди.

« Уйғур Омумий Тарихи» ниң 10-томи, йәни мәзкур « омумий  тарих» ниң 1944-1949-йиллири арисидики «Шәрқий Түркистан Җумһурийити Омумий Тарихи» ниң 4-қисмидин ибарәттур.  « Уйғур Омумий Тарихи» ниң 7-8- 9-томлири, йәни «Шәрқий Түркистан Җумһурийити  Омумий Тарихи» ниң 1-2-3- қисимлири нәшрдин чиқип  тарқитиливатқаниди. Демәк бу қетим мәзкур дәврниң 4-қисми ёруққа чиқти.

«Шәрқий Түркистан Җумһурийити Омумий Тарихи» ниң 4-қисми, йәни « Уйғур Омумий Тарихи» ниң 10-томида  қошумчә « тиркишиш,  қайта қозғилиш вә мәвҗутлуқ күриши» дегән мавзуда 1947-йили 1-айдин таки 1948-йилиниң ахириғичә  болған арилиқтики Шәрқий Түркистан Җумһурийити вә пүтүн Шәрқий Түркистанниң мурәккәп һәм өткүр сиясий һаяти пакитлиқ, илмий вә әң тәпсилий баян қилинъған.

10-том   җәмъий 9 баб, 110 әтрапидики айрим мавзулардин вә җәмъий 660 бәттин тәркиб тапқан болуп, мәзкур томда  нуқтилиқ һалда Шәрқий Түркистан Җумһурийитиниң 1947-1948-йиллири арисидики сода-иқтисадий сиясити вә тәрәққияти, Хитай билән елип барған өткүр сиясий  күрәшлири, Урүмчи- Қәшқәр қатарлиқ җайларда елип берилған әркинлик намайишлири, түрлүк қаршилиқ һәрикәтлири, Хитайниң  Уйғурларниң ички қатлимини парчилаш үчүн елип барған сиясий тактикилири  шуниңдәк икки тәрәп арисидики һәрбий-сиясий, иқтисадий тоқунушлар һәмдә Шәрқий Түркистан инқилабчилириниң сиясий вә қораллиқ күрәш ёли билән Турпан, Тоқсун, Пичан қозғилиңини елип берип, ахирида пүтүн җәнубниму азад қилишқа интилиши, Әхмәтҗан Қасими қатарлиқларниң бирләшмә һөкүмәтни ташлап ғулҗиға қайтип, Шәрқий Түркистан Җумһурийити  билән Хитай арисида қайтидин  уруш һалити, тиркишиш вәзийити шәкилләнъгәнлики қатарлиқ көплигән мәсилиләр әтраплиқ ёрутулған.

Aптор бу тарихий басқучни охшашла  Совет  иттипақи мәхпий архиплири, Шәрқий Түркистан мәнбәлири, тарихий шаһитларниң әслимилири, Хитай, Тәйвән мәхпий архиплири, Aмерика архиплири вә башқа кәң материялларға тайинип баян қилиду, чигиш  вә сирлиқ мәсилиләрниң түгүнини йешиду.

 Әсәрниң йәнә бирқатар муһим нуқтилири шуки, буниңда 1947-йили 7-айдики  Турпан -Тоқсун- Пичан хәлқиниң қораллиқ қозғилиңи әң тәпсилий баян қилинъған шуниңдәк Әхмәтҗан Қасими қатарлиқ Шәрқий Түркистан рәһбәрлириниң 1947-йили 9-айдин башлап Шәрқий Түркистан Җумһурийитиниң, йәни азад үч вилайәтниң сода-иқтисадий, мәдәнийәт тәрәққиятини техиму күчәйтип, Хитай тәрәпниң елип барған иқтисадий җәһәттин қамал қилиш, вәйран қилиш тактикисини битчит қилғанлиқи, әксичә азад үч вилайәтниң Хитайниң қолидики йәттә вилайәттин юқири, параван хәлқ турмуш яратқанлиқи оттуриға қоюлиду.

Бу томда йәнә Шәрқий Түркистан инқилаби рәһбәрлириниң Хитай шовинист милләтчи һәрбий-сиясий даъирилириниң  миллий җәһәттин «  башқа милләтләрни Уйғурларға қарши қоюш», « намайишқа намайиш», « тәшкилатқа тәшкилат» арқилиқ тақабил туруш, Уйғурларниң ички қисминиму парчилаш чарилирини қоллинип, Осман батур қатарлиқ  Қазақларни Уйғурларға қарши, Шәрқий Түркистан, йәни Или һөкүмитигә қарши қозғап, ички уруш кәлтүрүп чиқириш арқилиқ ахирқи һесабта Шәрқий Түркистан Җумһурийити мәвҗут болған Илини өз ичигә алған азад үч вилайәтни бесивалмақчи болғанлиқи, әмма бу суйиқәстниму тармар қилғанлиқи  мол пакитлар асасида анализ вә  баян қилиниду.

Мәзкур томда йәнә 1947-1949-йили арисидики Шәрқий Түркистан инқилаби вә Шәрқий Түркистан хәлқиниң сиясий тәқдиригә мунасивәтлик хәлқъара мунасивәтләр арқа көрүнүшлири, соғуқ мунасивәтләр урушиниң Уйғурларға көрсәткән тәсири, Совет Иттипақиниң Шәрқий Түркистан ( Шинҗаң) вә Хитай сияситидики һәм  истратегийәсидики өзгириш, тәрәққият йөнилиши, шуниңдәк буларниң миллий азадлиқ инқилаби һәтта Хитай һөкүмранлиқидики Мәсъуд Сәбири башчилиқидики <<üch ependi>> баш болған өлкилик һөкүмәткә вә уларниң һоқуқтин қалдурулушиға болған тәсири арқа көрүнүшлири қатарлиқ мәсилиләрму әтраплиқ вә қайил қиларлиқ ечип берилиду.

Һазирғичә тарқитилған« Уйғур Омумий Тарихи» ниң 7-томи (860бәт), 8- томи (890бәт) йәни «Шәрқий Түркистан Җумһурийити Омумий Тарихи» ниң 1-2-қисимлирида 1944-йили Шәрқий Түркистан мустәқиллиқ инқилаби партлап Шәрқий Түркистан Җумһурийитиниң таки 1946-йили 7-айғичә болған арилиқтики барлиқ сиясий, һәрбий, дөләтчилик  тарихи, тинчлиқ сөһбити өткүзүлүп вә битим  түзүлүп, бирләшмә һөкүмәт қурулушиғичә болған пүтүн бир йерим йиллиқ җәрян әң тәпсилий, толуқ вә мукәммәл ёрутулған. 9-томда ( 650 бәт) йәни <<Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti Omumiy Tarixi>>ниң 3-қисмида 1946-йили 7-айдин 1947-йили 1-айғичә болған 6 айлиқ бирләшмә һөкүмәт дәвридики ис-түтәксиз күрәш, йәни өткүр сиясий күрәш толиму тәпсилий ёрутулғаниди

Гәрчә, дуняда көп дөләтләрдә икки әсирдин артуқ вақиттин буян Уйғур тарихи, Шәрқий Түркистан тарихи тәтқиқ қилинип һәр хил тилларда көплигән әсәрләр, мәхсус Уйғур тарихи китаблири  йезилип нәшр қилинъған болсиму, әмма һазирғичә мундақ 13 томлуқ « Уйғур Омумий Тарихи» техи йезилмиғаниди, җүмлидин йәнә 1949-1944-йиллиридики Шәрқий Түркистан тарихи һәққидиму бирқисим китаблар чиққан болсиму, әмма 1944-1951-йиллири арисидики Шәрқий Түркистан тарихи җәрянлирини мундақ 5 том һалида  әң толуқ вә тәпсилий шәкилдә техи һечким йезип бақмиғаниди.

«Уйғур Омумий Тарихи» дин ибарәт 13 томлуқ ғайәт зор илмий академийәлик, көп мәнбәлик, әң тәпсилий вә мукәммәл Уйғур тарихи әсири йәнила Уйғур хәлқиниң өзиниң тарихчиси, йәни доктор Нәбиҗан Турсун әпәндиниң қәлими арқилиқ ёруқлуққа чиқирилди.

Уйғур миллитиниң миллий кимлики, тарихи, мәдәнийити, дини етиқади, кишилик һоқуқи вә сиясий һоқуқлири Хитай һакимийити тәрипидин  бүгүнкидәк еғир кризисқа дуч кәлтүрүлгән шуниңдәк Хитай Уйғур миллий тарихини ёқитип, уни Хитай тарихи, Хитай миллитиниң бирқсими қилишқа урунуватқан бүгүнкидәк һалқилиқ пәйттә 13 томлуқ «Уйғур Омумий Тарихи» һәрбир Уйғур зиялийси, Уйғур пуқраси оқуши вә сақлиши  шуниңдәк қоллиши керәк болған қиммәтлик әсәрдур. Бу әсәр һәм башқа тиллардиму чиқирилиши керәк.

Әмди нөвәт болса « Уйғур Омумий Тарихи» ниң 11-томи, йәни  Әхмәтҗан Қасими қатарлиқларниң сирлиқ өлүмини арқа көрүнүш қилған Хитай компартийәсиниң Шәрқий Түркистанни ишғал қилишиға аъит қисми нәшрдин чиқишни күтүватқан болуп бу томға, «  Хитайниң Шәрқий Түркистан ишғалийити вә ёқитиш» дәп нам берилгән.  1933-1934-йиллиридики «Шәрқий Түркистан Ислам Җумһурийити» қисмиму  вә башқа томларму  бирмубир тәһрирлиниш арқилиқ арқиму-арқидин нәшр қилиниш үстидә турмақта. Китабни йезиштин башқа нәшргә тәйярлаш, басма мәблиғини һәл қилиш  ишлириму Нәбиҗан Турсунниң  өзи тәрипидин тәнһа елип бериливатқанлиқи үчүн униң һәссиләп җапа-чекиши вә барлиқ хизмәттин сиртқи вақитлири, дәм елиш вақитлириниму сәрп қилишиға тоғра кәлмәктә.

Институтимиз   доктор Нәбиҗан Турсунъға саламәтлик вә зор мувәппәқийәтләр тиләймиз

Уйғур Тәтқиқат Институти

Әнқәрә, Түркийә


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*