دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سىلاۋىيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ۋە كۆپ ئەسىرلىك ئومۇمىي تارىخىنىڭ دۇنيا يۈزىدىكى ھازىرغىچە يورۇق كۆرگەن ئەڭ تەپسىلىي سەمەرىسى — ئىستېداتلىق، مول ھوسۇللۇق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىرىلچە، يەنى سلاۋىيانچە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.
29-مارت كۈنى قازاقىستاندىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 7-تومى، يەنى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئائىت « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» قىسىملىرىنىڭ بىر تومى كىرىلچە-سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقىپ، قازاقىستا، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئەربابى ،1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىموف ۋە ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ۋەققاس مەمەدىنوف، كىتابنى نەشر قىلغان «مىر » نەشرىياتى باشلىقى ئەلشىر ئەپەندىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابلار ئىنتايىن تېزلىكتە تارقالماقتا. مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بولغان يۈكسەك قىزىقىش ۋە قەدىرلەش تۇيغۇلىرى سەۋەبلىك دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر كىتابىنى تۇشمۇتۇشتىن ئىزدەپ سوراپ سېتىۋالماقتا. شۇ نۇقتىدىن مەزكۇر كىتاب تېز ئارىدا قايتا بېسىلىشقا تەييارلىنىلماقتا.
نۆۋەتتە يەنە «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 8-تومى، يەنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2 –قىسمىمۇ نەشرگە بېرىلگەن. بۇ كىتابلارنىڭ داۋامى بىرمۇبىر نەشر قىلىنىشنى كۈتمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، كىتابنىڭ تۈرك ۋە رۇس تىلىدىكى تەرجىمىسىمۇ جىددىي ئىشلەنمەكتە. كىتاب رۇس تىلىدا چىقىرىلغاندا پۈتۈن رۇسىيە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى، جۈملىدىن رۇس تىلى بىلىدىغان دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەن ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايدىكەن.
بۇ قېتىم ئالمۇتادا چىقىرىلغان كىرىلچە نۇسخا قاتتىق مۇقاۋىلىق، سۈپەتلىك قەغەز بىلەن چوڭ فورماتتا بېسىلغان بولۇپ، 550 بەتتىن تەركىب تاپقان كىتابقا يەنە ئىنگلىز تىلىدا مۇندەرىجە، قىسقىچە مەزمۇن، باھا سۆزلىرى، ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. كىتابقا باھا سۆزى يازغۇچى پىروفېسسورلاردىن ئابلەت كامالوف، ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەركىن ئەكرەملەر 13 توملۇق بۇ ئەسەرنى، جۈملىدىن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» توملىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆھپە دەپ باھالىغان.
نۆۋەتتە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىىدە ھۆكۈمەت رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە 400 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە بىرقىسىم مۇتەخخەسىسلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىچە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قانچە مىليوندىن ئېشىشى مۇمكىن. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.
نەبىجان تۇرسۇنىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» 7-8-9-10-12-توملىرى، يەنى مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەرىپىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە باشقا توملارمۇ رەت بويىچە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
доктор нәбүҗан турсуннүң «еуйғур еомумүй тарүхү»нүң » шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү тарүхү» қүсүмлүрү еалмутада сүлавүян йезүқүда тарқүтүлүшқа башлүдү
еуйғур мүллүтүнүң қәдүмдүн һазүрғүчә болған нәччә мүң йүллүқ вә көп еәсүрлүк еомумүй тарүхүнүң дуня йүзүдүкү һазүрғүчә йоруқ көргән еәң тәпсүлүй сәмәрүсү — еүстедатлүқ, мол һосуллуқ еуйғур тарүхшунасү, тарүх пәнлүрү докторү нәбүҗан турсуннүң 13 томлуқ «еуйғур еомумүй тарүхү»нүң мәркүзүй еасүя җумһурүйәтлүрүдүкү еуйғурларнүң пайдүлүнүшү еүчүн күрүлчә, йәнү славүянчә нусхүлүрү нәшр қүлүнүшқа башлүдү.
29-март күнү қазақүстандүкү «мүр нәшрүят еөйү» тәрүпүдүн «еуйғур еомумүй тарүхү»нүң 7-томү, йәнү 1944-1949-йүллүрүдүкү шәрқүй түркүстан мүллүй еазадлүқ еүнқүлабүға еаеүт » шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү еомумүй тарүхү» қүсүмлүрүнүң бүр томү күрүлчә-сүлавүян йезүқүдүкү еуйғур түлүда нәшрдүн чүқүп, қазақүста, қүрғүзүстан, еөзбекүстан җумһурүйәтлүрүдә тарқүтүлүшқа башлүдү. бу күтабнү нәшр қүлүш еүшлүрүнү тәшкүллүгүчүләрдүн қазақүстан еуйғур җамаеүтү еәрбабү ,1944-йүлүдүкү шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү баш катүпү еабдурәеуп мәхсум еүбраһүмүнүң еоғлү еазтекүн еүбраһүмоф вә еатақлүқ җамаеәт еәрбабү вәққас мәмәдүноф, күтабнү нәшр қүлған «мүр » нәшрүятү башлүқү еәлшүр еәпәндүләрнүң еейтүшүчә, күтаблар еүнтайүн тезлүктә тарқалмақта. мәдәнүйәт сапасү юқүрү, мүллүй еаң вә мүллүй роһү күчлүк болған еоттура еасүя еуйғурлүрү еөз мүллүтүнүң тарүхү, җүмлүдүн 1944-1949-йүллүрүдүкү шәрқүй түркүстан җумһурүйүтүгә болған йүксәк қүзүқүш вә қәдүрләш туйғулүрү сәвәблүк доктор нәбүҗан турсуннүң мәзкур күтабүнү тушмутуштүн еүздәп сорап сетүвалмақта. шу нуқтүдүн мәзкур күтаб тез еарүда қайта бесүлүшқа тәйярлүнүлмақта.
нөвәттә йәнә «еуйғур еомумүй тарүхү»нүң 8-томү, йәнү «шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү еомумүй тарүхү» нүң 2 –қүсмүму нәшргә берүлгән. бу күтабларнүң давамү бүрмубүр нәшр қүлүнүшнү күтмәктә.
еүгүлүнүшүчә, күтабнүң түрк вә рус түлүдүкү тәрҗүмүсүму җүддүй еүшләнмәктә. күтаб рус түлүда чүқүрүлғанда пүтүн русүйә, мәркүзүй еасүя җумһурүйәтлүрүдүкү, җүмлүдүн рус түлү бүлүдүған дунядүкү техүму көп еоқурмән еуйғур еомумүй тарүхү вә шәрқүй түркүстан җумһурүйәтлүрү тарүхү һәққүдә еәтраплүқ мәлуматларға еүгә болалайдүкән.
бу қетүм еалмутада чүқүрүлған күрүлчә нусха қаттүқ муқавүлүқ, сүпәтлүк қәғәз бүлән чоң форматта бесүлған болуп, 550 бәттүн тәркүб тапқан күтабқа йәнә еүнглүз түлүда мундәрүҗә, қүсқүчә мәзмун, баһа сөзлүрү, еапторнүң тәрҗүмүһалү берүлгән. күтабқа баһа сөзү язғучү пүрофессорлардүн еабләт камалоф, еалүмҗан еүнайәт вә еәркүн еәкрәмләр 13 томлуқ бу еәсәрнү, җүмлүдүн «шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү тарүхү» томлүрүнү дуня еуйғур тарүхү тәтқүқатү, шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү тарүхү тәтқүқатүдүкү бошлуқнү толдурғучү мөҗүзә характерлүк төһпә дәп баһалүған.
нөвәттә, қазақүстан, қүрғүзүстан, еөзбекүстан, түркмәнүстан, таҗүкүстан вә русүйә федератсүйәсүүдә һөкүмәт рәсмүй санлүқ мәлуматлүрү бойүчә 400 мүңдүн еартуқ еуйғур яшайду. еәмма еуйғурлар вә бүрқүсүм мутәххәсүсләрнүң санлүқ мәлуматүчә, мәркүзүй еасүя җумһурүйәтлүрүдүкү еуйғурларнүң санү бүр қанчә мүлйондүн еешүшү мумкүн. пәрғанә вадүсүдүкү еуйғурларнүң мутләқ көп қүсмү еөзбекләргә сүңүшүп кәткән.
нәбүҗан турсунүң «еуйғур еомумүй тарүхү» 7-8-9-10-12-томлүрү, йәнү мәхсус «шәрқүй түркүстан җумһурүйүтү тарүхү» қүсүмлүрү еәнқәрәдүкү еуйғур тәтқүқатү еүнстүтутү тәрүпүн еуйғур кона йезүқүда нәшр қүлүнған болуп, нөвәттә башқа томларму рәт бойүчә нәшрдүн чүқүш еалдүда турмақта.



