مۇكەممەل ئارال | پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 8- باب

2021-يىلى 14-مارت

مۇكەممەل ئارال

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

«خۇدا» ھەققىدە ھەممىمىزنىڭ مەلۇم بىر چۈشەنچىمىز بار. بىز ئۇنىڭغا ئىشىنەيلى ياكى ئىشەنمەيلى، «خۇدا»نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىمىز. شۈبھىسىزكى، سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزىڭىزنىڭ خۇدا ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىسىز. بۇ ئويلىنىش خۇدانى ھەقىقەت، مەۋجۇت دېيىشكە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ئىش. دەسلىۋىدە پوپ، كېيىن ئېپىسكوپ بولغان ئىتالىيەلىك ئانسېلمۇس (1033-1109)، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا قوللىنىلغان «مەۋجۇتلۇق ئارگۇمېنت(دەلىل)ى»دە پەۋقۇلئاددە بىر يول تۇتقان بولۇپ، ئۇ لوگىكىلىق نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ خۇدا ھەققىدە (مەيلى بىز بار ياكى يوق دەپ قارايلى) بىر چۈشەنچىمىزنىڭ بارلىقىنىڭ ئۆزىلا خۇدانىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى ئ‍سپاتلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

ئانسېلمۇسنىڭ «پروسلوگيون» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئارگۇمېنت(دەلىل، زاكۇن) مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مۇنداق بىر تەلەپ بىلەن باشلانغان: «خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەۋجۇتلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق». بۇ « خۇدا – تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولغان ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇق» دېگەن گەپنىڭ باشقىچە بىر خىل دېيىلىشى ئ‍ىدى. «ئۇ كۈچ، ياخشىلىق ۋە ئ‍ىلىمدە ھەممىدىن ئۈستۈن.  ئۇنىڭدىن چوڭ مەۋجۇتلۇق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تەسەۋۋۇر قىلىنسا، خۇدا دەل ئاشۇ مەۋجۇتلۇق. خۇدا ھەممىدىن ئۈستۈن مەۋجۇتلۇقتۇر. خۇدانىڭ بۇ ئېنىقلىمىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ».  بوتىئۇسمۇ (7-باپقا قاراڭ) خۇداغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېنىقلىما بەرگەن. كاللىمىزدا خۇدا ھەققىدە بىر چۈشەنچە بارلىقى ئېنىق. بۇمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئانسېلمۇس مۇنداق دېگەن: «تەسەۋۋۇرىمىزدىلا باربولۇپ، ھەقىقى رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان خۇدا، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان خۇدا ئاندىن ھەممىدىن كاتتا مەۋجۇتلۇق بولىدۇ. مانا بۇ خۇدا ھەقىقى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئاتېئىستلارمۇ بۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما تەسەۋۋۇر قىلىنغان خۇدا مەۋجۇت خۇدادىن ئۇلۇغ بولالمايدۇ». شۇڭا ئانسېلمۇس مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «خۇدا چوقۇم مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. بۇ خۇدانىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ لوگىكىلىق نەتىجىسى». ئەگەر ئانسېلمۇسنىڭ خۇلاسىسى توغرا بولسا ، ئۇ ھالدا بىز پەقەت «خۇدا ھەققىدە بىر چۈشەنچىمىز بار» دېگەن ھەقىقەتتىن «خۇدا كەسكىن بار» دېگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز. بۇ بولسا دەسلەپكى ئارگۇمېنت(دەلىل)، يەنى خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن سىرتقى دۇنيا ھەققىدىكى ھېچقانداق  بىلىمگە تايانمىغان، شۇنداقلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان لوگىكىلىق دەلىلدۇر.

 

كىتابنىڭ 8-بابىنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*