تەتقىقات ماقالىسى ھەققىدە

2020-يىلى 20-ماي

تەتقىقات ماقالىسى دېگەن نېمە؟

ئاپتورنىڭ مەلۇم بىر تېمىنى تەتقىق قىلىشى زۆرۈر بولغان ھەر قانداق ماقالە تەتقىقات ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماقالە مەلۇم بىر قاراشنى ئاساس قىلىدىغان ۋە ئاپتورنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ياكى قارىشى بىلەن يېزىلغان يازمىلار بولسا، تەتقىقات ماقالىسى ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەرنى يەنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسى سىزدىن بىر تېما ھەققىدە پىكىر ھاسىل قىلىشنى ، بۇ تېمىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنى ۋە تېما ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئىگىلەشنى ، ئاندىن كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشىڭىز نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى ۋە تەشەببۇسىڭىزنى قۇۋەتلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ياكى ئوقۇشتا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن يازغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەتتە تەتقىقات ماقالىلىرىدىن ئۇزۇن بولۇپ ، تاماملاشقا بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئادەتتە ئاسپىرانتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ تەتقىقاتلار بىر مەسلىھەتچى ئاكادېمىكنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى ، بىرىنچىسى ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بەزى پاكىت ۋە ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، ئىككىنچىسى كونكرېت ئىلمىي سوئال ياكى بايان جۈملىسى بىلەن باشلىنىپ ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقات ۋە يېڭى بايقاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ بىر دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ئاپتورنىڭ مەلۇم ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلى تەتقىقات ۋە نەتىجىلەرنى تەپسلىي بايان قىلىشنى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ ، تەتقىقات ماقالىسىنى پەقەت كەڭ كۆلەمدىكى تەتقىقات ئارقىلىقمۇ تاماملىغىلى بولىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ يەنە بىر پەرقى شۇكى ، ئىلمىي مۇھىتتا ياكى كونتېكىستا تەتقىقات ماقالىسى ئادەتتە بىر تېما ياكى دەرسنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئايرىم تېما ھېسابلانمايدۇ. لېكىن دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئادەتتە ئايرىم قۇرۇلما دەپ قارىلىدۇ ، بىر ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى ياكى باشقا بىر ئاكادېمىكنىڭ نازارىتىنى، يېتەكچىلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە مۇستەقىل ھالدا باھالىنىدۇ.

تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ تۈرلىرى
نۇرغۇن ئوخشىمىغان تەتقىقات ماقالىلىرى بار. ھەر بىر تەتقىقات ماقالىسى پەرقلىق تەييارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا ، تەتقىقاتىڭىز ئۈچۈن قايسى خىل تەتقىقاتنىڭ لازىملىقىنى بىلىش كېرەك. تۆۋەندە بايان قىلىنغانلىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەتقىقات ماقالىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ:
1- تەھلىل ماقالىسى: سىز بۇ ماقالە تىپىدا سوئال سورايسىز ، ئاندىن باشقا تەتقىقاتچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى تەھلىل قىلىسىز. سىز باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرى ۋە يەكۈنلىرىگە مەركەزلىشىسىز ، ئاندىن بۇ تېمىدا شەخسىي يەكۈن چىقىرىسىز. بىتەرەپ تۇرۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ئىجابىي ياكى سەلبىي پىكىرلىرىڭىزنى ئىپادىلىمەسلىك ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ.
2- مۇنازىرە (قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ) ماقالەسى: مۇنازىرە ماقالىسىدە تالاش-تارتىشتىكى تېمىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئوقۇرمەننى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىغا يېقىنلاشتۇرۇش ياكى مايىل قىلىش تىرىشسىز. تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئوخشىمىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىش كېرەك ، ئەمما سىز بىر تەرەپنى قوللاپ ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۇ تەرەپكە قايىل قىلىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم. ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىڭىز بەك ھېسسىياتچان بولماسلىقى ، لوگىكىلىق پاكىت ۋە ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن قۇۋەتلىنىشى كېرەك.
3- ۋاقىپلاندۇرۇش ماقالىسى: بۇ ماقالە تۈرى ئاپتورنىڭ شەخسىي ھېسسىيات ياكى سۇبيېكتىپ چۈشەنچىسىنى ئارىلاشتۇرماي، ئوبيېكتىپ ۋەقە-ھادىسىلەرنى ياكى شەيئىلەرنى ۋەياكى ئەمەلىيەتنى شۇ پېتى بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئۇچۇر-مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت . ھەر خىل مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى بايان قىلىش كېرەك ، ئەمما ئالدىدا بۇ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى چوقۇم كۆزدىن كەچۈرۈش لازىم.
4- سېلىشتۇرما ماقالىسى: سېلىشتۇرما ماقالىسى ئاپتور ، ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر، ئاپتور ياكى ھېكايە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر تەھلىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ماقالىدە ئىككى تەرەپ يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن ھەممىسى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇلۇپ چىقىلىدۇ.
5- سەۋەب-نەتىجە ماقالىسى: سەۋەب-نەتىجە ماقالىسى ئادەتتە تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچرايدىغان تۇنجى تەتقىقات ماقالىسى. ئۇلار مەلۇم بىر ھەرىكەتنىڭ مۇمكىنچىلىكى ياكى مۆلچەرلەنگەن نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «نېمىشقا؟» ، «نېمە؟» دېگەندەك سەۋەب ۋە نەتىجىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. سودا ۋە مائارىپ ساھەسىدە سەۋەب -نەتىجە ماقالىلىرى مەلۇم ھەرىكەت ياكى ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل نەتىجىلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا ياردەم بېرىدۇ.
6- باھالاش ماقالىسى: باھالاش ماقالىسى سىزدىن مەلۇم بىر ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەلۇم بىر نەزەرىيەۋى ئەندىزىنى ئاساس قىلىپ يېزىشىڭىز ، قارىشىڭىزنى ۋە تەتقىقات يەكۈنىڭىزنى قۇۋەتلەپ ۋە دەللىلەپ بېرىدىغان پاكىتلارنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
7- تەجرىبە ماقالىسى: بۇ خىل تەتقىقات ماقالىسى مەلۇم بىر تەجرىبىنى تەپسىلىي ھالدا ئىزاھلاپ چىقىدۇ. ئۇ بىئولوگىيە ، خىمىيە ۋە فىزىكا قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. تەجرىبە مەلۇم ھەرىكەت ياكى ھادىسىنى كونكرېت ھەرىكەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەجرىبىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىزاھلىشىڭىز، ئاندىن تەجرىبىڭىزنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشىڭىز كېرەك.
8- ئانكېت ماقالىسى: بۇ تەتقىقات ماقالىسى قاتناشقۇچىلاردىن سوئال سوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانكېت ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئانكېتنى ئېلىپ بارغۇچى تەكشۈرۈشتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ ، ئۇلارنى تەتقىقات ماقالىسىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئانالىز قىلىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟

تەتقىقات ماقالىلىرى قىسقا ياكى ئەتراپلىق بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما قايسى خىل تىپتا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوخشاش لايىھەنى ئىشلىتىدۇ ھەمدە قۇرۇلمىسى ئوخشاش. بەزى ئاساسىي پەرقلەر بولىدۇ ، ئەمما سىز بىر خىل تەتقىقات ماقالىسىنى يازسىڭىز ، باشقا بىر تۈرنىمۇ يازالايسىز دېگەن گەپ. تەتقىقات ماقالىسىنى باشلاش (ۋە تاماملاش) ئۈچۈن باسماقچى بولغان باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە:
1- تېما تاللاڭ: سىزنى قىزىقتۇرىدىغان تېمىنى تاللاڭ.مەلۇم بىر تېما ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ياكى چۈشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولىشىڭىز ۋەياكى ئۇ تېمىغا قىزىقىشىڭىز، تەتقىقات ماقالىسى يېزىشتىن ھۇزۇر قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئىجابىي تۇيغۇ تېما ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ۋە يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
2- تاللىغان تېما ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىڭ: ئىلمىي ئىزدەش ماتورلىرى تېمىغا ئالاقىدار ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تېپىشتىكى ياخشى مەنبە. سىز تەۋە بولغان مۇئەسسەسەنىڭ كۇتۇپخانىسىدا نۇرغۇنلىغان تور تەتقىقات سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى زىيارەت قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تېمىڭىز ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر تېپىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ، داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن باشقا بىر تېمىنى تاللاش ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.
3- قارىشىڭىزنى بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلەڭ: قاراش جۈملىسى ھەر قانداق ئىلمىي يېزىقچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى. قاراش جۈملىسىگە ماقالىڭىزنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ياكى ئاساسلىق ئىدىيەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ناھايىتى قىسقا چۈشەندۈرۈش دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.
4- بىر تەتقىقات ئەندىزىسى تەييارلاپ چىقىڭ: كېيىنكى باسقۇچتا تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئەندىزىسىنى تەييارلاپ چىقىش كېرەك. تەتقىقات ئەندىزىسى ماقالىنىڭ ئىسكىلىتىدۇر. بايان قىلماقچى بولغان ئاساسلىق پىكىرلەرنى يېزىشتىن باشلاڭ. تەتقىقاتىڭىز ئىلگىرلىگەنسېرى بەلكىم تەتقىقات ئەندىزىسىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بۇ سەۋەبتىن دەسلەپكى باسقۇچىلاردا كونكرېت بولۇپ كەتمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
5- قالدۇرغان خاتىرىلىرىڭىزنى رەتلەڭ: تېمىغا مۇناسىۋەتلىك توپلانغان بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى تەتقىقات ئەندىزىسىگە ئاساسەن رەتلەپ چىقىش سىزنىڭ يېزىش جەريانىڭىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا سىزگە ياردەم بېرىدۇ. خاتىرىلىرىڭىزنى تەكشۈرۈڭ ، ئۇلارنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈڭ ، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ ۋە توپلىغان بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.
6- مۇقەددىمە قىسمىنى يېزىڭ: ماقالىنى مۇقەددىمە قىسمىنى يېزىشتىن باشلاڭ. ئۇ ماقالىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەتقىقاتىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سىزگە كۆپ ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددىمە قىسمىنى ئەڭ ئاخىرىغا قالدۇرۇپ قويۇش ياخشى يېزىلغان ماقالە بولسىمۇ ، ماقالىنىڭ سۈپىتىگە يەنىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
7- ماقالە گەۋدىسىنىڭ بىرىنچى لايىھىسىنى يېزىڭ: ماقالىڭىزنىڭ گەۋدىسىدە تېما مۇلاھىزە قىلىنىدۇ ، چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە ئىزاھلىنىدۇ. ماقالە ئەندىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى تېما بىلەن باشلاڭ. ياخشىسى ، خاتىرىلىرىڭىزنى ماقالىڭىزنىڭ ئەندىزىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا رەتلەپ چىقىش ۋە بارلىق خاتىرىلىرىڭىزنى تەييار قىلىش سىزگە زور قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
8- تۈزىتىش: تۇنجى لايىھىڭىزدىن كېيىن ، بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ ماقالىڭىزدىكى مەزمۇن خاتالىقىنى تەكشۈرۈڭ. ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىڭىزنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈڭ، زۆرۈر تېپىلسا تۈزىتىش كىرگۈزۈڭ ۋە ئابزاس تەرتىپىنىڭ لوگىكىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈڭ. بۇ ۋاقىتتا ، تەتقىقات ماقالىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىش ۋە تېكىست فورماتىنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى تەبىق قىلغانلىقىڭىزدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇپ كېتىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
9- خۇلاسە قىسمىنى يېزىڭ: خۇلاسە قىسمىنى يېزىڭ ھەمدە خۇلاسە قىسمىدا ماقالىگە كىرگۈزۈلمىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ. خۇلاسە قىسمى ماقالىڭىزنىڭ توغرا تاماملانغانلىقىنى ۋە تەتقىقات سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
10- قايتا-قايتا تۈزىتىش: تەتقىقات ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرقى لايىھىسىنى يېزىپ بولۇپ ، بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىڭ ۋە ئاخىرقى تۈزىتىشنى قىلىڭ. ئارام ئېلىش سىزگە باشقىچە كۆز قاراش ئاتا قىلىدۇ ۋە تونۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىدۇ.
تەتقىقات ماقالىسىنىڭ لايىھىسىنى باشلاش قوللانمىسى
تەتقىقات ئەندىزىسى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئىسكىلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدى بىلەن قاراش جۈملىسى ۋە سىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئاساسلىق ئىدىيەنى يېزىشتىن باشلاڭ. ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىپ ، پىلان تەتقىقاتىڭىز ئۆزگىرىشى مۇمكىن ، دەسلەپكى باسقۇچتا بەك كونكرېت بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئەڭ مۇھىم قىسمى ئاخىرلاشتى ، ھازىر بىز ئۇنى كېڭەيتىپ تەھرىرلەيمىز، خالاس.
تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئەندىزىسىنى باسقۇچىلارغا ئايرىپ چىقىڭ
تەتقىقات ماقالىسى ئادەتتە ئىككىدىن تۆت قىسىمغىچە بولىدۇ. ئالدىنقى ئىككى قىسىم ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. كېيىنكى ھەر بىر بۆلەك سىز تاماملىغان تەتقىقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
باسقۇچلار ئومۇمەن رىم رەقەملىرى ، ئەرەب رەقەملىرى ، چوڭ ھەرپلەر ، كىچىك ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ، ئەمما باشقا بەلگىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنۋېرسال فورماتلاش ئۆلچىمى بولمىغاچقا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ، ساھەلەر ۋە تېمىلار ئارىسىدا پەرق بولغانلىقتىن، ئورگىنىڭىز بەلگىلىگەن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىڭ. لايىھەنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن تۈزۈپ چىقسىڭىز ، ئۆزىڭىز تاللىغان ئۇسلۇب بويىچە ھەرىكەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچى
بۇ باسقۇچ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددىمىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ھەر بىر قاراش ۋە نەتىجىنى رەقەملەشتۈرۈش بىلەن باشلاڭ. ئاساسلىق ئىدىيە تەتقىقات ماقالىڭىزنىڭ كۆپ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتىڭىزغا ئاساسەن بۇ، مەنبە ئىزدەش ئۈچۈن بىر كىتابنىڭ مەلۇم بىر قىسمى، تارىخى تەتقىقات ماقالىسى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ۋاقىت ياكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرى بولۇشى مۇمكىن:
1. مۇقەددىمە
2. ئاساسلىق ئىدىيە
3. يەكۈن
پىلاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى
ئىككىنچى باسقۇچ مۇقەددىمە ، ئاساسلىق ئىدىيە ۋە نەتىجىنى قۇۋەتلەيدىغان ماۋزۇلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر بىر ئاساسلىق ئىدىيە پىلاندىكى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى مۇھىم ماۋزۇغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئاساسلىق ئىدىيىڭىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە يورىتىپ بېرەلمىسىڭىز ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاساسلىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك. دەسلەپكى لايىھىڭىزنى تاماملىغان بولسىڭىز ، بۇ يەردە توختاڭ. كېيىنكى باسقۇچىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن تەتقىقاتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
1. مۇقەددىمە
ئا. ئارقا كۆرىنىش ئۇچۇرلىرى
ب. قىياس ياكى قاراش
2.ئاساسلىق ئىدىيە
ئا. تىرەك تېما
ب. تىرەك تېما
3. يەكۈن
پىلاننىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى
بۇ باسقۇچ ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەرگىچە ئىدىيىڭىزنى يورىتىپ بېرىدىغان يېتەرلىك تەتقىقاتلارنى ئاللىبۇرۇن تاماملاپ بولۇشىڭىز كېرەك.

مۇقەددىمە ۋە ئاساسلىق ئىدىيە ماتېرىيال مەنبەسى ئىزدەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورىنى، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ياكى لازىملىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ؛ تارىخى تەتقىقات ماقالىسىگە نىسبەتەن ، تەتقىقات تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋەقەلەرنى ياكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ ئىزاھلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
1.مۇقەددىمە
ئا. ئارقا كۆرىنىشتىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار
• مۇناسىۋەتلىك چېسلا
• مۇناسىۋەتلىك چېسلا
ب. قىياس ياكى قاراش
2.ئاساسلىق ئىدىيە
ئا. تىرەك تېما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
ب. تىرەك تېما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى
3.يەكۈن
پىلاننىڭ تۆتىنچى باسقۇچى
تۆتىنچى باسقۇچتا ئاساسلىق ئىدىيەنى قوللاش ئۈچۈن لازىملىق نەقىللەر، مەنبەلەر، كۆزىتىشلەر ياكى كونكرېت ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئوخشاش تەپسىلىي ئۇچۇر –مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئەڭ كونكرېت ئۇچۇر-مەلۇماتلار بولغاچقا ، تېخىمۇ تەپسىلىي بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەك يوق.

1. مۇقەددىمە
ئا. ئارقا كۆرىنىشتىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار
مۇناسىۋەتلىك چېسلا: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما
مۇناسىۋەتلىك چېسلا: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما
قىياس ياكى دىسسېرتاتسىيە
2. ئاساسلىق ئىدىيە
ئا. تىرەك تېما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما
• تىرەك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى: باشقا مەنبەدىن نەقىل / پايدىلانما

3. يەكۈن
تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئەندىزىسىنى يېزىشتىكى ئۇسۇللار
باش ئاخىرىنىڭ بىردەكلىكىگە دىققەت قىلىڭ: ھەر بىر ماۋزۇنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. تېمىنى بەلگىلەڭ ياكى ھەر بىر ماۋزۇغا قىسقا جۈملە يېزىڭ ، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنى بىرلىكتە يېزىشتىن ساقلىنىڭ.
ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى رەتلەپ چىقىڭ: تېخىمۇ يۇقىرى تەشكىلىي باسقۇچلار تېخىمۇ كۆپ ئومۇمىي ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە بۇلار ھەر بىر قوللاش باسقۇچىدا تېخىمۇ كونكرېتلىشىدۇ. مۇقەددىمە ۋە خۇلاسە ھەرگىزمۇ بىرىنچى باسقۇچىدىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك.
تىرەك بەرپا قىلىڭ: ھەر بىر ئاساسلىق ئىدىيە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىرەك تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر تەتقىقاتىڭىزدا سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق ئىدىيىنى قوللايدىغان يېتەرلىك ئۇچۇر-مەلۇمات بولمىسا ، سىز ئادەتتە قوشۇمچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىڭىز ياكى تەتقىقات تېزىسىنى قايتا ئويلىشىشىڭىز لازىم.
تەتقىقات ماقالەم تەييار ، مەن ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەك؟
كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلانمىلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئىزاھات ياكى ئاخىرقى خاتىرىلەرنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. سىز تەۋە بولغان مۇئەسسەسەنىڭ كۆرسەتمىلىرى سىزگە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پايدىلانمىلار تەتقىقات ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆز بېتىدىن باشلىنىشى كېرەك.
ماقالىڭىزگە ماۋزۇ قويۇڭ. بۇ تەكرارلىنىدىغان جەريان بولۇشى مۇمكىن ، تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلغانسېرى ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
تەتقىقات ماقالىڭىزنىڭ لايىھىسىنى يېزىشنى باشلاڭ. تەتقىقات ئەندىزىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قىياس ياكى تېزىسنى يورىتىپ بېرىش مەقسىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
لايىھە تاماملانغاندىن كېيىن ، ئۇنى مۇۋاپىق ھالەتتە رەتلەپ چىقىڭ. «MLA 8 » ۋە «APA 6 » فورماتلىرى، بىبلىئوگرافىيە بەتلىرى ، تېكىستتىكى نەقىللەر، قۇر ئارىلىقلىرى ۋە ئۇنۋانغا ئوخشاش بەزى خۇسۇسلار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.
ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى يېزىڭ. APA تېما بېتى ۋە خۇلاسە تەلەپ قىلىدۇ. خۇلاسەدە ماقالىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار، تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى ۋە خۇلاسە قىسمى قىسقىچە بايان قىلىنىشى كېرەك.
مەنبە: docplayer
رەسىم مەنبە: medium.com
تەرجىمان: بايتاش

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*