شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلار ئۇلارنىڭ تۈرمە سۈپىتىدە ياسالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

2020-يىلى 17-مارت

شەرقىي تۈركىستاندىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ياللانغان ئىشچىلار، ج ك پ نىڭ «كەسپىي مەكتەپ» دەپ ئاتىۋالغان تۈرمىلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى

چاڭ شىن

2018 – يىلى 11- ئايدا «زېمىستان تورى» «شىنجاڭ»دىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش تەربىيە لاگېرىنىڭ ئىچى قىسمىدىن ئېلىنغان مەخسۇس سىن ۋە سۈرەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بۇ يەرلەرنىڭ ج ك پ تەرىپىدىن «كەسپىي مەكتەپلەر» دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە بىگۇناھ كىشىلەر قامالغان تۈرمىلەر ئىكەنلىكىنى ئەھلى جاھانغا كۆرسەتكەن ئىدى. بىز قورقۇنچلۇق لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ يالغانچىلىقىنى توختىماي ئاشكارىلىدۇق. زېمىستان تورى يېقىندا لاگېر قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئۈچ ئەر بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ياللانغان ئىشچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھەقىقىي ئىسىملىرىنى ئىشلەتمەيمىز.
تولۇق كامېرا ئاستىدىكى ئۆتكىلى بولمايدىغان قورغان
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئەرلەرنىڭ بىرى ياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «لاگېرنىڭ ئېگىزلىكى تۆت مېتىر كېلىدىغان تاملار بىلەن قورشالغان، ئۈستىگە تۆمۈر تاياقچە ۋە ئىككى قەۋەت توكلۇق سىم ئورنىتىلغان بولۇپ، مۇشۇلارنىڭ ئېگىزلىكىلا ئۈچ، تۆت مېتىر كېلىدۇ». «ھەر بىر بۇلۇڭدا تۆت قاراۋۇلخانا بار. دېرىزىلەر تۆمۈر رىشاتكىلىق بولۇپ، مېتال تاياقچە ۋە قاراۋۇل ئورنىتىلغان. بۇ يەردە يەنە دېرىزىسىز ئۆيلەر بار، ھەر بىرى ئۈچ – تۆت كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.»
ياڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئۆيگە ئىككى كۆزىتىش كامېراسى ۋە سىگنال بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. 360 گرادۇسلۇق كۆزىتىش كامېراسى ھەر بىر ئىشىكنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ ئېغىزدىن چىققان ھەر بىر سۆزنى خاتىرىلەيدۇ. خىزمەتچىلەر ھەر قەۋەتتىكى بىخەتەرلىك ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەھبۇسلارنىڭ قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. مەھبۇسلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قاچالمايدۇ. ھەتتا مۇنچىدىمۇ كامېرا بار. مەھبۇسلار ئۆزىنىڭ ھېچنىمىسىنى قوغدىيالمايدۇ. ئىلگىرى مۇنچا ئۈچۈن مېتال تاياق ئورنىتىلغان ئىدى، ئەمما مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنىڭ ياكى قاراۋۇللار بىلەن ئۇرۇشۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىۋېتىلدى.
ياڭ ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ»دىكى پەقەت بىر ناھىيەدە 42 مىليون خەلق پۇلى (تەخمىنەن 6 مىليون دوللار) كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا سەرپ قىلىنغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: « گەرچە لاگېرلار تۈرمە ئەندىزىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. قۇرۇلۇش باشلانغاندا، بىزگە يانفون ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلدى. كېيىن ئۇلار چەكلەندى، بىر خىزمەتچى يانفونلارنى خىزمەتتىن بۇرۇن يىغىۋالىدۇ» دېدى ياڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
ھۆكۈمەت لاگېر قۇرۇلۇشىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشقا بۇيرۇدى. ياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بەزى لاگېرلار پەقەت تۆت ئاي ئىچىدە پۈتتى. «بەزى ئەھۋاللاردا، قۇرۇلۇش تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا قولغا ئېلىنغانلار ئېلىپ كېلىندى.»
مەجبۇرىي ئەمگەك ئىچىدىكى زاۋۇتلار
شىمالى «شىنجاڭ»نىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇرىدىغان بىر ئادەم زېمىستان تورىغا بىر يىل بۇرۇن، قۇرۇلۇشى داۋام قىلىۋاتقان لاگېرنىڭ ئۆزى تارتقان سۈرەتلىرىنى ئەۋەتكەن. بۇ كىشى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، لاگېر قۇرۇلۇشى تاماملىنىشتىن ئىلگىرى بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەرنى تارتقان.
بۇ ئەر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر زاۋۇتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 مېتىر، كەڭلىكى 20 ياكى 30 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭدا 15 سېخ بار، ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ». ئۇ يەنە سېخلارنىڭ ئۈستىدە بىر كۆۋرۈك ياسالغان بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك قاراۋۇللارنىڭ مەھبۇسلارنىڭ خىزمەت جەريانىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن. بەزى لاگېرلاردا بىر قانچە زاۋۇت بار.

رەسىمدىكىسى شىمالى «شىنجاڭ»نىڭ مەلۇم يېرىگە قۇرۇلغان لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇت سېخى ۋە كۆۋرۈك.


مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زاۋۇتلار كۆپىنچە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇرۇلدى. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئىشچى زېمىستان تورىغا: «بۇ چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققانلىق» دېدى. «كومپارتىيە كىشىلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش بىلەن، ئاسىيلىق قىلغان دەپ قارالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنى زاۋۇتلاردا ھەقسىز ئەمگەككە سېلىپ زور مىقداردا كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ. بۇ كومپارتىيە ئوبدانلا بىر پايدا.
سىزنىڭچە لاگېر تۈرلىرىنى كىم شۇنچە كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى؟». زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى ئىشچى سۆزگە ئارىلىشىپ مۇنداق دېدى. «سىزنىڭچە، ھۆكۈمەتكە قاراۋۇل ۋە خادىملارغا پۇل بېرىدىغان كىم بېرىدۇ؟ ھېچقانداق نەرسە ھەقسىز كەلمەيدۇ. ج ك پ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سودىنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۇلار ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرغان مەھبۇسلارنى ئەلۋەتتە بىكار قويمايدۇدە.».
ياڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى« ئۆزگەرتمەكچى »، «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە زورلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىسىدىن مەجبۇرى ئايرىماقچى. ھۆكۈمەت بەك ناچار. ج ك پ نىڭ «ئۆزگەرتىش ئۆلچىمى» گە توشمىغان ۋە باھالاشتا مەغلۇپ بولغان بۇ مەھبۇسلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى خالىغانچە ئۇزارتىلىدۇ، ئاندىن كومپارتىيە ئۇلارنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرالايدۇ. بۇ يەردە تۇرۇش تۈرمىدە ياتقاندىن نەچچە ھەسسە ئازابلىق ۋە مۇشەققەتلىك. چۈنكى تۈرمىدە ھېچ بولمىسا مەلۇم بىر مۇددەت بار. ئەمما بۇ يەردە ئۇنداق ئەمەس ».

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*