پەلسەپەنىڭ تەسەللىسى (پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى: 7-باب)

2021-يىلى 6-فېۋرال

7- باب

پەلسەپەنىڭ تەسەللىسى

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

ئەگەر سىز تۈرمىدە ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاۋاتقان مەھبۇس بولسىڭىز، ئاخىرقى كۈنلىرىڭىزنى پەلسەپە كىتابى يېزىپ ئۆتكۈزەمسىز؟ بوتىئۇس شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ  مەھبۇسلۇقىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان بۇ كىتابى ئۇ يازغان ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتاب بولۇپ چىقتى.

 

ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئانسىيۇس مانلىئۇس سېۋېرىنۇس بوتىئۇس بولۇپ، (مىلادى 475 ~ 525 ياشىغان) ئەڭ ئاخىرقى رىم پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى. ئۇ رىم باربار قەبىلىلەر (ھونلار، فرانكلار، ۋانداللار، ساكسون ۋە گوتىلار)  تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشتىن يىگىرمە يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان. ئەمما رىم ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا ئاللىبۇرۇن ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پەلسەپەنى رىملىق سەپداشلىرى سىسېرو ۋە سېنېكاغا ئوخشاش بىر خىل ئۆزىگە ياردەم بېرىش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئابستراكت تەپەككۇر سىستېمىسى دەپ قارىغان. ئۇ يەنە قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ئەسىرىنى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى مەڭگۈ يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان. بىر خىرىستىئان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ يازغانلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان تەقۋادار دىنىي پەيلاسوپلارنى جەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پەلسەپەسى گرېتسىيە ۋە رىم مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن،  كېيىن غەربتە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان خىرىستىئان پەلسەپەسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

 

بوتىئۇسنىڭ ھاياتى ئەگرى – توقاي ئۆتكەن. ئەينى ۋاقىتتا رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان گوتى پادىشاھى تېئودورىك ئۇنىڭغا ئالىي باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى بەرگەن. پادىشاھ بوتىئۇسنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ – گەرچە ئۇلار ئۆز لايىق بولمىسىمۇ – ئالاھىدە شەرەپلەندۈرۈپ كونسۇللۇققا تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ باي، ئېسىلزادە ئائىلىدىن بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئ‍ىدى. ئۇ  ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتى بىلەن بىللە پەلسەپە تەتقىقاتىغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتالىغان بولۇپ، مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئىدى. ئۇ ناھايىتى كەڭرىچىلىكتە ياشىغان. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ تەلىيى تەتۈر كەلگەن. بوتىئۇس تېئودورىكقا سۇيىقەست قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئۇ رىمدىن راۋېنناغا ئەۋەتىلگەن ۋە ئۇ يەردە تۈرمىگە تاشلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، ئاندىن كېيىن قاتتىق دەررە جازاسىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيىبلىگۈچىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن.

 

كىتابنىڭ 7-بابىنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*