كوپراتىزم قارىشى | سىياسەت 4- بابنىڭ داۋامى

2021-يىلى 11-ئاپرېل

كوپىراتىزم قارىشى

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

كوپىراتىزمنىڭ مەنبەسى فاشىست ئىتالىيەدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت قولى ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئاتالمىش «بىرلىككە كەلگەن دۆلەت» بەرپا قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن كەلگەن. كوپىراتىست نەزەرىيەچىلەر دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ پاراللېل تەرەققىيياتىغىمۇ دىققەت تارتقان. «يېڭى كوپىراتىزم[1] (ياكى لىبېرال كوپىراتىزم)» دەپ ئاتالغان بۇ قاراش دۆلەت ئەمەلدارلىرى، خوجايىنلار ۋە ئۇيۇشمىلارنى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان تەشكىللەشلەر ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈزگۈزىلىدىغان «ئۈچ قاتلاملىق ھۆكۈمەت» خىيالىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ خىل ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ھۆكۈمەتتە بىرلەشتۈرۈش خاھىشى ئىقتىسادىي باشقۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنىڭ توغرا يۈزلىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن (1945-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ سىستېما كەڭ ئومۇملاشقان، شىۋېتسىيە، نورۋىگىيە، دانىيە ۋە ئاۋستىرىيەدە نام چىقارغان ئىدى). ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي ھاياتنى باشقۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تىرىشقانسېرى، مەلۇم ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئارىسىدا قوللاش ۋە ھەمكارلىق ساقلاش ئۈچۈن بەزى تۈزىتىشلەرگە ئېھتىياج پەيدا بولغان. ئىقتىسادىي سىياسەتنى دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەركىن بازارغا قاراپ يۈزلەندۈرگەن دۆلەتلەردە (ئەنگلىيە 1979-يىلىدىن باشلاپ شۇنداق قىلغان) كوپىراتىزم تەسىرىنى يوقىتىشقا باشلىغان.

دېموكراتىك جەرياندىن قارىغاندا كوپىراتىزمنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئىنگلىز ئۇيۇشما سوتسىيالىستلىرىغا ئوخشاش كوپىراتىزمنى ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش ئىمكانىيىتى سۇنىدۇ دەپ قارايدىغانلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كوپىراتىپ سىستېمىسىدە شەخسلەرنىڭ قاراشلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە رىقابەتچىل سايلام سىستېمىسىدىكىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

«بىرلىككە كەلگەن پىلۇرالىزم» جەمئىيەتتىكى مەلۇم گۇرۇپپا ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلىشىشتىكى بىر مېخانىزم بولغان «ترىپارتىزم (ئۈچ قاتلاملىق باشقۇرۇش مايىللىقى)»نى ئىپادىلەيدۇ.

[1] يېڭى كوپىراتىزم –  تەشكىللىك مەنپەئەتلەرگە ئىمتىياز بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەت تۈزۈش جەريانىغا قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، غەرب پولىئارخىيەسىدە مەۋجۇت بولغان بىر خىل يۈزلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*