نىكولا مىكوۋىچ | ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2025-يىلى 20-مارت، كەچ سائەت 8:30
تەرجىمە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت
ھەر ئىككى كۈچ تەبىئىي گازدىن ئۇرانغىچە بولغان رايوننىڭ بايلىقلىرى ۋە كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئىمكانىيىتىگە قىزىقماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىشتا ئۆزىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا. 27 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئىتتىپاق تۈركىستاندىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر شېرىك دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا، بىريۇسسېلنىڭ بېيجىڭ تەمىنلىيەلمەيدىغان نېمىسى بار؟
تۈركىستان 1991 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىنكى ئون يىللار داۋامىدا موسكۋانىڭ گېئوپولىتىك ۋە گېئوئىقتىسادىي ئوربىتىسىدا قالدى. بىراق، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، خىتاي ئۆزىنى بۇ رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتتى.
2024 -يىلى خىتاينىڭ تۈركىستان بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا ھەجمى 94.8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2023-يىلى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى سۈپىتىدە رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. قوشنا دۆلەتلەر ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردا، تەبىئىي گاز تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، خىتاي ئېنېرگىيەگە باي تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. ئاشخاباتنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى خىتاي بولسىمۇ، تۈركمەنىستان ياۋروپاغىمۇ گاز ئېكسپورت قىلىشنى باشلاشنى مەقسەت قىلماقتا.
شۇنداق بولغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق ھەمكارلىق كومىسسارى يوزېف سىكېلانىڭ 12-مارت كۈنى تۈركىستان زىيارىتىنى تۈركمەنىستاندىن باشلىشى تاسادىپىيلىق بولۇشى ناتايىن. تەبىئىي گازنىڭ كۈنتەرتىپتە بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا «دۇنياۋى دەرۋازا» – ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە كاسپىي دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئوتتۇرا يول بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. سىكېلا باشقا تۈركىستان دۆلەتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلدى، بۇ 3-4-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىستان يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر داۋاملىشىۋاتقان گېئوپولىتىك تەرتىپنىڭ قايتا تۈزۈلۈشى جەريانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى شۈبھىسىزكى رايون بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تۈركىستاندىكى مەقسەتلىرى نېمە؟
سىكېلانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يېقىنقى سەپىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى «مۇھىم دۇنياۋى دەرۋازا تۈرلىرىگە دىققەت قىلىش» بولغان. بۇ يادروئېلېكتىر ئىستانسىلارغا مەبلەغ سېلىش، ئېلېكتىر تارماقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇز تىزمىلىرىنى قوغداش تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق سۇ بايلىقلىرىنى قوغداش پىلانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قارا دېڭىز ئېنېرگىيە پىلانىنى كۈچەپ تەرغىب قىلماقتا. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق پىكىر ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ئېنېرگىيەنى كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان بىر كارىدور قۇرۇشتۇر.
بىراق بۇنداق بىر چوڭ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىستاننىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ئاللىقاچان رايوننىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇشىغا مىلياردلارچە يۈەن مەبلەغ سېلىپ بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، «دۇنياۋى دەرۋازا» ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە 2027-يىلىغىچە 300 مىليارد ياۋرو (327 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدىكى دۆلەت ۋە خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «دۇنياۋى دەرۋازا»سى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى»غا قارشى توسۇق سۈپىتىدە پىلانلانغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بىراق، خىتاي ئىستراتېگىيەسى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ماسلاشتۇرۇلغان پىلان ۋە پىكىرلەردىن تەركىب تاپقان بولسا، 2021-يىلى قۇرۇلغان ياۋروپا تۈرى نىسبەتەن يېڭى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ تۈر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەككەپ بىيۇروكراتىك سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ تۈركىستانغا يېقىنلىقى دېگەندەك ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ خىتاينى رايوندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مالىيە جەھەتتىن تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق شېرىككە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.
بۇنىڭغا قارىماي، بىريۇسسېل تۈركىستانغا يېقىنلىشىشقا قەتئىي بەل باغلىغاندەك قىلىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان ئوتتۇرا يولنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىستاندىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى رۇسىيەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ياۋروپانى تۈركىستاندىن سىرت خىتايغىمۇ تۇتاشتۇرۇشتۇر. كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان خەلقئارالىق تىرانسپورت لىنىيەسى دەپمۇ تونۇلغان بۇ يولنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىسبەتەن، بېيجىڭ بىلەن بىريۇسسېلنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۆزئارا ماسلاشقاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن «دۇنياۋى دەرۋازا» نىڭ مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرىنى تولۇقلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە تۈركىستاننىڭ مۇھىم خام ئەشيالىرىغىمۇ قىزىقىدۇ، شۇ سەۋەبتىن رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالىدى. ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر ئۈچۈن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن بولغىنى، خىتاينىڭ يەنىلا تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق سېتىۋالغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدۇر، شۇنداق بولغاچقا، بېيجىڭ بىلەن بىريۇسسېل پات ئارىدا ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان بۇ رايوندا رىقابەتلىشىشى مۇمكىن.
بۇ ئەھۋال ھېچ يەردە قازاقىستاندىكىدىن گەۋدىلىك ئەمەس، بۇ يەردە فىرانسىيە ئەڭ چوڭ تۈركىستان دۆلىتىنىڭ يادرو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پارىژغا قىلغان سەپىرى فىرانسىيەنىڭ تۈركىستاننىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلىتىگىمۇ ئوخشاش ئىستەك-ئارزۇلىرى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى. مىرزىيايېۋنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشۈشىدىن ئىلگىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا ناۋويىئۇران بىلەن فىرانسىيە شىركىتى ئورانو ئاراسىدا ئۇران چىقىدىغان رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇران سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
فىرانسىيە، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قالغان دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىستاندىن ئۇران تەمىنلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قىزىقىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا يولنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشنى مەقسەت قىلماقتا، ئۇ بۇ يولنىڭ ئۇراننى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى تولۇق بىلىدۇ. ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئەمەستۇركى، خىتايمۇ رايوننىڭ ئۇرانىغا ئېرىشىشنى خالايدۇ. يىللار داۋامىدا، بېيجىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ياكى رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئارقىلىق تۈركىستاندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سالدى.
كەلگۈسى ئايلار ۋە يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىستاندا تەسىر دائىرىسى تالىشىشنىڭ كۈچىيىشىگە شاھىت بولىدىغانلىقىمىزنى كۈتمەكتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇ رايون دۇنياۋى كۈچ كۈرىشىدە مۇھىم مەركەز نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: Why China and Europe are competing to woo Central Asia
[1] ئوتتۇرا ئاسىيا كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا تۈركىستان قوللىنىلدى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















