تۈركىيەدىكى رادىكال دىنىي – سىياسىي گۇرۇپپا (ئېقىم)لار

2022-يىلى 17-ئاپرېل

مۇقەددىمە

غەربتە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇقۇمىنى ئاساس قىلغان، ئەمما يېقىنقى يىللاردا تۈرك تىلىدا كەڭ قوللىنىلغان «رادىكال» سۆزىنىڭ تېرمىنولوگىيەلىك مەنىسىنى ئەتراپلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىش، يۇقىرىدىكى ماۋزۇدا ئىپادىلەنگەن تېمىنى تەتقىقات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئاساسلىق قىيىنچىلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تۈرك تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ يېڭى لۇغىتىدىن «يىلتىزى بار، قەتئىي، ئەسەبىيەتچى» ۋە «ئەسەبىيلىك» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز ئادەتتە ئىسلامى ئېقىم ۋە گۇرۇپپىلار / جامائەتلەر ئۈچۈن ئومۇمەن «ئەسەبىيەتچى» مەنىسىدە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىستېمال يەنە غەرب مەنبەلىك ئاتالغۇ بولغان «فوندامەنتالىزم (fundamentalizm)» بىلەن مەنىداش بولغانلىقتىن مەنە قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەمەلىيەتتە، «ئەسەبىيەتچى» سۆزىنىڭ ئىنگلىزچىدىكى توغرا مەنىسى «fundamentalizm» بولۇپ، ئىسلام تارىخىدىكى بۇ ئۇقۇمغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئاتالغۇ بولسا، ھەنبەلىيلىك – ۋاھابىلىق يۆنىلىشىدە تەرەققىي قىلغان يىلتىزى چوڭقۇر ھەدىسچى ئەنئەنىنىڭ ئىسمى بولغان «سەلەفىيلىك»تىن ئىبارەت. بۇ خىل «ئەسەبىيەتچىلىك» بولسا، بىز چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدىغان رادىكاللىقنىڭ تېرمىنولوگىيەلىك مەنىسىدىكى ئىنتايىن تار بىر ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ھەر بىر سەلەفىي رادىكال ئەمەس. ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىگە ئاساسەن دىننى چۈشىنىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان سەلەفىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي تەلىپى بولمىغان ۋە ھازىرقى ھالەتنى قوللايدىغان كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەبىيەتچىلىكى نامازنىڭ ئادا قىلىنىش شەكلى، كىيىم – كېچەك قاتارلىق شەخسىي مەسىلىلەر بولۇش بىلەن بىرگە، بەزىدە ئۇلۇل ئەمىر – ئىش ئۈستىدىكى مەسئۇل كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى قاتارلىق سىياسىي مەسىلىلەردە سەلەفنىڭ، يەنى بەزى ساھابىلەر ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ئاساس قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ[1]. رادىكال ئىسلامى ھەرىكەتلەر دىننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان قۇرئاننى تەبىئىيلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. لېكىن ئاقتاش ئېيتقاندەك ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، سەلەفىيلەر قۇرئاننى نازىل بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا چۈشىنىشكە تىرىشقان بولسا، رادىكاللىق ئۇنى بۈگۈنكى شارائىتتا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ[2].

[1] Çağdaş Selefi akımların radikal ve uzlaşmacı iki yüzü hakkında bkz. Büyükkara, “11 Eylül’le Derinleşen Ayrılık», s. 205-234.

[2] Ümit Aktaş, İslami Hareket ve Yöntem, İstanbul, 1996, s. 133.

داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*