دىن، ئەقىل، سىغدۇرۇشچانلىق-خۇش قاراش

2020-يىلى 25-ئۆكتەبىر

مۇستافا چاغرى

4- ئەسىرنىڭ بېشىدا خرىستىئان دىنى ياۋروپادا رەسمىي قانۇنلىق سالاھىيەتكە ئېرىشىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چېركاۋنىڭ ئورنى مۇتلەق دىنىي-سىياسىي ھوقۇققا ئايلانغاندىن كېيىن،  ياۋروپا مىڭ يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان چىدىغۇسىز قاراڭغۇلۇققا پېتىپ قالدى.

 15-ئەسىردىن باشلاپ، ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە ، ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۈرىشى ۋە بۇ كۈرەش روھىنىڭ ۋاقتىدا خەلققە تارقىلىشى بىلەن ، بۇ قاراڭغۇلۇق دۇنيادىن تارقىلىپ كېتىشكە ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تەپەككۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان توساقلار يوقىلىشقا باشلىدى.

ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا – بەلكىم سەل دەسلەپتە – ئۇ دەۋرلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىغدۇرۇشچانلىقنىڭ (خۇش قاراشنىڭ) يارقىن جۇغراپىيەسى بولغان ئىسلام دۇنياسى دىن نامىدا ئېچىلغان ۋە بارا-بارا قاراڭغۇلىشىۋاتقان سىغدۇرۇشسىزلىق تونېلىغا كىردى.

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گەرچە باشقا بىر قىسىم ئىدېئولوگىيەلىك سىغدۇرۇشسىزلىق باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما كۈنىمىزدە كۆپىنچە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدە دىن نامىدىكى سىغدۇرۇشسىزلىق ھادىسىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

بۇ  ئەھۋال ئىنسانىيەت ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا نىسبەتەن،  ھەتتا دىننىڭ ئۆزىگە نىسبەتەنمۇ –  تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك-  جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنى  يۈز نەچچە يىللىق قاراڭغۇلۇققا غەرق قىلغان چوڭ مەسىلە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋېلا تەس ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە چۈشىنىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان نەرسە، چۈشىنىشنىڭ سۇبيېكتى بولغان ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئىنكار قىلىش، شۇنداقلا ئەقىلنىڭ مۇنازىرە قىلىشى ، مۇزاكىرە قىلىشى ، ھەل قىلىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى  ھەل قىلىش مەسئۇلىيىتى دىنغا ئارتىپ قويۇلغانلىقتىن ھەم ئەقىلگە ھەم دىنغا ئېغىر ئۇۋال بولغانىدى. دېيىلگىنىدەك «ئىنسان مېتافىزىكىلىق ھايۋاندۇر».  تارىختا كۆرگىنىمىزدەك ، ئىنسان ماددى دۇنيانى بىلىش  ۋە ئۆزىنىڭ بەدەن تەلىپىنى قاندۇرۇش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدۇ.  ھاياتىنىڭ ، دۇنيانىڭ ، كائىناتنىڭ مەنىسىنى ، ئۆزىنىڭ ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ كەلگۈسىنىڭ سىرىنى يېشىشكە تىرىشىدۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.  بۇ ئىشنى نوقۇل ئەقىلگە ئارتىپ قويۇش – غازالى ئېنىق ئېيتقىنىدەك –  ئۇنىڭغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان بولىدۇكى، بۇ ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىكتۇر. چۈنكى بۇ ئەقىلنىڭ ئىشى ئەمەس ياكى ئەقىلنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس.ئوخشاشلا ئەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىشلارنى دىنغا ئارتىپ قويۇساق ياكى تاپشۇرساق بۇمۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ چۈنكى بۇ دىننىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ، ئەگەر ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىئان دۇنياسىدىكى ۋە كېيىنكى ئەسىرلەردە ئىسلام دۇنياسىدىكى دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى دىندىن كۈتۈلگەن بولسىمۇ– مەسىلىلەر ھەل قىلىنماستىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ جاۋابكارى دىن بولماستىن ، ئەقىل ۋە بىلىم قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى دىنغا ئارتىپ قويغان دىن ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەنلەردۇر.

دىن ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ قۇربى يەتمىگەن ياكى يېتىشەلمىگەن ئەھۋاللاردا،   ئىنساننىڭ قولىنى تۇتۇپ ، ئۇنىڭغا «ئەڭ ئۇلۇغ ھەقىقەتنى» ۋە «ئەڭ مۇھىم» نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دىن ئىنساننىڭ  مەۋجۇتلۇقى ، ھاياتى،   ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە  جانلىق- جانسىز بارلىق نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ، ئىنسان ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ خۇشاللىق  بولىدىغانلىقىغا ۋە ئۆزىنى ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇشىنى، مۇشۇ تەرىقىدە ئۆزىنىڭ  مەۋجۇتلۇقى ۋە ھاياتىنى مەنىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىسقىسى ، دىن ئىنسانلارنىڭ مېتافىزىكا ۋە ئەخلاق جەھەتلەردىكى ئىزدىنىشلىرىغا بىردىنبىر   جاۋابتۇر.  بۇنىڭدىن باشقا ، قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغاندەك: «كىم خالىسا شۇنىڭغا ئىشەنسۇن ، كىم خالىسا رەت قىلسۇن».

ئەمما بىر پەزىلەت باركى، ئۇ ھەم دىننىڭ ۋە ئەقىلنىڭ بۇيرۇقىدۇر. بۇ پەزىلەت «سىغدۇرۇشچانلىق-خۇش قاراشتۇر ». شۇنى بىمالال دېيەلەيمىزكى، سىغدۇرۇشسىزلىق دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنىي ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن،   ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام جەمئىيىتى ، ھەتتا باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن بىر نەرسىگە نىسبەتەن بىلدۈرگەن ھۆرمىتىمنى سىغدۇرۇشچانلىق دېيىش بىمەنلىكتۇر. سىغدۇرۇشچانلىق بولسا مەن مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن ، لېكىن ياخشى نىيەتنى ئاساس قىلغان تەپەككۇر ، ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا ، ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن خاتا بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ خاتالىق (خاتا بولۇش ئېھتىماللىقى) بىلىم ۋە  دىن بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ۋە ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان بارلىق ياخشى پىكىرلەرگە، پىلان-لايىھەلەرگە ، بايقاشلارغا ، كەشپىياتلارغا ۋە  مەھسۇلاتلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ  ھەممىسىدە بىر قىسىم خاتا پىكىر، لايىھىلەش ، تەجرىبە بايقايمىز.  بۇنداق خاتالىق سادىر قىلغانلارغا سىغدۇرۇشچانلىق (كەڭ قورساقلىق) بىلەن مۇئامىلە قىلغان  ۋە بۇنى بىر مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرغان جەمئىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تەرەققىي قىلغان ۋە ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ھەر بىر يېڭى ئىدىيە، ئېقىم،  ھەر بىر يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە پىلان-لايىھە قاتارلىقلارنى دىن ، ئەنئەنە ، مەدەنىيەت ، ئىدىئولوگىيە قاتارلىقلارنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ دۈشمەن كۆرىدىغانلار، كۆرگەنلا يېرىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدىغانلار ۋە ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغانلار  بولسا، قانچىلىك سىغدۇرۇشسىزلىق ۋە خۇش قاراشسىزلىق قىلغان بولسا شۇنچىلىك كەينىدە قېلىشتى.

تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىر جەمئىيەتتە سىغدۇرۇشچانلىق ئادىتى تەرەققىي قىلدۇرۇلمىسا ،  بۇنداق جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارغا  “ساراڭلار كۆينىكى”نى كىيدۈرۈشىدۇ. ئەمما – كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ، بۈگۈن كۈچلۈك بولغاچقا بۇ كۆڭلەكنى باشقىلارغا كىيدۈرگەنلەر، ئەتە ئوخشاش كۆڭلەكنى ئۆزلىرى كىيىشكە مەجبۇر بولۇشىدۇ.

تەرجىمان: سالاھىددىن قەشقەرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*