ئىنساننىڭ تەبىئىيتى ( فىترىتى ) ۋە ھۆرىيىتى ھەققىدە

2020-يىلى 8-ئىيۇل

شابان ئەلى دۈزگۈن
قىسقىچە مەزمۇنى
فىترەت – كىشىنىڭ ئارزۇ، ئۈمىد ۋە غەم – قايغۇسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلامنىڭ تېيولوگىيەلىك ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئۇل سالغان ھالقىلىق ئۇقۇمدۇر. فىترەت، بارلىق جانلىقلار ئۆزلىرى ئاپىرىدە قىلىنغان تاشقى مۇھىتنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، يارىتىلىشتىنلا ئۆز تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان بىتەرەپ ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئەرەبچىدىكى « ف – ت – ر » پېئىلىنىڭ ئىسىم شەكلى بولۇپ، « ئىككىگە بۆلۈش »، « بەرپا قىلىش »، « ئىجاد قىلىش » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئىسىم سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەندە « بەزى قابىلىيەت ۋە مايىللىققا ئىگە » بولغان « مەۋجۇدىيەت » دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. ئارىستوتېل « تالانت، ئىقتىدار، يۈزلىنىش، يوشۇرۇن كۈچ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە لايىق بولۇش » دېگەن مەنىدە قوللانغان « دۇنامىس ( dunamis ) » ئۇقۇمى فىترەت ئاتالغۇسىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەسىرىمىزدە فىترەت – ئىنساننىڭ ماھىيىتى، خاراكتېرى ( مىجەزى، نېگىزلىك مىجەزى، خۇي – پەيلى ) دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ماقالىدە فىترەت سۆزىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە مەنىسىنى ۋە رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلمىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى توغرىسىدا تېيولوگىيەلىك ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمى تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: فىترەت ( خاراكتېر )، ئىنسان مايىللىقى ۋە قابىلىيىتى، ئىنسان ھۆرلۈكى.
1. يارىتىلىش بىلەن بىرگە بېرىلگەن ئىنسان تەبىئىيتى ( فىترىتى ) گە قارشى بەرپا قىلىنغان ئىنسان تەبىئىيتى
كىشىلەر نامايان قىلغان خاراكتېرىدىكى كۆپ خىللىق ۋە كىشىلىك جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىقلار، تۆۋەندىكىدەك سوئاللار ئارقىلىق فىترەت ياكى ئىنسان تەبىئىتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەقەززا قىلماقتا. يەنى، فىترەت ( ئىنسان تەبىئىتى ) بىتەرەپ ھالەتنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ۋە ياكى سىجىل ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغان پەيتلىك « ھادىسە »لەرنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئىنسان تەبىئىتى دەپ ئىپادىلىگەن ئۆزگەرمەس « ئىنسان ئۆزلۈك »ى بارمۇ؟ ياكى پۈتۈنلەي تەجرىبىلەر ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈلگەن « ئىنسان ئۆزلۈكى ( خاراكتېرى ) » مەۋجۇت دەۋاتامدۇق؟ يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولغان ئىنسان تەبىئىتى چۈشەنچىسى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسىگە، ئىلىمىگە ۋە يارىتىش قۇدرىتىگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ ئەگەر ئۆزگەرمەس ئىنسان تەبىئىتى مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا ئىنسان بۇ تەبىئىتىگە ماس ھالدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقىتتا، ئىلاھىي ئىرادىگە تايانغان قىممەت – قاراشلار بۇ ھاياتتا ئۆزىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرىدۇ؟
بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا فىترەت سۆزىگە بېرىلگەن مەنىلەرگە قاراپ چىقايلى.
فىترەت – « يېرىش، ئىككىگە ئايرىش، ئىجاد قىلىش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « فاتىر » پېئىلنىڭ ئىسىم شەكلى بولۇپ، « يارىتىلىش، مۇئەييەن قابىلىيەت ۋە مايىللىققا ئىگە بولۇش » دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. تۇنجى يارىتىلىش، مۇتلەق يوقلۇقنى يېرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن مەۋجۇتلۇققا قەدەم بېسىش شەكلىدە چۈشىنىلگەنلىكتىن، فىترەت سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن. فىترەت، تۇنجى يارىتىلىش جەريانىدا مەۋجۇدىيەت تۈرلىرىنىڭ نېگىزلىك قۇرۇلمىسىنى، خاراكتېرىنى ۋە تېخى تاشقى تەسىرلەرگە ئۇچرىمىغان ناتۇرال ھالەتنى كۆرسىتىدۇ . فىترەتنى تۇنجى يارىتىلىشتا ئاللاھنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە بەخش ئەتكەن ئىجابىي مايىللىق ( يوشۇرۇن قابىلىيەت ) دەپ چۈشەنگەن ئىبىن ئابدىلبەرر، فىترەتنى سالامەت ( نىجاتلىق ) ۋە ئىستىقامەت ( يۈزلىنىش، مەقسەت ) دەپ ئىزاھلىغان. بۇ ئىككى سۆزنى فىترەت بىلەن مەنىداش دەپ قارىشىدىكى سەۋەبنى، فىترەت سۆزىنىڭ « ھەنىف » ئۇقۇمى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى « ھەنىف »لىك، ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ( سالامەت ) مۇھاپىزەت قىلىشنى ۋە بۇ تەبىئىتىگە ماس ھالدا ياشاش ( يۈزلىنىش )نى كۆرسىتىدۇ.
راغىپ ئىسفەھانى، فىترەتنى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا يارىتىلىشتا ئاتا قىلغان بىلىش قابىلىيىتى دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ قابىلىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ بولسا ئاللاھنى بىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن:
« … ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ‹ ئاللاھ › دەپ جاۋاب بېرىدۇ. »
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانغا بىر نەرسە ئۆگىتىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىش قابىلىيىتى يەرلەشتۈرۈلگەن.
قۇرتۇبى، فىترەتنى « ھەقىقەتكە مايىللىق » ۋە « ھەق ( توغرا ) »نى قوبۇل قىلىش مايىللىقى دەپ ئىزاھلايدۇ . بۇنداق بولغاندا، فىترەت ئىمان – كۇپۇر، قوبۇل قىلىش – رەت قىلىش، ھىدايەت – زالالەتتىن ئىبارەت كىشىنىڭ « كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىغان » مەنىگە ئىگە بولمايدۇ.
ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە بولسا فىترەتنى قۇرئاندىكى ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملاردىن بىرى بولغان « مىساق » ئاتالغۇسى ئارقىلىق ئىزاھلىغان:
ئاللاھ، ئادەمنىڭ نەسلىنى بېلىدىن ئىنسان شەكلىدە چىقارغان، ئۇلارغا ئەقىل بەرگەن، خىتاپ قىلغان، ئىمانغا بۇيرۇپ كۇپرىدىن مەنئى قىلغان. ئۇلارمۇ ئۇنىڭ « رەب » ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىدۇر. ئەنە شۇلار بۇ فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۇپۇرغا مۇپتىلا بولغۇچىلار بۇ فىترىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقۇچىلاردۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە تەستىق قىلغۇچىلار بولسا بۇ فىترەتكە سادىق بولغۇچىلاردۇر .
سۇبقى، فىترەتنى ئىنساننىڭ دىننى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان توغرا تەبىئىتى دەپ ئىزاھلىغان ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتە مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن .
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ « نەپس »كە مۇناسىۋەتلىك ئېنىقلىمىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فىترەت ھەققىدىكى ئىزاھاتلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىدا پەلسەپەۋى ئەنئەنىنىڭ تەسىرى كۆرۈلمەكتە. ئوسمانى ئالىملىرىدىن ھادىمىنىڭ نەپس ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ:
نەپس، گەرچە يارىتىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىلىمدىن يوقسۇل بولسىمۇ، لېكىن ئىدراك قىلىشقا تەييار ۋە قابىلىيەتلىكتۇر. بۇ « ھەيۇلانى ئاقىل » دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلاردا ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. كېيىن نەپس ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇقۇملارنى ئاڭقىرىغان ۋاقىتتا، ئۇ « مەلەكە ئىتىبارىيلە ئاقىل » دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇقۇملارنى ئاڭقىرىغان ۋە ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا چۈشەنگىدەك ۋە ئۆزلەشتۈرەلىگۈدەك بولغاندا، بۇ « بىل فىئىل ئاقىل » دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن نەزەرىيەۋى شەيئىلەر ئۇ نەپس يېنىدا تەييار بولغان ۋە ئۇنى كونترول قىلالايدىغان ھالغا كەلگەندە ئۇ « ئاقلى مۇستەفاد » دەپ ئاتىلىدۇ.
ئالىملار فىترەت سۆزىگە بەرگەن بۇ مەنىلەر ئومۇمەن رۇم سۈرىسى 30 – ئايەتكە ئاساسلىنىدۇ:
« باتىل بولغان ھەر قانداق نەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ، ھەنىف بولغان دىنغا يۈزلەنگىن ۋە ئاللاھ ئىنسان ۋۇجۇدىغا يەرلەشتۈرگەن فىترەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغىنكى، ئاللاھنىڭ بەخش ئەتكىنىدە بۇزۇلۇش سادىر بولمىغاي. بۇ سەھىھ ( توغرا ) دىننىڭ مەقسىتىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. »
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « فا – تا – را » پېئىلى ئەرەپچىدە جەبەلە ( ۋۇجۇدقا چىقىرىش، مەيدانغا كەلتۈرۈش ) پېئىلى بىلەن مەنىداشتۇر. يارىتىش، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭىش دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىداشلىقنى چىقىش قىلىپ، ماتۇرىدى فىترەت كەلىمىسىگە « مەرىپەتۇللاھ » دېگەن مەنىنى بەرگەن. ماتۇرىدىنىڭچە « فا – تا – را » ئىلىم خاراكتېرلىك كودلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە بىر ئىكەنلىكىدىن تارتىپ مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرىدىغان مەۋجۇدىيەت كودلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. يەنى:
فىترەتۇللاھ، ئاللاھ ئىنساندا بار قىلغان مەرىپەتۇللاھ ۋە ھەر ئۆسمۈرگە بەخش ئەتكەن ئىدراك قىلىش ھالىتى بولۇپ، بالىلار ئۇ ئارقىلىق رەببىنىڭ رۇبۇبىيىتىنى ( رەببىنىڭ پەرۋىش قىلغۇچى، ئېھتىياجىنى قامدىغۇچى ) ۋە ۋەھدانىيىتىنى ( بىر ۋە يېگانە ئىكەنلىكىنى ) ئاڭقىرىدۇ. بۇ مەرىپەت، خۇددى بوۋاق ۋاقتىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن غىزا بولغان سۈتنى ئانىنىڭ كۆكسىدىن ئېمىش ئېڭىنى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلىشىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ھەزرىتى پەيغەمبەر فىترەت ھەققىدىكى ھەدىسىدە بۇنى نەزەردە تۇتقان. ئاللاھنىڭ تاغلاردا تەسبىھ، ۋە ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش ئېڭىنى يارىتىشىمۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاتا – ئانا بالىنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىلىپ چوڭ قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەسلى فىترىتىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
بۇ ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا، ئىنسان تەجرىبىسى فىترەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ فىترەتكە ئۇيغۇن بولۇش، ھاياتنى نېگىزلىك خاراكتېرغا ئىگە قىلىدۇ. فىترەت ئۇقۇمىنىڭ ھەم ماتۇرىدا، ھەم غەززالىدا جەلەبە ( ئاساسلىق خاراكتېر كودلىرى ) سۈپىتىدە بېرىلىشى مۇنداق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: ئىنسان بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇلى فىترەتتۇر. ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان باشقا شەيئىلەر نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. غەززالىنىڭ « مۇنقىز »دىكى تۆۋەندىكى سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە:
« بىلىڭلاركى، فىترەت نۇقتىسىدىن ئىنسان جەۋھىرىنىڭ ئىچى قۇرۇق بولۇپ، ئاللاھ ياراتقان كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىلىم ئۇنىڭدا يوق. »
بىزنى بىلىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ئەقىل ۋە قەلبتىن ئىبارەت قابىلىيەتلىرىمىز، فىترەتنىڭ ۋارىيانتلىرىدۇر. ھەر شەيئى ئۇ يەرگە نەقىشكە ئوخشاش ئويۇلغان. ئاندىن بىر سەۋەب ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە ئۇ يەرگە كەشتىلەنگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولماقتا. غەززالى بۇنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلماقتا:
« بارلىق ئۇچۇرلار بىز تۇغۇلۇشتىنلا ئىگە بولغان بۇ ئىقتىدارىمىزغا كەشتىلەنگەن. لېكىن بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مەلۇم سەۋەبنى تەقەززا قىلماقتا. »
« ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن چىقارغاندا سىلەر ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ سىلەرگە ئاڭلايدىغان قۇلاق، كۆرىدىغان كۆز ۋە ھېس قىلىدىغان قەلب ئاتا قىلدى. » مەزكۇر ئايەتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىدىن تۇرۇپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سىلەر ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىڭلار » جۈملىسى، ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت ( شەيئىلەر ) ھەققىدىكى بىلىم بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تاللاشلىرىمىز، بىزگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ، بۇ پەقەت بىلىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى تاللاش، ئىختىيار قىلىش قابىلىيىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككى نەرسىدىن قايسىسىنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ناچار، يامان بولغاننى تاللىغۇچىغا بۇ مەلۇماتنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان، ھەتتا تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان خاراكتېرىنى ھاسىل قىلغان ئامىل، ئىنساننىڭ تاللىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسان، تۇغۇلغاندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا، ھەتتا مەجبۇرىي ھالدا تاللاشقا باشلايدۇ. ئىنساننىڭ فىترەت جەھەتتىن يۈزلەندۈرۈلگەنلىرى بىلەن ھۆر ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغانلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈمىد قىلىنغان نۇقتىدۇر.
ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى دۇنياغا كېلىش بىلەن تەڭ باشلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئىختىيارلىقىنى ئەركىن ھالدا ئىشلىتەلمىگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ياخشى – يامان، توغرا – خاتا، چىرايلىق – سەتكە ئوخشاش زىتلىقلار ئىچىدە تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، قىلمىش – ئەتمىشلىرىنىڭ ( تەقدىرىنىڭ ) بەلگىلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئېيتىلمىلارنىڭ زىتلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى روشەندۇر. ئىبن تەيمىييە ئېيتقاندەك: « تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى پۈتۈۋېتىش يوق، پەقەت ئىنساننىڭ تاللاشتا رول ئوينايدىغان يۈزلەندۈرۈش مەۋجۇت »تۇر. ئالىمىمىزنىڭچە ياخشى، توغرا ۋە چىرايلىققا فىترەت جەھەتتىن يۈزلەندۈرۈش سەۋەبىدىن، ئىنسان دىن نۇقتىسىدا ئىسلامنى، ھەرىكەت جەھەتتە ياخشىنى تاللايدۇ. چۈنكى فىترەت مۇكەممەل بولغاننى تاللاشقا مايىل قىلىنغان.
« تۇغۇلغان ھەر ئىنسان فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. بۇ فىترەت مۇئەييەن بىر تىل ئىشلىتىلگەن مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىگە كىرگۈچە ئۆزىنىڭ ساپ ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. » ياكى « تۇغۇلغان ھەر ئىنسان فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە مەجۇسىي قىلىدۇ. » مەنىسىدىكى ھەدىسلەر فىترەتنىڭ ئىچى بوش ھالەتتە ئەمەسلىكىنى، ئىجابىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ۋاقىتتا ھەقىقەتنى تاپىدىغان فىترەت، خاتا ھالدا يۈزلەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا توغرا يولدىن ئادىشىپ كەتمەكتە ۋە ھەنىف ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويماقتا. ئىبن تۇفەيلنىڭ ھەيي ب. يەكزانى، ئىبن نەفىسنىڭ « ئەر – رىسالە ئەل كامىلىييە »سى، ئۆزى يالغۇز ھالدا بىر ئارالدا چوڭ بولغان ئىنساننىڭ ھاياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ھەقىقەتنى ئۆز تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى سەۋەبىدىن تاپالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان پەلسەپەۋى رومان ژانىرىغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان فىترەت ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ پەرقلىق ۋارىيانتلىرى مەۋجۇت. بەزى رىۋايەتلەردە « فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلدى » شەكلىدە ئەمەس، « ئىسلام فىترىتى ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ » دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنماقتا. بۇ يەردىكى « ئىسلام » ئىبارىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بەزى ئالىملار رەشت ( ئاقىل ۋە بالىغ ) بولماستىن بۇرۇن ۋاپات بولغان غەيرى مۇسلىم بالىلارنىمۇ مۇسۇلمان كاتېگورىيەسى ئىچىگە كىرگۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. مۇتەزىلە مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئىسلام پەيلاسوپلىرىمۇ ئىنسان فىترىتى بىلەن نەبىلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ۋەھىينىڭ ئوخشاش ماھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئەسلىدە « ئىسلام ئۈستىدە تۇغۇلۇش » ئىپادىسىنى ئاساس قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىنساننىڭ فىترىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن غەربتە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كېسىشكەن ۋە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇقتىلار بار. بولۇپمۇ ج. لۇكۇن ( J. Locke’un ) تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ھالغا كەلتۈرگەن « تابيۇلە راسا ( Tabula Rasa )، يەنى قۇرۇق زېھىن » چۈشەنچىسىنى ئىسلام ئالىملىرىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. غەززالىنىڭ « مۇنقىز » ناملىق ئەسىرىدىكى سۆزلىرى بۇنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە:
« بىلىڭلاركى، فىترەت نۇقتىسىدىن ئىنسان جەۋھىرىنىڭ ئىچى قۇرۇق بولۇپ، ئاللاھ ياراتقان كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىلىم ئۇنىڭدا يوق. »
غەززالى بۇ ئىچى قۇرۇق بولۇشنىڭ، ئالەملەر ( مەۋجۇدىيەتلەر )گە مۇناسىۋەتلىك بىلىم خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. زېھىننىڭ مەۋجۇدىيەت ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولماسلىقى، تەجرىبە ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلالىغۇدەك زېھىن خاراكتېرلىك بوشلۇقنىڭ ئىنساندا بار ئىكەنلىكىدە شەك يوق. كۆزىتىش ۋە تەجرىبە تولدۇرىدىغان بۇ بوشلۇقنى، ئىنساننىڭ ئايرىم بىر تۈر سۈپىتىدە ئىگە بولىدىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىش كېرەك. بۇ خاراكتېر خاسلىقى ئىنساننىڭ ياخشى – يامان، توغرا – خاتا، چىرايلىق – سەت … قاتارلىق زىتلىقلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ھالدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىككى زىتلىق ئىچىدە تاللاش، پەرقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ( فىترىتىنىڭ ) زىددىيەتلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە بولغان نوپۇزى
قۇرئان، ئىنسان فىترىتىدىكى زىددىيەتلىك قۇرۇلمىغا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ مۇنداق دېمەكتە:
« كىشىنىڭ ئۆزلۈكىگە ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرگۈچىگە قەسەمكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشى ۋە يامانلىقنى بىلگەن ھالدا مۇئامىلە قىلىش قابىلىيىتىنى بەخش ئەتتى. كىمكى بۇ ئۆزلۈكنى ياخشىلاپ پاكلىسا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، كىمكى ئۇنى ياخشىلاپ پاكلىمىسا زىيان تارتىدۇ. »
قۇرئان بۇ ناتۇرال ( بىتەرەپ ) ھالەتكە ئېنىقلىما بەرگەندىن كېيىن، ئىنساننى ياخشى نۇقتىدىن تەربىيەلەشكە باشلايدۇ:
« كىمكى ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرالارغا رىئايە قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن رەببىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. »
بۇ ئايەتتە، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارغا ( ھاراملارغا ) ئەمەل قىلىش جەھەتتىكى يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش ئىكەنلىكى روشەن ھالدا مەلۇم بولماقتا. « ئىسلام » سۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرسى مانا بۇ نۇقتىدا ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. « زىيانغا ئۇچرىمىغان »، « مۇقەددەس بولۇش » مەنىسىدىكى ئىسلام ئۇقۇمى، يىلتىز مەنىسى جەھەتتىن ئۇزۇن ھايات سەپىرىدىن كېيىن، مەۋجۇدىيەتنىڭ ساق – سالامەت ھالدا ئۆز پېتى ھالىتىدە قالغانلىقىنى ئىزاھلىماقتا. ئىنسان تەبىئىتى بۇ ساپ ھالەتنىڭ ساقلىنىشىنى، ئىبن ئابدىلبەررنىڭ فىترەت سۆزىگە « سالامەت ۋە ئىستىقامەت » مەنىسىنى بېرىشىگە زىت كەلمەيدۇ.
پەقەتلا ئىنسان ئىختىيارلىقى، ئىنسان تەبىئىتىگە يات نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلالايدۇ. ئىنسان تەبىئىتىنى مۇھىت ياكى تەربىيە، يەنى تاشقى ئامىللار ئارقىلىق مۇئەييەن يۆنىلىشكە مايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەت بىلدۈرمەكتە:
« ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان سەۋرسىز ۋە ھېرىسمەن قىلىپ يارىتىلدى. ئۇنىڭغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە دات – پەرياد قىلىدۇ. بىرەر نېمەتكە نائىل بولسا بېخىللىق قىلىدۇ. لېكىن نامازنى ئادا قىلغۇچىلار ( ئاللاھقا يۈزلەنگۈچىلەر ) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. »
نامازنى ئادا قىلىش، موھتاجلارغا مال – مۈلكىدىن خەيرى – ساخاۋەت قىلىش، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، راستچىللىق بىلەن شاھىتلىق قىلىش… قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ، ئىنسان ئۈچۈن بېكىتىلگەن تاقەتسىزلىك، ھېرىسمەنلىك ۋە بېخىللىققا ئوخشاش ئەركىنلىكنى سەلبىي نۇقتىدا ئىشلىتىش مايىللىقىنى توسىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئادەمنىڭ شەيئىلەرگە ئىسىم قويۇشى، پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزگەرمەس خاراكتېرىنىڭ ئەكسىچە، ئىنساننىڭ پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئېنىقلىما بېرىش، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نوپۇز ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى، « غايە قىلىنغان مەن » بىلەن « مەننىڭ غايىلىرى » ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پاسىلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان فىترىتى ئىگە بولغان قابىلىيەتلەرنى دەل ۋاقتىدا ۋە ئورنىدا ئىشلىتىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان « غايە قىلىنغان مەن »، ھاۋايى – ھەۋەس، ئارزۇ – ئىستەكلەرنىڭ تۈرتكىسىدە « مەن » ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىگەن غايىلەرگە قاراپ ھەيدىلىدۇ. بۇ ھەيدىلىش، ئىتتىرىلىش، « ئۆزلۈك »نى يوقۇتۇپ قويۇش بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. ئاللاھنى ئۇنتۇغانلارغا ئاللاھنىڭمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرۇشى دەل بۇ ھەقىقەتنى ئىما قىلماقتا.
3. ئىنسان تەبىئىتى ( فىترىتى ) يۈزلەنگەن مەقسەت ( ئاقىۋەت )
ئىنساننىڭ تەبىئىتى ناتۇرالدۇر. « ئاللاھ خالىسا ئۇنى ئۈستۈن قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ئۆز يولىنى تېپىشى ئۈچۈن ئىشارەتلەرنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان يا ئاللاھنىڭ ئارزۇسىغا ئەگىشىپ ئۈستۈن بولىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىپ خارلاردىن بولىدۇ. » بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ھاۋايى – ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ئىنسان تەبىئىتى يۈزلىنىشى كېرەك بولغان « توغرا » نىشان ( سىراتى مۇستەقىم )دىن ئېغىپ كېتىشى دېگەنلىكتۇر. كۆزى تۇرۇپ كۆرمەسلىك، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىماسلىق ، بۇ ئاقىۋەت چۈشەنچىسىنىڭ يوقلىقىدىن ۋە مەقسىتىنى يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. بۇ ئىنساننىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئەسلىنىڭ ۋە ماھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى دېگەنلىكتۇر. ئىنسان بۇ ئەسلىنى يوقۇتۇپ قويغاندىن كېيىن شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئاللاھ روھ ( ئىلىم ۋە ئاڭ ) پۈۋلىگەن ئىنساننىڭ بۇ ھالىتىنى يوقۇتۇپ قويۇشى سەۋەبىدىن دۇچ كېلىدىغان چۆكۈش، جەننەتتىن جىننەت ( ساراڭلىققا )كە ئۆتۈش ھالىتىدۇر. بۇ ئەسلى ( ئانا – ئۇم ) قىممەت – قاراشلارنى يوقۇتۇپ قويۇش، بىرلىكتە ياشاش ( ئۈممەت بولۇش ) شارائىتىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا؛ ئىنساننىڭ ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدىن سۆرىلىپ ماڭماستىن، ئەكسىچە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەۋجۇدىيەت ( ئىمام ) بولۇش خاسلىقىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى نامايان قىلماقتا.
ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۈستۈن ( پەزىلەتلىك ) بولۇشنىڭ ئورنىغا تۆۋەنگە ( رەزىللىك، خارلىققا ) قاراپ مېڭىشقا، تۇپراقتەك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشقا بەكرەك مايىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. پەزىلەتلىك بولۇشنىڭ تىرىشچانلىق، ئەجىر تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ بۇنداق بىر نىشانغا يۈزلەنگۈچىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ( تەۋپىق ) ئايەتلەردە بايان قىلىنماقتا. ناتوغرا يولغا يۈزلەنگۈچىلەرنى بولسا ئاللاھ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەكتە ( ھىزلان ). تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى كىشىلەر يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قۇرئان كەرىم، بۇ كىشىلەرنى يىراقتىن خىتاب قىلىنغان ۋە قىلىنغان خىتابنى ناھايىتى تەستە ئاڭلايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاتماقتا:
« سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر. » ئايىتى، دائىم ھوشيار تۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىك ھاياتقا ئىلھام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئاللاھنى ئۇنتۇغان ئىنسان فىترىتىنىڭ، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنىمۇ ئۇنتۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
ياراتقۇچىنى ياد ئېتىشنىڭ بىر پۈتۈن ھايات گەۋدىسىنى روياپقا چىقىرىپ، ئىشەنچ تۇيغۇسى ھاسىل قىلىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا پارچىلانغان ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە ئاقىۋەتتە ئىنساننىڭ يۈزلەندۈرۈلگەن ( يۈزلەنگەن ) نىشان بىلەن يېتىپ بارغان مەنزىل ئوتتۇرىسىدا تېگى يوق ھاڭ بارلىقى ئايان بولىدۇ. قۇرئان پات – پات ئىشلەتكەن ھاڭ مېتافوراسى، ئىنساننىڭ دەل بۇ نىشاندىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىراگېدىيەلىك شەكىلدە تەسۋىرلەپ بەرمەكتە.
قۇرئان، ھەنىف ھالىتىنى بۇزۇپ شېرىككە مۇپتىلا بولغان ۋە يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرى يۈزلەندۈرگەن نىشاننىڭ تەتۈرىگە قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرغۇچىلارنى، « ئاسماندىن ( بوشلۇقتىن ) چۈشۈپ كەتكەن، يىرتقۇچ بىر قۇش ئېلىپ پارچىلاپ تاشلىغان ۋە شامال ئۇچۇرۇپ ئاللىقانداق بىر جايلارغا تاشلىۋەتكەن » ياد ئېتىلمەيدىغان، تونۇغۇسىز، نامەلۇم بىر جەسەت سۈپىتىدە تەرىپلىمەكتە.
4. ھەقىقەتنى بايقاش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ھىلقات ۋە فىترەت ئەھدى
ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى مەلۇم قابىلىيەتلەر بىلەن يارىتىشى، بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەممە كىشىگە قەرز سۈپىتىدە بېرىشى ( ئاللاھنىڭ دەييان – قەرز بەرگۈچى، مۇكاپاتلىغۇچى بولۇشى )، ئاندىن ئىنسانلارغا دىن ئەۋەتىپ ئۆزىگە قەرزدار قىلىشى ۋە مۇكاپاتلاش ھەققىدە ۋەدە بېرىشى ( دىن بىلەن دەين ئوخشاش سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن )، نەتىجىدە ئىنسان بىلەن بولغان كېلىشىم ( ئەھدە ) مۇناسىۋىتىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
« ئى ئادەم بالىلىرى! مەن سىلەردىن شەيتانغا چوقۇنماسلىق ھەققىدە ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. »
ماتۇرىدى، ئاللاھنىڭ ئىنساندىن ئالغان ئەھدىسىنى مۇنداق ئۈچ شەكىلدە شەرھلەيدۇ. بىرىنچىسى، يارىتىلىش ئەھدىسىدۇر. يارىتىلىش ئەھدى، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىدىغان فىترەتتە يارىتىلىشىدۇر. ئىككىنچىسى، نەبىلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ئالغان ئەھدىدۇر. ئۈچىنچىسى، ئىنساننىڭ ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئارزۇ، ۋە ئېھتىياجلىق تەرەپلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغان ھالدا يارىتىلىشىدۇر.
تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى سەۋەبلەر ( ئەل – قاسدۇل – خالقى ) كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكاردىن بىكار ياراتتى ۋە ئۆزۈڭلارنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا بارمايمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ »
« بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكاردىن بىكار ياراتمىدۇق. »
بۇ يارىتىشقا ماس ھالدا ئاللاھ ئىنسانلارغا تەكلىپ سۇنماقتا. يارىتىشتىكى مەقسەت بىلەن تەكلىپ سۇنۇشتىكى مەقسەت ( ئەل – قاسدۇت – تەكلىفى ) ئارىسىدا ئۇيغۇن كېلىش ۋە ماسلىشىش مەۋجۇت. ئەندەلۇس ( ھازىرقى ئىسپانىيە )لىق ئالىم شاتىبى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇسلۇب بىلەن بۇ ماسلىشىشنى مۇنداق بايان قىلماقتا:
« قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە قۇل بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنىڭ خۇددى زۆرۈرى ھالدا ئاللاھنىڭ بەندىسى بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن ئۇنىڭ بەندىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. »
5. ھىدايەت: ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىچكى نۇرى ۋە روھىي تەرەققىياتى
فىترەت بىر پۈتۈن ھالدا ئىنساننىڭ جىسمانىي لاياقىتى، روھى مايىللىقى ۋە زېھنىي قابىلىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. فىترەتنىڭ بۇ ئۈچ قىرلىق قۇرۇلمىسى، ئىنساننىڭ ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ئىش – ھەرىكىتىگە ئىلھام بولىدىغان ماھىيەتكە ئىگە. بۇ قۇرۇلمىنىڭ مايىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇقۇملاردىن بىرسى « ھىدايەت »تۇر.
« ئاللاھ ھەر نەرسىگە تەقدىر ۋە ھىدايەت ئاتا قىلغۇچىدۇر. » ئايىتىدە ئىپادىلەنگەن ھىدايەت، تۈرلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاللاھ قانۇنلارنى بەلگىلىگەن، بۇ قانۇنلارنى بايقاپ چىقالايدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ھەم ئاللاھنىڭ يارىتىش پىلانىدا بېكىتكەن تەرەققىيات ۋە تاكامۇللىشىشىغا ماسلىشىدىغان ھىدايەتنىمۇ فىترىتىمىزگە يەرلەشتۈرگەن. بارچىغا موھتاج بولغان نەرسىسىنى ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك مىقداردا ئۆلچەملىك ( تەقدىر ) قىلىپ بەرگەن ۋە بۇ ئۆلچەمگە ماسلىشىش ئارقىلىق كامالەتكە يېتىدىغان ئىچكى تۇيغۇلار، جىسمانىي قابىلىيەتلەر بىلەن قوراللاندۇرغان. تەقدىر، ئىنسانغا يالغۇز مېخانىكىلىق يېتەكچى سۈپىتىدە بېرىلسىمۇ بولاتتى. لېكىن ئاللاھ بۇنداق قىلىشنى خالىمىغان ۋە ھىدايەتنىمۇ ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەقدىر ( قانۇنىيەت ) بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان تەبىئەتتىن ۋە ئىچكى تۇيغۇلىرى بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ھايۋانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىنسان ئەقلى، ۋە تاللىشى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان بىر سىستېمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىرادە قىلغان. تۆۋەن دەرىجىدىكى جانلىقلارغا ئىچكى تۇيغۇ ۋە سېزىم بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن. ئۇلار كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش ۋە تېگىش ئارقىلىق ئۆز مۇھىتىغا ماسلىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز تۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىنسانغا سېزىم خاراكتېرلىك بارلىق بۇ قابىلىيەتلەرگە قوشۇمچە ھالدا ھىدايەت ئۇقۇمى ئۆز ئىچىگە ئالغان قابىلىيەتلەر جۇغلانمىسى بېرىلگەن. ئۇ بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق پەقەت سەزگۈلىرىنىلا ئاساس قىلغان ۋە ھايۋانلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئىچكى ھېس – تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلالايدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلاشمايدۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتالايدۇ.
ھىدايەت ئىنساندىكى ئىلىم خاراكتېرلىك قابىلىيەت بولۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئۆگىنىشنى، ۋە ئاقارتىش ( كامالەتكە يېتىش )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قەدەممۇ قەدەم ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەتكە يېتىش ۋە ئاقارتىش ھەم ھەر بىر شەخس ئۈچۈن، ھەم بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. ئىنسان قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا قاراپ ماڭغانسېرى يورۇقلۇققا چىققاندەك، ئىنسانىيەتمۇ ئەسىرلەر ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي جەھەتتىن ئاقارماقتا. بۇ ئاقارتىشقا ماس ھالدا ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە مۇقەددەس كىتابلارنىڭ تىلى تەرەققىي قىلماقتا. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىرلار ئاستا – ئاستا ئېچىلماقتا. ئىنسان قەدەممۇ قەدەم ھالدا ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلار ۋە سىرلارنى يېشىلىشى ئۇنىڭ تەجرىبىسىنى موللاشتۇرماقتا. بۇ تەجرىبىنى خۇرۇچ سۈپىتىدە ئىشلەتكەن ئىنسان ئەقلى ( بىلىمى ) تەدرىجىي تاكامۇللىشىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
6. ئىنسانلارنىڭ ئاپتونومىيەسى، ئارزۇسى ۋە ئۆزلۈكىنىڭ بۆلۈنۈشى
ياخشى بولغانغا ئېرىشىش جەريانىدا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى كونترول قىلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى يۈزلەندۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بارلىقى ئېنىق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېھتىياج، پايدا ياكى زىيان، زوق ياكى ئازاب، خۇشاللىق ياكى قايغۇ ئەڭ باشتا كىشىنىڭ ئەقلىگە كېلىدۇ. « تاشقى مەجبۇرلاش » ياكى « خۇمار »، ئىنساننىڭ مەلۇم غايە ئۈچۈن يارىتىلغان مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى كىشىگە ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا قارىتا « تەپەككۇر جەريانىنىڭ قائىدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، » ئەقلىنى پائال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس.
ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بىرسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى. بىر دوقمۇشقا كەلدى، ۋە سولغا بۇرۇلدى. يەنە بىرسى ئوخشاش دوقمۇشتىن ئوڭغا بۇرۇلدى. سولغا بۇرالغان كىشى ھاراقكەش بولۇپ، ئۇ ھاراق ئېلىش ئۈچۈن سولغا بۇرالدى. ئوڭ تەرەپكە بۇرالغۇچى ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇچرىشىشقا كېتىۋاتقانىدى. ھاراق ئېلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن كىشىنىڭ ئەسلىدە بىر يەرگە سۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ نۇقتىدا ئىرادە ۋە ھەر تۈرلۈك ئەقىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. ئىنساننىڭ نىيەت ھاسىل قىلىش جەريانىدا تاشقى ياكى ئىچكى ئامىل تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ۋە ياكى يولدىن چىقىرىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىنساننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاپتونوم ( ئەركىن ) ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ.
ئەقىل ئىشلىتىش قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا تەپەككۇر قىلىش جەريانىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ، كىشىنىڭ فىترەت ئاپتونومىيەسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. توغرا تەپەككۇر قىلىش پىرىنسىپىنى بىلىشلا، توغرا شەكىلدە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئۆزىمىزدىكى قابىلىيەتلەر، تاشقى ئامىللار، نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق سەۋەبلەر ئىرادىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى توسۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
ھېس – تۇيغۇ ۋە ئەقىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتى، ئىنساننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال سوراشنى تەقەززا قىلىدۇ. « ئۆزىگە گەپ ئۆتكۈزەلمەسلىك » دەپ ئاتىغا نەپسى – خاھىشقا زىيادە بېقىنىپ قالغان ئەھۋالدا ئىنسان قانچىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئىگە بولالايدۇ؟ چۈنكى بۇ ئارزۇلارنىڭ تەلىپى بىلەن بارلىققا كەلگەن كۈچ، ئىنساننىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىش كۈچىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
7. قىممەت قوشۇشقا مايىل ئىنسان فىترىتى
تەجرىبە – ساۋاقلىرىمىز قىممەتكە ئىگە. چۈنكى ئىنساننىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرى قىممەت بەرگىلى بولىدىغان ماھىيەتكە ئىگە. بىز كۆرگەن ھەرقانداق نەرسە، ئاڭلىغان ھەر ئاۋاز بىزدە پەيدا قىلغان تەسىرگە ئاساسەن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ( value-ception ). بۇ سەۋەبتىن مەشە دەرىخى ھەققىدە سۆز بولغاندا، زېھنى دۇنيايىمىزدا پەقەت يېشىل ۋە چوڭ ھالەتتىلا ئەمەس، يەنە چىرايلىق ۋە ھەيۋەتلىك ھالدا جانلىنىدۇ.
تەجرىبە – ساۋاق ئوبيېكتلىرى قىممەت – قاراشلارنىڭ توشۇغۇچىلىرى بولۇپ، تارىخىي نەرسىلەر مەدەنىيەتنىڭ، دىنىي نەرسىلەر مۇقەددەس قىممەت – قاراشلارنى توشۇيدۇ. بەزىدە بۇ قىممەتلەر شەيئىلەرنىڭ ئىچىدە ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق قىلىنغان بولىدۇ. بىر تاشقا ( مەسىلەن: ھاجەرۇل – ئەسۋەدكە ) بېرىلگەن قىممەت، ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەنە بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئادەتتىكى بىر تاشنى ( بىر قارا تاشنى ) « ھاجەرۇل – ئەسۋەد »كە ئايلاندۇرغان ئامىل مانا بۇ مەنە بېرىشتىن كېلىپ چىققان. ئادەتتىكى بىر يولنى ( Golgota ) خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك قىلغان ئامىل، ئۇنىڭ ئىسانىڭ ئۆلۈم يولى بولغانلىقىدۇر.
بەزىدە بىر شەيئى تونۇلۇش ۋە بىلىنىشتىن بۇرۇن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ قىممەتنى كۆرۈپ يېتىش ياكى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئادىمىيلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
قۇرئاندا بۇنداق ئىشارەتلەرنى ( ئايەتلەرنى ) ئوقۇغان ياكى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان كىشىلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. « ئايەت »، مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى سۈپىتىدە، ياكى يەر يۈزى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئىشارەتلەر سۈپىتىدە قارىلىشتىن قەتئىينەزەر، قۇرئان بۇلارنى بىرەر پاسسىپ شەيئى دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ مۇئەييەن تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ئاكتىپ شەيئىلەر دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈلگەن مۇددىئا ئۇلارنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ. ھەر شەيئىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈلگەن مۇددىئاسى بولىدۇ، ئەمما بۇ مۇددىئا بەزى ئوبيېكتلاردا پاسسىپ ( يەنى رولىنى ئادا قىلىپ بولغان ) بولىدۇ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. بەزىلىرى بولسا ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ لايىھەسى راھەت ھالدا ئولتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. ئۇنداقتا ئورۇندۇققا سىڭدۈرۈلگەن مەقسەت « راھەت ئولتۇرۇش »قا كاپالەتلىك قىلىش. ئەمما ئورۇندۇق بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پاسسىپ. چۈنكى بىز ئورۇندۇققا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ھالقىپ مەنە ( قىممەت ) يۈكلىمەيمىز. ئەمما بىز ھاياتىمىزغا كىرگەن شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.
مەلۇم قىممەتنىڭ بايقىلىشى ياكى بىر قىممەت يارىتىش، دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بىرىنچى ۋە ھەقىقىي قىسمىدۇر. قىممەت يارىتىش، مۇئەييەن مەنە بېرىش ياكى يارىتىش ئەھدى بولۇپ، ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئىرادىگە زىچ باغلانغان ھالدا تاللاش بىلەن روياپقا چىقىرىلغان ھەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر. قىممەتكە ئىگە قىلىش ئىلمىي ئەھدىدىن ئىبارەت ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ھېسسىي خاراكتېرىغا ئىگە ئەھدىدۇر. ماكىس شېللېرنىڭچە، قىممەت يۈكلەشنىڭ تەكتىدە مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن ئىبارەت ئىككى نېگىزلىك ھېس – تۇيغۇ بولىدۇ. بارلىق باھالاش ۋە قىممەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاڭنىڭ ئۇلدا بۇ ئىككى ئەھدە ياتىدۇ. مۇھەببەت ئەھدىسىدە مۇئەييەن كىشى ياكى شەيئىگە بېرىلگەن قىممەت ئۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە كەم بولسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تۇيغۇمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. نەپرەت بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولۇپ، بۇ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدىن بۇرۇن، ئۆچمەنلىك يۈزلەنگەن شەيئىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ھېسسىي جەھەتتە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
8. ھۆر ئۆزلىكنىڭ ئاساسى فىترەت
« فا – تا – را » – بۆلۈپ، يېرىپ يارىتىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان فىترىتىدىكى ئىزچىل ئايرىلىش، ئەركىن بولۇش، بېقىندى بولماسلىق ھالەتنى ئىما قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ھەر دائىم « مۇناسىۋەت »لەر ئىچىدە ياشايدىغان جانلىق بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلەر تورى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى؛ ھەقىقىي كىشىلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش تۇيغۇسىنىڭ، فىترىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى، ھەنىف سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بۇ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە كىشىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئىنتىزاملىق بىرلىك سۈپىتىدە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ، بۇ تەرتىپ – ئىنتىزام سايىسىدە ئوخشاش بولمىغان نوپۇزلۇق كۈچلەر بەرپا قىلغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ بۇ ھاكىم كۈچلەرگە بېقىنىپ قالغانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئاتا – ئانىنىڭ نوپۇزى، جەمئىيەتنىڭ نوپۇزى، دۆلەت ( قانۇن )نىڭ بېقىندۇرۇش كۈچى، ئىنساننىڭ يەككە – يېگانە بىر شەخس ئىكەنلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان نوپۇزلۇق كۈچلەردىن بىر قانچىسى، خالاس. ئىنسان فىترىتى، بارلىق بۇ ھۆكۈمران كۈچلەرگە قارشى « مەن »لىك، « ھەقىقىي يەككە – يېگانىلىق » دېيىلگەن مۇستەقىللىق ھالىتىگە موھتاج. ئۆزىنىڭ يېگانە ( پەقەت دۇنيادا بىر ) ئىكەنلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، باشقا يەككە جانلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىق ( ئىجتىمائىيلىق )مۇ بىر خىل مەجبۇرلىغۇچى ئامىل رولىنى ئوينايدۇ. ھەر بىر ھۆر « مەن »نىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشنىڭ مەقسەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى، ھۆر « مەن »لەردىن تەشكىل تاپقان بىر جەمئىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەت سۈپىتىدە ئۆز ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ۋە بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر بولۇش، مەجبۇرىيەت چۈشەنچىسىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىدۇ. شەخسنىڭ باشقا شەخس بىلەن بىرلىكتە بولۇشى، ھايۋانلارنىڭ بىرلىكتە بولۇشىدىن پەرقلىق ھالدا پەقەت ئېھتىياج سەۋەبىدىن، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتىن ۋە ھېس – تۇيغۇ جەھەتتە بىرلىشىشتىن بۇرۇن، مەنىۋى قەدەم – باسقۇچلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان ئىتتىپاقلىقتۇر. جەم بولىدىغان، يەنە ئايرىلىدىغان، قايتىدىن يەنە ئىتتىپاقلىشىدىغان، لېكىن بىر – بىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، بىر – بىرىنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق دەخلىسى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان ھالدا، ئىنسانلار بىر – بىرىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىرادىسى ۋە مەقسىتى سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە ئاكتىپ بولىدۇ ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىلىمنىڭ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كېپىل بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاڭلىق ۋە ئىرادىلىك ھايات، ھاياتنى ئادىمىي ھاياتقا ئايلاندۇرىدۇ. ئاڭ ۋە ئىرادە، ئىنساننى ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان شەخسىيەتچىلىكنىڭ، ھەم شەخسنى، ھەم جەمئىيەتنى زاۋاللىققا ئېلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چارە – تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەبىئىتى نۇقتىسىدىن ھۆرلۈككە مايىل بولغان ئىنسان، ھەم ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ( ھەنىفلىكىنى ) مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ھەم جەمئىيەتنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسى سەۋەبىدىن ئاخىرىدا ئۇنى يوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9. ئاپتونومىيە ۋە ئىنساننىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسى
ئەركىنلىكنى ئىختىيارلىققا ئىگە بولغان ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دەپ شەرھلەيمىز. قاماپ قويۇلغان بىر ئۆيدىن چىقالماسلىق، مېنىڭ ئەركىن ئەمەسلىكىمنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن يېغىۋاتقان قارنىڭ مېنىڭ ئۆيدىن چىقىشىمغا توسالغۇ بولۇشى، ئەركىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ياكى مېيىپ ھالەتتە تۇغۇلۇشۇم ياكى تۇرمۇشتا بەزى ئىشلارنى قىلالماسلىقىمنىمۇ ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلغىلى بولمايدۇ.
نېمىدىن ( قايسى نەرسىدىن ) ئەركىن بولىمىز؟ نېمىنى قىلىشتا ئەركىن ياكى ھۆر ئەمەسمىز؟ قائىدە – تۈزۈملەر ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئىنسان قانداق بولغاندا ھۆر بولىدۇ؟ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنىڭ كونترولى ئاستىغا كىرىپ قالغان كىشى بىلەن ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلىيەلىگەن كىشىدىن قايسىسى ھەقىقىي ھۆر؟
ئەركىنلىكنىڭمۇ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرىپى بولىدۇ. ئەركىنلىك ئىنساننى بېسىم ھاسىل قىلغۇچى كۈچ ( لەر )نىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۆزىگە ئاپتونومىيە بەخش ئېتىش، ۋە ھۆر ئەخلاقى ئىگىسى ( فائىلى مۇختار ) قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك تەجرىبە – ساۋاقلارنى مەنىگە قىلىدۇ. مانا بۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىجابىي تەرىپى. بۇ نۇقتىدا بارلىق مەسئۇلىيەت ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى ئۆزىگە بەخش ئەتكۈچىدە ئەمەس، بەلكى ئىنساندا بولىدۇ. بۇ، سىياسىي ۋە مەنىۋى ھۆرلۈكنىڭ ئاساسىدۇر. مەيلى بەخت سائادىتى بولسۇن ياكى دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەسى بولسۇن، بارلىق مەسئۇلىيەت ئىنساندا بولىدۇ. بۇ ئەركىنلىك ھەر تۈرلۈك جەبىر ( تەقدىرپەرەسلىك )نى رەت قىلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ بىر ئىشنى قىلىپ – قىلماسلىقتا ھۆر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەركىنلىكنىڭ سەلبىي تەرىپى بولسا شەخسكە ئېلىپ كېلىدىغان يالغۇزلۇق ۋە ئاجىزلىق تۇيغۇسى بولۇپ، بۇ سەلبىي تەرەپ ئىنساننىڭ ئىختىيارىلىقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقتىن ياكى ئەركىنلىكنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق « ئىسىت »لار ۋە « پۇشايمانلىق »لار كىشى ئىرادىسى ( ئەركىنلىكى )نى ناتوغرا ئىشلىتىشنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. قۇرئان بۇ ھالەتنى « پۇشايمانلىق » دەپ ئاتايدۇ. پۇشايمانلىق، قولدىن كەتكەن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان پۇرسەت ۋە ئەركىنلىكىمىزنىڭ ناتوغرا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئەھۋاللارنى ئوڭشاشقا ئامالسىز قالغان نادامەتنىڭ ئىسمىدۇر.
ئەقىلنى ۋە ئىرادىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش ياكى ئۇنتۇش، ئىنساننىڭ « ئۆزلۈك »ىنى ئۇنتۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ ( پۇشايمانلىق ). ئىنساننىڭ نەپسىنى، يەنى ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ قېلىشى، ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە مېتافىزىكىلىق مەۋجۇتلۇق دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئەقلىنى ( logos ) ۋە تۇيغۇسىنى ( nous ) پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، كىشى ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى ماددىي دۇنياغا مەھكۇم قىلىدۇ، مەنىۋى دۇنياغا بېقىندى بولۇپ قالىدۇ. ئىنسان، ئەقلىنى ھېسسىياتىنىڭ تىزگىنلىشىگە يول قويغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئۆزلۈك ۋە ئاڭ يوقسۇزلۇقى، ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يوقۇلۇشىنى، ھەم جىسمانىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش مايىللىقىنىڭ ئۆزىگە تاڭغان ھايۋانى ئۆزلۈك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىنساننىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇشقا مايىل بولۇشى ۋە ئەركىنلىكىنى ھەمىشە « ئەڭ ياخشى »لارنى تاللاشقا ئىشلەتمەسلىكى، ئۇنىڭ يالغۇز قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە دائىم تاشقى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى زۆرۈر قىلماقتا. بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
« ئىنسان ئاجىز يارىتىلغانلىقتىن ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. »
ئىنساننىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىشتا نامايان قىلغان ئاجىزلىق، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ « ئىنايىتى »گە بولغان موھتاجلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئىنساننىڭ « مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ئىرادە ۋە كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە قىلىپ يارىتىلىشى » بىلەن ئاللاھنىڭ ئىنايىتىنىڭ بىرلىكتە ئاكتىپ قىلىنىشى، مەزكۇر ( ئەمەلىي ھەرىكەت ) جەريانىدا ئىنساننى ياكى ئاللاھنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان نەزەرىيەلەرنى تەنقىد قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ.
ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئۇنى ئېلىپ بارغان خالتا كوچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىمانغا چىڭ يېپىشقان « لۇتېرىيان ( Lutheryan ) نەزەرىيەسى » ئېسىمىزگە كېلىشى مۇمكىن. لۇتېر ( Luther )نىڭچە، ئىنساننى ئىرادىسى ئەمەس، ئىمانى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ « ئىمان » ئاتا قىلىشى نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئىنسان « شۈبھە » قىلغۇچى ھالىتىدىن « قەتئىيلىك » ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇ قەتئىيلىك ھالىتىگە ئۆتۈشتە تەڭرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
كىشىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتنىڭ ئالدىن پۈتۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە تەلىمات ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كالۋېن ( Calvin ) بۇ تەلىماتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ نەزەرىيە ئىنساننىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق مەنىگە ۋە ھېچقانداق ئەھمىيەت ئىگە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇھىم پىسخىكىلىق نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. ئىنسان ئىرادىسى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقى ۋە ھېچقانداق مەنىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تەلىمات بولمىسا كېرەك. بۇ تەلىماتتا ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدىكى ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنغان ۋە ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن قارارلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر ئىش قالدۇرۇلمىغانىدى. دۇنيادىكى ياخشى – يامان بارلىق ئىشلار تەڭرىدىن كەلگەن ئىدى. ئىنساننىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشىنى نوقۇل « ئىمان »غا باغلاپ قويغان ۋە بارلىق تالاش-تارتىشلارنى « ئىمان»غا تۈگەللەپ قويغان تەلىمات، كىشىلەرنى نەچچە يۈز يىل ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بىھۇشلۇققا مۇپتىلا قىلىشتىن باشقا نېمىگە يارايدۇ؟! بۇ تەلىماتنىڭ يەنە بىر تەرىپى، ئىنسان ھاياتىدىكى ھەممە نەرسە ئالدىن بېكىتىلگەنلىك چۈشەنچىسى بولۇپ، ئىنسان زېھنى دۇنياسىنى بىئارام قىلىۋاتقان ئەقىلگە نامۇۋاپىق گۇمانلارنى، مانا مۇشۇنداق ئېتىقادنىڭ پەسكويغا چۈشۈرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچتۇر. ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى گىپنوز قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەتراپلىق ئويلانغاندا، بۇ تەلىماتنىڭ ئىنسان زېھنىدىكى گۇمانلارنى پەسكويغا چۈشۈرۈشنىڭ ئەكسىچە كۈچەيتىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننى تېخى تۇغۇلماستىنلا ئەبەدىي لەنەتكە ياكى ئەبەدىي نىجاتلىققا لايىق كۆرۈشتىنمۇ زىيادە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان قاراش بولامدۇ؟ ئۇنىڭدىن قالسا ئۆزلىرىنى تاللىنىپ نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر قاتارىدىن دەپ قاراپ، بۇنداق بىر نەزەرىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قانداق روھى – كەيپىياتتا بولىدۇ؟ نىجاتلىقنىڭ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىكى تەقدىرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش، ئىنساننىڭ ئەمەللىرى ۋە بۇ ئەمەللەرگە تۈرتكە بولغان ئەقىلنى خارلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدۇر. خىرىستىيان دىنىغا كىرمىگەنلەرنىڭ ئەزەلدە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغانلىقىغا باغلايدىغان، ھەتتا بۇ لەنەتلەنگۈچىلەرنى قىرىپ نەسلىنى قۇرۇتۇشنىڭمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ ئىلاھىيەت تەلىماتىنىڭ، جەنسىزنىزم ( Jansenizm )نىڭ، روھى – ھالىتىنى ئايرىم تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەبەدىي ھاياتنىڭ ئالدىنى پۈتۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ۋەز قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىنى غايىسىزلەشتۈرگەن ئىدىيە، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ دۇنيادا قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمىر – پەرمان ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ ھېكمىتىنى قانداق ئىزاھلايدۇ؟ پۈتۈۋېتىلگەن تەقدىرىنى ياشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا پىچىلغان رولنى ئوينايدىغان ئىرادىسىز (!) كىشىلەرگە ياخشىلىق بۇيرۇش، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدە ۋەز – نەسىھەت قىلىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولىدۇ؟
كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا باراۋەر ئەمەسلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان بۇ ئىدىيە، كىشىلەرنىڭ تەبىئىي باراۋەرسىزلىكىگە تايىنىپ دۇنيانى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان ناتسىستلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. ماكىياۋېللى ( Machiavelli )، ھەمىشە تارىختا ياشايدىغانلار ۋە تارىخ ياراتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل ئادەم تۈرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. يەنى، خام ماتېرىيال ۋە بىناكارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى. كىشىلەرگە قىلىشقا تېگىشلىك ھېچنېمە قالدۇرمىغان پۈتۈۋېتىلگەن تەقدىر چۈشەنچىسى، كىشىلەرنى تارىخنى يارىتىشقا ئەمەس، پەقەت ياشاشقا؛ بىناكار بولۇشقا ئەمەس، باشقىلارنىڭ قولىدا پەقەت ماتېرىيال بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆزىنى تاللانغان ۋە نىجاتلىققا ئېرىشكەن « مەن »لەر دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ، «مىللىي مەن» گە ئايلانغان، ۋە ئۆزىدىن باشقىلارنىمۇ « مەن »لەشتۈرمەكچى ( ئۆزلىرىگە ئوخشاتماقچى ) بولغاندا، كىشىلەرنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن يىراقلارغا كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىنى « گېرمانىيە مىللىتىگە خىتاب »نىڭ (1807) ئاپتورى فىچتېنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزقاراش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى خىتابىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
« ئىنسان ئۆزىنىڭ غايىسىگە ئاساسەن ھەر قانداق رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۇ كۈچنىڭ ئۆزىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى، ئۆزىنىڭ قۇل ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرىشى يېتەرلىكتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشى، غايىسىنى بىلىشى، ۋە ئۇنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا ‹ مەن‹ ئەمەسلەرنى قانداق قىلىپ بارا – بارا ‹ مەن ›لەشتۈرگەنلىكىگە نەزەر تاشلىسۇن. »
يۇقىرىدىكىلەر، بارلىق دىنىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلاردىن مەھرۇم بولغان كۈچلۈك ۋە ھۆر ئىنسان دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقتۇر. ئىنسان، ئىنسان بولۇشتىن كېلىپ چىققان ھۆكۈمرانلىق بىلەن، ياراتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تېئولوگىيە ( غايىچانلىق ) ۋە ئىتئولوگىيە ( ئەخلاقلىق ھالدا مۇئامىلە قىلىش ) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرالمىغانلىقتىن، قۇربانى يەنىلا ئۆزى بولىدىغان ئانارخىيەنىڭ پىلتىسىگە ئۆزى ئوت تۇتاشتۇردى. تەڭرىگە ئىشىنىشنىڭ قۇللۇق بولىدىغانلىقى، ۋە ئىنسان ئىرادىسى رەت قىلىنغان بىمەنە كۆز قاراشلارغا قارشى ھالدا خۇداسىزلىقنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇتلەق ئىرادە ھاكىمىيىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئوخشاش ناتوغرا كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسان، بۇ خاتا چۈشەنچىنى ئاساس قىلغان ھايات پەلسەپەسى ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بەك قۇل قىلغان، ۋە تېخىمۇ ھۆر ئىرادىسى بولمىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان باشقا مەبۇدلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىردى. چۈنكى ھەر كىم ئۆز خالىغىنىنى قىلىدىغان جايدا ھېچكىم خالىغان ئىشىنى قىلالمايدۇ. مەبۇد يوق جايدا ھەممە ئادەم مەبۇد بولىدۇ. ھەممە ئادەم خوجايىن بولغان ماكاندا، ھەممە ئادەم قۇل بولىدۇ.
10. ئەركىنلىكنىڭ مەنبەسى
ئىدېئالىست پەيلاسوپلار، « مەن »لىكنىڭ پەقەت ئەقلىي ئىدراك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. ئۇلار ئىنسان كىشىلىكىنىڭ بۆلۈنۈشى ھەققىدە چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تىزگىنلىنىپ ئەقىل ۋە مەنتىقىنىڭ كونترولى ئاستىغا ئېلىنىشىنى تەكىتلىگەنىدى. لېكىن بۇ پارچىلىنىش نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ ھېسسىي دۇنياسىلا ئەمەس، ئەقلىي دۇنياسىمۇ مەجرۇھ بولۇپ قالغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىبارەت مەھبۇسنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەقىلنىڭ ئۆزى مەھبۇس بولۇپ قالغانىدى. ئۆزلۈكنىڭ شەكىللىنىشى پەقەت تەپەككۇر ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن كىشىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى، ھېسسىي ۋە ئەقلىي يوشۇرۇن كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئايان قىلىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ.
ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەتكە ھامىلە بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىغان ئىنسان، ھۆرلۈكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئورۇن ئىزدەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەركىنلىكتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ مېخانىزم، شەخسنىڭ ئۆزىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئۆزىدە بولمىغان كۈچنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزىدىن باشقا بىرسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش خاھىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۆزىنى تۆۋەن ھېس قىلىش، ئاجىزلىق تۇيغۇسى ۋە يالغۇز قالسا ئۆزىنى قىممەتسىز ھېس قىلىش تۇيغۇلىرى، ئۆزىنى خار قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلىدۇر.
ئىنساننى يارىتىلغان باشقا مەۋجۇدىيەتلەر بىلەن ئوخشاش بىر كاتېگورىيىدە مۇھاكىمە قىلىش، ئۇنىڭغا شەخسىي ئاپتونومىيە بەرمەسلىك، ئۇنى چۈشەنچە، ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغان كۈچكە بېقىندۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالمايدىغان دەرىجىدە مەجرۇھ قىلىپ قويىدىغان مۇستەبىت ئىدىيەنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ھاياتنىڭ، كىشىنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ، پايدا – مەنپەئەتىنىڭ ۋە ئارزۇلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن كۈچلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكىگە ئىشىنىش، بۇنداق ئىدىيەنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھەر قانداق مۇستەبىت چۈشەنچىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. بىردىنبىر ئېرىشكۈسى خۇشاللىقى، بۇ كۈچلەرگە ئىتائەت قىلىشتۇر. نەتىجىدە ئىنسان، قەتلى قىلىنغان ئۆزلۈكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خارلىقتىن، پەقەت ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغان كۈچلەرگە بويسۇنۇش ئارقىلىق قۇتۇلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى يالغان ئاڭنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ.
مۇستەبىت كىشىلىككە نىسبەتەن نوپۇز، ئۇ مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاجىزلىق تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا نوپۇز، كىشىنىڭ « ئۆزلۈك »ىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان بىر شەيئى نامىدا ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم ئاللاھنىڭ نامىدا، ئۆتمۈش، تەبىئەت ياكى خىزمەت نامىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىزمۇ كەلگۈسى، ۋۇجۇدقا كەلمىگەن، ئاجىز ئۈچۈن ياكى ھاياتلىق نامىدا بولمايدۇ. مۇستەبىت كىشىلىكنىڭ كۈچى، ئۇ ئۆزى يۆلەنچۈك قىلغان ئۆزىدىن ئۈستۈن كۈچتىن كېلىدۇ.
ھاياتىنى كۆرۈنمەس شەكىلدە ئۆزىدىن باشقا كۈچلەرگە بېقىندى قىلىپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، ھېس – تۇيغۇلىرى ۋە ئوي – پىكىرلىرى ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە مەزكۇر كۈچكە زىچ باغلانغان بولىدۇ. ئۇلار « ئۇنىڭدىن » ئۆزلىرىنى قوغدىشىنى، ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ – ئۈمىد قىلىدۇ. ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاقىۋەتكە « ئۇنى » مەسئۇل قىلىدۇ. ئادەتتە مەزكۇر كىشى بۇ بېقىندىلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بېقىندىلىقىنى مۈجمەل شەكىلدە ھېس قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزلىرى بېقىنغان كىشى ياكى كۈچلەر نامەلۇم بولۇپ، بۇ كۈچ ھەققىدە ئۆزلىرىدە ئېنىق چۈشەنچە يوق. ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مەلۇم كۈچ – قۇدرەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى، شەخسنى قوغدايدۇ، ياردەم قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ، پەقەت يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ. بۇ كۈچ ھەقىقىي ياراتقۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز كاللىسىدا پەيدا قىلغان كۈچتىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
كىشىلىكنىڭ غايىپ بولۇشى ئادەتتە كىشىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىنى كۈچەيتىدۇ. چۈنكى « ئۆزلۈك » ئېڭىنىڭ غايىپ بولۇشى، كىشىنىڭ كىملىكىگە بولغان گۇمانىنى كۈچەيتىدۇ. ئەگەر « غايەمدىكىدەك كىشى بولالمىغان بولسام، ئۇنداقتا « مەن » كىم؟ مەلۇم شەخس مەۋجۇت جەمئىيەتتە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا بولغان ئوتتۇرا ئەسىر قۇرۇلمىسىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى بىلەن، كىشىنىڭ « ئۆزلۈكى »گە بولغان گۇمانى تۇغۇلۇشقا باشلاندى. شەخسنىڭ كىملىكى دېكارتتىن باشلاپ ھازىرقى پەلسەپەسىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. كىشى، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە ماس ھالدا « غايىسى كىشى » بولۇشتىن بەكرەك، « بولۇشى ئارزۇ قىلىنغان شەخس » كە ئايلىنىدۇ.
زىگمۇت بائۇمان ( Zygmunt Bauman )، « قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە شەرھلىگۈچىلەر » ناملىق كىتابىدا 17 – ئەسىردىكى ئەنگلىيەدە يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن تەڭشەش ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن يەر – ماكانسىز، « خوجايىنسىز » قالغان بىكار تەلەپلەر ( مالايلار )نىڭ، شەھەرلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن:
« بۇ سەۋەبتىن قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ نەزەر كۆزى خوجايىنسىز قالغان كىشىلەرنىڭ ‹ كىملىكى ›نى تونۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئوڭاي كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋاسىتىلەرگە چۈشتى. ئەڭ ئاددىي مېتود، ھەر بىر چارۋا باققۇچى بىلىدىغان ئۇسلۇب ئىدى. يەنى، تامغىلاش! جامېس I ( James ) دەۋرىدە، بۇرۇن ئىگىسىز قويلارغا ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنگەن بۇ مېتودنىڭ دائىرىسى سەرگەردانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلدى. 1604 – يىلدىكى قانۇندا ‹ تامغا › ھەققىدە مۇنداق كۆرسەتمىلەر بېرىلگەنىدى: تامغا تېرە ۋە ۋۇجۇدقا شۇنداق بېسىلىشى كېرەككى، ‹ R › ھەرپى كۆرۈلۈپ تۇرسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لۈكچەك ( rogue )نىڭ مەڭگۈلۈك بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. »
باشقىلارنىڭ ئۈمىدىگە ماسلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكى توغرىسىدىكى بۇ گۇمانلار جىمىقتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ئىشەنچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تەبىئىيلىك ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقتىن ۋاز كېچىش ھاياتقا توسقۇنلۇق ئۇچرىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ماسلاشقان كىشى بىيوگېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ھايات، ئەمما ھېسسىيات ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئۆلۈكتۇر. ئۇ تۇرمۇش تەقەززا قىلغان ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى خۇددى بارمىقى ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان قۇمدەك يوقاپ كېتىدۇ. پەقەت تويۇنۇش ۋە ساخاۋەت نىقابىنىڭ ئارقىسىدىكى زامانىۋى دەۋر كىشىلىرى، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن بەختسىز ۋە ئۈمىدسىز.
خۇلاسە
ئاللاھ بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارىتىش پىلانىغا داخىل قىلغان، ئەقىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلغان، يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يەلكىسىگە يۈكلىگەن ۋە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرىپىنى ھېس قىلسۇن دەپ « ھۆرلۈك » بېرىلگەن ئىنساننىڭ، ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ھۆرلۈكى بوغۇلماقتا، كائىناتتىكى ئىمتىيازىغا سەۋەب بولغان تالانتلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئىچكى تۇيغۇسى ( پىروگراممىلانغان بۇيرۇق ) بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ماشىنا ئادەم دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلماقتا.
قابىلىيەتلىرىنى ئاكتىپ ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىق ۋە ئۈمىد – ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۈمىدسىزلىك، كىشىنى ھۆرلۈك مونوپوللىرىنىڭ مول – ھوسۇللۇق مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە بۇرۇقتۇملۇق كىشىدە پەيدا قىلغان بوشلۇق، جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ھوقۇقىنى چاڭگىلىدا تۇتقان قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە شەرھلىگۈچىلىرى تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان مەۋجۇت جەمئىيەتنىڭ شەرتلىرىگە مۇۋاپىق شەكىلدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تۇغۇلۇشتىنلا ھۆر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىنساننىڭ ھۆرلۈك تەلىپى، پەقەت مەنىۋى دۇنيادىكى قوبۇل قىلىشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. خۇدا تەرىپىدىن ئەركىن يارىتىلغان ئىنسان جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن يەرلىك ئادەتلەرگە، ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرە قىلىنغان ماكاننىڭ تەۋرەنمەس قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆرپ – ئادەتلەرگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئىنسان ھېچقاچان « خوجايىن »سىز قالمايدۇ. ئۇ ھەمىشە قانۇن، ( ئاتالمىش ) ئەخلاق قائىدىسى، ئۆرپ – ئادەتلەر قىسقۇچى ئارىسىدا ياشايدۇ. بەزىدە ئۇ ئۆزى ھېس قىلغان، كۆپىنچە ۋاقىتتا بولسا ئۆزى ھېس قىلمايدىغان قائىدە – تۈزۈملەرگە كۆندۈرۈلىدۇ. ئۇ ئەركىنلىكنىڭ ماھىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت ھالدا «مۇۋاپىق»قا ماسلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى ۋە كىملىكىنى قولغا كەلتۈرىدىغان خىرىسقا دۇچار قىلىنىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرلاش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش بەزىدە دىن، بەزىدە قانۇن، بەزىدە ئەخلاق، بەزىدە ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنە مەپكۇرىسى ئاستىدا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.
فىترەت ئۇقۇمى، ئىنسانلارنىڭ ھەم ئىچكى ئېزىقتۇرۇشقا ( شەيتان، ۋەسۋەسە )، ھەم تاشقى تەرەپتىن يۈزلەندۈرۈشلەرگە قارشى چىقىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ ھايات كەچۈرۈش تەڭشەكلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ – بۇزۇلمىغانلىقىنى ئۆزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ئاساسلىق مەۋجۇدىيەت ئۇلىدۇر. بارلىق ئىنسانلاردا بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىش، جىسمانىي تەرەپنى مەنىۋى تەرەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ياكى يېپىق كائىنات شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، بۇ پەقەت ئىنسان ئىرادىسىنى مۇنازىرە قىلىشتىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ئىنسانلارنىڭ فىترىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئاللاھنىڭ فىترىتىنىمۇ ( بۇ فىترەتنى ئاتا قىلغۇچى مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسىنىمۇ ) قوشۇپ تەكىتلەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
Adang, Camilla, ‚Islam as the Inborn Religion of Mankind: The Concept of Fitrah in the Works of Ibn Hazm,‛ al-Qantara, 21 (2000): 391-410.
Ahmed b. Hanbel, Musned, thk. Şuayb el-Arnavût.
Alsan, Necip, Çağımızı Hazırlayan Düşünce, Eylem ve Düşünce Açısından XIX. Yüzyıl, İstanbul: 1967.
Aygün, Fatma, ‚Allah’ın Varlığını Bilmeye İlişkin Mâturîdî’nin Fıtrat Delili (Hilkat Delili)‛, Tarih Kültür ve Sanat Araştırmaları Dergisi, 4/4 (2015): 93125.
Bauman, Zygmunt, Yasa Koyucular ve Yorumcular, İstanbul: Metis Yayınları, 1996.
Benslame, Fethi, İslam’ın Psikanalizi, çev. Işık Ergüden, İstanbul: İletişim Yay., 2005.
Brohi, Allahbukhsh, ‚The Qur’an and Its Impact on Human History‛, Islam: Its Meaning and Message, ed., K. Ahmad and S. Azzam, Londra: 1975,
Ebû Dâvûd, Sünne, 4716.
Ebû Hanîfe, el-Fıkhu’l-Ekber (İmam A’zam’ın Beş Eseri içinde), nşr. Mustafa Öz, 4. bs., İstanbul: MÜİFV Yay., 2008.
Gazâlî, Munkız.
Griffel, Frank, ‚The Harmony of Natural Law and Shari’a in Islamist Theology,‛, Shari’a: Islamic Law in the Contemporary Context, ed. F. Griffel and A. Amanat (Stanford: Stanford University Press, 2007), 3861.
Griffel, Frank, ‚Al-Ghazali’s Use of ‚Original Human Disposition‛ (Fitra) and Its Background in the Teachings of al-Fârâbî and İbn Sina‛, The Muslim World, 102 (2012): 1-32.
Hâdimî, Berîka, çev. B. Çetiner v.dğr., İstanbul: Karaman Yay., 1989.
Holtzman, Livnat, ‚Human Choice, Divine Guidance and Fitra Tradition: The Use of Hadith in Theological Treatises by Ibn Taymiyya and Ibn Qayyim al-Jawziyya‛, Ibn Taymiyya and his Times (Studies in Islamic Philosophy), ed. Yossef Rapoport and Shahab Ahmed, (Oxford: 2010), 163-88.
İbn Abdilberr, et-Temhîd, Titvân: 1987.
İsfehânî, Râgıb, Müfredât, thk. Muhammed Seyyid Kîlânî, Beyrut: Dâru’lMeârif, ts.
Jabre, Farid, Essai sur le lexique de Ghazali (Beirut: Librairie Orientale, 1985.
Kurtubî, el-Câmi’ li ahkâmi’l-Kur’ân, nşr. Ebû İshâk İbrâhîm, Kahire: 1966-67.
Landolt, Hermann, ‚Ghazalî and ‘Religionswissenschaft’ Some Notes on the Mishkât al-Anwâr,‛ Asiatische Studien. Zeitschrift der Schweizer Gesellschaft für Asienkunde, 45 (1991): 19-72.
Mâturîdî, Te’vîlâtu’l-Kur’ân, İstanbul: Mizan Yay., 2008.
el-Mu’tik, Avvâd b. Abdullâh, el-Mu’tezile ve Usûluhum el-Hamse ve Mevkifu Ehli’s-Sunneti Minhâ, Riyad: 1996.
Subkî, Takiyyüddîn, Küllü mevlûdin mûledu ‘alâ’l-fıtrati, thk. M. S. Ebû Ammihî, Tanta: 1990.
Yavuz, Hilmi, İslam’ın Zihin Tarihi: Bir Müslüman Aydın’ın İslam Üzerine Düşünceleri, İstanbul: Timaş Yay., 2009.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*