«قۇتادغۇ بىلىك»نى ئىسلامىزم جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە بىر ئىككى سۆز

2020-يىلى 2-ئاپرېل

نۇرئەھمەت قۇربان*

قىسقىچە مەزمۇنى: تۈرك ئىسلام ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نەمۇنىلىرىدىن بىرى دەپ قوبۇل قىلىنغان قۇتادغۇ بىلىكنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئەسەر يېزىلغان دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مۇئەللىپ يېتىشكەن مۇھىت ۋە ئەسەرنىڭ مۇھتەۋاسى قاتارلىق بىر قاتار ئېلېمېنتلار نەزەردە تۇتۇلغاندا مەزكۇر ئەسەرنى دىنىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەسەرنى بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن قاراپ باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىققان ۋاقىتتا يۇقىرىدىكى قاراشنىڭ ئورۇنلۇق بولۇپ بولمىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولىدۇ. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ۋە تۈركىيەدە، شۇنداقلا باشقا ئەللەردە بۇ ئەسەر خىلمۇخىل نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىندى. ھەر تەتقىقاتچى ئەسەرنى ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى مەركەز قىلغان ھالدا يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈپ تەپسىر قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىسلامىي كۈلتۈر شارائىتىدا يېزىلغان، ئىسلام دىنىنىڭ رېئال مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ھالدا ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئېنسىكلوپېدىيەلىك تەرىپى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنتۇلۇپ قالدى. ۋاھالەنكى بىر ئەسەرگە پارچىلار ئۈستىدىن باھا بەرگەندە مۇئەللىپنىڭ مەقسىتىدىن چەتنەپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلىم ئەربابى قوبۇل قىلغان بىر مەسىلە.
ھەممىدىن ئاۋۋال قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئىسلامىي بىر مۇھىتتا، مۇسۇلمان بىر مۇتەپەككۇر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ يەنە مۇسۇلمان بىر ھۆكۈمدار (تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان يەنى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخان)غا تەقدىم قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەرگە باھا بەرگەندە مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويمىغان ياخشى. ھەرقانداق بىر ئەسەرنى تەتقىق قىلغان مۇئەللىپنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىدا تۇرۇپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ قىسقىغىنا تەتقىقاتىمدا بىرقانچە پاراگرافلىق مەلۇمات بىلەن قۇتادغۇ بىلىكنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە تىرىشىمەن. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرى بولۇپمۇ دىنىي ئۆلىما تەبىقىسى بۇ ئەسەردىكى قىممەتلىك جەۋھەرلەرنى تېخىچە بايقىيالمىغانلىقىغا شاھىتمىز. لېكىن مۇشۇنداق بىر قانچە بەتلىك بىر يازما بىلەن ئەسەرنىڭ دىنىي تەرىپىنى ھەقىقىي مەنىدە يورۇتۇپ بېرىش ئىمكانسىز. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىمنى ياكى بۇنداق بىر مۇددىئايىمنىڭ يوقلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە باشتا بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن.

ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*