ئىسلامنى توغرا ئاڭقىرىۋاتامدۇق؟

2019-يىلى 12-دېكابىر

دىيانەت ئىشلىرى ئورگىنى سابىق باشلىقى ۋە قۇرامەر ( قۇرئان تەتقىقات مەركىزى – KURAMER )مۇدىرى پىروفېسسور دوكتۇر ئالى بارداكئوغلۇ، يېڭى نەشر قىلىنغان « ئىسلامنى توغرا ئاڭقىرىۋاتامدۇق؟ » سەرلەۋھىلىك كىتابى ھەققىدە ژۇرنالىست تاھا ئاكيولنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تالىباندىن تارتىپ ھەر جامائەت ۋە گۇرۇپپا ئۆزىنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسىنى توغرا دەپ قارايدۇ. سىزمۇ « كىتابلىرى كۆيدۈرۋېتىلگەن ئىبن ھەزم، تەكفىر قىلىنىغان ئىبن رۇشد ۋە ئەرابىمۇ… تەيمىيەمۇ؟… » دەپ مىساللار بىلەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى نېمە؟

ئىسلام دىنىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. ئاللاھ ئاخىرقى دىنىنى ئىنسانلارغا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئان ئارقىلىق بىلدۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز قۇرئاننى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتا قانداق تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى شۇ دەۋر شارائىتى ئىچىدە كۆرسىتىپ بەرگەن. لېكىن بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا نازىل بولىۋاتقان ۋەھىي ۋە ھايات بىر پەيغەمبەر يوق. « مۇسھاب » دەپ بىلىنگەن قۇرئان تېكىستى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان « ھەدىس »لىرى بار. مۇسۇلمانلارنىڭ زېممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەت بولسا بۇ ئىككى مەنبەنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىشتۇر. تەدبىقلاش ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن پرىنسىپلار ئوتتۇرىغا چىقىرىش، قۇرئان ۋە سۈننەت ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەقسەتلەرنى ئىدراك قىلىشتۇر. مانا بۇ نۇقتىدا ئەقىل ۋە شەرھىي، چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن تەبىئىي ھالدا پەرقلىق قاراش ۋە شەرھىيلەر، ھەر رايون ۋە خەلقتە پەرقلىق چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خىل كۆپ رەڭنىڭ ياكى ئاۋازنىڭ بولۇشى دىن ئۈچۈن خەۋپ ۋە دىندا بۇزۇلۇش ئەمەس، ئەكسىچە نورمال ئەھۋالدۇر. ھەتتا بۇ بايلىقتۇر. “دىن ئىچى” كۆپ خىللىقتىن قورقماسلىق كېرەك.

“دىن ئىچى” كۆپ خىللىق

“دىن ئىچى”دە كۆپ خىللىقنى ياقىلاۋاتىسىز، بۇ « نىفاق » بولمامدۇ؟

تارىخ بويىچە مۇسۇلمانلار بۇ رېئاللىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلدى. دىن ئىچىدىكى كۆپ خىللىقنى نىفاق دەپ قارىماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە بايلىق، رەھمەت دەپ قاراش ھەممىدىن مۇھىم. مۇسۇلمانلار دىننىڭ ئۇلۇھىيەت، ئاخىرەت، نۇبۇۋۋەت ( پەيغەمبەرلىك )، ئاساسلىق ئىبادەت شەكىللىرى ۋە ھاراملارغا ئوخشاش نىگىزلىك مەسىلىلەردە ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. لېكىن بۇلارنىڭ سىرتىدىكى مەسىلىلەر ۋە شەكىل جەھەتتىن دىننىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالمىغان ئىجتىمائىي ھايات ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قۇرۇلما، ئائىلە، ئىجتىمائىي ھايات، تەلىم – تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى، مۇسۇلمانلار ئۆز دەۋرنىڭ رېئاللىقىنى ۋە دىننىڭ نىگىزلىك پرىنسىپلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ تەرەپلەردە كۆرۈلگەن ئوخشاشماسلىقلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يەنى، ئۇنىۋېرىسال بىر دىنغا مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ خىل رەڭدارلىق نورمال ھادىسىدۇر. « ئوخشاش بىر كىتاب ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتقان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ھەر مۇسۇلماننىڭ ھاياتى بىر خىل بولۇشى كېرەك، دىننى بىر قېلىپ ئىچىدە چۈشىنىش كېرەك » دېگەنلىك، يا ئەنئەنىمىزنى پەقەت بىلمىگەنلىك ياكى قارىغۇلۇقتۇر ۋە ياكى مۇتەئەسسىپ ئىدېئولوگىلىك پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بىرنىڭ تارىخىمىز ئوخشاش بىر ئايەت ياكى ھەدىسنى پەرقلىق شەكىلدە چۈشەنگەن، ئوخشاش ۋەقەدىن پەرقلىق پرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. بىز بېكىنمچىلىك قىلمىغان ۋە ئۆزىمىزگە ئىشەنچ قىلغان دەۋرلەردە دىننىڭ ئەقىدە ۋە شەرىئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن نىگىزلىك مەسىلىنى ئەركىن ھالدا مۇنازىرە قىلالىدۇق. بۇ ئىلىم ۋە مۇنازىرىدىن كېيىن دىن يوق بولۇپ كەتمىدى، ئەكسىچە دىنى مەلۇمات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، مەزمۇت ھالغا كەلدى.

بۈگۈن ئۆزىمىزنى مەركىزى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقەت مونۇپۇللىقى قىلىۋاتىمىز، قارىشىمىزغا قوشۇلمىغان كىشىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىمىز، ئۇلارنى ئىسلام دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇۋاتىمىز. بىرسى ئىبنى ئەرابىنى، بىرسى ئىبنى تەيمىييەنى، يەنە بىرسى ئىبنى رۇشدنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ. بۇ بىنورمال، ئىللەتلىك پوزىتسىيەدۇر. ئۆز چۈشەنچىمىزنى دىن بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش، دىننىڭ ئۆزى قىلىپ كۆرسىتىش كىبىردۇر. بۇ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ كامىل ئەمەسلىكى ۋە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتە قوبۇل قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن ئىچكى دۇنيارىمىزدا پەيدا بولغان غەزەۈنىڭ ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشىدۇر.

قۇرئان ۋە سۈننەت

پۈتكۈل مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە سۈننەت دەيدۇ. لېكىن بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەر بىر – بىرىدىن پەرقلىق، ھەتتا بىر – بىرىگە زىت كېلىدۇ. توغرىنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك بولغان « ئۇسلۇب » قايسى؟

بۇ نۇقتىدا بەلكىم ھەممىدىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرسى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پەرقلىق دىنى چۈشەنچىلەر ۋە بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى نامايەندىسىنى ھەق – باتىل، ھىدايەت – زالالەت، ئىمان – كۇپۇر قاتارلىق ئەقىدە ( ئېتىقاد ) كاتىگورىيىسىدە ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق – نامۇۋاپىق، توغرا – خاتا دېگەندەك ئۇقۇملار ئۈستىدە بەرپا قىلىنغان تەنقىدى ۋە ئانالىز خاراكتېرلىق نۇقتىئىينەزەردە تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ مۇرادى بىلەن شەخسىلەرنىڭ قاراشلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۆزىمىز چىقارغان يەكۈن ياكى قاراشنىڭمۇ، نەتىجىدە سوبىيكتىپلىق ۋە نىسپىيلىقتىن خالىي ئەمەسلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، مۇقەددەس نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دىن خوجايىنلىقى تۇيغۇسى ئىچىدە ئەمەس، ئىلمىي مۇزاكىرە ئۇسلۇبى دائىرىسى ئىچدە مۇنازىرە قىلىشىمىز، ھەر مەسىلىنى دىن – ئىمان كۈرىشىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك.

ئىسلامدا دىنىدا مۇتلەق نوپۇز، ئىلاھى ۋەھىي ئالغانلىقى سەۋەبىدىن پەقەت پەيغەمبەرلەرگە خاستۇر. ئۇنىڭدىن باشقا دىنى ئالىملارنىڭ، موللا – شەيخلەرنىڭ ۋە دۆلەت ئەربابلىرنىڭ دىنى سالاھىيەتكە ئىگە بىردىن بىر مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە شەخسلەر ئەمەسلىكىنى، ئىسلامنى چۈشىنىشنىڭ ھېچقاچان مەلۇم بىر تەبىقە ياكى گۇرۇھقا خاس قىلىنمىغانلىقىنى دائىم نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇ ئوخشاش دىنغا ئىشەنگەن، ئوخشاش قىبلىگە يۈزلەنگەن، لېكىن دىننى بىزدىن ناھايىتىمۇ پەرقلىق ھالدا چۈشەنگۈچىلەرگە -ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تاللىشىمىزنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ھەققىمىزدىن ۋازكەچمىگەن ھالدا- قۇلاق سېلىش ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىكتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، ئەنئەنىۋى سىغدۇراشچانلىق دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز ۋە ھەقىقەت مونۇپۇللىقىدىن ۋەز كېچىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ دىنىنى قىيامەتكىچە قوغدايدۇ. ئىسلام ھەققىدە ۋەز ئېيتقانلار، يازغانلار دىن مۇئەككىلى، پاسىبانى بولۇۋېلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى، دىندارلىق دەرىجىسىنى باھالاشنىڭ ئورنىغا، ئاللاھ نازىل قىلغان ئاخىرقى ۋەھىينى چۈشىنىش، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ دىندارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ۋە قوغداش، ئاندىن باشقىلارغا ياخشى ئۆلگە بولۇش يولىنى تاللىسا ناھايىتى ئوبدان قىلغان بولىدۇ.

تارىخ ۋە ئىجتىمائىي مېتود

تارىخ ۋە ئىجتىمائىي شەرتلەر نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق مېتودى بۇرۇندىن تارتىپ بارمىدى؟

قۇرئان ۋە ياكى سۈننەتتە يەر ئالغان بىر باياننى چۈشەنگەن ۋاقىتتا ۋە ئاۋام ئامىلىنى نەزەردە تۇتۇش يېڭى ئەمەس، بەلكى تۆت خەلىپىدىن باشلاپ ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر مەسىلىدۇر. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر مەدىنىدە يېڭى بەرپا قىلىنغان دۆلەتكە باج (زاكات) بەرمەي، سىياسىي ئىتتىپاققا قوشۇلۇشنى خالىمىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىش قارارىنى چىقارغان. چۈنكى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ سىياسىي بىرلىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. گەرچە ئىسلامغا نىسبەتەن سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا دۆلەت كىرىمىدىن ئۈلۈش بېرىلىشى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇنى زۆرۈر دەپ قارىمىغان. ھەزرىتى ئۆمەر، تىجارى قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن -سۈننەتتە ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىجرائات مەۋجۇت بولسىمۇ- ئاتلاردىن باج (زاكات) ئېلىنىشىغا، فەتىھ قىلىنغان ئىراق زېمىنىنىڭ سالاھىيىتىنى قايتىدىن بەلگىلىنىشى ھەققىدە قارار چىقارغان. ساھابە ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە ئالىملار زامان ۋە جەمئىيەت شەرت – شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا، بۇنىڭغا مۇۋاپىق يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. لېكىن بۇلار دىننىڭ نىگىزىنى تەشكىل قىلغان ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئاساسلىق ھاراملاردا ئەمەس، بەلكى ئېلىم – سېتىم، مۇئامىلە ساھەسىدە بولغان. يەنى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما، باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى ساھە، باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، مۇئەييەن دائىرىدە ئائىلە ۋە كۈندىلىك ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە زامان ۋە ئىجتىمائىي شەرت – شارائىتلارنىڭ تەسىرى چوڭ رول ئوينىغان. بىز دىنى بايانلار ئارقىلىقلا بىلەلەيدىغان ساھەلەردىكى مەلۇماتلارنى «سەمىييات» دەپ ئاتايمىز. ئۇلۇھىيەت ۋە تەۋھىد، ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىك، ئاخىرەتكە ئوخشاش ئەقىدە ئاساسلىرى مۇشۇنداقتۇر. ناماز، زىنا، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش ھاراملار مۇشۇنداقتۇر. بۇلاردا زامان ۋە ماكان ئامىلى بولمايدۇ. «ئەقلىييات» دېيىلگەن، ھاياتنىڭ تەبىئىي يۆنىلىشى ۋە كىشىلەر ياشاۋاتقان شەرت ۋە ئىمكانلار ئىچىدە شەكىللەنگەن ئادەت ۋە قائىدىلىرى بولسا تېخىمۇ يۇقىرى ئەخلاقى قىممەتلەر ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇسۇلمانلارمۇ ئۇلارنى بۇ جەھەتتە ئىزچىل كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ھايات بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ پەقەت زامان ۋە ئاۋامنىڭ ئاڭ – ساپاسىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

بۇ ھەقتە بىر قانچە مىسال بېرەلەمسىز؟

دىننى چۈشىنىشتە زامان ۋە ئاۋامنىڭ ئاڭ – ساپاسىغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنىڭ بەلكىم ئەڭ يارقىن مىسالىنى، ئىسلامنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىغا يەتكۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە «مەۋالى» دېيىلگەن باشقا قوۋم ۋە كۇلتۇرلەرگە مەنسۇپ، يەنى غەيرى ئەرەپ مۇسۇلمان ئالىملار ئارىسىدا كۆرىمىز. ئەبۇ ھەنىفەدىن تارتىپ ئىراق رەي ئېقىمى، ئوتتۇرا ئاسيا، شىمالى ئافرىقا ۋە ئەندۇلۇستا ئوتتۇرىغا چىققان دىنى چۈشەنچە زامان ۋە جەمئىيەتنىڭ شەرت – شارائىتىغا ئاساسەن دىنى تېكىستلەرگە يېڭىچە نۇقتىئىينەزەر ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەگەر بۇ تىرىشچانلىقلار بولمىغان بولسا ئىدى، دىننىڭ ئۇنىۋېرسال دەۋىتىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايتتى. دىن تار بىر كۇلتۇر دائىرىسىگە ۋە شەرت – شارائىتىغا مەھكۇم بولۇپ قالاتتى.

بۈگۈن ئىسلام ئۆلىماسى ئارىسىدا زاماننىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ شەرت – شارائىتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئىتىبارغا ئالمايدىغان، ئارىدىن ئۆتكەن ئون نەچچە ئەسىرگە قارىماستىن، يەنىلا كىشىلەرنى كونا دەۋرنىڭ شەرت – شارائىتى ۋە كۇلتۇرى ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان ۋە بۇنىڭ دىننىڭ تەقەززاسى دەپ قارايدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدا ئىزچىل ئۇ دەۋرلەردە يېزىلغان كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ، مەۋجۇت ھايات بىلەن بولغان رىشتىمىزنى ئۈزۈشىمىز ۋە بۇ خىل چۈشەنچىلەرنى تارىخقا مەھكۇم قىلماسلىقىمىزنىڭ تەسىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېغىر. بۇنداق قىلساق، مۇسۇلمانلار نۇقتىسىدىن تارىخ تاماملانغان، ئىسلامنىڭ بۈگۈنگە ۋە ئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ۋەدىلىرى ۋە تەلىماتلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان بولىمىز.

ئەگەر كۈنىمىزدە ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئىسلام دىنىنىڭ كۈنىمىزگە خىتاب قىلىشى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئىسلامنى تارىخ ۋە ئاۋام ئېڭىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا چۈشىنىشمىز كېرەك. قۇرئان ۋە سۈننەت ھاۋاغا خىتاب قىلغان ھالدا كەلمىدى. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان خىتابىنى تارىخنىڭ ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىچىدە نېمىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، دىنى ھاياتنىڭ ساھابە دەۋرىدىكى شەكلىنى ئۆزگەرمەس قېلىپلارگە ئىگە نەزەرىيە ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەلىماتلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىشنىڭ ئورۇنىغا، ئىنسانىيەت ۋە ۋەھىي تارىخىنىڭ تەرەققىياتى ئىچىدە، ۋەھىينىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان دېئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا چۈشىنىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئايان بولماقتا. جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرگە بېرىلىدىغان جاۋابلارنى ناسلارنىڭ مەنا دائىرىسى ئىچىدىن ئىزدەش، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ھەرىكەت نۇقتىسى بولىدۇ. مانا بۇ شەرھى تارىخىمىزدا رەي ئېقىمىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تىرىشقان ئىشىدۇر.

كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەر

كىتابىڭىزدا « دىنى ساھەدە كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان سەلبىي ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە ھەممىمىزنى يەرگە قارىتىدىغان ھالەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ… » دەپ سىز. بۇ قايسى مەسىلىلەر؟

بىز ئاخىرقى ۋە مۇكەممەل بولغان ئىسلام دىنى مەنسۇبى. يىلتىزى چوڭقۇر ۋە مول مەدەنىيەت سەرگۈزەشتىمىز بار. ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىنسان ۋە تەبئىي بايلىقىمۇ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەپسۇسكى، ئاتمىشقا يېقىن ئىسلام ئەللىرىدە ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك، ئادالەت ۋە قانۇن، كىشىلىك ۋە ئەركىنلىك، ئىنسانى ئىززەت ۋە ئىنسانغا ھۆرمەت، مائارىپ، بىلىم ۋە تېخنىكا، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مۇھىت… قاتارلىق نىگىزلىك مەسىلىلەردە ناھايىتى ئېغىر ئەھۋاللار مەۋجۇت. بولۇپمۇ مۇقەددەس دىنىمىزنى چۈشىنىش شەكلىمىز، دىنى تەلىم – تەربىيە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە بىزگە ئاساسەن دېگۈدەك ياردەم قىلالمايۋاتىدۇ. توغرا شەكىلدە دىن – دۇنيا مۇۋازىنىتىنى قۇرۇپ چىقالمىدۇق. ئاللاھ دۇنيادا كۈچكە ئىگە بولغان بىر قاتار سىستېما ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىچىدە ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرۋاتقان قائىدە – قانۇنلار ياراتقان. بۇ « سۈننەتۇللاھ » دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاللاھ بىزگە دۇنيادا ئۆزىنىڭ قائىدە – مىزانلىرى ئىچىدە، سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى بايقىغان ئاساستا ياشىشىمىزنى؛ دۇنيادا ياشىغان ۋاقىتتا دىن كۆرسىتىپ بەرگەن يولنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىمىزنى، دىنى بەلگىلىگەن چەك – چېگرادىن ھالىقىپ كەتمەسلىكىمىزنى، ئاخىرەت ھاياتىنىڭمۇ دۇنيادىكى ئىش – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇرئان، « ئاللاھ، ئىچىڭلاردىن ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل ( ياخشى ئىش ) قىلغۇچىلارغا ۋەدە بەردىكى، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرگە بەرگەندەك ئۇلارغىمۇ زېمىندا ھۆكۈمدارلىق بېرىدۇ، رازىلىقىغا ۋەسىلە بولغانلارنىڭ دىنلىرىنىڭ يېيىلىپ يىلتىز تارتىشىغا ياردەم قىلىدۇ، قورقۇلىرىنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ» ( نۇر سۈرىسى، 55 ) دېگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىشىنىش ۋە پايدىلىق ئىش ( سالىھ ئەمەل ) قىلىش ئۇلىنى تايانچ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھنىڭ « زېمىن سالىھ ئەمەل قىلغان بەندىلىرىمنىڭ بولىدۇ » ( ئەنبىيا سۈرىسى، 105 ) دېگەن. سالىھ ئەمەل، ئاللاھنىڭ زېمىنغا قويغان قانۇن – مىزانلىرى ۋە دىنىغا ئۇيغۇن، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بولغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر.

دىن، دۇنيا، ئەقىل، چۈشەنچە، بىلىم، … بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە لۇتپىنىڭ ئەسىرىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىنسان دۇنيا مەۋجۇتلۇق قانۇنىيىتىدە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر قانداق بىر ئىش – ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىنى تەخمىن قىلالايدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئەقىللىق، ئىرادىلىك، ھۆر ۋە ئىش – ھەرىكىتىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان بىر مەۋجۇدىيەت بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

يەنى، ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىپ، قىلمىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىزنىڭ سەھۋەنلىكىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرا ئەمەس. تەقدىر ( قەدەر )، تەۋەككۈل، دۇئا، ئىرادە ۋە ئەركىن چۈشەنچىسىمۇ بۇ ئۇل ئۈستىگە بىنا قىلىنىشى كېرەك. سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ۋە سۈننەتۇللاھنى ئىدراك قىلالمىغان بىر ئىسلام دۇنياسىدا بىلىم ۋە دىنى چۈشەنچە ئالغا باسمايدۇ.

مۇسۇلمانلار ئۆلگە بولۇشى كېرەك

يەنى، « تەبىئەت قانۇنى»غا ئوخشاش بىر ئۇقۇممۇ؟

تەبىئەتنىڭمۇ ئىنسانغا ئوخشاش فىترىتى بولىدۇ. قۇرئان، بۇ كائىنات كىتابىنىڭ يىغىنچاقلانغان ھالىتى ۋە ئىلاھىي ھېكمەت نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىشىدۇر. دىننىڭ ئىنسانغا قارىتىلغان بىلدۈرۈشلىرى، يەنە ئىنساننىڭ فىترىتىگە مېتافىزىكلىق ئارقاتىشنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكتۇر.

مۇسۇلمان، قولىدىن ۋە تىلىدىن بارچە كىشى خاتىرجەم بولغان كىشى بولۇشى كېرەك. ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ياخشى كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مۇسۇلمان، دۇنيادا ئۆلگىلىك ۋە ھەۋەس قىلىنىدىغان بىر كىشىلىك خاراكتېرنى نامايەن قىلىشى لازىم. ئىمان ئېيتىپ ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق دۇنيادا « ئاللاھنىڭ خەلىپىسى » ئىكەنلىكىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىشى، ئەتراپىغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىشى لازىم. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ جەننىتىنى بىر – بىرىمىزدىن قىزغىنىمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىر – بىرىمىزنى سىرات كۆۋرۈكىدىن تاشلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ، ھاياتىمىزنى ئۆزئارا زىندانغا ئايلاندۇرىمىز؟ بۇ غەزەپ نېمە ئۈچۈن ۋە كىمگە؟ ئۇلۇغ ياراتقۇچىنى تونۇپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىزغا ئىشىنىشىمىز، يەنى ئاللاھ ۋە ئاخىرەتكە بولغان ئىمانىمىز بىزنى بۇ دۇنيادا تېخىمۇ ئەخلاقلىق، ئادىل، مېھرى – شەپقەتلىك بولۇشىمىزغا، ئۆزى ۋە سۆزى بىر بولغان راستچىل كىشىلەردىن بولۇشىمىزغا ۋەسىلە بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

https://www.karar.com/yazarlar/taha-akyol/islami-anlamak-icin-toplumsal-metot-12153

تەرجىمان: باتۇرجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*