يېڭى سوغۇق ئۇرۇشتا قانداق غەلىبە قىلىش كېرەك؟

2025-يىلى 14-فېۋرال

 

دونالد ترامپنىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرى رونالد رېگاننىڭ 1980-يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى ئەينەن تەكرارلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كۆپ ئەسلىنىدىغان رېگاننىڭ شوئارلىرى «كۈچ ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش» ۋە «بۈگۈن سىز تۆت يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشىراق ياشاۋاتامسىز؟» دېگەنلەردۇر. ئاز ساندىكى كىشىلەرلا رېگاننىڭ 1980-يىلى قۇرۇلتايدىكى قوبۇل قىلىش نۇتقىدا «ئامېرىكانى قايتىدىن بۈيۈك ئورۇنغا ئىگە قىلايلى» دېگەن شوئارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىدۇ.

تەھلىلچىلەر بۇ ئوخشاشلىقلارغا ئانچە دىققەت قىلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى قىسمەن بۇ ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ خاراكتېرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، قىسمەن جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ رېگاننى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىندۇر. ئەمما بۇ سېلىشتۇرما ئىبرەتلىكتۇر. ترامپ «كۈچ ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش»نىڭ 1980-يىللاردا نېمىنى بىلدۈرگەنلىكىنى (باشقىلار ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ) ئېسىدە تۇتۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىشى كېرەك. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋنى سوغۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان دەپ قاراش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، موسكۋانى سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ  ئاخىرلىشىشىغا ئېلىپ بارغان قورال-ياراغ قىسقارتىش ئىسلاھاتىغا مەجبۇرلىغان كۈچ دەل رېگان ھۆكۈمىتى ئىدى.

رېگان كۈچ بىلەن باشلىدى. ئۇ كوممۇنىزمنى ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە ۋە سوۋېت كېڭەيمىچىلىكىنى ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە رەت قىلغان ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىنى جۈرئەت بىلەن قايتا تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان مۇداپىئە چىقىملىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدى. مۇۋاپىق پەيت كەلگەندە، ئۇ گورباچېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قاتار باشلىقلار يىغىنلىرىنى ئاچتى، بۇ يىغىنلار قورال-ياراغسىزلىنىش ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەيران قالارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*