ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى

2025-يىلى 11-ئاۋغۇست

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

دوكلات خۇلاسىسى

ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى «ياۋروپا سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» (CEPS) نىڭ تەتقىقاتچىسى جەرەن ئەرگەنچ ۋە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى رايونلۇق تەتقىقات پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى دەريا گۆچەر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، 2025-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتا ئويلىنىشى» ناملىق بۇ سىياسەت دوكلاتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى مۇھىم بىر تېمىغا چوڭقۇرلاپ كىرگەن. دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى ۋە دۇنيانىڭ «كۆپ تەرەپلىمىلىك»كە يۈزلىنىشى كەڭ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنغان. بۇ ئەسەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەتقىقات ساھەسىدە كەڭ تارقالغان «تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھالدا خىتايغا يۈزلەنمەكتە» دېگەن يەكۈنگە ئىلمىي گۇمان بىلەن قاراپ، بۇ قاراشنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىدۇ. دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىر پۈتۈن، ئورگانلاشقان يۆنىلىش بويىچە ماسلىشىشتىن كۆرە، كۆپرەك پۇرسەتپەرەسلىك ۋە تەۋرىنىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ سۆزلەم، ئورگان ۋە سىياسىي-ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تۈۋرۈككە تايىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا يەنە، تۈركىيە سۆزلەملىرىدە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا قارىشىنى قوللاپ، لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئىدىيەۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئورگان ئىقتىدارى ياكى ئىستراتېگىيەلىك پىلان بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسلار، لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ۋەزىيەت، خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدا يېڭى جەلپ مەركەزلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت مەنبەلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت ياراتتى. دۇنيادا كۆپ خىل كۈچ مەركەزلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى، «كۆپ قۇتۇپلۇق» (multipolarity) ۋە «كۆپ تەرەپلىمىلىك» (multialignment) ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى جانلاندۇردى. «كۆپ قۇتۇپلۇق» ئوتتۇرھال كۈچلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ كۈچ مەركەزلىرىدىن بىرىگە تەرەپدار بولۇشىنى كۆرسەتسە، «كۆپ تەرەپلىمىلىك» بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈچەيگەن گېئوپولىتىكىلىق ۋە گېئو-ئىقتىسادىي رىقابەتتىن كېلىپ چىققان «تەكلىپلەر جېڭى»دە، ئادەتتە تەسەۋۋۇر قىلىنغاندىن كۆپ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئەمما، بارلىق ئوتتۇرھال كۈچلەر كۆپ تەرەپلىمىلىككە قاتنىشىش ئىقتىدارى ۋە كۈچى جەھەتتە ئوخشاش سەۋىيەدە ئەمەس. تۈركىيەنىڭ «ئاسىياغا يۈزلىنىشى» نى تەھلىل قىلىش، بۇ خىل ئەركىنلىكنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان چەكلىمە ۋە توسالغۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك بىر تەتقىقات ئۆرنىكىدۇر. 21-ئەسىردىكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى رايون ۋە خەلقئارا سەھنىلەردىكى كەسكىن رىقابەتنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، تۈركىيە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىنى ساقلاپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان رايونلۇق ۋە يەرشارىلىق كۈچلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنماقتا. 2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» دوكتىرىنىنىڭ ئورنىنى، 2010-يىللاردىن باشلاپ «قوشنىلار بىلەن نۆل مەسىلە» ۋە «يېڭى ئاسىيا» قاتارلىق كۆپ خىل رايونلۇق سىياسەتلەر ئىگىلىدى.

تاشقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئادەتتە «ئاسىياغا يۈزلىنىش» دەپ ئاتالغان بۇ جەريان، تۈركىيەنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى ۋە يېڭى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشىدا كەم دېگەندە ئۈچ ئۆلچەمدە گەۋدىلەندى: بىرىنچى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت سۆزلەملىرىدە «كۆپ تەرەپلىمىلىك» ئىبارىسى بىلەن بىرگە، لىبېرال خەلقئارا تەرتىپكە قارشى رېۋىزىيىستلىك (تۈزىتىش كىرگۈزۈش) پوزىتسىيەسى ئالدىغا چىقتى. بۇنى تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلاردىكى پوزىتسىيەسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تاشقى سىياسەت مۇنازىرىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. « دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن شوئار بۇ رېۋىزىيىستلىكنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىسىگە ئايلاندى. ئىككىنچى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ۋەكىللىرى، جۈملىدىن پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۆزى، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرىكس (كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى) ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان «يەرشارى جەنۇبى» تەشكىلاتلىرىغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم سىگنال بەردى. بۇ، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئورگان قۇرۇلمىسىدىكى بىر مۇھىم ئۆلچەمنى تەشكىل قىلىدۇ.

ياۋروپا ئەتراپىدىكى خىتاي: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دەۋرىدىكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسەن سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ سايىسى ئاستىدا تۇرۇپ قالغانىدى. تۈركىيە 1971-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە سىستېمىلىق بىر خىتاي سىياسىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ۋە كەسكىن سۈركىلىشلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپ، كۈچلۈك دىياسپورا پائالىيەتچىلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىملار ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە قەرەللىك ھالدا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە قاچۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغان. مانا بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستان دىياسپوراسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئىستانبۇلدىن باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ، خىتايغا قارىتا ياخشى نىيەتلىك بىر ئىشارەت بېرىلگەن.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2002-يىلى، بۇ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن كېيىنلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. لېكىن، پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۇنجى ئون يىلىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر (ھازىرقى پىرېزىدېنت) ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بولغان سىياسىي ئىتتىپاقى تۈپەيلىدىن، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە يەنىلا بىر خىل ئىككىلىنىش ۋە تەۋرىنىش ھۆكۈم سۈردى. ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىن خىتايغا قاراپ ئىتتىپاقلىشىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش، ئەينى ۋاقىتتىكى ئېنېرگىيە مىنىستىرى (شۇنداقلا ئەردوغاننىڭ كۈيئوغلى) بارات ئالبايراكنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاي سېلىنمىلىرىنى جەلپ قىلىشقا كۈچىشى بىلەن يۈز بەردى. بۇ «ئېنېرگىيە يۈزلىنىشى» 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالبايراق ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىدا، تۈركىيە 2015-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەڭ بالدۇر ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. ئىستانبۇل پورتلىرىنىڭ بىرى بولغان «كۇمپورت» شۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ كوسكو شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، گەرچە ئەزەلدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» تورىنىڭ مەركىزىي تۈگۈنىگە ئايلانمىغان بولسىمۇ، بۇ تەشەببۇسنىڭ تۇنجى پورتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىندى. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە، جۈملىدىن ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەلەر، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش سۆھبەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. تۈركىيە يەنە ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاي ئورگانلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرىنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېلىشىمى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، رەسمىي ھالدا «ئىككى تۈرنى ماسلاشتۇرۇش» دەپ ئاتالدى.

بىر «بۇرۇلۇش»نىڭ ماھىيىتى: تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تونۇشتىن ھەرىكەتكە

-2010يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سوۋۇشى، «مۇستەقىل تاشقى سىياسەت»كە بولغان چاقىرىقلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى. بۇ خىل ئىدىيەنى خىتاي، رۇسىيە ۋە بۇ ئىككى دۆلەت باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرىكس  (كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى) قاتارلىق رايونلۇق تەشكىلاتلارمۇ تەكىتلەپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ياۋروپادا داۋاملىشىۋاتقان بىخەتەرلىك كىرىزىسى، ياۋروپانىڭ «تۈركىيە رۇسىيە ۋە/ياكى خىتاي بىلەن يوشۇرۇن ئىتتىپاقلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋە نىشانلىرىغا زىت بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭماقتا» دېگەن ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ غەرب ئىتتىپاقىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر ھۆكۈمى، ئۆلچەملىك ئورگان ياكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەردىن بەكرەك، ئۇنىڭ تاشقى سىياسەت سۆزلەملىرىگە ئاساسلانغان پەرەزلەردىن كېلىپ چىققان. ھەقىقىي بىر «بۇرۇلۇش» (pivot) بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى يېڭى بىر رايونلۇق ياكى فۇنكسىيەلىك فوكۇس نۇقتىسىغا يۆتكەيدىغان، نۇتۇق ئارقىلىق جاكارلىنىپ، ئەمەلىي بايلىق تەقسىماتى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىدىغان بىر تاشقى سىياسەت ئۆزگىرىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ ئاساسىي تۈۋرۈك بار: نۇتۇق، ئورگان ۋە سىياسىي-ئىقتىساد. تۈركىيە مىسالىدا، نۇتۇق تۈۋرۈكى مۇھىم تاشقى سىياسەت ۋەدىلىرىنى جاكارلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇ ئورگان ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە خۇسۇسىي ساھەنىڭ ئەمەلىي قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. شۇڭلاشقا، تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر «بۇرۇلۇش» دەپ قاراش ئىلمىي ئەمەس.

ئورگان ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى

ئاسىياغا يۈزلەنگەن يېڭى تاشقى سىياسەت يۆنىلىشىنى جاكارلايدىغان سىياسەت ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى تولۇق تەڭشەش ناھايىتى زور ئورگان ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭمۇ بۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل. ئاسىيادا دىپلوماتىك ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان مۇتەخەسسىسلىك ۋە تەربىيەلەش مېخانىزملىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىر تۇتاش ۋە ئۈنۈملۈك «بۇرۇلۇش» ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرماقتا. تۈركىيە بيۇروكراتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە پۇقراۋى جەمئىيەت ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەردە، بۇ خىل مەۋجۇتلۇقنىڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىق ھەرىكەت ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەھۋال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەزەلدىن رايونلۇق مەخسۇسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شەكىلدە تەشكىللەنمىگەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دەۋرىدە مىنىستىرلىقنىڭ تارماقلىرى قايتا تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، خادىملارنىڭ ئاسىيا ياكى خىتاي ھەققىدە چوڭقۇر ئىختىساسلىشىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىرادىسى يوق.

ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىمسىز سىياسىي ئىقتىسادى

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى تەرىپى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئۆز-ئارا بېقىندىلىق بىلەن سوزۇلما مۇقىمسىزلىقتىن تەشكىل تاپقان زىددىيەتلىك بىر گەۋدىدۇر. گەرچە سودا ھەجمى ئۆتكەن 20 يىلدا مۇقىم ئاشقان بولسىمۇ، بۇ مۇناسىۋەت يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىز ھالەتتە. تۈركىيە ئېكسپورت قىلغاندىن ھەسسىلەپ كۆپ ئىمپورت قىلىدۇ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار سودا تەڭپۇڭلۇقىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى بولسا قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن مەھسۇلاتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ تەڭپۇڭسىزلىق گەرچە كەڭرەك ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ «يەرلىك ۋە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش» شوئارىدا گەۋدىلەنگەن ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق نىشانلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان سېلىنمىسى كۆپىنچە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئارقىلىق، ئورگانلاشقان ئىقتىسادىي پىلانلاش ۋە رىقابەت پىرىنسىپلىرىنى چەتكە قېقىپ، بىۋاسىتە يولغا قويۇلىدۇ. گەرچە كۇمپورتنى سېتىۋېلىش ۋە خۇاۋېي باشچىلىقىدىكى تېلېگراف تۈرلىرى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، كونيا مېتروسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر مەبلەغ قىيىنچىلىقى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى بېكىنمىچىلىك ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق دىپلوماتىك سۈركىلىشلەر تۈپەيلىدىن توختاپ قالدى ياكى مەغلۇپ بولدى.

بىخەتەرلىك: سىياسەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى

-2013يىلى، خىتاي ئېنىق ماشىنىسازلىق ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى (T-LORAMIDS) تۈرى ئۈچۈن ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى نامزاتى قىلىپ تاللانغان ئىدى. ئەمما، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ سىستېمىنىڭ ئىتتىپاقداش سىستېمىلىرى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقى ۋە تېخنىكا يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەردە كۈچلۈك ئەندىشە بىلدۈردى. ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە 2015-يىلى بۇ توختامنى بىكار قىلدى. كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 باشلىقلار يىغىنىدا رەسمىي جاكارلاندى. ئەسلىدە بۇ يىغىندا پىرېزىدېنت شى جىنپىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشنى پىلانلىغان ئىدى. بەزى تۈرك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، توختامنىڭ دەل مۇشۇنداق مۇھىم بىر يىغىندا بىكار قىلىنىشى خىتاي تەرەپ ئۈچۈن بىر «يۈز تۆكۈش» ھېسابلىنىپ، كېيىنچە ۋەدە قىلىنغان يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان.

بۇ ۋەقە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ غەربكە باغلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىم بىكار قىلىنغاندىن ئىككى يىل كېيىن، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋالدى. بۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنى 2016-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، ئامېرىكا تۈركىيەنى F-35 كۈرەشچى ئايروپىلان پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتتى ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزدى. بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىكار قىلىنغان خىتاي كېلىشىمى تۈركىيەنىڭ غەرب ئىتتىپاقىغا بولغان كۈچلۈك ساداقىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاسىياغا يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسىگە بولغان ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن سىياسەت تەۋسىيەلىرى

كۆپ تەرەپلىمىلىك تۈركىيە ئۈچۈن بىر خىرىس بولغىنىدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەسىلىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ شەكىللەندۈرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. لېكىن، خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ قوشنا رايونلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گېئو-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پەقەت ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق نۇقتىدىنلا ئەمەس، بەلكى بۇ يېڭى رېئاللىق نۇقتىسىدىنمۇ كۆزىتىشى كېرەك. تۈركىيە بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالىدۇر. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشى كېرەك:

  1. تۈركىيەنى ھەم خىتاي ئىستراتېگىيەسىگە، ھەم قوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە كىرگۈزۈش: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق تەمىنات زەنجىرىدىكى ياۋروپا ۋە خىتاي مەۋجۇتلۇقىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ساھەلەرگە خاس بېقىندىلىق ياكى پۇرسەت ئەندىزىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك. بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
  2. تۈركىيەنى «يەرشارى دەرۋازىسى» تەپەككۇرىغا كىرگۈزۈش: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك دەپ قارىغان ساھەلەردە خىتاينىڭ يوشۇرۇن كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ساھە ۋەكىللىرى ۋە سودا جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرلەشمە پىروگراممىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. «يەرشارى دەرۋازىسى» پىلانى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق سۇپا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن سانائەت تەييارلىقى ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈملۈك ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، تۈركىيە پۇقراۋى جەمئىيىتىنى بۇ جەريانغا جەلپ قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سودا خاراكتېرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھوقۇقى، مۇھىت ئۆلچىمى قاتارلىق ساھەلەردە ياۋروپا قىممەت قاراشلىرى بىلەن ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن.

خۇلاسە

تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بىر پۈتۈن ئىستراتېگىيەلىك «بۇرۇلۇش»تىن كۆرە، كۆپرەك پۇرسەتپەرەسلىك ۋە پارچىلانغان خاراكتېرگە ئىگە. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي چەكلىمىلەر، ئاجىز ئورگان ئىقتىدارى ۋە غەيرىي رەسمىي سىياسەت قۇرۇلمىلىرى، مۇقىم ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر خىتاي سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسالغۇ بولماقتا. گەرچە «يېڭى ئاسىيا» ئىستراتېگىيەسىدەك تەشەببۇسلار ئارقىلىق نۇتۇقتا زور ئارزۇلار ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى قوللايدىغان ئورگان ئۇل-ئەسلىھەسى ئىنتايىن ئاجىز. نۇتۇقتىكى ئارزۇ باشقا ئىش، ئورگاننى قايتا يۆنىلىشكە كەلتۈرۈش پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىشتۇر. ياۋرو-ئاتلانتىك ئوقىدىن ھەقىقىي مەنىدە يۈز ئۆرۈش، تۈركىيە تاشقى سىياسەت مېخانىزملىرىنىڭ خادىملار، تەربىيەلەش، بىيۇروكراتىك مەدەنىيەت ۋە رايونلۇق مۇتەخەسسىسلىك قاتارلىق جەھەتلەردە تۈپتىن ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىش كېرەككى، تۈركىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىككە قارىتا بىر پۈتۈن «چوڭ ئىستراتېگىيە»سىنىڭ بولماسلىقى، بەلكىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئۆز قوشنىلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش يولىدا يېڭى بىر پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى

2025-يىلى 9-ئاۋغۇست

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

دوكلات خۇلاسىسى |