خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك چۈشەنچىسى ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن ئىشەنچ كۆۋرۈكىنى قۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش مۇددىئاسىغا يېتەلەمدۇ؟

2025-يىلى 9-ئىيۇل

 

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىر: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ماقالە خۇلاسىسى

 

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2025-يىلى 5-مايدىكى سانىدا، مۇخبىر شى جياڭتاۋنىڭ (Shi Jiangtao) «خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك تەلىماتى ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن ئىشەنچ كۆۋرۈكىنى قۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۇزاقلاشتۇرۇشتەك مۇددىئاسىغا يېتەلەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالىسى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە بۇ مۇرەككەپ مەسىلە كۆپ قاتلاملىق مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى رايون خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنىڭ، خىتاينىڭ رايوندا خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرگۈچى كۈچ سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈش، شۇنداقلا، تاشقى تەسىر، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى چەكلەش نىيىتىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ يېڭى تەشەببۇسنىڭ شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىكى «ئاسىيالىقلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك» دېگەن چاقىرىقىغا ھەمئاۋاز بولۇش بىلەن بىرگە، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ۋەدىسىگە بولغان گۇمانىدىن پايدىلىنىشنى كۆزلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق، ئاپتور ئانالىزچىلارنىڭ، بېيجىڭنىڭ ئۆزىنى رايونغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىشەنچلىك ھەمراھ سۈپىتىدە نامايان قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىدەك رېئاللىق ئالدىدا، ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمايدۇ.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىنىڭ دىپلوماتىيە يىغىنىدىن كېيىنكى ۋىيېتنام، مالايسىيا ۋە كامبودژا زىيارىتىدە، خىتاينى مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان «بىر تەرەپلىمىلىك زومىگەرلىك»كە قارشى بىرلىشىپ، «ئورتاق ئاسىيا ماكانىمىزنى قوغداش»قا چاقىرغان. بۇ يېڭى رامكىنىڭ، شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيادا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش تەدبىرلىرى يىغىنى (CICA) دا ئوتتۇرىغا قويغان «ئاسىيا خەۋپسىزلىك كۆز قارىشى» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شى جىنپىڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «ئاخىرقى ھېسابتا، ئاسىيانىڭ ئىشلىرىنى ئاسىيا خەلقى باشقۇرۇشى، ئاسىيانىڭ مەسىلىلىرىنى ئاسىيا خەلقى ھەل قىلىشى ۋە ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاسىيا خەلقى قوغدىشى كېرەك» دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، بۇنىڭ ئوبامانىڭ «ئاسىيا-تىنچ ئوكياننى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىگە قارىتا بېرىلگەن يوشۇرۇن بىر سىگنال ياكى رەددىيە دەپ قارالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالە خىتاي تاشقى ئىشلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فەننىڭ نۇقتىئىنەزىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ۋاڭ فەن بۇ يېڭى خەۋپسىزلىك ئۇقۇمىنى بېيجىڭنىڭ يەرشارىۋى خىرىسلارغا «شەرقنىڭ دانالىقى» بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان «ئورتاق تەقدىر جەمئىيىتى» قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە 17 دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مۇھىم ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ «ئەنئەنىۋى ‹خەۋپسىزلىك قالقىنى› رايونلىرىدىن ‹تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش تۈگۈنلىرى›گە قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى تارىخىي بۇرۇلۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ باش دىپلوماتى ۋاڭ يىنىڭمۇ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مىسال قىلىپ، ئاسىيا خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنىڭ «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايونلۇق ئورتاق تونۇش»قا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئاپتور شى جياڭتاۋ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتايلىق مۇتەخەسسىسنىڭ پىكرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ رايون خەۋپسىزلىك ئۇقۇمىنىڭ بېيجىڭنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشى، ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان بېسىملىرى ۋە قالايمىقان تاموژنا سىياسەتلىرىدىن شەكىللەنگەن ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش ئىستىكىنى يوشۇرۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ: «بۇ خىتاي ئۈچۈن پۇرسەت ياراتقىنى بىلەن، مەسىلە ئۇنىڭ بۇ پۇرسەتنى قانچىلىك چىڭ تۇتالايدىغانلىقىدا. بۇ پەقەت ئىقتىسادىي رىشتىنى مۇستەھكەملەش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، داۋاملىق تىنچلىقپەرۋەر كۈچ بولۇپ قېلىشنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئاشكارا بىر قوشنا ئەللەر ئىستراتېگىيەسىگە موھتاج. ھازىرقى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىدە بۇ جەھەتتە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت» دېگەن سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنىڭ 2022-يىلى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەرشارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى (GSI) دا ئىپادىلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. GSI ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەۋپسىزلىك مېخانىزملىرىغا رىقابەت ھاسىل قىلىدىغان «ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك» نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئالتە پىرىنسىپى، شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز مەنپەئەتىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان زومىگەرلىك ئىتتىپاقلىرىنى ۋە «بىر تەرەپلىمە جازا تەدبىرلىرى ھەمدە ئۇزۇن قوللۇق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خالىغانچە سۈيئىستېمال قىلىش» قىلمىشلىرىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتايلىق مۇتەخەسسىسنىڭ «خىتاينىڭ غايىسى مەلۇم، لېكىن ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسى يەنىلا خىرە» دېگەن باھاسى ماقالىنىڭ يادرولۇق نۇقتىلىرىدىن بىرى. ئۇ بېيجىڭنىڭ «ئاسىيا ئاسىيالىقلارنىڭ» دېگەن شوئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە تاشقى كۈچلەرنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى رايوندىن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ يەنە: «خىتاي ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي مانېۋىرلىرى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى. بۇ ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خىتاي خەۋپسىزلىك ۋەدىلىرى بىلەن دىئالوگلارنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا سىرتقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك» دېگەنلىكى، شۇنداقلا ترامپ دەۋرىدىكى سىياسەتلەر تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان بوشلۇقنىڭ خىتاي ئۈچۈن ۋاقىتلىق پۇرسەت ياراتقان بولسىمۇ، بۇ پۇرسەت ئىشىكىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن رايوندىكى بېسىمنىڭ يەنىمۇ ئېشىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتور شى جياڭتاۋ يەنە شۇ مۇتەخەسسىسنىڭ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى ۋە دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىش قائىدىلىرى ھەققىدىكى سۆھبەتلىرى داۋامىدا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كۆڭلىدىكى خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ: «بۇ خەۋپسىزلىك ئۇقۇملىرى بىر ئۈمىدۋار باشلىنىش، ئەمما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئىشەنچ كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ۋە جاپالىق بىر ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا» دېگەن سۆزى ۋە «ئىقتىسادىي جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تەسىرى چەكلىك، چۈنكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن ھازىر خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا پەقەت سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىققىلا تايىنىش رايوننىڭ يۈرىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەتمەيدۇ. خىتاي تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بارغانسېرى جۈرئەتلىك بولسىمۇ، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە قوشنىلىرىنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىنتايىن ئېھتىياتچان. مېنىڭچە، بېيجىڭ بۇ نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېخى تاپالىغىنى يوق» دېگەن ئانالىزى ماقالىنىڭ خۇلاسىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى چېن شياڭمياۋنىڭ پىكرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى خەۋپسىزلىك كاپالەتچىسى رولىغا ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىش نىيىتى بار دەپ قاراشنى مۇبالىغە دەپ ھېسابلايدۇ. چېن شياڭمياۋ: «مېنىڭ نەزىرىمدە، خىتاي ئۈچۈن بۇنداق بىر ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەسى ماھىيەتتە مۇداپىئە خاراكتېرلىك بولۇپ، ئاكتىپ خەۋپسىزلىك كاپالىتى بېرىشتىن كۆرە دىپلوماتىك يوللارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ خىتاي تېخى تولدۇرمىغان بىر بوشلۇق. ئۇزاقنى كۆزلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولمىسا، بېيجىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق تورى ۋە ياردەم مېخانىزملىرىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ تېخى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، ھازىرقى ئۇسۇللىرىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق تۇزاقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، بىۋاسىتە توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قارىتىلغاندەك تۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور شى جياڭتاۋ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئېشىشى ۋە دۇنياۋى رەھبەرلىك ئارزۇسىدىن يەنىلا چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، سىنگاپور دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىگ ئېڭ خېننىڭ مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئىستىكىنى 19-ئەسىردىكى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر مونرو دوكتىرىنىغا ئوخشاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھەربىي ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرېۋ تافېرنىڭ (Andrew Taffer) نىگ ئېڭ خېننىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسىنى بېيجىڭنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇۋاپىق بىر يولى دەپ قارايدىغانلىقى نەقىل ئېلىنغان. تافېر: «بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ رايوندا بۇنچىۋالا زور ھەربىي كۈچ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئەگەر ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك بولسا، ۋاشىنگتون بۇ يەردىن كېتىپ قالاتتى… بۇنداق بىر رايون خەۋپسىزلىك مۇھىتى ئېنىقكى ئامېرىكىنى سىغدۇرالمايدۇ» دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ تېخى مونرو دوكتىرىنىغا ئوخشايدىغان بىر تەلىماتنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، قويغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا، ماقالە سىنگاپور ISEAS-يۈسوف ئىشاق ئىنستىتۇتى ۋىيېتنام تەتقىقات پىروگراممىسىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى نگۇيېن خاك گياڭنىڭ (Nguyen Khac Giang) قارىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. نگۇيېن خاك گياڭ بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئىستراتېگىيەسىنى مونرو دوكتىرىنىغا سېلىشتۇرۇشنىڭ «مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار»لىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى ئۆزئارا بېقىندىلىق ۋە قانۇنچىلىق رامكىسى مۇستەھكەملەنگەن دۇنيادا پەقەت كۈچ كۆرسىتىشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە قائىدىگە ئاساسلانغان «ئادىل تەرتىپ»كە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭچە، «بېيجىڭنىڭ پەقەت ھەربىي زورلۇق بىلەنلا ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى تېڭىشى ئاسانغا توختىمايدۇ».

 

 

مەنبە ئۇلىنىشى:

https://www.scmp.com/news/china/diplomacy/article/3309108/can-chinas-security-doctrine-build-trust-asian-neighbours-and-keep-us-out

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*