تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى
ماقالە ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
جوھاننېسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە تارىرو لوررايىن چاكۋاكۋاما (Tariro Lorraine Chakwakwama) تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرىنى خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ماقالە جوھاننسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Johannesburg) نىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا، خەلقئارالىق قانۇن ساھەسىدە ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيە سۈپىتىدە 2021-يىلى دېكابىر ئېيىدا قوبۇل قىلىنغان. دوكتور مىسپا رو (Dr. Mispa Roux) نىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان بۇ تەتقىقات، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، يۈز تونۇش، CCTV)، مەجبۇرىي لاگېرلار، جىنسىي زوراۋانلىق، تۇغماس قىلىش ۋە بالىلارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» (1948- Genocide Convention) ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت » (1998 -يىللىق Rome Statute) دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى باش تېما قىلىدۇ. ماقالىدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۇقىرىدىكى خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى جىنايەت ئېنىقلىمىلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ سىياسىي (خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو ھوقۇقى) ۋە قانۇنىي (خىتاينىڭ Rome Statuteغا قوشۇلمىغانلىقى) قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر تەتقىقات، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەشكىللەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەۋسىيە قىلىپ، بۇ مەسىلىگە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ماقالىنىڭ بابلار بويىچە تەھلىلى
1 -باب: كىرىش سۆز (Introduction)
بۇ بابتا ماقالىنىڭ مەقسىدى، تەتقىقات سوئاللىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇملارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شىنجاڭ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 1.66 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ2001-يىللىق خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، شىنجاڭدا 25.8 مىليون كىشى ياشايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىغا يېقىنى تۈركى-مۇسۇلمان ئەسلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [Amnesty International, 2021]. ئۇيغۇرلار خەنزۇلاردىن تارىخىي، دىنىي، مەدەنىي ۋە ئېتنىك جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. تارىختا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى 600-يىللاردا موڭغولىيەدىن باشلانغان بولۇپ، 10- ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە سۈننىي مەزھىپىگە ئەگەشكەن [Human Rights Watch, 2005]. شىنجاڭ 1759-يىلى مانجۇ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن خىتايغا قوشۇۋېلىنغان، لېكىن ھەمىشە تىنچسىزلىقلار سەۋەبىدىن ئىدارە قىلىش قىيىن بولغان رايون بولۇپ كەلگەن. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CCP) تەرىپىدىن خىتاي نوپۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈشى بىلەن باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيگەن، 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن «خەۋپلىك رايون» دەپ جاكارلانغان [Lum, 2019].
ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر (مەسىلەن: يۈز تونۇش، CCTV، سۈنئىي ئەقىل)نى قوللانغانلىقى ۋە «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ لاگېرلاردا تۇتۇلغانلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ، بالىلار دۆلەت يېتىمخانىلىرىغا يۆتكەلگەن [Amnesty International, 2021]. تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، بۇ ھەرىكەتلەرنى خەلقئارالىق قانۇندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەبىرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تەكشۈرۈشتۇر. تەتقىقات سوئاللىرى: 1) شىنجاڭدىكى زۇلۇملار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەبىرىگە ماس كېلەمدۇ؟ 2) خىتاينى كىملەر، قانداق ۋە قايسى مېخانىزملار ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك؟
تەتقىقات ۋېنا كېلىشىمى (VCLT) ۋە خەلقئارالىق ئادالەت سوتى (ICJ) نىڭ 38-ماددىسى بويىچە، خەلقئارالىق كېلىشىملەر، ئەنئەنىۋى قانۇن، سوت قارارلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى مەنبە قىلىدۇ [ICJ Statute, 1945]. تەتقىقاتنىڭ دائىرىسى سۈپىتىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۈچ خىل ھەرىكىتى (جىسمانىي-روھىي زىيان، تۇغۇتنى چەكلەش، بالىلارنى يۆتكەش) ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئىككى تۈرى (قاماق ۋە جىنسىي جىنايەتلەر) تەتقىق قىلىنغان. بۇ چەكلىمە تەتقىقاتنىڭ قولايلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئۈچۈن قويۇلغان بولۇپ، تەھلىلنىڭ دائىرىسىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
2-باب: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى(Definition of Genocide)
بۇ باب ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارالىق قانۇندىكى ئېنىقلىمىسىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ۋەقەلەرنىڭ بۇ ئېنىقلىمىغا قانچىلىك ماس ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمىغا 1948-يىللىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمى» (Genocide Convention) نىڭ 2-ماددىسىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئېنىقلىمىغا كۆرە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بەش خىل ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مۇئەييەن بىر توپنىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش، جىسمانىي-روھىي زىيان يەتكۈزۈش، توپنىڭ جىسمانىي يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش[Genocide Convention, Article 2]. بۇ تەتقىقاتتا پەقەت جىسمانىي ياكى روھىي زىيان يەتكۈزۈش، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم رافائېل لەمكىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىر توپنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە ئىقتىسادىي ئاساسلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىك ھەرىكەت دەپ چۈشەندۈرگەن [Lemkin, 1944].
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماددىي ھەرىكەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئېلېمېنتى بار. ماددىي ئېلېمېنت يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى، مەنىۋى ئېلېمېنت بولسا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر گۇرۇھنى (مىللىي، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى دىنىي) قىسمەن ياكى تولۇق يوقىتىش نىيىتى بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ [ICC Elements of Crimes, 2011]. «The Prosecutor v Jean-Paul Akayesu» دېلوسىدا سوت، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشقا جىنايەتلەردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنىڭ «ئالاھىدە نىيەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن [ICTR, 1998]. نىيەتنى دەلىللەش قىيىن بولغاچقا، «The Prosecutor v Nchamihigo» دېلوسىدا ياردەمچى دەلىللەر (circumstantial evidence) نىڭ، يەنى سىستېمىلىق ھۇجۇم، تەكرار زىيانكەشلىك ۋە كىملىككە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ نىيەتنى كۆرسىتىدىغانلىقى قارار قىلىنغان [ICTR, 2008].
جىنسىي ۋە جىنسىيەتكە ئاساسلانغان زوراۋانلىقمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قورالى دەپ قارىلىدۇ. «The Prosecutor v Anto Furundzija» دېلوسىدا زورلاش جىسمانىي-روھىي زىياننىڭ ئەڭ ئېغىر شەكلى دەپ تەرىپلەنگەن [ICTY, 1998]. «Akayesu» دېلوسىدا، زورلاش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق توپنى يوقىتىش نىيىتى بىلەن قىلىنسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن [ICTR, 1998].
شىنجاڭدىكى ۋەقەلەرگە كەلسەك، بۇ تەتقىقاتتا بىر قانچە دەلىل كەلتۈرۈلىدۇ:
– جىسمانىي ۋە روھىي زىيان: 2021-يىلى ب د ت ئىنسان ھوقۇقى يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا تىرىك ھالەتتە بەدەن ئورگانلىرىنىڭ ئېلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان [OHCHR, 2021]. يەنە، ئۇيغۇرلار ھالال يېمەكلىكتىن مەھرۇم قىلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىكلىرى چەكلەنگەن، بۇنى روھىي زىيان دەپ قاراشقا بولىدۇ [Human Rights Watch, 2018].
– تۇغۇتنى چەكلەش: ئۇيغۇر ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ، IUD (تۇغۇتنى چەكلەش يۇمشاق قورالى) تەدبىرلىرى قوللىنىلغان، بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلار توپىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈلمەكتە [Australian Strategic Policy Institute, 2021].
– بالىلارنى ئايرىۋېتىش: لاگېردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى دۆلەت يېتىمخانىلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، مەجبۇرىي شەكىلدە خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلماقتا [Amnesty International, 2021].
ماقالىدە، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ۋە مەقسەتلىك يۈرگۈزۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېلېمېنتلىرىنىڭ شىنجاڭدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ خۇلاسە قىلىنغان.
3 -باب: ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئېنىقلىمىسى(Definition of Crimes Against Humanity)
بۇ بابتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ خەلقئارالىق قانۇندىكى ئېنىقلىمىسى ۋە شىنجاڭدىكى ۋەقەلەرنىڭ بۇ ئېنىقلىمىغا ماس كېلىش-كەلمەسلىكى تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەن. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە «رىم نىزامنامىسى» (Rome Statute, 1998) نىڭ 7-ماددىسىدا تەبىر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ جىنايەت سىستېمىلىق ياكى كەڭ كۆلەمدە، پۇقرالارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ھۇجۇم دەپ قارىلىدۇ [ICC Statute, Article 7]. بۇ تەتقىقاتتا ئىككى خىل ھەرىكەت نەزەردە تۇتۇلغان: قاماق ياكى ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلەش ۋە جىنسىي جىنايەتلەر (زورلاش، مەجبۇرىي نىكاھ، تۇغماس قىلىش). بۇ جىنايەتنىڭ ئۈچ شەرتى بار: 1) ھەرىكەت قانۇندا كۆرسىتىلگەن جىنايەت بولۇشى، 2) سىستېمىلىق ياكى كەڭ كۆلەملىك بولۇشى، 3) پۇقرالارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن بولۇشى [ICC Statute, Article 7]. بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكى، بۇ جىنايەتتە «ئالاھىدە نىيەت» تەلەپ قىلىنمايدۇ، پەقەت ھۇجۇمنىڭ پۇقرالارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەنلىكى يېتەرلىك دەپ قارىلىدۇ.
شىنجاڭدىكى ۋەقەلەر تەھلىل قىلىنغاندا، تۆۋەندىكى دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن:
– قاماق ۋە ئەركىنلىكنى چەكلەش: 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلاردا تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ تۇتقۇنلار 48 خىل «كۈندىلىك» ھەرىكەت »، يەنى، چەت ئەلگە چىقىش، WhatsApp ئىشلىتىش، دىنىي گەپ قىلىش) سەۋەبىدىن قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قانۇنسىز تۇتۇلماقتا [Casku, 2020]. بۇ سىستېمىلىك باستۇرۇش خىتاينىڭ «خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈلمەكتە [Amnesty International, 2021]. نازارەت تېخنىكىلىرى (CCTV، سۈنئىي ئەقىل) ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى، يۈز ئىپادىسى ۋە سۆزلىرى كۆزىتىلىدۇ [Soliev, 2020].
– جىنسىي جىنايەتلەر: لاگېرلاردا ئۇيغۇر ئاياللار زورلاش، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە تۇغماس قىلىشقا دۇچ كەلمەكتە. بىر گۇۋاھلىقتا، ئاياللارغا كۆپچىلىك ئالدىدا مەجبۇرىي باسقۇنچىلىق قىلىنغان ۋە باشقىلار بۇنى كۆرۈشكە مەجبۇرلانغان، زورلاش ئېلېكتىر تاياقلىرى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن [Hill et al., BBC, 2021]. ئۇيغۇر ئاياللار خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن 90,000 RMB مۇكاپات ۋە باشقا ياردەملەر تەمىنلەنگەن [Human Rights Watch, 2018]. تۇغماس قىلىش ئۈچۈن دوا ئىچۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈشلەر يولغا قويۇلغان [Bamakhrama, 2020].
ماقالىدە، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈلگەنلىكى، ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەنگەن. ئۇيغۇر سوتى (Uyghur Tribunal, 2021) نىڭ قارارىدا زورلاش، تۇغماس قىلىش ۋە قاماقنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى تەستىقلانغان. تەتقىقات، بۇ جىنايەتلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن پىلانلىق يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇم دەپ قارىلىدىغانلىقىنى خۇلاسە قىلغان.
4 -باب: جاۋابكارلىق مەسىلىلىرى: خىتاينى شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە جاۋابكار قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار
بۇ باب خىتاينى خەلقئارالىق قانۇن بويىچە جاۋابكار قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى ۋە بۇنىڭدىكى سىياسىي-قانۇنىي توسالغۇلارنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە «jus cogens» (چەكلەشكە بولمايدىغان نورما) ۋە «erga omnes» (ھەممە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتى) سۈپىتىدە تەبىر بېرىلگەن [VCLT, Article 53; ICJ, Barcelona Traction, 1970]. بۇ نورمالارنى بۇزۇش دۆلەت ۋە شەخس جاۋابكارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلەت جاۋابكارلىقى خەلقئارالىق قانۇن كومىتېتى (ILC) نىڭ «دۆلەت جاۋابكارلىقى ماددىلىرى» (2001) دا تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتكە خىلاپ ھەرىكىتى ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ۋاز كېچىشى بۇزغۇنچىلىق دەپ قارىلىدۇ [ILC Articles, Article 1]. شەخس جاۋابكارلىقى خەلقئارالىق جىنايى سوت (ICC) نىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ [ICC Statute, Article 25].
شىنجاڭدا، خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرى (مەسىلەن: ساقچىلار) تەرىپىدىن زورلاش، تۇغماس قىلىش ۋە قاماق يۈرگۈزۈلمەكتە، بۇ ھەرىكەتلەر دۆلەتكە باغلىنىدۇ [ILC Articles, Article 4]. بۇ جىنايەتلەر «jus cogens» نورمىلىرىغا زىت بولغاچقا، خىتاي ھېچقانداق باھانە (مەسىلەن، ئۆزىنى قوغداش، دۆلەت بىخەتەرلىكى) كۆرسىتەلمەيدۇ [Article 26]. قانۇنىي ئاقىۋەتلەر: مەجبۇرىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىش، توختىتىش ۋە تەكرارلىماسلىق، زىياننى قايتۇرۇش (مەسىلەن، تۆلەم ياكى كەچۈرۈم سوراش) [Article 29-34]. شەخس جاۋابكارلىقى ICC دا تەكشۈرۈلسە بولىدۇ، لېكىن خىتاي «رىم نىزامنامىسى» غا قوشۇلمىغان [Article 12]. ICC نىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن خىتاينىڭ رۇخسىتى ياكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (UNSC) نىڭ تەۋسىيەسى بولۇشى كېرەك، لېكىن خىتاينىڭ UNSC دىكى ۋېتو ھوقۇقى بۇنى توسىدۇ [UN Charter, Article 27]. دۆلەت جاۋابكارلىقى خەلقئارالىق ئادالەت سوتى (ICJ) دا تەكشۈرۈلسە بولىدۇ، بىراق خىتاينىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي تەسىرى بۇنى قىيىنلاشتۇرىدۇ [Engy, 2020].
ماقالىدە تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەر بايان قىلىنغان:
– لاگېرلارنى تاقاش ياكى باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىش: لاگېرلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم.
– پاسپورتلارنى قايتۇرۇش: ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق باستۇرۇشتىن قېچىشىغا يول قويۇش [Amnesty International, 2021].
– تېخنىكا شىركەتلىرىگە جازا بېرىش: يۈز تونۇش ۋە نازارەت تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەرنىڭ باستۇرۇشتىكى رولىنى تەكشۈرۈش.
– خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەشكىللەش: ب د ت ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى (OHCHR) نىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلىپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇشى كېرەك[OHCHR, 2020].
– ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي ئەركىنلىكلىرىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاش كېرەك [HRC Resolution 43/8].
ماقالىدە، خىتاينىڭ شىنجاڭغا OHCHR نى كىرگۈزمەسلىكى، دەسلەپتە لاگېرلارنى ئىنكار قىلىپ، كېيىن «تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ جاكارلىشى ئۇنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ [Bachelet, 2021]. خۇلاسىدە، شىنجاڭدىكى زۇلۇملار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تەكىتلەنگەن، لېكىن خىتاينى جاۋابكار قىلىش خەلقئارالىق قانۇن نەزەرىيەسىدە مۇمكىن بولسىمۇ، سىياسىي ۋە ئەمەلىي توسالغۇلار سەۋەبىدىن قىيىن دەپ قارالغان.
خۇلاسە
تارىرو لوررايىن چاكۋاكۋاما تەرىپىدىن 2021-يىلى دېكابىردا جوھاننسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەقدىم قىلىنغان بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت (يۈز تونۇش، CCTV)، مەجبۇرىي لاگېرلار، جىنسىي زوراۋانلىق، تۇغماس قىلىش ۋە بالىلارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق زۇلۇملىرى تەكشۈرۈلگەن، بىرىنچى بابتا شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى تونۇشتۇرۇلۇپ، تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى بۇ ھەرىكەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالاش دەپ ئېنىقلانغان؛ ئىككىنچى بابتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» (1948) بويىچە جىسمانىي-روھىي زىيان، تۇغۇتنى توسۇش ۋە بالىلارنى ئايرىۋېتىشنىڭ شىنجاڭدا سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلگەنلىكى دەلىللەنگەن؛ ئۈچىنچى بابتا «رىم نىزامنامىسى» (1998) ئاساسىدا قاماق ۋە جىنسىي جىنايەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ۋە پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇم سۈپىتىدە كۆرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن؛ تۆتىنچى بابتا خىتاينىڭ دۆلەت ۋە شەخس جاۋابكارلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو ھوقۇقى ۋە «رىم نىزامنامىسى» غا قوشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەۋسىيە قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















