فۇكولتنىڭ[1] ھوقۇق ۋە ئۇچۇر-مەلۇمات ياكى بىلگى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر نەزەرىيىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر تەھلىل ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فۇكولت ھوقۇقنىڭ پەقەت جىسمانىي ياكى ھەربىي كۈچكىلا تايانماستىن، بەلكى بىلگى (ئۇچۇر-مەلۇمات، ھەتتا بىلىم) ئىشلەپچىقىرىش، ئېيتىلما ۋە چۈشەنچىلەرنى يېتەكلەش ۋە جەمئىيەتنىڭ تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە بويىچە، ھوقۇقنىڭ «ئىشلەپچىقارغۇچى» تەرىپى، مەلۇم چۈشەنچىلەرنى، ئاتالغۇلارنى ۋە تارىخىي رىۋايەتلەرنى قايتىدىن بېكىتىش، چۈشەندۈرۈش ۋە تەرىپلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈلگەن بىر «ھەقىقەت تۈزۈمى»نى بەرپا قىلىدۇ. خىتاي دۆلىتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا، «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ئەتراپىدىكى تارىخىي بايانلار ۋە تېرمىنلارنى، رايوندىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قايتا تۈزۈپ چىقماقتا ۋە ئۆز مەنپەئىتىگە ماس كېلىدىغان بىر «رېئاللىق»نى ياراتماقتا.
[1] Foucault
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















