خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

2025-يىلى 17-يانۋار

تەرييارلىغۇچى: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن

مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىللىق دۇنيا دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقىي تۈركىستان) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇشلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە دىققەت قارىتىلدى.

مەدەنىي كىملىكنى يوقىتىش: يېزا-كەنت ۋە ئولتۇراق جايلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلمەكتە

دوكلاتتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بولۇپمۇ ئولتۇراق جايلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلىپ، رايوننىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي قىياپىتىنىڭ يوق قىلىنماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان جامائەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نىشان قىلغانلىقى، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ سىياسەتلەر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ باھالانماقتا.

ب د ت دوكلاتى ۋە خەلقئارالىق تەنقىدلەر

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىغىمۇ ئىشارەت قىلىندى. ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىقلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتلەر ھەققىدە ھېچقانداق جاۋابكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلمىدى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىدى

خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بايقاشلىرىنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئازايتىشقا قارىتىلغان ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە خەلقئارالىق بېسىملارغا قارىماي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى تەنقىدلەشنى داۋام قىلماقتا. ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا كونگىرېسى خىتايغا قارىتا ھەر خىل جازا تەدبىرلىرى قارارلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» ۋە «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ توختىماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارادا چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*