رەقىبىڭنى بىل، ئۆزۈڭنى بىل: خىتاي پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى توغرا باھالاش[1]
جۇد بلانچېت ۋە رايان ھاس[2]
تەرييارلىغۇچى: ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
مۇھەررىر: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيا لىدېرلىقىغا چىققاندىن بېرى، ئامېرىكالىق رەھبەرلەر دۆلەتنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى ۋە رەقىبلىرىدىن كېيىن قېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرگە داۋاملىق دۇچ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1957-يىلى سپۇتنىك سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشى بۇنداق قورقۇشلارنى ۋە ئەندىشىلەرنى قوزغىدى، 1960-يىللاردىكى سوۋېت كېڭىيىشى تەھدىتىمۇ ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلدى. 1980-يىللاردا ۋاشىنگتون ئامېرىكا سانائىتىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن رىقابەتلەشمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلدى. ھەتتا 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ، «خارۋارد بىزنېس رىۋيۇ» ژۇرنىلىدا «ئامېرىكا ئاجىزلىشىۋاتامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئاجىزلىشىش ئەندىشىسى ئامېرىكا دېموكراتىك سىستېمىسىدىكى يېڭى ئاجىزلىقلار ۋە خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان كۈچى توغرىسىدىكى خەۋپسىرەشلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. بۇ ئىككى ئەندىشىنىڭ ئاساسى بار ئىدى، ئەلۋەتتە. گەرچە ئامېرىكالىق سايلىغۇچىلار دېموكراتىيەگە بولغان تەھدىتلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئوخشاش پىكىردە بولمىسىمۇ، ئۇلار ئاساسەن دۆلەت دېموكراتىك ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارزۇسىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشماقتا. ئۆكتەبىردىكى گاللۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكالىقلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن نارازى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تەڭسىزلىك، ئىش ھەققىنىڭ مۇقىملاشماسلىقى، قانۇن چىقىرىش توسالغۇسى، سىياسىي قۇتۇپلىشىش ۋە پوپۇلىزم (خەلققە تەخسىكەشلىك خاھىشى) قاتارلىق ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك پىلانلىرىنى زور دەرىجىدىكى ھەربىي كېڭىيىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئالغا باسماقتا. ئۆتكەن 30 يىل ئىچىدە، خىتاي ھەقىقەتەن ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سۈپىتىدە تونۇتتى ۋە دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بەزى ئىلغار تېخنىكا ساھەلىرىدە يېتەكچى ئورۇنغا چىقتى. 2023-يىلى خىتاي دۇنيانىڭ 60 پىرسەنتكە يېقىن توكلۇق ماشىنىسى، 80 پىرسەنت باتارېيە ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ۋافېرلارنىڭ 95 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى ئىشلەپچىقاردى. شۇ يىلى، ئۇ ئۆز ئېنېرگىيە تورىغا 300 گىگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قوشتى – بۇ ئامېرىكادىن يەتتە ھەسسە كۆپتۇر. بۇ دۆلەت يەنە دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم بولغان ئاساسلىق مىنېراللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قېزىش ۋە تاۋلاش ھوقۇقىنى كونترول قىلىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېز سۈرئەتلىك پويىز تورى ۋە ئەڭ ئىلغار 5G سىستېمىلىرى قاتارلىق زامانىۋى ئۇل قۇرۇلمىلارغا ئىگە.
ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە قورال ئىشلەپچىقارماقتا. ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە، ئۇ 400 دىن ئارتۇق زامانىۋى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياسىدى، يېڭى يوشۇرۇن بومباردىمانچى ئايروپىلان ياساپ چىقتى، گىپېرئاۋازدىن تېز راكېتا ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى ۋە راكېتا زاپىسىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتتى. ھەربىي ئانالىتىك سېت جونسنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكادىن بەش-ئالتە ھەسسە تېز سۈرئەتتە قورال توپلىماقتا ئىكەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئىلگىرىلەشلەر خىتاي ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ 21-ئەسىرنىڭ تەلەپلىرىگە ئامېرىكانىڭكىدىن بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي رەھبەرلىرى «شەرق كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، غەرب چۈشكۈنلىشىۋاتىدۇ» دېگەن شوئارنى توختىماي جاكارلىماقتا؛ ھەتتا بەزى ئامېرىكا رەھبەرلىرىمۇ بۇ مۆلچەرنى مۇقەررەر دەپ قارىماقتا. بىراق، بۇنداق كەڭ دائىرىلىك خۇلاسىگە كېلىش ئېغىر خاتالىق بولىدۇ. خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈچى زور بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇق جەدۋىلىدە مەجبۇرىيەتلىرىمۇ مەۋجۇت. بۇلارنى مۈلۈكلىرى بىلەن بىرگە تەھلىل قىلماي تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ھەقىقىي ئورنىنى باھالاش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا ئەڭ كۈچلۈك گېئوپولىتىك رەقىبلەرنىڭمۇ يوشۇرۇن ئاجىزلىقلىرى بار. شۇڭا رەھبەرلەر رەقىبلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىگىلا ئەمەس، ئاجىز تەرەپلىرىگىمۇ زېرەكلىك بىلەن دىققەت قىلىشى كېرەك.
خىتاي كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك دۇنياۋى ئويۇنچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئون يىللىق ئاستا ئۆسۈشتىن كېيىن، خىتاي ئىقتىسادى مالىمانچىلىق، كۆچمەس مۈلۈك بازىرى، ئېشىۋاتقان قەرز، چەكلىك يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسى، تۆۋەنلەۋاتقان ئۈنۈمدارلىق ۋە تېزلىكتە قېرىۋاتقان نوپۇستىن كەلگەن بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭنىڭ مۇرەككەپ قارارلار قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. چەت ئەلدە، خىتاي رايونلۇق ھەربىي كەسكىنلىك ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچەيگەن نازارىتى ھەم قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. راست، ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىكى خىتاينىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسىي شارائىتلارنىڭ بەزىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئەپچىل سىياسەت تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ يېڭى قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇۋاتقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشى سىياسىي مۇنازىرىلەرنى چەكلەپ، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى چەتكە قېقىپ، نەتىجىدە پاسسىپ ۋە خاتالىققا مايىل سىياسەت تۈزۈش جەريانىنى شەكىللەندۈردى. خىتاي ياشلىرى نىشانلىرىغا يېتىش پۇرسەتلىرىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىدىن ئازابلانماقتا. بۇ ئەھۋال دۆلەت رەھبەرلىكى ئۆزگەرمىگۈچە ياخشىلانمايدۇ، ئەمما بۇنداق ئۆزگىرىش يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغاندەك كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
نۇرغۇن كەمچىلىك ۋە ئاجىزلىقلىرىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنىلا خىتايدا ئاساسەن كەم بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلمەكتە: ئىقتىسادىي جانلىقلىق، دۇنياۋى ھەربىي كۈچ، ئالاھىدە ئىنسانىي بايلىق ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يول قويىدىغان سىياسىي تۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە بىرىكمىسى قاتارلىقلار. ئۆزگىرىشچان ۋە ماسلىشىشچان ئامېرىكا ئىقتىسادى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئەركىن كاپىتال بازىرىغا ھەم خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىغا بولغان تەڭداشسىز تەسىر كۈچىگە ئىگە. ئامېرىكا يەنىلا دۆلىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىي مۇھىتىدىن قېچىۋاتقان نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
ئوچۇق ئېيتقاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىقتىسادىي جانلىقلىق، دۇنياۋى تەسىر ۋە تېخنىكىلىق يېڭىلىق جەھەتتە يەنىلا خىتايدىن كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ پاكىتنى تەكىتلەش مەغرۇرلۇق ياكى بىغەملىك ئەمەس. بۇ ياخشى ئىستراتېگىيەنىڭ نېگىزى، چۈنكى ھەددىدىن ئارتۇق ئەندىشە ياكى ۋەھىمە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى يوقىتىپ، دىققىتىنى چېچىۋېتىپ ياكى مىللەتچىلىك ۋە ھىمايىچىلىك مەيدانىغا بېرىلىپ كېتىپ، ئامېرىكانى دۇنيانىڭ باشقا قىسىملىرىدىن ئايرىۋەتسە، ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئاسانلا يوقىتىپ قويىدۇ. مەسىلىلىرىگە قارىماي، خىتاي يەنىلا كىۋانت ھېسابلاش، يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىگە تەھدىت سالىدىغان مەلۇم ساھەلەردە ئىلگىرىلىمەكتە. خىتايدەك سىياسىي-ئىقتىسادىي تۈزۈم ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قىينالسىمۇ، مۇھىم ساھەلەردە كۈچلۈك رەقىب بولۇپ قالالايدۇ.
خىتاي ئادەتتە ئامېرىكا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز مەبلەغ سالغان ساھەلەردە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابىتىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچى ئۇنىڭ ئاساسىي شارائىتلىرى ئەمەس، بەلكى مۇھىم نىشانلارغا يېتىش يولىدا زور مەبلەغ سېلىش ۋە چوڭ ئىسراپچىلىققا چىداشقا بولغان ئالاھىدە دىققىتى ۋە ئىرادىسىدۇر. بۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى 5G تېخنىكىسىدا بولغىنىدەك، 21-ئەسىر ئىقتىسادىدا رىقابەتلىشىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ساھەلەردىن چېكىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ سايلام نۇتۇقلىرى ئالاھىدە دەرىجىدە ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىشىش ئەندىشىسىگە تايانغان. ئامېرىكا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ھەقىقەتەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئەمما بۇلار خىتاي دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە مۇھىم ئەمەس. ۋاشىنگتوننىڭ رەقىبلىرىنىڭ كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تۆۋەن چاغلاش ئادىتى كۆپ قېتىم ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، ئېغىر سىياسىي خاتالىقلارغا سەۋەب بولغان. ھەتتا ترامپنىڭ ئەڭ قابىل مەسلىھەتچىلىرىمۇ بۇ تارىخنى چۈشىنىشى لازىم. بېيجىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بۇ پەيتتە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خىتايغا نىسبەتەن پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇش ئارقىلىق ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
ئىشەنچ ئويۇنى
ئۆتكەن ئەسىر مابەينىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى داۋاملىق رەقىبلىرىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى، ئۆزىنىڭكىنى تۆۋەن باھالاپ كەلدى. بۇ ئادەت سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئالاھىدە روشەن نامايان بولدى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار ۋە تەھلىلچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچ، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى سىياسىي نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن ئەنسىرىدى. مەسىلەن، 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىتئەلەرئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنىڭ كۆپ ۋە تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئەمما U-2 جاسۇس ئايروپىلانلىرى ۋە باشقا مەنبەلەردىن توپلانغان ئاخبارات كېيىن شۇنى ئاشكارىلىدىكى، ئاتالمىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا بوشلۇقى ئاساسەن خىيالىي ئىدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىش ئالدىدا، سوۋېت ئىقتىسادىنىڭ ھەربىي چىقىملارنىڭ ئېغىرلىقى ئاستىدا يىمىرىلىۋاتقانلىقى ئايان بولدى ۋە ئەندىشە قىلىنغان سوۋېت ئۈستۈنلۈكىنىڭ كۆپ قىسمى مۇبالىغە قىلىنغان ياكى خاتا چۈشەنچىگە ئاساسلانغانىدى.
دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەشتىكى پەرقى، ئامېرىكانىڭ ئۆز كۈچىنى تۆۋەن باھالاش مەيلىگە سەۋەب بولدى. دېموكراتىك تۈزۈملەر ئوچۇق شارائىت ئاستىدا ئۆز كەمچىلىكلىرى ھەققىدە كەڭ مۇنازىرىگە يول قويىدۇ. بۇ ئىچكى مەسىلىلەرگە بولغان دىققەتنى كۈچەيتىپ، ئاجىزلىقلارنى ئەمەلىيەتتىكىدىن چوڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ. دېموكراتىيەنىڭ ئاجىزلىقلىرى، ئەكسىچە تەنقىدنى باستۇرۇپ، رېئاللىقتىن پارلاق مەنزىرە كۆرسىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىدىغان مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا تېخىمۇ جىددىي تۇيۇلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى مەتبۇئاتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭىلمەس قىياپىتىنى ساقلاشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، سىياسىي زىددىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتالماسلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى، كۆپىنچە ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنى ئالدىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش خاھىشى ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى كۆرۈنمەس قىلدى.
بەزىدە، بۇ دىنامىكا ئامېرىكاغا پايدا ئېلىپ كەلدى. رەقىبنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ئامېرىكانىڭ بايلىقلىرى ۋە سىياسىي ئىرادىسىنى ھەرىكەتلەندۈرەلىدى. مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەينىدە قالغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ئاساسەن خاتا بولسىمۇ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مۇداپىئە خىراجىتىنى كۆپەيتىش ۋە تېخنىكا تەتقىقاتىنى تېزلىتىشقا ئۈندىدى. مەلۇم مەنىدە، ئامېرىكانىڭ ئۆز سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچە، ئۇنىڭ بۇ ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەردى. ئوخشاشلا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا رىقابىتىدىكى دەسلەپكى غەلىبىلىرى – ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ مۇھىم رىقابەتتە كەينىدە قېلىش خەۋپى – ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ناسا تەشكىلاتىنى قۇرۇش، مەكتەپلەردە پەن-تېخنىكا مائارىپىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشكە يېتەكلىدى. بۇ ئەھۋالدا، سوۋېتنىڭ ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن بولغان ئەندىشە ئەمەلىيەتتە پايدىلىق بولۇپ، كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك ئامېرىكا تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم مەبلەغ سېلىشلارغا تۈرتكە بولدى.
گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتلەرنى تۆۋەن باھالاشنىڭمۇ بەدىلى بار. بۇنى 1930-يىللاردىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ كۈچىيىشى، 1990-يىللاردىكى ئەل-قائىدەنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خاتا مۆلچەرلەشلەر پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىق، پوتېنسىيال رەقىبنىڭ تەھدىتىنى يۇقىرى باھالاشنىڭ تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ. بىراق كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، رەقىبتىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇش ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنبەلىرىنى خاتا تەقسىملىشى، ئۆزىنىڭ كۈچ مەنبەلىرىنى ئاسراش زۆرۈرلۈكىنى ئۇنتۇپ قېلىشى، مۇھىم بولمىغان تەھدىتلەرگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىشى، ھەتتا كېرەكسىز ئۇرۇشلارغا پېتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا سالغان زور مالىيە ۋە ئادەم كۈچى مەبلىغى قىسمەن «دومىنو نەزەرىيەسى»دىن كەلگەن. بۇ نەزەرىيە بويىچە، ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيادا سوۋېت قوللايدىغان كوممۇنىزمنىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول قويسا، كوممۇنىزم چوقۇم پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدۇ، دەپ قارالغان. بۇ ئىشىنىۋېلىش ئامېرىكانىڭ چىقىمى زور، ئۇزاققا سوزۇلغان، ئاخىرىدا مەنبەلىرىنى تۈگەتكەن، دۇنيادىكى ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزگەن ۋە ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان ئۇرۇشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم كۆپتۈرۈۋېتىلگەن تەھدىتكە – ساددام ھۈسەيىن تۈزۈمىگە قارشى سەپەرۋەرلىك ھالاكەتلىك ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشقا، ئىچكى قالايمىقانچىلىققا ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئىشەنچلىكلىكىنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلىشىشىغا ئېلىپ باردى.
شۇڭا، ئامېرىكانىڭ ئىچكى ھەرىكەتنى قوزغاش ئۈچۈن رەقىبنىڭ كۈچىنى تەكىتلىشى ئىككى تەرەپلىمە تەسىر كۆرسەتتى. بىر تەرەپتىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا رىقابىتى ۋە ھەربىي تەرەققىياتتا كۆرۈلگەندەك، ھېس قىلىنغان تەھدىتلەر مەنبەلەرنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ۋە مۇمكىن بولغان سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىكنى كۈچەيتەلەيدۇ. پايدىلىق يۇقىرى باھالاش بولسا پاراكەندىچىلىك ياكى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلەرگە ئېلىپ بارماي، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى قوزغىيالايدىغان باھالاشتۇر. يۇقىرى باھالاشلار ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنى بۇرمىلىۋەتكەندە ۋە رەھبەرلەرنىڭ چەكلىك دىققىتىنى باشقا جىددىي مەسىلىلەردىن چەتنەتكەندە زىيانلىق بولىدۇ. پەرقنى بىلىش ئۈچۈن رەقىبنىڭ ئىقتىدارىنى تەپسىلىي چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا نىسبەتەن توغرا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنكاس تەدبىرلىرىنى تۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
پارلىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس
بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكادىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ ئۆز كۈچىنى يوقىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە، بۇ پەرەزگە پاكىتلار كۆپ. ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تارتىپ كېمە ياساشقىچە بولغان نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەردە خىتاي بارغانسېرى كۈچلىنىپ، ھەتتا يېتەكچى ئورۇنغا چىقماقتا. بۇ خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئېيتقىنىدەك، خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرىدىغان سىياسىي-ئىقتىسادىي مودېلىنىڭ يەنىلا «چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش» ئىقتىدارىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ.
خىتاينىڭ كۈچ ئاساسلىرى كۆپىيىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتى 2007-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى چوققىسىدىن باشلاپ ئىزچىل تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدا، ئېنىق قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق كۆرۈلدى. ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە شەھەرلىشىشنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان كۆچمەس مۈلۈك بازىرى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. 2024-يىلى ئاۋغۇستتا، خەلقئارالىق پۇل فوندى خىتاي كۆچمەس مۈلۈك گۇرۇپپىلىرىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىنى بانكروتلۇق گىردابىغا كىرىپ قالغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى قىسمەن 2024-يىلى ئۆكتەبىردە 2015-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چۈشۈۋاتقان ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ 70 پىرسەنتتىن ئارتۇقى كۆچمەس مۈلۈك بازىرىغا باغلانغاچقا، ئۆي باھاسىنىڭ كەسكىن چۈشۈشى پەقەت قۇرۇلۇشچىلارغىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.
كۆچمەس مۈلۈك كىرىزىسى خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيەسىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ شەھەرلەر ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن يەر سېتىشقا تايىنىپ كەلگەنىدى. ئەمدى يەر-مۈلۈك قىممىتى ۋە يەر سېتىشنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن، بۇ شەھەرلەر كىرىمسىز قېلىپ، قەرز تۆلەش ۋە ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشتە قىينالماقتا. 2024-يىلى ئاپرېلدا، بلۇمبېرگنىڭ ئانالىزىغا كۆرە، خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى يەر سېتىشتىن سەككىز يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن كىرىمنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇلار يەرلىك كارخانىلارغا خالىغانچە جەرىمانە قويۇش، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، ھەتتا مائاش تۆلەش ئۈچۈن شەخسىي شىركەتلەردىن قەرز سوراشقا مەجبۇر بولغان. ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاجىزلاشماقتا. «ۋال سىترىت ژۇرنىلى»نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئىيۇندىن 2024-يىلى ئىيۇنغىچە تەخمىنەن 254 مىليارد دوللار مەبلەغ جىمجىتلا دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەن — بۇ ئىچكى نارازىلىقنىڭ ئېنىق ئىپادىسى. ياشلار بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان نەتىجىلەر ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان جەمئىيەت بېسىمىغا قارشى «يانتۇ بولۇش» ئۇسۇلىنى تاللىماقتا. ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى رېكورت يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ياشلىرى ئاچچىق رېئاللىققا يۈزلەنمەكتە: يۇقىرى مائارىپ ئۇنۋانى ۋە قاتتىق ئەمگەك ئەمدىلىكتە مۇقىم خىزمەت ياكى ئىجتىمائىي يۈكسىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ تېز كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان خەلقئارالىق مۇھىتمۇ ئەندىشىلىك ھالەتكە كەلدى. بۇرۇن خىتاينىڭ كەڭ بازىرىدىن پايدىلىنىشقا ئالدىرايدىغان چەت ئەل شىركەتلىرى ئەمدى ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلماقتا، بەزىلىرى ھەتتا چېكىنىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. خىتايغا كىرگەن چەت ئەل مەبلىغى 2021-يىلدىن 2023-يىلغىچە 80 پىرسەنت چۈشۈپ، 30 يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. بېيجىڭنىڭ 2021-يىلدىكى تېخنىكا ساھەسىگە قاراتقان زەربىسى مىليارد دوللارلىق قىممەتنى يوق قىلدى. دۆلەتنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز نازارەت ۋە سىياسىي مۇھىتى كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەرنى خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى. 2024-يىلى سېنتەبىردە، شاڭخەيدىكى ئامېرىكا سودا پالاتاسىنىڭ تەكشۈرۈشى يامان مەنزىرىنى ئاشكارىلىدى: چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ يېرىمىدىنمۇ ئازى خىتاينىڭ بەش يىللىق ئىقتىسادىي كەلگۈسىگە ئىشەنچ قىلالىغان — بۇ تەكشۈرۈشنىڭ 25 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئىشەنچ دەرىجىسى ئىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى يىللاردا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتى ۋە چەت ئەل مەبلىغىگە بولغان يۇقىرى تەلىپىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. خىتاي ھازىرمۇ دۇنيا بازارلىرىغا قاتتىق تايىنىدۇ، بىراق نۇرغۇن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى ۋە ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاقىۋەتلىرىدىن كۈنسايىن ئەنسىرىمەكتە. مەسىلەن، باشتا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يولى دەپ قارىغان كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ھازىر بۇ تۈرنىڭ مۇھىت ۋە يەرلىك ئەمگەكچىلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىدىن غەم قىلىپ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر خىتاي مەبلىغىدىن كېلىپ چىقىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن يېڭى مەبلەغ نازارەت قىلىش تۈزۈملىرىنى يولغا قويدى.
-2019 يىلى مارتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى «ئىستراتېگىيەلىك نەزەر» دوكلاتىدا خىتاينى رەسمىي «تۈزۈملۈك رەقىب» دەپ ئاتىدى. بۇ خىتاينى پەقەت ئازراق مەسىلىسى بار بازار پۇرسىتى دەپ قارايدىغانلا ئەنئەنىۋى قاراشتىن ۋاز كېچىشنى بىلدۈرەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپانىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىلىرى، تېخنىكا ۋە رەقەملىك ساھەلىرىگە خىتاي مەبلىغىنى قاتتىق چەكلەش ۋە خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر ماشىنىلىرىغا 45 پىرسەنتكىچە باج قويۇش قاتارلىق قاتتىق نازارەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
شى جىنپىڭ بولسا خىتاينىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارالىق زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغان مۈجمەل، پاسسىپ قارار چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان باشقۇرۇش يولىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھوقۇقنى كىچىك بىر تۈركۈم سادىق كىشىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، سىياسىي قارارلارنى چەكلەيدىغان ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ۋە نازارەت مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇردى. بېيجىڭنىڭ دەسلەپكى كوۋىد-19 ۋاباسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى: مۇھىم ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇش ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى بېسىقتۇرۇش ۋىرۇسقا قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتنى كېچىكتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ خىتاي سىرتىغا تېز تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەسلىدە يەرلىك دەرىجىدە ياخشى باشقۇرالايدىغان مەسىلە دۇنياۋى ساغلاملىق كىرىزىسىغا ئايلىنىپ، خىتاي خەلقئارالىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە پەرقلىق پىكىرلەرنى باستۇرىدىغان ۋە تەنقىدىي ئاۋازلارنى بوغىدىغان سىستېمىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.
شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنى ئازايتىش ۋە خىتاينىڭ گۈللەنگەن شەخسىي ساھەلىرىنى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئوخشاشلا مۈجمەل ۋە تۇراقسىز بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ياردەم قىلىشتىن باش تارتىشى، قارا بانكا ۋە كاپىتال بازارلىرىنى تىزگىنلەشتىكى سىياسىي خاتالىقلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مالىيە بېسىمىنى كۈچەيتىپ، چوڭ كۆچمەس مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ نەق پۇل قىسلىقىغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولدى. تېخنىكا ۋە خۇسۇسىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى تۇيۇقسىز ۋە كەسكىن نازارەت خىتاينىڭ سودا-سېتىق ساھەسىنى چۆچۈتۈپ، خەلقئارالىق مەبلەغچىلەرنى ئەنسىرەتتى. ئۇ «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىكى» دەپ ئاتىغان – يەنى بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قارارلىرىنىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى بىلەن يېتەكلىنىدىغان – تۈزۈمنى ئورنىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان جانلىقلىق مەنبەلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى.
دېڭ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئىقتىسادىنى ئېچىۋەتكەندىن بۇيان، خىتاي رەھبەرلىرى دۆلەتكە ئەمەلىي، بازارغا ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ۋە يەرلىك رەھبەرلەرگە ئۆز رايونلىرىنىڭ ئالاھىدە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئەركىنلىك بېرىشكە تىرىشتى. بىراق ھازىر ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىلىرى ئەمەس، بەلكى ئىدېئولوگىيەلىك بىردەكلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان قاتتىق، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقلار بىلەن چەكلەنگەن يەرلىك كادىرلار، مالىيە قىيىنچىلىقى ۋە ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىۋاتقان بېسىمىنى يېڭەلمەيۋاتىدۇ. بۇرۇن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان تىجارەتچىلەر ئەمدى بېيجىڭنىڭ كېيىنكى سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچسىزلىك بىلەن قاراپ ، قورقۇنچ ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئىش ئېلىپ بارماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىدا ئوچۇقلۇق، سۈزۈكلۈك ۋە قانۇنىي چارە يوللىرىنىڭ يوقلۇقى مەركەزلەشكەن باشقۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى: سىياسەتلەر مەسلىھەتلەشمەي ياكى چۈشەندۈرمەي تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلماقتا، پۇقرالار ۋە كارخانىلار ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە ئۆزلىرى تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشى قىسقا مۇددەتتە كونترول قىلىش ۋە كۈچ ئارقىلىق بەزى ئىستراتېگىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ خىتاينىڭ سىياسەت تۈزۈش ئاپپاراتىنى ھەم ئىچكى رېئاللىقتىن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈتكەنلىرىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان، سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ياخشى ئاساس
ھەددىدىن زىيادە يەكۈن چىقىرىش ياكى مەغرۇرلۇق، خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان دۇنياۋى تەسىرىنى تونۇش ۋە ئامېرىكانىڭ ئۆزگىچە ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئارتۇقچىلىقلىرىنى – يەنى مۇستەھكەم ئىقتىسادى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىقى ۋە ئوچۇق جەمئىيىتىنى قەدىرلەشتەك نازۇك نۇقتىنى كۆرۈۋېلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. دوللارغا تەڭشەلگەن ھېسابتا، ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنىلا خىتاينىڭكىدىن چوڭ بولۇپلا قالماي، كېيىنكى ئۈچ چوڭ ئىقتىساد بىرلەشكەندىنمۇ چوڭ. خەلقئارالىق پۇل فوندىنىڭ مۆلچەرىچە، 2024 ۋە 2025-يىلى G-7 دىكى باشقا ھەرقانداق ئىقتىسادتىنمۇ تېز ئۆسىدۇ. پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دەۋرىدە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي پەرقىنى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كېڭەيتتى. ئامېرىكانىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈلۈشى 1990-يىللاردىكى سەۋىيەگە يېقىن تۇرماقتا. رودىئۇم گۇرۇپپىسىنىڭ تەھلىلچىسى لوگان رايت قاتارلىقلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈلۈشى 2021-يىلى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭكىدىن تۆۋەن تۇرىدىكەن. ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس دەپ قارايدىغانلا كۆزەتكۈچىلەرمۇ ئۇنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىغا ۋە قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ھەمدە ناچار سىياسەت تۈزۈش جەريانى تەرىپىدىن چەكلىنىدىغانلىقىغا قوشۇلىدۇ.
ئامېرىكا شىركەتلىرى دۇنيا بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2024-يىلى مارتتا، بازار قىممىتى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئون شىركەتنىڭ توققۇزى ئامېرىكاغا تەۋە بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شىركىتى تېنسېنت 26-ئورۇندا تۇراتتى. خىتاينىڭ كاپىتالى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق ئىقتىسادتىن ئەڭ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلماقتا. ئامېرىكادا يەنە باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىكىدىن كۆپ قابىلىيەتلىك كۆچمەن بار بولۇپ، خىتاي بولسا چەت ئەللىك تالانتلارنى جەلپ قىلىشتا قىينىلىۋاتىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابى تېزلىشىۋاتقاندا، ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىقى ۋە تارقىلىشىنىڭ دۇنياۋى مەركىزىگە ئايلىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيا سۈنئىي ئەقىل كۈچى دەرىجىلەندۈرۈشىگە كۆرە، ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى، خۇسۇسىي ساھە مەبلىغى ۋە يېڭى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىنى يارىتىشتا خىتايدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرۇپ، دۇنيادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆتكەن ئون يىلدا، ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ساھەسى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە خىتايدىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، خىتايدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ سۈنئىي ئەقىل شىركىتى قۇردى. 2023-يىلى، ئامېرىكا شىركەتلىرى 61 مۇھىم سۈنئىي ئەقىل مودېلى ياساپ چىققان بولسا، خىتاي پەقەت 15 نى ياساپ چىققان. بۇ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يىلى، ئامېرىكالىق مەبلەغچىلەر خىتايدىن توققۇز ھەسسە كۆپ مەبلەغنى سۈنئىي ئەقىلگە سېلىپ، 897 يېڭى سۈنئىي ئەقىل شىركىتى قۇردى. بۇ خىتاينىڭ 122 شىركىتىدىن خېلىلا كۆپ. بۇ مۇۋەپپەقىيەت خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمىدە مۇمكىن بولمايدىغان مەركەزلەشمىگەن، بازار يېتەكچىلىكىدىكى يانداشمىدىن كەلگەن. ئامېرىكانىڭ نىسبەتەن ئەركىن نازارەت قىلىش سىستېمىسى، خۇسۇسىي شىركەتلەر بىلەن ئاكادېمىيەلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ھەمكارلىقى ۋە تالانتلارنى جەلپ قىلىش قابىلىيىتى ئۇنىڭغا ئۈستۈنلۈك بېرىدۇ.
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچىسى سۈپىتىدە، خىتاي نېفىت ئېھتىياجىنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈشكە تايىنىپ، دۇنياۋى ئۈزۈلۈشلەرگە قارىتا ئاجىز ئەھۋالدا تۇرماقتا. گېئوپولىتىكىلىق جىددىيلىك، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسالغۇ، ياكى رايونلۇق توقۇنۇشلار خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىغا يېقىنلىشىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيانىڭ يېتەكچى دۆلىتىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈكى قىسمەن ئىلغار گاز چىقىرىش ۋە گورىزونتال قۇدۇق كولاش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە گېئوپولىتىكىلىق تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى بۇزغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنى تېزلىكتە كۆپەيتىپ، ياۋروپانىڭ رۇس ئېنېرگىيەسىگە بولغان تايىنىشىنى ئازايتتى.
دوللارنىڭ دۇنيانىڭ ئاساسلىق زاپاس ۋە ھېسابلىشىش پۇلى سۈپىتىدىكى ئورنى، يامان تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئامېرىكاغا تەڭداشسىز مالىيە كۈچى بېرىدۇ. 2023-يىلى دۇنيادىكى چەت ئەل پۇل زاپىسىنىڭ 60 پىرسەنتى دوللاردا ساقلانغان بولۇپ، ياۋرو (20 پىرسەنت ئەتراپىدا) ۋە يۈەن (ئۈچ پىرسەنتتىن تۆۋەن)دىن خېلىلا يۇقىرى تۇردى. بۇ ئامېرىكاغا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش، قەرزنى ئەركىن باشقۇرۇش ۋە جازا يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئۈستۈنلۈكلەرنى بەردى. بىراق، دوللارنىڭ بۇ ئورنى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تۇراقلىق سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئامېرىكا ماللىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بېسىمى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن بۇلار بېيجىڭ دۇچ كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر. ئۇ دوللارغا قارشى باشقا تاللاشلارنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ مالىيە سىستېمىسىنى قورال قىلىش كۈچىنى چەكلەش ئۈچۈن رەقەملىك پۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا كېمىسى، يوشۇرۇن سۇ ئاستى كېمىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىغا قىلغان مەبلەغ سېلىشى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى قايتا شەكىللەندۈرۈپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۈچۈن مۇرەككەپ مۇھىت پەيدا قىلدى. بېيجىڭنىڭ مۇداپىئە سانائىتى بەشىنچى ئەۋلاد جەڭ ئايروپىلانلىرى، ئاۋازدىن تېز قورال-ياراغلار ۋە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈزۈلمىلىرىنى كۆپلەپ ياسىماقتا. ئۇنىڭ كىرىش چەكلەش/رايون چەكلەش (A2/AD) قابىلىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشى، غەربىي تىنچ ئوكياندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغان. بىراق بۇ ئىلگىرىلەشلەرگە قارىماي، خىتاي ئارمىيەسى يەنىلا جىددىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. پاراكەندىچىلىك ئۇنىڭ جەڭگە تەييارلىق ھالىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىنىڭ يوقلۇقى زامانىۋى ئۇرۇش بېسىملىرى ئاستىدا مۇرەككەپ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارالىشى-بارالماسلىقىنى گۇمانلىق قىلىدۇ. خىتاي دېڭىز تەۋەلىكى ئىچكى ياكى ئەتراپىدىكى ھەرقانداق توقۇنۇش، دېڭىز سودىسى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىغا بەك بېقىنىدىغان خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئېغىر زەربە بېرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى مول جەڭ تەجرىبىسى، كەڭ كۆلەملىك ئىتتىپاقداشلار تورى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قۇدرەتكە ئىگە.
ئەڭ مۇھىمى، خىتاي ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچ كۆپەيتكۈچى – دۇنياۋى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىغا تەڭلىشەلمەيدۇ. ئامېرىكانىڭ ناتو ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فىلىپپىن ھەم جەنۇبىي كورېيەدەك يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقى، تەبىئىي ئاپەتلەر، تېخنىكا رىقابىتى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ تەھدىتىگە قارشى بىرلىكتە تۇرۇشقا ئىمكان بېرىدۇ. بۇ ئىتتىپاقلىقلار قۇرۇق سۆز ئەمەس. ئۇلار ئامېرىكانىڭ ئۆز زېمىنىدىن يىراق جايلارغا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق ھەربىي كۈچى ۋە تەييارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بىر چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كۈچ كۆرسىتىش ۋە تەسىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى بولۇش كېرەك. ئامېرىكا بۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن. خىتاي بولسا، ھازىرچە، بۇنداق ئەمەس.
ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشمەسلىكتەك تەبىئىتى، يەنى مۇھىم باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ ئىشتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ساقلىنىپ قېلىشىمۇ يەنە بىر ئۈستۈنلۈك بولۇپ قالماقتا. خىتاينىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكانىڭ دەۋرىي سايلام تۈزۈمى ۋە تىنچ ھوقۇق ئۆتكۈزۈشى، پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ يۆنىلىشىدىن نارازى بولغاندا ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىشىغا يول قويىدۇ. گەرچە ئامېرىكانىڭ ھەددىدىن زىيادە قۇتۇپلىشىش ۋە ئورگانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كەلگەن دېموكراتىك قائىدىلەرگە تەھدىت سالىدىغان كۆپ مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىشى كېرەك بولسىمۇ، يەنىلا ئەركىن ئاخبارات، مۇستەقىل پارلامېنت ۋە ئوچۇق سوت سىستېمىسى تەرىپىدىن پىرېزىدېنت ھوقۇقىنى چەكلەش رولىغا ئىگە.
ساختا چوققا
بېيجىڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرى ئامېرىكانىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتسىز تۇرۇشى تۈپەيلىدىن قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. 5G تېلېفون ئالاقىسىنى ئالايلى: خىتاي يېڭى ئەۋلاد سىمسىز تورلارنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ قوللىنىپ، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم بازارلىرىنى ئىگىلىدى. بۇ ئامېرىكانىڭ رىقابەتلىشىش كۈچى يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى باشقا تاللاشلارغا مەبلەغ سېلىشتا ئاستىلىق قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ سۈرئىتىدە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بايلىقلارنى ئىشقا سالمىغانلىقىدىن بولدى .خىتاينىڭ كىۋانت ئالاقىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تورلىرىدىكى ئالاھىدە تېز ئىلگىرىلىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئاستا قوبۇل قىلغان ۋە كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سالمىغان تېخنىكىلاردا يېتەكچىلىكنى قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇتۇق ھۆكۈمەت ياردىمى، قاتتىق سانائەت سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم خام ئەشيالارنى يۇقىرى سىياسىي ۋە مۇھىت بەدىلى تۆلەپ قولغا كەلتۈرۈشتەك بىردىنبىر نىشانغا مەركەزلىشىشتىن كەلگەن. بۇ ئۇتۇقلارنىڭ يەنە باشقا تۆلەملىرىمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە بېرىلىپ كېتىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىچكى ئىستېمالنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلەردىن دىققەت ۋە بايلىقلارنى باشقا ياققا بۇراپ كەتتى.
خىتاي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بۇ پەيتتە، ئامېرىكا ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئۆزى كۈچلۈك بولغان ساھەلەرگە مۇھىم مەبلەغ سېلىشى، تەتقىقات-تەرەققىيات ۋە يېڭى تېخنىكا سانائىتىگە مەبلەغنى كۆپەيتىشى، كۆچمەنلىك سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن دۇنيادىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى جەلپ قىلىشى، ئاسىيا-ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇداپىئە سانائىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشى لازىم. ئەگەر ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇ مۇھىم قەدەملەرنى ئېلىشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ كۈچىيىشى ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىۋەرسە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكى تېزلا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكانىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلغۇسىز پاكىت. لېكىن ئۇنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك تەرەپلىرى ساقلىنىپ قالغانلىقى، دېموكراتىك تۈزۈملىرى بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۆزىنى يېڭىلاشتا ئۆزگىچە قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ روشەن. ئامېرىكا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەلگۈسىدىكى ئون يىللارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. خىتاينىڭ مەركەزلەشكەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى مۇھىم ساھەلەردە تېز نەتىجىلەرنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇتۇقلار مۇستەھكەم ئەمەس. ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي خەۋپ يېڭى رەقىبنىڭ يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچىيىشىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز ئىقتىدارىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى خالىماسلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.
[1] https://www.foreignaffairs.com/united-states/know-your-rival-know-yourself-china
[2] Jude Blanchette and Ryan Hass
-يىلى يانۋار/فېۋرال سانى 2025-يىلى 7-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىندى. 2025
View Fullscreen
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.