(خۇلاسە)
خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى (IISS) تەرىپىدىن 2025-يىلى 17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بۇيانقى ئالتېرناتىپ دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە بۇ جەرياندا دۆلەت رەئىسى بىلەن مۇداپىئە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئوينىغان ھالقىلىق رولى تەھلىل قىلىنغان. ماقالىدە، خىتاينىڭ بولۇپمۇ جەنۇبى يېرىم شار دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە بۇ دائىرىدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت (CMC) ئەزالىرى بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ پائالىيەتلىرى تەكشۈرۈلگەن. تۆۋەندە، ماقالىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك دىئاگراممىلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان بىر باھا سۇنۇلدى.
- دۆلەت رەئىسلىرى دىپلوماتىيەسى ۋە جەنۇبي يېرىم شارنى مەركەز قىلغان ئىستراتېگىيە
خىتاي 2017-يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر رەھبەر كۈچ بولۇشنى نىشان قىلماقتا. 2023-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىنغان «دۆلەت رەئىسى دىپلوماتىيەسى» ئۇقۇمى، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ مۇھىم بىر ئېلېمېنتىغا ئايلاندى. ماقالىدىكى دىياگراممىلارغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دۆلەت رەئىسلىرى زىيارەتلىرىنىڭ قېتىم سانىدا كۆرۈنەرلىك بىر ئېشىش كۆرۈلدى. مەسىلەن: 2023 ۋە 2024-يىللىرىدا خىتايغا كەلگەن زىيارەتچىلەر سانى، 2013-2019-يىللىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى. ئەمما، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ سانىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بىر ئېشىش كۆرۈلمىدى. شى، ئىستراتېگىيەلىك ھالدا قوشنا دۆلەتلەر ۋە يەرشارى جەنۇبىي يېرىم شارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تاللىدى. 1-دىياگرامما، شىنىڭ زىيارەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا (بولۇپمۇ ASEAN [شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى] دۆلەتلىرىگە) ۋە ئافرىقىغا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ رايونلۇق رەھبەرلىك ئورنىنى ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
- مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رولى
خىتاينىڭ مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن شەكىللەنمەكتە. ماقالىدىكى ئىككىنچى دىياگرامما، 2024-يىلى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە دوڭ جۈننىڭ جەمئىي 58 قېتىم ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشلار، بولۇپمۇ ASEAN، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن كۆپەيدى. دىياگرامما، مۇداپىئە دىپلوماتىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك تەقسىملىنىشىدە ئاسىيانىڭ (بولۇپمۇ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ) ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئافرىقىنىڭ بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوڭ جۈننىڭ 2024-يىلىدىكى پائالىيەتلىرى، خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما، ماقالىدە، دوڭنىڭ ئىككى سابىقى(لى شاڭفۇ ۋە ۋېي فېڭخې)نىڭ چىرىكلىك تەكشۈرۈشلىرى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ، مۇداپىئە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىزچىللىقىغا نىسبەتەن بەزى خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
- ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار ۋە يەرشارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى، يەرشارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى (GSI) قاتارلىق تۈرلەر بىلەن قوللىنىۋاتىدۇ. GSI، خىتاينىڭ يەرشارى بىخەتەرلىك قائىدىلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە غەربنى مەركەز قىلغان تەرتىپلەرگە ئالتېرناتىپ سۇنۇش تىرىشچانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇس بىلەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە چەت ئەللەردىكى پۇقرالىرى ۋە سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. 3-دىياگرامما، خىتاينىڭ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ساقچى ۋە بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ GSI رامكىسىدا ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە (مەسىلەن: چەت ئەللەردىكى پۇقرالىرىغا يۈزلەنگەن خەۋپلەرگە) قارشى ئالدىن ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
- دىپلوماتىيەدىكى چەكلىمىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار
ماقالىدە، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە قارىماي، بەزى چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ چەكلىك قېلىشى، خىتاينىڭ يەرشارى سەھنىسىدە ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارىنى چەكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇداپىئە دىپلوماتىيەسىدە دوڭ جۈننىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ئاجىزلىقى، ئىچكى سىياسىي خەۋپلەر سەۋەبىدىن دىققەت تارتماقتا. 2-دىئاگراممىغا ئاساسلانغاندا، مۇداپىئە سۆھبەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا مەركەزلەشكەن بولسا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر چەكلىك قالدى. بۇ، خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەرنى ۋە دىپلوماتىك مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ماقالىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاستىلاش ۋە ئىچكى سىياسىي بېسىملار قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق يەرشارىدىكى تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
- خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مودېلىنىڭ كەلگۈسى
ماقالىدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە مۇداپىئە دىپلوماتىيەسىنىڭ، يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شى جىنپىڭنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە جەنۇبىي يېرىم شارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، خىتاينىڭ رايونلۇق رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىدۇ. مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى بولسا، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقلىرىنى كېڭەيتىش يولى ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئەمما، ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ، ئىچكى سىياسىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىدار قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دىئاگراممىلار، خىتاينىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تېمىلىق مەركەزلىرىنى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ سىستېمىلىق ۋە نىشان مەركەزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى، يەرشارى جەنۇبى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، يەرشارى بىخەتەرلىك قائىدىلىرىنى قايتىدىن ئېنىقلاش ۋە خەلقئارا ساھەدە رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق تاشلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۆلەت رەئىسى دىپلوماتىيەسى ۋە دوڭ جۈننىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى، خىتاينىڭ ئالتېرناتىپ دۇنيا تەرتىپى تەسەۋۋۇرىنى قوللايدۇ. ئەمما، ئىچكى سىياسىي خەۋپلەر ۋە غەرب بىلەن چەكلىك ئالاقە، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يەرشارى مىقياسىدا تولۇق مەنىدە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ماقالىدە، خىتاينىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى كۈچ دىنامىكىسىنى ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















