تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
مۇھەررىر: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالە 21-ئەسىردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان خىتاينىڭ، بىر تەرەپتىن دۇنيا سىستېمىسىغا قوشۇلۇش ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرۈش يۆنىلىشىدىكى ئوچۇق-ئاشكارا ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن لېنىنىست پارتىيە-دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان چوڭقۇر ئىچكى باشقۇرۇش كىرىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ جىددىيچىلىكنى ئانالىز قىلىدۇ. ماقالە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى، دۆلەت مەنپەئەتىدىن ھالقىغان ھالدا، خىتاي كومپارتىيەسى (خ ك پ ) نىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇتلەق ئالدىنئالا ئورۇنغا قويغان «پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى» نەزەرىيەسى دائىرىسىدە شەرھلەيدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا نورما ۋە ئورگانلارغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ، ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خىزمەت قىلغان دەرىجىدە ئەمەلىيەتچى ۋە ۋاستىچى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئىچكى سىياسەتتە بولسا، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرۈشى، كوللېكتىپ رەھبەرلىك مېخانىزملىرىنى پالەچ قىلىشى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك كونترولنى كۈچەيتىشى، سىستېمىنىڭ تارىخىي جەرياندا شەكىللەندۈرگەن ماسلىشىشچانلىقى ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇش جانلىقلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە خوراتماقتا. ۋارىسلىقنىڭ ئېنىقسىزلىقى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى مەسىلىلەر، كۈچەيگەن ئىجتىمائىي نارازىلىق ۋە پارتىيەنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىدىن كېلىپ چىققان «قورشاۋچىل مۇستەبىتلىك» پارادوكسى، ھاكىمىيەتنىڭ نازۇكلىقىنى ئاشۇرماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە قىياس قىلىش ئارقىلىق، شىنىڭ ئىسلاھاتتىن قېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، خىتاينى سوۋېتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا يېقىنلاشتۇرغانلىقى ۋە سىستېمىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنىڭ سوراققا تارتىلىشى كېرەكلىكى خۇلاسە قىلىنىدۇ.
كىرىش سۆز: گۈللىنىۋاتقان بىر كۈچنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يول ئايرىمى
-21ئەسىرنىڭ دۇنياۋى تەرتىپى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) نىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە گۈللىنىشى بىلەن قايتىدىن شەكىللەنمەكتە. ئاساسەن شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭنىڭ ھەم دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنى ھەم ئىچكى باشقۇرۇش شەكلى چوڭقۇر بىر ئۆزگىرىش جەريانىغا كىرگەن. بۇ ئۆزگىرىش خىتاينى تارىخىي بىر يول ئايرىمىغا ئېلىپ كەلدى. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدىكى لىبېرال دۇنيا تەرتىپىنىڭ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق گېئو-سىياسىي داۋالغۇشلار بىلەن بىرلىكتە ئاجىزلىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خىتاي، بۇ «ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت » تىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە نورمىلىرىنى مەركەز قىلغان ئورۇنباسار بىر دۇنياۋى تەرتىپ قۇرۇش نىشانىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، بۇ چوڭ نىشان، لېنىنىست سىستېمىنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان ۋە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىچكى ئاجىزلىقلارغا دۇچكەلمەكتە.
بۇ ماقالە، خىتاينىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بۇ تۈپ قىيىنچىلىقىنى، بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىككى ئاساسىي ئوقتا ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىرىنچى، خەلقئارالىق قوشۇلۇش مەسىلىسى: خىتاي، ھازىرقى خەلقئارالىق سىستېمىغا قائىدىلەرگە بويسۇنىدىغان مەسئۇلىيەتچان بىر ھەمكارلاشقۇچى سۈپىتىدە قوشۇلغانمۇ، ياكى سىستېمىنى ئۆزىنىڭ «پارتىيە-دۆلەت» مەنپەئەتى يۆنىلىشىدە تاللاپ ۋاستىچى قىلىۋاتقان رىۋىزيونىست (ئۆزگەرتكۈچى) كۈچمۇ؟ ئىككىنچىسى بولسا، ئىچكى باشقۇرۇش كىرىزىسنىڭ تەرەپلىرى: شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى شەخسلەشتۈرۈشى ۋە پارتىيە-دۆلەت كونتروللۇقىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قەۋىتىگە كېڭەيتىشى، ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بىر كۈچ نامايەندىسىمۇ، ياكى سىستېمىنى جانلىقلىقتىن ۋە ماسلىشىشچانلىقتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇنى كەلگۈسىدىكى كىرىزىسلارغا تېخىمۇ ئاجىز قىلىدىغان بىر ئاجىزلىقمۇ؟
بۇ ئانالىز يۇقىرىدىكى ئاساسىي سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بېرىشنى نىشان قىلىپ، ئۈچ ئاساسىي نەزەرىيەۋىي ئوق ئەتراپىدا شەكىللىنىدۇ. ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ لوگىكىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى نەزەرىيەلەردىن ھالقىغان ۋە خ ك پ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەممە نەرسىنىڭ مەركىزىگە قويغان «پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى» نەزەرىيەسى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ دەۋرى خىتاينىڭ ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، ۋارىسلىق كىرىزىسى، سىستېمىدىكى قاتماللىق، مەشرۇئىيەت يېتەرسىزلىكى ۋە قورشاۋچىل مۇستەبىتلىكنىڭ پارادوكسلىرى قاتارلىق مۇھىم تەرەپلىرى بىلەن چوڭقۇر ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈلىدۇ. ئاخىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش تەجرىبىسى، خىتاينىڭ ھازىرقى يۆنىلىشىدىكى خەۋپلەرنى ۋە يوشۇرۇن نەتىجىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىي بىر پايدىلىنىش نۇقتىسى ۋە ئوخشىتىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىرلىككە كەلگەن يۆنىلىشتە، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى رولىنى ۋە مۇقىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساس تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دۇنياۋى شاھمات تاختىسىدىكى خىتاي: پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتپەرەسلىك
خىتاينىڭ دۇنيا سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى، ئۇنىڭ تاشقى سىياسەت نىشانلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى توغرا تەكشۈرۈشتۇر. بۇ ھەرىكەت، ئەنئەنىۋىي دۆلەت مەنپەئەتى ياكى ئىقتىسادىي گۈللىنىش مەقسىتىدىن كۆپ ھالقىغان، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئىچكى تۇيغۇسىغا تايىنىدۇ.
پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى: ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەممىنىڭ ئۈستىدە.
ستېۋ تسەڭ تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى» (Party-state Realism) نامى بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن رامكا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىدىكى ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق نەزەرىيەۋى رامكىنى تەمىنلەيدۇ [6]. بۇ نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي تەلىپى شۇكى، خ خ جنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۆزگەرمەس نىشانى، خىتاي مىللىتىنىڭ ياكى دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىدىن بەكرەك، خىتاي كومپارتىيەسى (خ ك پ ) نىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى قانداق بەدەل تۆلىنىشتىن قەتئىينەزەر قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتۇر. بۇ نۇقتىئىنەزەردە، «دۆلەت مەنپەئەتى»، « ئىگىلىك ھوقۇق» ياكى «تەرەققىيات» قاتارلىق ئۇقۇملار، بۇ ئاخىرقى نىشانغا خىزمەت قىلىدىغان، شارائىتقا قاراپ مەنىسى ۋە ئالدىنئالا ئورنى ئۆزگىرىدىغان ۋاستىچى ئۇقۇملاردۇر. پارتىيە، ئۆزىنى دۆلەت ۋە مىللەت بىلەن ئۆزدەشلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەنقىد ياكى تەھدىت، بىۋاسىتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ھۇجۇم دەپ قارىلىدۇ ۋە ھەم ئىچكى ھەم تاشقى جامائەتچىلىككە مۇشۇنداق سۇنۇلىدۇ.
بۇ رېئالىزم، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارغا تۇتقان ئىككىلىنىشچان ۋە تاللاشچان پوزىتسىيەسىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بېيجىڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدىغان قائىدىلەرنى كۈچلۈك قوللايدۇ، ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئوخشاش خىتاينىڭ مۇستەبىت باشقۇرۇش شەكلىنى سوئالغا تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياكى «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان نورما ۋە مېخانىزملارنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىك ۋاسىتىنى ئىشلىتىدۇ. ئوخشاشلا، شۈچېڭ ۋاڭنىڭمۇ تەپسىلىي ئانالىز قىلغىنىدەك، خىتاينىڭ دىن سىياسىتى ئومۇمىي ھوقۇق سۈپىتىدە دىن ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، بارلىق دىنىي ئېتىقادنى «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ماركىسىست-لېنىنىست ئاتېئىست ئىدېئولوگىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى ۋە يوشۇرۇن ئىجتىمائىي ئۆكتىچى ئوچاقلىرىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلىدۇ [7].
پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى بۇ رامكا دائىرىسىدە، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى بىر «مەۋجۇتلۇق سىياسىتى» سۈپىتىدە كۆرۈشىمىزنى تەمىنلەيدۇ. خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاياتىي تەھدىت، ھەربىي تاجاۋۇز ياكى ئىقتىسادىي يىمىرىلىش ئەمەس، خ ك پ نىڭ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشىدۇر. شۇڭلاشقا، خەلقئارا سىستېما بىلەن قۇرۇلغان ھەر بىر مۇناسىۋەت، بۇ ئاساسىي مەۋجۇتلۇق غېمىنىڭ مەنبەسىدىن سۈزۈلۈپ باھالىنىدۇ. خەلقئارا ھەمكارلىق ياكى توقۇنۇش، بۇ ئاخىرقى نىشانغا خىزمەت قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ ئىشەنچلىك بىر ھەمكارلاشقۇچى بولۇشتىن بەكرەك، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۆزگەرگەندە ئورنىنىمۇ ئاسانلا ئۆزگەرتەلەيدىغان، ئالدىنئالا پەرەز قىلىش تەس، ئەمەلىيەتچى بىر ئاكتور بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتپەرەسلىك: كىرىزىسلارنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش سەنئىتى
خىتاي، خەلقئارا سىستېمىدىكى مۇقىمسىزلىقلار ۋە كۈچ بوشلۇقلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا ماس يۆنىلىشتە پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن غەربنىڭ رۇسىيەگە مەركەزلىشىپ قېلىشى ۋە دۇنيانىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ غەربنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇشى، بېيجىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا مەركەزلىك دۇنيا تەرتىپىگە ئالتېرناتىف بىر نۇقتىئىينەزەر سۇنىدىغان بىر پۇرسەت ياراتتى [3]. بۇ شارائىت، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بايانىنى دۇنياۋى كۆلەمدە تارقىتىش ئۈچۈن قولاي بىر زېمىن ھازىرلىدى.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتپەرەسلىكنىڭ ئەڭ ئېنىق نامايەندىسى، خىتاينىڭ بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان «دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى» (GSI) ، «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى» (GDI) قاتارلىق چوڭ ئىدىيەلەردۇر. بۇ تەشەببۇسلار، سىرتقى جەھەتتىن «بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت»، «ئورتاق بىخەتەرلىك» ۋە «قوش ئۇتۇق ھەمكارلىقى» قاتارلىق جەلپكار ۋە ئومۇمىي شوئارلار بىلەن بېزەلگەن. لېكىن چوڭقۇر ئىنچىكىلەپ قارالغاندا، بۇ ئىدىيەلەرنىڭ ئەسلى مەقسىتى، غەربنىڭ «مۇداخىلىچى» ۋە «ئۈستۈنلۈك خاراكتېرلىك» دەپ تەنقىدلىنىدىغان بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات چۈشەنچىسىگە قارشى، خىتاي مەركەزلىك بىر ئورۇن باسارنى تەمىنلەشتۇر. خىتاي، بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ تەبىئىي رەھبىرى قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى گېئوپولىتىك بىر تەڭپۇڭلۇق ئامىلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ۋە ئاخىرىدا دۇنياۋى باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتىدىن يېزىشنى نىشان قىلماقتا.
لېكىن بۇ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتپەرەسلىكنىڭ چەكلىمىلىرىمۇ بار. خىتاينىڭ «تىنچ تەرەققىيات» ۋە «ئورتاق تەقدىر گەۋدىسى» سۆزلىرى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى، ھىندىستان چېگراسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى دائىرىسىدىكى «قەرز قىلتىقى» قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن دائىم زىتلىشىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە بىر ئىشەنچ يېتەرسىزلىكىگە ئۇچرىشىغا ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ نىيەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولماقتا. شۇڭا، خىتاينىڭ بىر كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى، سۆزلىرى بىلەن ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىقنى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا باغلىق، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ تارىخى يېتەرلىك پاكىت تەمىنلىيەلمەيدۇ.
ئىچكى باشقۇرۇش كىرىزىسنىڭ قۇرۇلمىسى: نازۇك بىر دەۋر
خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتتىكى چوڭ نىشانى، ئۆز ئىچىدە چوڭقۇرلىشىۋاتقان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە كۆپىيىۋاتقان زەئىپ نۇقتىلار بىلەن توقۇشۇشۇپ قالىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرى، ئۇزۇن مۇددەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرۇش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
سىياسىي ۋارىسلىق كىرىزىسى: لېنىنىست سىستېمىنىڭ ئاشىل توپۇقى
ھەر بىر لېنىنىست سىستېمىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋە ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلىسى، رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈزۈكچىلىك بولماستىن ۋە تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدۇر. جۇدې بلانچېت ۋە ئەۋەن مېدېيروسنىڭمۇ توغرا بايان قىلغىنىدەك، شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىلى ئاساسىي قانۇندىكى ۋەزىپە مۇددىتى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۆمۈرۋايەت رەھبەرلىك يولىنى ئېچىشى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ماۋ دەۋرىدىن كېيىنكى جاراھەتلەردىن دەرس ئېلىپ قۇرغان كوللېكتىپ رەھبەرلىك ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ۋارىسلىق مېخانىزمىنى پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى [1]. بۇ ھەرىكەت، خىتاي سىياسىتىنى يەنە بىر «يەككە ئادەم» ھاكىمىيىتىگە قايتۇردى ۋە سىستېمىنى رەھبەرنىڭ شەخسىي تەقدىرى ۋە بىئولوگىيەلىك ئۆمرىگە باغلىق قىلىپ قويدى.
«شى دىن كېيىن كىم كېلىدۇ؟» سوئالىنىڭ ئېنىق بىر جاۋابىنىڭ بولماسلىقى، خىتاي سىياسىتى ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ قارا بۇلۇتتۇر. بۇ ئېنىقسىزلىق، پارتىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنى ھازىردىن باشلاپ مەخپىي بىر ھوقۇق تالىشىشقا ئىتتىرمەكتە. رەھبەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تۇيۇقسىز ناچارلاشقان ياكى ئويلىمىغان يەردىن سەھنىدىن چېكىنگەن ئەھۋالدا، سىستېمىنىڭ سىلىق ئۆتۈشىنى تەمىنلەيدىغان ئورگانلىق بىر مېخانىزمى يوق. بۇ ئەھۋال، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋە يىللاپ داۋاملاشقان قانلىق ھاكىمىيەت تالىشىشلارنى ئەسلىتىدۇ ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېغىر بىر مۇقىمسىزلىق خەۋپىگە ھامىلدار قالىدۇ. بۇ پەقەت بىر سىياسىي ئېنىقسىزلىقلا ئەمەس، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارلىرىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرەلەيدىغان يوشۇرۇن بىر باشقۇرۇش كىرىزىسدۇر.
سىستېمىلىق جانلىقلىقنىڭ خورىشى ۋە «قورشاۋچىل مۇستەبىتلىك» پارادوكسى
شى جىنپىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋردە، ئاساسەن يەرلىك دەرىجىدە، پارتىيەنىڭ مەلۇم بىر جانلىقلىق پۇرسىتى قالدۇرغانلىقى ۋە يەرلىك بىيۇروكراتلارنىڭ مەركەز سىياسەتلىرىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن شەرھلەپ، ئىجرا قىلالايتتى، يەنى، لانسې ل.پ. گورنىڭ «مۇستەبىتچىل ماسلىشىش» (authoritarian accommodation) دەپ ئېنىقلىما بەرگەن بىر شەكلى مەۋجۇت ئىدى [2]. بۇ، سىستېمىنىڭ يەرلىكتىكى مەسىلىلەرگە تېخىمۇ جانلىق ھالدا چارە تېپىشىنى تەمىنلەيتتى. ئەمما شى نىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە «نۆل تاقەت» چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان باشقۇرۇش ئۇسلۇبى، بۇ جانلىقلىقنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. چىرىكلىككە قارشى كۈرەش پائالىيىتىنىڭ بىر «سىياسىي تازىلاش» قورالىغا ئايلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، بىيۇروكراتلار خاتالىق ئۆتكۈزۈش ۋە تازىلىنىش قورقۇنچىسى بىلەن پالەچ ھالغا كەلدى. ھازىر ئەڭ كىچىك بىر قارار ئۈچۈنمۇ بېيجىڭدىن يوليورۇق كۈتۈلمەكتە، بۇمۇ سىستېمىنىڭ كىرىزىسلارغا ۋە ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.
بۇنىڭغا قوشۇمچە، ۋىۋىيېن شۈنىڭ «قورشاۋچىل مۇستەبىتلىك» (encompassing authoritarianism) ئۇقۇمى بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدىغان يەنە بىر مۇھىم رامكىدۇر [5]. پارتىيە، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ ھەر بىر ساھەسىنى — دىندىن سەنئەتكىچە، تېخنىكىدىن شەخسىي ھاياتقىچە — كونترول قىلىشقا تىرىشقانسېرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ساھەلەردىكى بارلىق مەغلۇبىيەتلەرنىڭمۇ بىردىنبىر جاۋابكارىغا ئايلانماقتا. سىستېمىدا، خاتالىقلارنى شۈمۈرۈپ ئالىدىغان ياكى جاۋابكارلىقنى تارقىتىدىغان پۇقرالار جەمئىيىتى، مۇستەقىل ئاخبارات ياكى ئاپتونوم ئورگانلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا مېخانىزملار قالدۇرۇلمىغان. بۇ پارادوكس ئەھۋال، ھەر بىر يەرلىك مەسىلىنىڭ ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ ئاسانلا پارتىيەنىڭ مەشرۇئىيىتىنى نىشان قىلغان چوڭ بىر يوشۇرۇن سىياسىي كىرىزىسقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپ، سىستېمىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرماقتا.
چوڭقۇرلىشىۋاتقان مەشرۇئىيەت يېتەرسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي نارازىلىق
خ ك پ نىڭ ھاكىمىيەت مەشرۇئىيىتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھىم بىر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. ماۋ دەۋرىدە ماركىسىست-لېنىنىست ئىدېئولوگىيە ۋە ئىنقىلاب نەتىجىسىگە تايانغان مەشرۇئىيەت، دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىرلىكتە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئىزچىل ئۆستۈرگەن تېز ئىقتىسادىي ئېشىشقا، يەنى بىر «ئىقتىدار مەشرۇئىيىتى» گە ئايلاندى. خىتاي خەلقى، نەچچە ئون يىل مابەينىدە، سىياسىي ئەركىنلىكلەردىن ۋاز كېچىشنىڭ بەدىلىگە ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ئېرىشتى. ئەمما بۈگۈن، بۇ يوشۇرۇن ئىجتىمائىي كېلىشىمنىڭ ئاساسلىرى تەۋرىمەكتە. خىتاي ئىقتىسادى، مۇقىم مۈلۈك بازىرىدىكى غايەت زور كۆپۈك، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قاقتى-سوقتىسى، رېكورت سەۋىيەسىگە يەتكەن ياشلار ئىشسىزلىقى ۋە نوپۇس كىرىزىسى قاتارلىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر بىر ئاستىلاش جەريانىدا تۇرماقتا.
رومى جايىننىڭ ئانالىز قىلغان مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى ئاممىۋى نامايىشلار، بۇ نارازىلىقنىڭ پەقەت بىر يۈزىنىلا كۆرسەتمەكتە [3]. «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنىڭ پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي ۋە پىسخولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقى، خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ، ئاساسەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سىنىپ ئارىسىدا ئېغىر بىر ئۈمىدسىزلىكنى پەيدا قىلدى. ئىقتىسادىي ۋەدىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدىغان بۇ يېڭى دەۋردە، خ ك پ مەشرۇئىيەت يېتەرسىزلىكىنى يېپىش ئۈچۈن ئىككى ئاساسىي قورالغا بارغانسېرى بەكرەك يېپىشماقتا: ئاشقۇن مىللەتچىلىك ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئاممىۋى بېسىم ئىشلىتىش. ئەمما بۇ قوراللار، مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى پەقەت ۋاقىتلىق بېسىشتىن باشقا نەرسە قىلالمايدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە ھەم ئىچكى ھەم تاشقى جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ مەشرۇئىيەت كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
سوۋېتنىڭ يىمىرىلىشى: تارىخىي بىر ئوخشىتىش ۋە كەلگۈسى مۆلچەر
شى جىنپىڭ ۋە خ ك پ رەھبەرلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى بىر «تارىخىي پاجىئە» سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە بۇ ئاقىۋەتتىن قېچىشنى ئەڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلغان. ئەمما ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، شىنىڭ «سوۋېت خاتالىقلىرىنى» تەكرارلىماسلىق نامى بىلەن يولغا قويغان سىياسەتلىرى، خىتاينى سوۋېتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى ئەسلىتىدىغان ئاساسىي كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا.
سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق (سۇنئىي ھالغا كېلىش) دەۋرى
لېئونىد بىرېژنېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، 1970-يىللار ۋە 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا سىياسىي ئىسلاھاتلاردىن پۈتۈنلەي قاچىدىغان، ئىدېئولوگىيەلىك قاتتىقلىقنى ساقلايدىغان ۋە ياشىنىپ كەتكەن بىر رەھبەرلەر قوشۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر «تۇرغۇنلۇق دەۋرى» نى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ سىياسىي سۈنئىي ھال، ساقلانغۇسىز بىر شەكىلدە، ئىقتىسادىي يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈنۈمدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىستېمىنى ئىچىدىن چىرىتكەن. بۈگۈن خىتايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋال كۆرۈلمەكتە. شى، سىياسىي ئىسلاھات ئىشىكلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى، پارتىيە ئىچى تەنقىد مېخانىزملىرى پۈتۈنلەي يوق قىلىندى ۋە ھەر تۈرلۈك قارار يەككە بىر رەھبەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىنىپ قالدى. بۇ سىياسىي قاتتىقلىق، ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. خۇسۇسىي ساھە ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئېشىشى، تېخنىكا گىگانتلىرىغا قارىتىلغان «تۈزىتىش» پائالىيەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي رولىنىڭ قايتىدىن كۈچەيتىلىشى، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى جانلىقلىقىنى يوقىتىشىغا ۋە بىر ئۈنۈمسىزلىك دولقۇنىغا كىرىشىگە سەۋەب بولماقتا.
يىخوڭ ليۇنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى، بۇ ئەھۋالنى قوللايدىغان ماھىيەتتىدۇر [4]. ليۇغا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى SARS قاتارلىق چوڭ كىرىزىسلاردىن كېيىن سىياسەت ئۆزگىرىشلىرى قىلسىمۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئادەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي مۇستەبىتلىك قۇرۇلمىسىغا چېقىلمايدىغان، تاشقى ئالامەتلەرگە قارىتىلغان تېخنىكىلىق تەڭشەشلەردۇر. كىرىزىسلار پەيدا قىلغان پۇرسەتلەر، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلار ئۈچۈن ئەمەس، پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ، مەسىلىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە كىرىزىسلارنىڭ دەۋرىي ھالدا تەكرارلىنىشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولغىنىغا ئوخشاش.
گورباچېۋنىڭ قىيىنچىلىقىغا خاتا رېتسىپ: ئىسلاھاتتىن قېچىشنىڭ بەدىلى
خ ك پ نىڭ رەسمىي بايانىغا كۆرە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئاساسىي جاۋابكارى مىخايىل گورباچېۋدۇر. ئۇلارغا كۆرە گورباچېۋ، «گلاسنوست» (ئاچقۇچلۇق) ۋە «پېرېسترويكا» (قايتا قۇرۇش) سىياسەتلىرى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي كونتروللۇقىنى بوشىتىپ «تارىخىي بىر خاتالىق» ئۆتكۈزگەن ۋە جەرياننى كونترولدىن چىقارغان. شى جىنپىڭ، بۇ «ساۋاق» نى ئاساس قىلىپ، ھەر قانداق سىياسىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك بوشىشىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغان. ئەمما بۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە قارىتا قويۇلغان ئىنتايىن يۈزەكى ۋە خاتا دىئاگنوزدۇر.
ئەسلىدە، سوۋېت سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشى گورباچېۋ بىلەن باشلانمىغان. يىمىرىلىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى، بىرېژنېۋ دەۋرىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق تۈپەيلىدىن، سىستېمىنىڭ ئۆزگەرگەن دۇنيا شارائىتىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىدۇر. گورباچېۋنىڭ ئىسلاھاتلىرى، ئاللىبۇرۇن ئۆلۈم ياتىقىدىكى بىر سىستېمىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلىنغان، كېچىكىپ قالغان ۋە ئامالسىزلىق قىلىنغان بىر ئۇرۇنۇش ئىدى. شى جىنپىڭ، گورباچېۋنىڭ «خاتالىقىنى» تەكرارلىماسلىق نامى بىلەن ئىسلاھاتتىن قېچىپ ۋە كونتروللۇقنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە، خىتاينى گورباچېۋدىن ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ، يەنى يىمىرىلىشنى ھازىرلىغان ئەسلى سەۋەب بولغان سىستېمىدىكى قاتماللىق ۋە تۇرغۇنلىشىش شارائىتىغا قايتۇرماقتا. ئۇ، كېسەللىكنىڭ ئۆزىنى (سىستېمىدىكى ئىقتىدارسىزلىقنى) ئەمەس، بەلكى ئالامىتىنى (كونترولنى يوقىتىشنى) داۋالاشقا تىرىشماقتا.
خۇلاسە
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، 21-ئەسىرنىڭ بۇ مۇھىم يول ئايرىمىدا، سىرتتا كۆرسەتكەن دۇنياۋى كۈچ نىشانى بىلەن ئىچىدە باشتىن كەچۈرگەن چوڭقۇر باشقۇرۇش كىرىزىس ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان، مۇرەككەپ بىر قىيىنچىلىق بىلەن يۈزلىشىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، خەلقئارالىق سىستېمىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى يۆنىلىشىدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، چوڭ نىشانلىق ۋە پۇرسەتپەرەس بىر ئاكتور سۈپىتىدە دۇنياۋى سەھنىگە چىقسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، لېنىنىست بىر پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئاجىزلىقلىرى ۋە مەشرۇئىيەت مەسىلىلىرى، بۇ چوڭ تەسەۋۋۇرنىڭ ئاساسىنى خوراتماقتا. «پارتىيە-دۆلەت رېئالىزمى» نەزەرىيەسى، بېيجىڭنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ مىللىي گۈللىنىشتىن بەكرەك، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خەلقئارالىق سىستېمىغا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ بۇ ئاساسىي غەم تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلمەكتە.
ئىچىدە بولسا، شى جىنپىڭنىڭ قۇرغان ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرۈلگەن، شەخسەنلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن قاتتىقلاشقان باشقۇرۇش شەكلى، ھاكىمىيەتنىڭ تارىخىي جەھەتتىن ئەڭ چوڭ كۈچى بولغان جانلىقلىق ۋە ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىنى يوقاتماقتا. تۈزۈملەشكەن بىر ۋارىسلىق مېخانىزمىنىڭ بولماسلىقى، ئىقتىسادىي مودېلنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى ۋە ئاشقان ئىجتىمائىي نارازىلىق، سىستېمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋاملىشالايدىغانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە سوئال ئاستىغا ئالماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقى مىسالى، سىياسىي ئىسلاھاتلاردىن قېچىشنىڭ ۋە قاتتىق بىر ئىدېئولوگىيەلىك كونترولنىڭ، بىر ھاكىمىيەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئاجىز ھالغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ تارىخىي بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئاخىرىدا، خىتاينىڭ كەلگۈسى، بۇ ئاساسىي قىيىنچىلىقنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق. قىسقا مۇددەتتە، خ ك پ نىڭ ئىگىلىگەن زور تېخنىكىلىق كۆزىتىش ۋە بېسىم ئاپپاراتى، كۆرۈنۈپ تۇرغان مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە، ئىچكى جانلىقلىقىنى ۋە مەشرۇئىيىتىنى يوقاتقان بىر سىستېمىنىڭ، چوڭ بىر ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىجتىمائىي پارتلاش ياكى خەلقئارا بىر توقۇنۇشقا ئوخشاش ئويلىمىغان بىر زەربە قارشىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشى بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئەسلى سوئال، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولالايدۇ-بولالمايدۇ مەسلىسىدىن بەكرەك، ھازىرقى باشقۇرۇش شەكلىنىڭ قاچقىلى بولمايدىغان كىرىزىسلار قارشىسىدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ-قالالمايدۇ مەسىلىسىدۇر.
مەنبەلەر
ئىنتېرنېت مەنبەلىرى:
- «China and the Tragedy of Leninist One-Party Politics,» The Diplomat, ئىيۇن 2025. https://thediplomat.com/2025/06/china-and-the-tragedy-of-leninist-one-party-politics/
- «The Collapse of the Soviet Union,» BBC Bitesize. https://www.bbc.co.uk/bitesize/guides/z9yfrdm/revision/5
- «China’s World-Making Moment: A Strategic Opening Amid the Ukraine Crisis,» Global Policy Journal, ئىيۇن 2025. ttps://www.globalpolicyjournal.com/blog/04/06/2025/chinas-world-making-moment-strategic-opening-amid-ukraine-crisis
ئىلمىي ماقالىلەر ۋە كىتابلار:
- Blanchette, Jude & Medeiros, Evan S. (2021). «Is the Chinese Communist Party Ready for the Future?». The Washington Quarterly, 44(2), 21-43.
- Gore, Lance L.P. (2015). «The Social Transformation of the Chinese Communist Party: Prospects for Authoritarian Accommodation». Problems of Post-Communism, 62(4), 204-216.
- Jain, Romi. (2015). «The Dragon Treads the Polluted Path: Political Dilemmas before the Chinese Communist Party». Asian Affairs: An American Review, 42(3), 149-168.
- Liu, Yihong. (2022). Crisis Rhetoric and Policy Change in China. Palgrave Macmillan.
- Shue, Vivienne. (2018). «Party-state, nation, empire: rethinking the grammar of Chinese Governance». Journal of Chinese Governance, 3(3), 268-291.
- Tsang, Steve. (2020). «Party-state Realism: A Framework for Understanding China’s Approach to Foreign Policy». Journal of Contemporary China, 29(122), 304-318.
- Wang, Shucheng. (2022). «The Chinese Communist Party’s Atheistic Approach to Religious Freedom in China». Politics, Religion & Ideology, 23(2), 204-225.
- Bhalla, Madhu & Kumar, Sanjeev (eds.). (2025). Xi Jinping’s Chinese Dream: Foreign Policy, Politics and Development. Routledge.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















