تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن
مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت
ئېلىزابېت ئېكونومى
Elizabeth Economy
مەنبە: Foreign Affairs, Volume 103, Number 3, 2024 May and June
ھازىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى قايتا قۇرۇش ئارزۇسى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلاندى. ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقداشلىق تورىنى بۇزۇپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئۆزى «غەربچە» دەپ رەت قىلىدىغان قىممەت قاراشلارنى چىقىرىۋەتمەكچى، ئامېرىكا دوللىرىنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ مۇھىم تېخنولوگىيەلەر ئۈستىدىكى كونتروللۇقىغا خاتىمە بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يېڭى كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپىدە، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە نورملار خىتايچە ئورتاق بىخەتەرلىك قارىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دۆلەت بەلگىلىگەن سىياسىي ھوقۇقلار ۋە خىتاي تېخنولوگىيەسى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. خىتاينىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۇنىڭ مەركىزىي ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ دۇنيا ۋۇجۇدقا چىقىشقا ئاز قالدى. ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا، ئۇ بېيجىڭنىڭ (ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سۆزى بويىچە) «ئىشەنچلىك، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كەڭ قورساق چوڭ دۆلەت» بولۇپ، «خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇپىنى قۇرغانلىقى» ۋە «خەلقئارالىق سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىشتا يېتەكچى رول ئوينىغانلىقى» بىلەن ماختاندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ – «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسى جەمئىيىتى» نىڭ – «خىتاي تەشەببۇسى» دىن تەرەققىي قىلىپ «خەلقئارالىق بىردەكلىك»كە ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ تۆت خىتاي پىروگراممىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار بىر يول، بىر بەلباغ پىلانى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسىدىن ئىبارەت.
ئادەتتە، خىتايدىن باشقىلارنىڭ بۇنداق ھاكاۋۇرانە، ئۆزىنى ماختايدىغان جاكارلىرىغا پەرۋا قىلىنمايدۇ ياكى رەت قىلىنىدۇ، بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەن چاغلاشقا مايىل ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئاسان. خىتاينىڭ كۆپلىگەن پىلانلىرى مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ ياكى تەتۈر تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قوشنىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋاشىنگتونغا يېقىنلاشماقتا، ئىقتىسادى ئاجىزلاشماقتا. خىتاينىڭ ئۇرۇشخۇمار «بۆرە جەڭچى» دىپلوماتىيە ئۇسلۇبى شى جىنپىڭنى مەمنۇن قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ خىتاينى چەت ئەللەردە ئانچە كۆپ دوستقا ئېرىشتۈرەلمىدى. تەتقىقاتلار خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
2023-يىلى Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالتە قىتئەدىكى 24 دۆلەتتە خىتاي ۋە ئامېرىكاغا بولغان پوزىتسىيەنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا، پەقەت 28 پىرسەنت كىشىنىڭ بېيجىڭغا قارىتا ياخشى قاراشتا ئىكەنلىكى، 23 پىرسەنت كىشىنىڭلا خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېيتقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن 60 پىرسەنت كىشى ئامېرىكاغا قارىتا ئىجابىي قاراشتا ئىكەن، 61 پىرسەنت كىشى ۋاشىنگتوننى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تۆھپە قوشتى دەپ قارايدىكەن.
ئەمما شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرلىرى كۆرۈنگىنىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك. خىتاينىڭ تەكلىپلىرى ھازىرقى تەرتىپتىن نارازى ۋە چەتكە قېقىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاشىنگتون ھازىر ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ خەلقئارالىق ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ. خىتاينىڭ تەشەببۇسلىرى ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە قەدەر يېتىپ بارىدىغان ئەتراپلىق، تولۇق مەنبەلىك ۋە تەرتىپلىك ئىجرا قىلىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن كۈچلەندۈرۈلدى. بۇ ئۇسۇللار خىتاينى، بولۇپمۇ بەزى كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ يېڭى قوللىشىغا ئېرىشتۈردى. خىتاي ئۆزىنى ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ ئەلچىسى قىلىپ كۆرسىتىش، ئامېرىكانى بولسا ھېچكىم ياقتۇرمايدىغان مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانماقتا.
ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا خىتاي ئىگىلىۋالغان ئۆزگىرىش رەھبەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ يېڭى خەلقئارالىق سىستېما ۋە شۇ سىستېما ئىچىدىكى ئامېرىكانىڭ رولى توغرىسىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ سىستېما ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي سەۋىيە ۋە سىياسىي تۈزۈملەرگە ئىگە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايغا ئوخشاش، ئامېرىكامۇ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە تاشقى رەھبەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تېخنولوگىيە، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئاساسلارغا چوڭقۇر مەبلەغ سېلىشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ، بۇ رىقابەتكە كىرىشكەندە، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى نىشانىغا توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇلار ئۆتكەن يىلى بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننى ئاساس قىلىپ، خىتايغا قارشى قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى ئازايتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئامېرىكا ئەڭ مۇھىم ئىشىغا، يەنى ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەتتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.
مەن ھازىر ئېنىقكۆرۈۋاتىمەن
خىتاينىڭ پىلانى ئۆزگەرتىلگەن دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن غايىدىن باشلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇپلا قالماستىن، مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇققا؛ خەلقئارالىق بىردەكلىك ۋە ب د ت نىزامنامىسىغا ئاساسلانغان بىخەتەرلىككە؛ ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇققا؛ «ئاچقۇچلۇق ھەل قىلىش چارىسى» سۈپىتىدىكى تەرەققىياتقا؛ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تۈگىتىشكە؛ ۋە ھېچقانداق دۆلەت ياكى ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىققا ئاساسلانغان بىر سىستېمىنى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
بېيجىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ كۆز قاراش ئامېرىكا قوللاۋاتقان سىستېما بىلەن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. 2023-يىلىدىكى بىر دوكلاتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتوننى «سوغۇق ئۇرۇش مەنتىقىسىگە چىڭ ئېسىلىۋالغان» ۋە «ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسى ئارقىلىق كىچىك گۇرۇھلارنى قۇرۇپ رايوندا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىنچلىقنى بۇزغان» دەپ ئەيىبلىگەن.
دوكلات يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ»، دوللارنىڭ خەلقئارالىق زاپاس پۇل بولۇش سالاھىيىتىنى قوللىنىپ «باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرىدۇ» ۋە «باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توسىدۇ». ئەڭ ئاخىرىدا، مىنىستىرلىق ئامېرىكانى «مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق» قىلىۋاتىدۇ دەپ جاكارلىغان ۋە «ئامېرىكانىڭ مەدەنىيەت كېڭەيمىچىلىكىدىكى ھەقىقىي قوراللىرى ماتتېل شىركىتى ۋە كوكاكولانىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ئۆز كۆز قارىشىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. خىتاي مەركەز سەھنىدە تۇرىدۇ، لېكىن ئامېرىكانى قوشقاندا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار. 2024-يىلى فېۋرالدا چاقىرىلغان مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاي بىلەن رۇسىيە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مودېلىنى ئىزدەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ئىككى چوڭ بازىرى ۋە مەدەنىيىتى بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا قۇتۇپ شەكىللەندۈرۈشكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. ۋاڭ يىنىڭ سۆزى بويىچە، خىتاي «ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سۈپىتىدە جەنۇبتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىشلاردىكى ۋەكىللىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ۋە بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ كۆز قارىشى دېگۈدەك بارلىق دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇنىڭدا دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنىدۇ. چوڭ كۈچ ھېسابلانمايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر خەلقئارالىق سىستېمىدا تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ۋە دۇنياۋىلىشىشنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈشكە ئېرىشىدۇ. چوڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ ھازىرقى سىستېمىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ تېخىمۇ ياخشى تەكلىپلىرى بار-يوقلۇقىنى ئويلىنىپ كۆرەلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ داغدۇغىلىق سۆزلىرىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار بۇنى ئۆز زىيىنىغا شۇنداق قىلىدۇ: ھازىرقى خەلقئارالىق تەرتىپتىن نارازىلىق، خىتاينىڭ تەكلىپلىرىگە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇلاق سالىدىغان دۇنياۋى ئاممىنى شەكىللەندۈردى.
تۆت تۈۋرۈك
خىتاي 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئورتاق بىخەتەرلىك، سىستېما خىلمۇخىللىقى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يېڭى بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى»نى تەرغىب قىلىپ كەلدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆزىنى ئۆز كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى دەپ قارايدىغان بولدى. شۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا ئۈچ ئايرىم دۇنياۋى پىروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2013-يىلى «بىر يول بىر بەلباغ پىلانىONE ROAD ONE BELT» BRI))، 2021-يىلى «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىGLOBAL DEVELOPMENT INITIATIVE » (GDI)، 2022-يىلى «دۇنياۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىGLOBAL SECURITY INITIATIVE» (GSI). بۇلارنىڭ ھەر بىرى خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭدىكى مەركىزىي ئورنىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.
BRI دەسلەپتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادلارنىڭ قاتتىق ئۇل مۇئەسسەسە ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي قۇرۇلۇش سانائىتىنىڭ ئارتۇقچە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر سۇپا ئىدى. ئۇ كېيىن خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. بۇ خىتاينىڭ رەقەملىك، ساغلاملىق ۋە پاكىز تېخنولوگىيە ئېكولوگىيەسىنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىش؛ ئۇنىڭ تەرەققىيات مودېلىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ ۋە ئۆز پۇلىنىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
GDI كەڭ كۆلەمدە دۇنياۋى تەرەققىياتقا مەركەزلىشىدۇ ۋە خىتاينى شوپۇرنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. بۇ تەشەببۇس كۆپىنچە ب د ت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقنى تۈگىتىش، رەقەملىك تۇتاشتۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ھەمدە ساغلاملىق ۋە ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىق كىچىك كۆلەملىك تۈرلەرنى قوللايدۇ. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدىكى خىتاينىڭ قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن: بۇ پىروگرامما ھەققىدىكى بىر ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە باشقا دۆلەتلەر «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى تەكىتلەش ئارقىلىق تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى چەتكە قاققان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
خىتاي نۇرغۇن خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، GSI نى «دۇنيا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن خىتايچە پاراسەت ۋە خىتايچە چارە »نى تەمىنلەيدىغان بىر سىستېما قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بويىچە، GSI دۆلەتلەرنى «سوغۇق ئۇرۇش مەنتىقىسىنى رەت قىلىش، يەكتەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە گۇرۇھۋازلىق سىياسىتى ھەم قۇتۇب توقۇنۇشىغا يول قويماسلىق»قا چاقىرىدۇ. شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، تېخىمۇ ياخشى يول بولسا «تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك ۋە تۇراقلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى»نى قۇرۇش بولۇپ، بۇ قۇرۇلما دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنى دىيالوگ ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى قوللايدۇ. ھالبۇكى، بۇ رېتورىكىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي مەقسەت شۇكى، GSI ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى تۈگىتىش، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە بىخەتەرلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇق ھەمدە بۆلۈنمەس بىخەتەرلىكنى – يەنى بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى باشقىلارنىڭ ھېسابىغا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىشقا لايىھەلەنگەن. خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ چۈشەنچىنى ئىشلىتىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئاقلىدى ۋە موسكۋانىڭ ھۇجۇمىنىڭ كېڭىيىۋاتقان ناتونىڭ رۇسىيەگە تەھدىت سېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەسى پەقەت ئۆتكەن يىلى، 2023-يىلى ماي ئېيىدا «دۇنياۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسىGLOBAL CIVILIZATION INITIATIVE » (GCI) نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تولۇق شەكىللەندى. GCI ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مودېللىرى بولىدىغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى مودېلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ سۆزى بويىچە: «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ھەممىگە ماس كېلىدىغان مودېل يوق». شۇڭا، گىرېتسىيە ئۆزىنىڭ پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەمدە تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، خىتايدىن پەرقلىق كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
خىتاي رەھبەرلىرى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەسى كۆپ قاتلاملىق: ئايرىم دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىملەر تۈزۈش، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرى ياكى قىسىملىرىنى كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلارغا كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنى دۇنياۋى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا سىڭدۈرۈش. BRI بۇ پوزىتسىيەنىڭ نەمۇنىسىدۇر. تەخمىنەن 150 دۆلەت بۇ پىروگراممىغا ئەزا بولغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان قىممەت قاراشلارنى، مەسىلەن: تەرەققىيات، ئىگىلىك ھوقۇق، دۆلەت باشقۇرىدىغان سىياسىي ھوقۇقلار ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئوچۇق تەشەببۇس قىلماقتا. خىتاي بۇ ئىككى تەرەپلىمە كېلىشىملەر ئارقىلىق BRI نى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) نىڭ «2025 باغلاش بۈيۈك پىلانى» غا ئوخشاش قاتارلىق رايونلۇق تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي يەنە BRI نى يىگىرمىدىن ئارتۇق ب د ت ئورگىنى ۋە پىروگراممىلىرىغا ئۇتۇقلۇق كىرگۈزدى. ئۇ BRI بىلەن ب د ت نىڭ 2030- سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بىر خىتاي ئەمەلدارى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمى بۇ كۈنتەرتىپكە BRI نىڭ قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىدى. بۇ دوكلات قىسمەن ب د ت نىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ فوند ئەسلىدە خىتاينىڭ 200 مىليون دوللارلىق ۋەدىسى بىلەن قۇرۇلغان. بۇنداق ماددىي قوللاش باش كاتىپنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ BRI غا كۆرسەتكەن قىزغىنلىقىنى كۈچەيتكەن.
شۇنىسى ئېنىقكى، GDI، GSI ۋە GCI نىڭ ئىلگىرىلىشى تېخى باشلانغۇچ باسقۇچتا. ھازىرغىچە، پەقەت سېربىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدان ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىلا مەدەنىيەتلەر ۋە تەرەققىيات يوللىرىنىڭ خىلمۇخىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى، يەنى، لىبېرال دېموكراتىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئۈستۈنلۈك بەرمەيدىغان بىر تەرتىپ ھەققىدىكى خىتاينىڭ كۆز قارىشىنى ئېغزاكى قوللىدى.
GDI بولسا GCI غا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ بۇ تۈرنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھازىر 70 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «GDI دوستلىرى گۇرۇپپىسى» نى قۇردى. GDI 50 تۈرنى ئىلگىرى سۈردى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە خىتايغا كېلىپ ئۇنىڭ سىستېمىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن 100،000 كىشىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى ۋەدە قىلدى. بۇ تەربىيەلەش پۇرسەتلىرى خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە تەرەققىيات مودېلىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە پىلانلانغان. خىتاي يەنە GDI نى ب د ت نىڭ 2030 سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپى بىلەن رەسمىي باغلاشتا ۋە ب د ت نىڭ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىق ئىدارىسى بىلەن GDI بىلەن مۇناسىۋەتلىك سېمىنارلارنى ئۆتكۈزۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ بۇ پىروگراممىنى خەلقئارالىق ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ يىلتىزىغا سىڭدۈرۈۋاتىدۇ.
GSI تېخىمۇ كۆپ ئېغىزاكى قوللاشقا ئېرىشتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت، رايونلۇق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار GSI نى قوللىغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى كېسەك ئالتۇن – BRICS (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا)، ASEAN ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بۇ چۈشەنچىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 2022-يىلى سېنتەبىردىكى SCO يىغىنىدا، خىتاي GSI نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھىندىستان بىلەن تاجىكىستاندىن باشقا بارلىق ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
كەڭ كۆلەملىك جەلپ قىلىش
خىتاي ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى بازار تاپقۇزۇشتا زۆرۈر بولغان دىپلوماتىك مەنبەلەرگە كۆپ مەبلەغ سالىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيادا باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن كۆپ ئەلچىخانىسى ۋە ۋەكىللىك ئىشخانىسى بار. خىتاي دىپلوماتلىرى كۆپ ھاللاردا يىغىنلاردا سۆز قىلىدۇ ۋە خىتاينىڭ ھەرخىل تەشەببۇسلىرى ھەققىدە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ماقالىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىدۇ.
بۇ دىپلوماتىك ئاپپارات ئوخشاشلا كەڭ تارقالغان خىتاي ئاخبارات تورلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلگەن. خىتاينىڭ خەلقئارالىق يېڭى خەۋەرلەر تورى CGTN نىڭ CNN غا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ چەت ئەللىك مۇخبىرلىرى بار، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بولسا دۇنيا مىقياسىدا 180 دىن ئارتۇق ئىشخانىسى بار. گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى غەربتە پەقەت مۇتىھەم تەشۋىقات قورالى دەپ قارالسىمۇ، ئۇلار خىتاي ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. 2024-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى 19 دۆلەتتىكى 6000 دىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ياكى ئامېرىكادىن ئۆز سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مودىلى ۋە دۇنياۋى رەھبەرلىك رولىنى تەشۋىق قىلىشتا قايسىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگەن. باشلىنىشتا، قاتناشقۇچىلار كەسكىن ھالدا ئامېرىكانى ياقلىغان، 83 پىرسەنت سوئال سورالغۇچى ئامېرىكانىڭ سىياسىي مودېلىنى، 70 پىرسەنتى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مودېلىنى، 78 پىرسەنتى ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىنى ياقلىغان. ئەمما ئۇلار خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا دۇچ كەلگەندە – مەيلى پەقەت خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرى ياكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە رىقابەتلىشىدىغان ئۇچۇرلىرى بولسۇن – قاتناشقۇچىلار خىتاي مودېللىرىنى ئامېرىكانىڭكىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغان.
بېيجىڭ يەنە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ۋە دۆلەتنىڭ خۇسۇسىي ساھەلىرىنىڭ كۈچىدىن ئۆز نىشانلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوڭقۇر پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن: خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە رەقەملىك تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنىلا ئەمەس، يەنە بېيجىڭنىڭ سىياسىي مودېلىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى دورىيالايدىغان ئىمكانىيەتنىمۇ تەمىنلەيدۇ.
Freedom House نىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، 36 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىنتېرنېتتىكى ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشقان. زامبىيەدە، بىر سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئىنتېرنېت باشقۇرۇشتا «خىتايچە يول»نى قوللىنىش نەتىجىسىدە، پىرېزىدېنتى توردا تەنقىد قىلغان بىر قانچە زامبىيەلىك قاماققا ئېلىنغان. گېرمانىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خۇاۋېي قۇرۇلمىلىرىنىڭ 17 دۆلەتتە تور بېكەتلەرنى توسقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر سىياسىي ۋە پۇقراۋى ئەركىنلىكلەرنى باستۇرىدىغان خىتاي نورمىلىرى ۋە تېخنولوگىيەلىرىنى قوبۇل قىلغانسېرى، بېيجىڭ ھازىرقى خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەۋرىتەلەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتىنىڭ دىپلوماتىك قورال سۈپىتىدىكى رولىنى كۈچەيتتى. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادىكى ھەربىي كۈچلەرگە تەلىم بەرمەكتە. مەسىلەن: ئۆتكەن يىلى خىتاي 50 گە يېقىن ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خىتاي-ئافرىقا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن بېيجىڭغا تەكلىپ قىلدى.
خىتاي ۋە ئافرىقالىق قاتناشقۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 2063-تەرەققىيات پىلانى بىلەن بىرگە، BRI ۋە GSI نى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىنچلىقنى قوغداش ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش يولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. بۇ كېلىشىملەر خىتاي ئارزۇ قىلغان بېيجىڭنى مەركەز قىلغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سىستېمىسىنى قۇرۇشقا خىزمەت قىلىدۇ.
خىتاي ھەم سەۋرچانلىق ھەم پۇرسەتپەرەسلىك ئارقىلىق ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتتى. بېيجىڭ ئۆز تەشەببۇسلىرىغا زور مەبلەغ سالىدۇ، بۇ باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەت قوللايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پۇرسەت چىققاندا تېز ھەرىكەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. مەسىلەن: بېيجىڭ 2015-يىلىلا يىپەك يولى ساقلىق ساقلاش لايىھەسىنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئانچە دىققەت تارتمىغانىدى. ئەمما 2020-يىلى، خىتاي COVID-19 ۋابا كېسىلىدىن بۇ تۈرگە يېڭى جان كىرگۈزۈش ئۈچۈن پايدىلاندى. شى جىنپىڭ دۇنيا ساغلاملىق ساقلاش يىغىنىدا خىتاينى تېببىي مەنبەلەر مەركىزى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. بېيجىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۈپلەپ، بۇ ئۆلكىلەرنى جۈپلەنگەن دۆلەتلەرگە شەخسىي قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دوختۇرلارنى ئەۋەتىشكە ئورۇنلاشتۇردى. خىتاي يەنە ۋابا كېسىلىدىن، شى جىنپىڭ مۇھىم دەپ قارىغان رەقەملىك ساقلىق ساقلاش تېخنىكىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى خىتاي تېبابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلاندى.
يېقىندا، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاسەن ئوتتۇرىغا چىققان غەربنىڭ جازا قارارلىرىدىن، دۇنيا ئىقتىسادىنى دوللارسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلاندى. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سودىسى ھازىر ئاساسەن خىتاي يۈەنى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ BRI ۋە BRICS (34 دۆلەت قاتنىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن) قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار ئارقىلىق دوللارسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇئىز ئىناسىئو لۇلا دا سىلۋا 2023-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ھەر كېچىسى ئۆزۈمدىن نېمە ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەر سودىسىنى دوللار بىلەن قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورايمەن. نېمىشقا بىز ئۆز پۇللىرىمىز بىلەن سودا قىلالمايمىز؟»
نەتىجىسى
بېيجىڭ باشقا دۆلەتلەر، شۇنداقلا ب د ت تەشكىلاتلىرى ۋە خادىملىرىدىن رەسمىي قوللاش قولغا كەلتۈرۈشتە ئېنىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. لېكىن ئەمەلىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە، خىتاينىڭ نەتىجىلىرى ئۇلار كۆزلىگەن دەرىجىدە ئەمەس.
GDI ئۆز يولىدا ياخشى كېتىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەقىل ئامبىرى تەييارلىغان ئىككى يىللىق ئىلگىرىلەش دوكلاتىدا، GDI نىڭ دەسلەپكى 50 ھەمكارلىق پىروگراممىسىنىڭ 20 پىرسەنتى تاماملانغان ۋە يەنە 200 پىروگرامما تەكلىپ قىلىنغان. بەزى تۈرلەر ناھايىتى يەرلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولسىمۇ، باشقىلىرىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن: قازاقىستاندىكى بىر شامال ئېنېرگىيەسى تۈرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
GSI نىڭ نىسبەتەن يېڭى بولۇشىغا قارىماي، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، 2023-يىلى خىتاي ۋاسىتىچىلىك قىلغان ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش كېلىشىمىنىڭ GSI نىڭ دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا مىسال بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا پەقەت كېچىكمىدى. لېكىن خىتاي GSI پىرىنسىپلىرىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىدا قوللىنىشتا ئانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى دۆلەتلەر GSI نىڭ بىر خىل ھەربىي ئىتتىپاق ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە ھېس قىلىدۇ. مەسىلەن: نېپال GDI تۈرلىرىدىن دەسلەپكى پايدىلانغۇچى بولسىمۇ، ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، GSI غا قوشۇلۇشنى رەت قىلدى.
BRI ئافرىقا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە بارغانسېرى لاتىن ئامېرىكاسىنىڭ كۆپ قىسمىدىكى جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي مەنزىرىنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن: خۇاۋېي ئافرىقانىڭ 4G ئالاقە ئۇل قۇرۇلما قىسىملىرىنىڭ 70 پىرسەنتىنى تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ 2023-يىلىدىكى BRI مەبلىغى 2022-يىلىدىكىدىن كۆپەيگەن. ھالبۇكى، BRI نىڭ تەسىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بەلگىلەر بار. BRI دىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئىتالىيە (خىتايدىن باشقا) دېكابىردا BRI دىن چېكىندى. 2023-يىلى « بىر يول، بىر بەلباغ » يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ سانى 2019-يىلىدىكى 37 دىن 23 گە چۈشتى. خىتاينىڭ BRI قەرزلىرى 2016-يىلىدىن بۇيان زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، BRI دىن قەرز ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ.
راي سىناش نەتىجىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئارىلاش مەنزىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. Pew راي تەكشۈرۈشى كۆرسەتكەندەك، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادىي كۈچلەر ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادلارغا قارىغاندا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ مۇقىملىققا قوشقان تۆھپىسىگە قارىتا ئىجابىي قاراشقا ئىگە. شۇنداقتىمۇ، بۇ رايونلاردىمۇ خىتايغا بولغان كۆز قاراش بىردەك ئىجابىي ئەمەس.
مەسىلەن، 2023-يىلى ASEAN دۆلەتلىرىدىكى 1,308 زىيالىينىڭ قارىشىغا ئورۇن بېرىلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، گەرچە خىتاي رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئاكتورى دەپ قارالسىمۇ، برۇنېيدىن باشقا ھەممە دۆلەتتىكى كۆپچىلىك خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئون دۆلەتنىڭ يەتتىسىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر GSI نىڭ ئۇلارنىڭ رايونىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. خىتاي ياكى ئامېرىكانى تاللاشقا مەجبۇر قالغاندا، ئون ASEAN دۆلىتىنىڭ يەتتىسىدىكى كۆپچىلىك ئامېرىكانى تاللىغان.
ئافروبارومېتىرنىڭ 2019- ۋە 2020-يىللىرىدىكى تەكشۈرۈشلىرى خىتاينىڭ ئافرىقادا تېخىمۇ ياخشى ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ: 34 دۆلەتتىكى پىكرى ئېلىنغان ئافرىقالىقلارنىڭ 63 پىرسەنتى خىتاينىڭ سىرتقى تەسىرى ئىجابىي دەپ قارايدۇ. ئەمما پەقەت 22 پىرسەنت كىشى خىتاينى كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مودېل دەپ قارايدۇ، خىتاي مودېلىغا بولغان قوللاش 2014- ۋە 2015-يىللىرىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن تۆۋەنلىگەن.
2021 – يىلى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى 23 دۆلەتتىن كەلگەن 336 نەپەر تەسىرچان كىشىدىن (كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان) ئېلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرىنى كۆرسەتكەن. گەرچە 78 پىرسەنت قاتناشقۇچى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچلۈك دەپ قارىسىمۇ، پەقەت 35 پىرسەنتىلا خىتاي ھەققىدە ياخشى ياكى بەك ياخشى تەسىراتقا ئىگە ئىكەن. (قاتناشقۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى قارىشىمۇ ئوخشاش ئىكەن.) سودا ۋە چەت ئەل مەبلىغى جەھەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوللاش كۈچلۈك بولسىمۇ، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىق، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قوللاش ئاجىز ئىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، ب د ت تىكى خىتاي ۋە خىتاي قوللايدىغان تەشەببۇسلارغا بولغان قوللاشمۇ خىلمۇخىل. مەسىلەن: ئافرىقادىكى خىتاي رەقەملىك يىپەك يولى مەبلەغ سېلىش پىلانى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەپسىلىي تەتقىقاتتا، سەككىز ئافرىقا DSR ئەزاسى دۆلەت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يېڭى IP تەكلىپىنى قوللىغان بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا DSR ئەزاسى دۆلەت ئۇنى قوللاپ ئىمزا قويمىغان. 2023-يىلى فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىبلەش چاقىرىقىنى 141 دۆلەت قوللىدى، يەتتە دۆلەت قارشى چىقتى، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن باشقا SCO ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 دۆلەت بىتەرەپ قالدى. بۇ GSI نىڭ بۆلۈنمەس بىخەتەرلىك پىرىنسىپىنىڭ كەڭ كۆلەمدە رەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە (ئۆزىنى ھېسابلىمىغاندا) 31 تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتنىڭ 25 ىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىنى توسۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تارىخىدا، ئىككىنچى قېتىم مۇشۇنداق بىر مۇنازىرىنىڭ توسۇلۇشى ئىدى.
ئوتنى ئوت بىلەن ئۆچۈرۈش
خىتاينىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا بولغان قوللاش خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ كۆپ قىسمى ئارىسىدا يۈزەكى بولۇپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش نىشانىغا زور ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا. BRICS ۋە SCO ئەزالىرى، شۇنداقلا دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدا GDI، GSI ۋە GCI دە تەكلىپ قىلىنغان ئاساسىي پىرىنسىپلار ۋە سىياسەتلەرنىڭ كەينىدە بۇلارنى قوللايدىغان خېلى زور كۈچ بار.
خىتاينىڭ چوڭ تەشكىلاتلار، مەسىلەن: ب د ت ئىچىدىكى غەلىبىلىرى كىچىك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلار توپلىنىۋاتىدۇ ۋە بېيجىڭغا نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مۇھىم بىلىدىغان چوڭ ئورگانلار ئىچىدە سالماقلىق ھوقۇق بەرمەكتە. بېيجىڭنىڭ ئارزۇ قىلغان ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك ئەمەلىي ئىستراتېگىيەسى بار، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك قاتلاملىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.
بېيجىڭنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تەسىر كۈچى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ھازىرقى سىستېما دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياقتۇرۇلمايدۇ . بۇ سىستېما ۋابا كېسىلى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، قەرز كىرىزىسى ياكى ئاشلىق قىسلىقى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ مەسىلىلەر يەر شارىدىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر ب د ت ۋە ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ كۈچ تەقسىماتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خەلقئارالىق سىستېما ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ياكى يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىقتىدارسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئامېرىكا بولسا بارغانسېرى ئۆزى قوللاۋاتقان ئورگانلار ۋە نورمىلارنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىسىز كەڭ كۆلەملىك جازا قارارلىرىنى قوللىنىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ۋە ترامپ مەزگىلىدە دۇنياۋى كېلىشىملەردىن چېكىنىش قاتارلىقلار.
ئەڭ ئاخىرىدا، ۋاشىنگتوننىڭ دۇنيا سىستېمىسىنى مۇستەبىت ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر دەپ بۆلۈپ تەسۋىرلىشى بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ قوشۇپ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
گەرچە خىتاينىڭ تەسەۋۋۇرى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىسىمۇ، دۇنيانىڭ ئىشەنچلىك باشقا تاللىشى بولمىسا، خىتاي بۇ نارازىلىقتىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى خەلقئارالىق سىستېمىنى ماددىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلەيدۇ. خۇاۋېينىڭ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەرنى قايىل قىلىشتىكى جاپالىق كۈرىشى، مەسىلە چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ساۋاقتۇر. ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى دۆلەتلەر بەلگىلەيدىغان ھوقۇقلارغا ئۆزگەرتكەن، مالىيە سىستېمىسىنى زور دەرىجىدە دوللارسىزلاشتۇرغان، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تېخنولوگىيە سىستېمىلىرىنى كەڭ تارقاتقان ۋە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ھەربىي ئىتتىپاقلارنى بۇزغان دۇنيا تەرتىپىنى ئاغدۇرۇش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ.
شۇڭا، ئامېرىكا ئۆزىنى سىستېما ئۆزگىرىشىنىڭ كۈچى سۈپىتىدە تېز سۈرئەتتە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسىدىن ئۆگىنىپ، پۇرسەتپەرەس بولۇشى، خىتاي ئىقتىسادى ئاجىزلاۋاتقان ۋە سىياسىي سىستېمىسى بېسىمغا ئۇچراۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىشى كېرەك. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ قايتا-قايتا دېگىنىدەك، دۇنيادا «100 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان» ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ۋاشىنگتوننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك .
بۇ كۆز قاراش دۇنيانىڭ رەقەملىك، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە ساقلىق ساقلاش مەنزىرىسىنى كەڭ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئورتاق دۇنياۋى گۈللىنىشكە تۆھپە قوشىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىدىغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشلىنىشى كېرەك. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادلارنى كۈچلۈك ۋە خىلمۇخىل دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش تورلىرى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىلىرى، ئۇچۇر ھەم سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە قوشىدىغان يېڭى نورمىلار ۋە ئورگانلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
ۋاشىنگتون يۇقىرى ئۆلچەم، قانۇن ئۈستۈنلۈكى، ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سىجىل تېخنولوگىيەلىك تەرەققىيات كۆز قارىشى ئۈستىدە دۇنياۋى مۇنازىرە قوزغىشى كېرەك. بۇلار ئىدېئولوگىيەدىن خالىي ئورتاقلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش نورمىلىرىمىزدۇر . خۇددى خىتاينىڭ تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تەكىتى كەڭ قوللاشقا ئېرىشكىنىدەك، بۇنداق مۇنازىرىمۇ كەڭ قوللاشقا ئېرىشىشى مۇمكىن.
ۋاشىنگتون ئامېرىكا-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ۋە تېخنولوگىيە كېڭىشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي چەمبىرىكى ۋە دۇنياۋى ئۇل مۇئەسسەسە مەبلىغى ھەمكارلىقى ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشنىڭ بەزى ئاساسلىرىنى ئورناتتى. ئەمما بۇ تەڭلىمىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلار دەل خىتاينىڭ ئۆزگىرىش كۆز قارىشىغا ئەڭ ئوچۇق بولغان دۆلەتلەردۇر – BRICS، SCO ۋە دېموكراتىك بولمىغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋاشىنگتون بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا ۋە ياۋروپالىق ھەمراھلىرى بىلەن قۇرغىنىغا ئوخشاش رايونلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئۆزەك ۋە پەن-تېخنىكا قانۇنى قاتارلىقلار بىلەن قۇرۇلغان كۈچلۈك تەمىنلەش زەنجىرى تورلىرىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. كامبودژا ۋە لائوس قاتارلىق ھىندى-تىنچ ئوكيان چەمبىرىكى قاتارلىق مەۋجۇت كېلىشىملەردىن سىرتتا قالغان دۆلەتلەرگە ئەزا بولۇش يولى ئېچىلىشى كېرەك. بۇ ئامېرىكانىڭ تەرەققىيات ئىزىنى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ BRI ۋە GDI دىن پەرقلىق بىر تەرەققىيات يولىنى تەمىنلەيدۇ ۋە خىتاينىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ ئەكسىچە، قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگە قائىدىلەرنى تۈزۈشكە پۇرسەت بېرىلىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئامېرىكانىڭ يېڭى، كەڭ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت يارىتىدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ تولۇق قوللىنىلىشى چۈشىنىلگەنسېرى، ئۇنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە سەلبىي تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن يېڭى خەلقئارالىق نورمىلار ۋە بەلكىم يېڭى ئورگانلار كېرەك بولىدۇ. دۇنيانىڭ يېتەكچى سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بولغان ئامېرىكا، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىرىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن قائىدە تۈزۈشكە دەسلەپتە قاتنىشىشى كېرەك. مەسىلەن: كېيىنكى ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىل خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماھارەت يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى، دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلىپ كېڭەيتىلىشى كېرەك. ئامېرىكا يەنە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك خۇسۇسىي ساھەسى ۋە پۇقراۋى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇلارنىڭ ھەمكارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قوللىيالايدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاشىنگتون خۇددى خىتاي BRI ۋە GDI غا دۆلەتكە تەۋە كارخانىلىرى ۋە خۇسۇسىي ساھەسىنى قاتناشتۇرغاندەك، ئامېرىكانىڭ خۇسۇسىي ساھەسى ۋە پۇقراۋى ئورگانلىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. دۆلەت تەشەببۇس قىلغان ئەمما تىجارەت ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى قۇرۇشى كېرەك. دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىدا، جۈملىدىن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدا، ئامېرىكا خىتايغا قارىغاندا چەت ئەل مەبلىغى ۋە ياردەمنىڭ تېخىمۇ چوڭ ۋە ئارزۇ قىلىنىدىغان مەنبەسىدۇر. ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى بىلەن خۇسۇسىي سېكتورنىڭ ئىقتىسادىي مەقسەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ماسلىشىشنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان. مەسىلەن: چەت ئەللەردە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش قاتارلىقلار.
ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە فوندلىرى خۇسۇسىي بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ پايدىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قايتمايدۇ. دۆلەت-خۇسۇسىي ھەمكارلىقنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئامېرىكانىڭ نىشانلىرىنى ئامېرىكا خۇسۇسىي ساھەسىنىڭ كۈچى بىلەن ياخشىراق باغلاپ، پىلانلارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي تەڭشەشلەردە تاشلىنىپ قالماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ. ئامېرىكادىكى خۇسۇسىي فوندلارنىڭ – تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرگە مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سالىدىغان – خىزمىتى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئوخشاشلا كۈچەيتىلىشى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.
تېخىمۇ كەڭ قاتلاملىق دۇنياۋى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ۋاشىنگتون باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ، ئامېرىكانىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىپ كەتكەندە يۈز بېرىدىغان ئېھتىماللىقلارنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك. مەسىلەن: يېقىنقى ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ جازا قارارى سىياسىتىنىڭ چېگراسىنى تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلەش بېيجىڭنىڭ دوللارسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىنى ئاستىلىتالىشى مۇمكىن. لېكىن ۋاشىنگتون بۇ ۋاقىتنى دوللارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشەنچلىكلىكىنى باھالاش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئويلىنىشقا ئىشلىتىشى كېرەك.
ۋاشىنگتوننىڭ تەسەۋۋۇرىغا ھازىرقى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىدا قىلىنىدىغان ئىسلاھاتلارنى كىرگۈزۈش كېرەك بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان ھەربىي قۇدرىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە ئۇنىڭ پىكىرداش ھەمراھلىرى يۇمشاق ۋە پوتېنسىيال جەھەتتىن قاتتىق ھەربىي ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر دۇنيانى باشقۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتايغا ئوخشاش، ئامېرىكامۇ ئۇزۇن مۇددەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك.
مۇداپىئە سىياسەتلىرى كۆپ ھاللاردا زۆرۈر بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت قىسقا مۇددەتلىك قوغداش بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. بۇ دېگەنلىك، ۋاشىنگتون بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئاپپاراتىغا تەڭ كېلىش ئۈچۈن كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تەخمىنەن 30 ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئەلچىلىك ئورگىنىدا مۇقىم تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى يوق، بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى تولدۇرۇلۇشى كېرەك. ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش قانۇنى، ئۆزەك ۋە پەن-تېخنىكا قانۇنى قاتارلىق پىروگراممىلار بىلەن ئىقتىسادىي رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى باستى، لېكىن تەتقىقات، تەرەققىيات ھەمدە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىشقا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا موھتاج. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇقىرى تالانت ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىشقا پايدىلىق كۆچمەنلەر سىياسىتىنى قوللىنىشى كېرەك. ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي ئىقتىدارى ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ ئاساسلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا قايتا ۋەدە بېرىشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ رىقابەتلىشىش كۈچى ۋە دۇنياۋى يېتەكچىلىكىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشىغا پارتىيەلەر ئارا قوللاش بولمىسا، بېيجىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشتە داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى بېكىتىش، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىش، ھاجىتى يوق دۈشمەنچە سۆزلەرنى ئازايتىش، تەيۋەن سىياسىتىنى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادىي قوراللار ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق، بىھۇدە جىددىيلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ئامېرىكاغا خىتايدىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھازىرقى يولىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلار بىلەن مۇناسىۋەت ساقلاشقا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ھەمدە دۇنياۋى كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەر ھازىرلاشقا يول ئاچىدۇ.
خىتاينىڭ توغرا، يەنى، خەلقئارالىق سىستېما ئىسلاھاتقا موھتاج. لېكىن بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى دۇنيادىكى بازار دېموكراتىيەلىرىنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى بولغان ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، سۈزۈكلۈك، قانۇن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدە يوشۇرۇنغان. دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ئوچۇق جەمئىيەتلەردە ئەڭ ياخشى گۈللىنىدۇ. قانۇن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ساغلام، سىجىل دۇنياۋى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىدۇر. گەرچە ھازىرقى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسى دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يېتەرسىز بولسىمۇ، ئۇ 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيانىڭ چوڭ كۈچلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى. 21- ئەسىرنى شەكىللەندۈرۈشتە، خىتاي تېخى يەر شارى خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ نىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە قايىل قىلالمىدى. ئەمما بۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ئىجابىي ۋە جەلپكار باشقا بىر يولنى يارىتالىشىغا باغلىق.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















