خىتاي ھەقىقەتەن ئامېرىكاغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرەمدۇ؟

2025-يىلى 2-ئاۋغۇست

 

 

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

سام روگگىۋىن (Sam Roggeveen) تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «خىتاي ھەقىقەتەن ئامېرىكاغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرەمدۇ؟» ناملىق بۇ ماقالە 2025-يىلى 25-ئىيۇل «The Interpreter» تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھازىرقى خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنىڭ يادروسىغا چېتىلىدىغان بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: خىتاينىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» ھېسابلىنامدۇ ياكى بۇ ئەندىشە باشقا بىر پىسخىك ھالەتنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ ئاپتور بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكادىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ.

بۇ ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ ئامېرىكادىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى «خىتاي تەھدىتى» نەزەرىيەسىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، مەسىلىنى ئۆزگىچە بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئاپتور ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ ھەقىقىي ھەربىي ياكى سىياسىي تەھدىتىدىن ئەمەس، بەلكى يەرشارىدىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەت» دېگەن ئورنىنى يوقىتىپ قويۇشتەك «ئورۇن ئەندىشىسى» (status anxiety) دىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاپتور سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن ھازىرقى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە سەرخىللىرىنىڭ ھەرىكىتىدىكى زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

« Sputnik » ۋە «DeepSeek» پەيتى

ماقالە ئامېرىكالىق ئىقتىسادشۇناس ئالېكس تابارروكنىڭ (Alex Tabarrok) «گىرۋەكتىى ئىنقىلاب» (Marginal Revolution) ناملىق بىلوگىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر سېلىشتۇرمىسى بىلەن باشلىنىدۇ. تابارروك ئامېرىكانىڭ 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەھدىتىگە بولغان ئىنكاسى بىلەن بۈگۈنكى خىتايغا بولغان ئىنكاسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنەرلىك پەرقنى «سۆرىگۈچ (Sputnik) ۋە DeepSeek پەيتى» دەپ ئاتايدۇ.

-1957يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى «سىپۇتنىك-1» سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەندە، بۇ ئامېرىكادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مىللىي ئويلىنىش قوزغىغان. ئامېرىكانىڭ يەرشارىدىكى رەھبەرلىك ئوبرازى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، «سىپۇتنىك پەيتى» دەپ ئاتالغان تارىخىي بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى ناھايىتى تېز ھەم كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندىنىڭ مەبلىغى بىر يىل ئىچىدە ئۈچ ھەسسە، ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئون ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيتىلگەن. «دۆلەتلىك مۇداپىئە مائارىپ قانۇنى» ماقۇللىنىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىسلاھ قىلىنغان، چەت ئەل تىلى ۋە ئىنژېنېرلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى قەرز پۇل پىروگراممىلىرى يولغا قويۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى «يېڭى ماتېماتىكا»نى مەركەز قىلىپ قايتىدىن لايىھەلەنگەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ۋە ئىلغار تەتقىقات تۈرلىرى ئىدارىسى (ARPA، كېيىنكى DARPA) قاتارلىق ئورگانلار 1958-يىلى قۇرۇلغان.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىلىم-پەن رىقابىتىگە بولغان ھازىرقى ئىنكاسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل شىركىتى DeepSeek نىڭ OpenAI غا تەڭ كېلىدىغان مودېللارنى ئېلان قىلىشى بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇلغان بۇ «DeepSeek پەيتى»گە، ئامېرىكا قەتئىي ئىرادە ۋە رىقابەت بىلەن ئەمەس، بەلكى «تەشۋىش ۋە چېكىنىش» بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.

«نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر» ۋە خاتا چۈشەنچە

ئاپتور تابارروك ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى داۋىد برۇكسنىڭ (David Brooks) بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىگە يۈزلىنىدۇ. تابارروك بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئامېرىكادا «نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر»نىڭ (zero-sum thinking)، يەنى «خىتاينىڭ ئېرىشكەنلىكى ئامېرىكانىڭ يوقاتقانلىقى بولىدۇ» دەپ قارايدىغان ئىدىيەنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

بىرۇكس ئۆزىنىڭ بىر ماقالىسىدە بىلمەستىن بۇ قاراشنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ قانچىلىك ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك يۇچۇقلىرىنى تىزىپ چىققان. لېكىن، بىرۇكس خىتاينىڭ بۇ تەرەققىياتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ھەمدە بۇلارنىڭ چوقۇم ئامېرىكانىڭ زىيىنىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ خىتايدىكى تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئامېرىكاغا پەقەت سەلبىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىدۇ.

ئەخلاقىي ھۆكۈم ۋە رېئاللىق

ئاپتور بىرۇكسنىڭ ئەھۋالغا ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىپ: «بۇ دۆلەت (ئامېرىكا) بەزىدە ھېرىپ-چارچىغاندەك، توختاپ قالغاندەك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە كەلگۈسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقاتقاندەك بىلىنىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئالىدۇ. ئەمما ئاپتور بۇ ھۆكۈمنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى، نامراتلىقنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئائىت پاكىتلارنىڭ بۇ «چارچاش» نەزەرىيەسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تەھدىتنىڭ ماھىيىتى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن بۈگۈنكى كۈننىڭ پەرقى

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «سىپۇتنىك پەيتى» بىلەن « دىپسىك  پەيتى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن «نۆل يىغىندىلىق» رىقابەت ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن بۈگۈنكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا، ئامېرىكا ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بىر «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى»گە دۇچ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزمنىڭ غەربىي ياۋروپادىن تارتىپ خىتايغىچە بولغان پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر رېئاللىق ئىدى. ئەگەر بۇ غايەت زور زېمىن بىرلىشىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈشىدىن ئەنسىرەشكە توغرا كېلەتتى.

بۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى خىتاي گەرچە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا، ھەتتا ئاسىيا قىتئەسىگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق. چۈنكى رايوندىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ھەتتا ئۇلار يول قويغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكانىڭ يەنىلا كۈچلۈك دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى، غايەت زور ھەربىي كۈچى ۋە يادرو قوراللىرى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ئامېرىكاغا قانداق تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدۇ؟

«مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» ئاتالغۇسىدىكى قالايمىقانچىلىق

ئاپتور تەھدىتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ تابارروك نەقىل ئالغان ئىككى ماقالىدىمۇ ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. تابارروك مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇنلىغان تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخسلەر خىتاينى ئىنتايىن ئېغىر، ھەتتا مەۋجۇتلۇق دەرىجىسىدىكى تەھدىت دەپ قارايدۇ…». ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى ماقالىنىڭ ھېچقايسىسىدا «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى»نى يىراقتىن بولسىمۇ تەسۋىرلەپ بېرىدىغان مەزمۇن يوق. ئەگەر بىز «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى»نى ئامېرىكانى زېمىن جەھەتتىن بويسۇندۇرالايدىغان ياكى ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى يوقىتىپ، بۈگۈنكى ئامېرىكانى مەۋجۇت بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغان بىر كۈچ دەپ ئېنىقلىساق، خىتاينىڭ بۇنداق كۈچكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى رېئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس.

ھەقىقىي مەسىلە: ئورۇن تەشۋىشى

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدىكى ھەقىقىي مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە باشقىچە بىر خۇلاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: بۇ رىقابەت «مەۋجۇتلۇق» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ئورۇن» (status) ئۈچۈندۇر.

«مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» دېگەندەك يۇقىرى پەردىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكالىقلارنىڭ تېخنولوگىيە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى جەھەتتە بىر پەللە تۆۋەنلەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى يېپىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئۇرۇنۇش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، «سىپۇتنىك – دىپسىك» سېلىشتۇرمىسى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، پەقەت ئورۇن تەشۋىشىلا ئامېرىكانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە يېتەرلىك بولمىغان. خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ھەربىي كۈچىمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولمىغان. شۇنىڭدەك، ئامېرىكانىڭ زىيالىي سەرخىللىرىمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكىدەك يۇقىرى سەۋىيەدە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن.

خۇلاسە: ئاشكارىلانغان مايىللىق ۋە چارچاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى

ئاپتور بۇ يەردە ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى «ئاشكارىلانغان مايىللىق» (revealed preference) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، يەنى كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە قاراپ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئامېرىكانىڭ نىسپىي ھالدىكى پاسسىپ ئىنكاسى، ئۇلارنىڭ خىتاي تەھدىتىنى ھەقىقەتەن «مەۋجۇتلۇق» دەرىجىسىدە كۆرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

شۇڭا، بىرۇكسنىڭ ئەخلاقىي ھۆكۈمى نىشانىدىن ئاداشقان. ئەگەر ئامېرىكالىقلار ھەقىقەتەن «چارچىغان» بولسا، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ بىرۇكس ئۇلارنى سۆرەپ كىرگۈزمەكچى بولغان تاشقى ئارىلىشىشلاردىن زېرىككەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. تارىخچى ئادام توز (Adam Tooze) يېقىندا خىتاينىڭ يۈكسىلىشىنى «غەربنىڭ دۇنيا تارىخىنىڭ مەركىزىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ماددىي جەھەتتىن تەختتىن چۈشۈشى» دەپ تەسۋىرلىگەن. تەختتىن چۈشۈش كۆڭۈلسىز ئىش، لېكىن ئامېرىكالىقلار بۇنىڭ ئۈچۈن بىر چوڭ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانداقلا بولمىسۇن باي ۋە بىخەتەر ھالەتتە قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىپ، شۇنداق خۇلاسە چىقارغاندەك قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*