خىتاي نېمە ئۈچۈن مەغلۇب بولغان ئىقتىسادىي مودېلدىن ۋاز كەچمەيدۇ؟

2024-يىلى 27-دېكابىر

بېيجىڭ قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى كۆرۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك زىياننى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا[1]

مەنبە: تاشقى ئىشلار ژۇرنىلىنىڭ 2024- يىللىق سېنتەبىر، ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئۇلىنىش: https://www.foreignaffairs.com/china/chinas-real-economic-crisis-zongyuan-liu

يازغۇچى: زۇڭ يۈەن زوليۇ: زوڭيۈەن زو ليۇ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ مورىس ر. گرىنبېرگ خىتاي تەتقىقاتى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە «دۆلەت فوندلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياۋى غايىلىرىگە قانداق مەبلەغ سالىدۇ؟» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى.

تەييارلىغۇچى: ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت

2024-يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كوۋېد 19 يۇقۇملۇق كېسىلىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتەلمىگەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە بۇ پىروگرامما ۋە  تەدبىرلەر پاي بازىرىنى قوللاش، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يۇمشىتىش، چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىلارنى قايتا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە چەكلىك مالىيەۋى قوللاش پىروگراممىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مۇئاۋىن  مالىيە مىنىستىرى لياۋمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالىيەۋى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە تەپسىلاتلىرى ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىن، 11-ئايدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن ئاشكارىلىنىدىكەن. بېيجىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خىتاي  خەلقى ۋە دۇنيا ئۇزۇندىن بۇيان  خەۋەردار بولغان بىر ئىشنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى: خىتاي  ئىقتىسادى چوڭقۇر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي  رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2035-يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادنى ئىككى ھەسسە  كۈچەيتىش ۋە كەڭ كۆلەملىك گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بولغان «خىتاي  چۈشى» بەربات بولۇۋاتىدۇ.

 ئەمما بۇ مالىيە تەدبىرلىرى ئۈنۈم بېرەرمۇ؟

خىتاينىڭ ھازىرقى ئەڭ جىددىي قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى تەلەپنىڭ ئاجىز بولۇشىدۇر. خىتايلىق ئىستېمالچىلار خەجلەشنى رەت قىلغاندا، ئۇلار نەقپۇل يىغىشقا باشلايدۇ، بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىن مايىللىقى بولغان سودا-سانائەتچىلەرگە ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىشى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇرۇلمىلىق مەسىلىسىنى، يەنى ئوشۇقچە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. مەن تاشقى ئىشلار ژۇرنىلىدا[2] 8-ئايدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئىچكى تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچە ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى خىتاينى تۇرغۇنلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇتۇلۇشى كېرەك بولغان ئىقتىسادىي ھالاكەت ئايلانمىسىنى شەكىللەندۈردى. خىتاي  رەھبەرلىكى يېڭى مالىيە تەدبىرلىرىنىڭ ئىستېمالنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن  زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت مالىيە قوللاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئائىلىلەرگە بىۋاسىتە ياردەم بېرىشنى ئاساسەن سىرتتا قالدۇرۇپ، يەنىلا دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشقا چىڭ ئېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ تەلەپ مەسىلىسىنىڭ تېگىدە ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىدىن كېلىپ چىققان ئىشەنچ كىرىزىسى ياتماقتا. 2017-يىلى، شى جىنپىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى باشلىغان ۋە ئىقتىسادنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان يىلى، شەھەر ئائىلىلىرى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بولۇپ، تەسەررۇپ قىلغىلى بولىدىغان كىرىم تەخمىنەن ھەر سەككىز يىلدا بىر قېتىم ئىككى ھەسسە ئاشاتتى. بۈگۈنكى ياش ئائىلىلەرگە  نىسبەتەن، ئۇ ياخشى كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. 2024-يىلىغا كەلگەندە، ئوتتۇرىچە تەسەررۇپ قىلغىلى بولىدىغان كىرىم 2017-يىلىدىن باشلاپ پەقەت 50 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت  15 يىلغا سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئاستىلاش ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرگە نىسبەتەن شەكىللەنگەن تەۋرەنمەس ئۈمىدلەردىن ۋاز كېچىپ، ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە كۈچىيىۋاتقان بېسىملار تۈرتكىسىدە ھاسىل بولغان يېڭى رېئاللىققا يۈزلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ۋاقىت ماشىنىسىدىن باشقا نەرسە كېرەك بولمايدۇ، مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مالىيە قوللاش پىلانلىرى خىتاينىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئائىلەلەرگە قارىتىلغان مالىيە ياردىمى تەمىنلىمەيدۇ.

ھەل قىلىنمىغان قىيىنچىلىقلار

بېيجىڭنىڭ يېقىنقى مالىيە تەدبىرلىرى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت كاتتىلىرى ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. خىتاي  خەلق بانكىسى ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ مالىيە زاپاس مىقدارىنى كېڭەيتىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش بىر ئىستراتېگىيەنى قوللىنىپ، ئىقتىساقا كەڭ كۆلەملىك  ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان بايلىق ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش مەقستىدە، مالىيە مۈلۈك باھالىرىغا دىققەت قىلماقتا. خىتاي خەلق بانكىسى[3]ئىككى مېخانىزم ئورناتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بازارغا نەق پۇل سېلىش، پايچېكلار، كارخانا زايوملىرى ۋە پايچېك مەبلەغ فونلىرى قاتارلىق تەۋەككۈل(风险) مالىيە مۈلۈكلىرىنىڭ باھاسىنى قوللاشنى ئاساس قىلىدۇ. بىرىنچىسى 70 مىليارد دوللارلىق دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى پىروگرامما بولۇپ، بۇنى تەرتىپكە سالغۇچىلار ئاساسلىقى «دۆلەت گۇرۇپپىسى» دەپ تونۇلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋاسىتىچىلىق ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرى بولۇپ، ئۇلار تەۋەككۈل مالىيە مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك دۆلەت تەمىنات زايوملىرى[4] بىلەن ئالماشتۇرالايدۇ. بۇ تەمىنات زايوملىرىنى بانكا قەرزلىرى ئۈچۈن كاپالەت قىلىپ قويۇشقا بولىدۇ، بۇ ئەھۋال دۆلەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۈلۈك سېتىۋېلىش ۋە باھانى قوللاش ئۈچۈن ئەرزان مەركىزىي بانكا مەبلىغىگە ئېرىشىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. 2015-يىلى  خىتاي مەركەز بانكىسى پايچېك بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش پىروگراممىنى يولغا قويغانىدى، بۇ ئەھۋال بىر نەچچە ئاي ئىچىدە باھانىڭ   40پىرسەنت  تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

ئىككىنچى مېخانىزم بولسا 42 مىليارد دوللارلىق قايتا مەبلەغ سېلىش پىروگراممىسى بولۇپ، ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە قەرز بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ئارقىلىق شىركەتلەر پاي بازىرىدا ئۆز پايلىرىنى قايتا سېتىۋالالايدۇ. بۇ ئاساسەن پاي ئىگىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش  رولىنى ئوينايدۇ. خىتاي  ئەمەلدارلىرى بۇنىڭ پاي بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ پايچېك باھالىرى تەخمىنەن 25 پىرسەنت ئاشقان.

بۇ تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مالىيە مىقدارىي كېڭەيتىش سىياسىتى خىتاينىڭ چوڭراق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي قوزغىتىش جەھەتتە نىسبەتەن ئاز رول ئوينايدۇ. ئائىلىلەرگە بېرىلگەن چەكلىك بىۋاسىتە ياردەملەر ئىچىدە، قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك قەرزلىرىنى قايتا مەبلەغ سېلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان يېڭى قائىدىلەر بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يېقىندا يېرىم پىرسەنت تۆۋەنلىتىلگەن ئۆلچەملىك ئۆي-مۈلۈك قەرز نىسبىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تەخمىنەن 50 مىليون ئائىلىنىڭ يىللىق جەمئىي 21 مىليارد دوللار ئۆسۈم تۆلىشىنى تېجەپ قېلىشىغا ياردەم بېرىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بازاردىكى ئارتۇقچە زاپاسنى يوقىتىش ۋە ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى قوللاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىككىنچى ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان دەسلەپكى تۆلەمنى تۆۋەنلەتتى. ئۆي-مۈلۈك خىتاي  ئائىلىلىرىنىڭ مۈلكىنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتىنى، ئۆي-مۈلۈك قەرزلىرى ئائىلە قەرزلىرىنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقتىن، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ چىقىمىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق تەدبىرلەر،  ئائىلە مالىيە ئەھۋالىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئۆي باھاسىغا چەك قويۇش خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇنجى قەدەمدۇر. ھازىرغىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئاددىي ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە نەق پۇل يۆتكەش توغرىسىدا گەپ قىلىشتىنمۇ ھەزەر ئەيلىمەكتە. بۇ بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ساھەدىكى چەكلىك سىياسەت تەجرىبىسى ۋە بېيجىڭدىكى ئىقتىساد ئەمەلدارلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق يوليورۇقى بولماي تۇرۇپ ھەرقانداق سىياسەت ئۆزگىرىشىگە ئىشارەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ مالىيە ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىۋاسىتە ئائىلىلەرنى قوللاشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تەييارلانغان. كۆپىنچە مائاشلار ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نەپەقىلىرى ئاللىقاچان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تىجارەت بانكىلىرىدىكى ئامانەت ھېساباتلىرىغا باغلانغان بولۇپ، بۇ پۇل قېتىشنى مەشغۇلات جەھەتتىن ئاددىيلاشتۇرىدۇ.

مېنىڭ يولۇممۇ ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولمۇ؟

شى جىنپىڭ تۇيۇقسىز سىياسەت ئۆزگەرتىشلەردىن يانمايدۇ. بۇنى ئۇنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «نۆل كوۋىد 19» سىياسىتىدىن تۇيۇقسىز ۋاز كېچىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەدبىرلىرى كۆرسىتىپ بەردى. بىراق، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مۇقىم ۋەزىيەت ئۇنىڭ نەق پۇل تارقىتىشقا قارشى تۇرۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ پاراۋانلىق دۆلىتىنى مۇستەھكەملەپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى «ھورۇن كىشىلەرنى باقىدىغان ‹پاراۋانلىقچىلىق› تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىش»تىن ئاگاھلاندۇردى. شىنىڭ خىتابىنى خىتايدا شەخسچىلىك (Individualism) ئىدىيەسىنى قوللاش دەپ خاتا چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. ئەكسىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە باشقۇرۇش ئۇسۇلى خەلقچىل يول قويۇشلاردىن بەكرەك ئىدىيەۋى بىرلىككە، شەخسىي مالىيە ياردىمىدىن بەكرەك دۆلەت باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىشقا مايىلدۇر.

شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى ئورۇندىكى ۋەزىپىسىنىڭ خىتاينى ئۆزىگە تايىنىدىغان دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاينىڭ «خورلانغان ئەسىرى»نى[5]  – غەرب كۈچلىرىگە بويسۇنۇش دەپ قارالغان ئۇزۇن دەۋرگە ئىشارەت قىلىدىغان مەزگىلنى – قەتئىي ئارقىدا قالدۇرىدىغان رەھبەر بولۇشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى تەخمىنەن بەش پىرسەنتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆسۈش نىشانى ۋە بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان  مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرى پەقەت مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى، خالاس. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئائىلىلەرنى بىۋاسىتە مالىيە جەھەتتىن قوللاش ئىستېمال كۈچىنى ھۆكۈمەتتىن ئىستېمالچىلارغا يۆتكەپ، شى جىنپىڭنىڭ چوڭ غايىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاز مەنبە قالدۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن.

ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرى ھەققىدىكى باياناتلىرى ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ماھىيەتلىك سىياسەت ئۆزگەرتىشلەردىن بەكرەك  رىتورىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر. بۇ ئۇسۇل شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئۆزىگە تايىنىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن مەنبەلەرنى باشقا تەرەپكە بۇرىماي تۇرۇپ، ئىقتىسادقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە ماس كېلىدۇ. پاي باھاسىنى يۆلەش ۋە بانكىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مالىيە سىستېمىسىغا قۇيۇلغان مەبلەغنى، خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ۋە ھەربىي ئىقتىداردا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىشى كېرەك بولغان ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك سانائەتلەرگە قايتا قارىتالىشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭنىڭ مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرى خىتاينىڭ چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن ئاجىز

تېخنولوگىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان «پۈتۈن دۆلەت»[6] سىستېمىسى بولسا سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئايروپىلان ماتورى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق چوڭ كاپىتال مەنبەلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەقىقىي ئىستېمالنى كۈچەيتىدىغان مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرىنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى تەدبىرلەرنىڭ خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن مەقسىتى باردەك كۆرۈنمەكتە. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىدا بايان قىلىنغان سىياسەت يۆنىلىشى غەرب ھۆكۈمەتلىرىگە سودا توسالغۇلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ياكى خىتايغا بولغان ئېكسپورت كونتروللىرىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئانچە رول ئويناپ كەتمەيدۇ.

ئائىلىلەرگە نەق پۇل تارقىتىشنىڭ پوتېنسىيال كۆلىمى خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى قىيىن ئەھۋالى سەۋەبىدىن چەكلىنىپ قالماقتا. بېيجىڭ نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئېغىر يۈك بولۇۋاتقان يۇقىرى ئۆسۈملۈك، قىسقا مۇددەتلىك قەرزلەرنى قايتا مەبلەغلەش ئۈچۈن قەرز ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى. يەرلىك راسخوتلار كۆچمەس مۈلۈك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن يەر سېتىش كىرىمىنىڭ ئازىيىشى،كوۋېد 19 يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك قالدۇق ئاممىۋى ساغلاملىق چىقىملىرى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىشىغا باغلىق ھالدا ئۆسۈۋاتقان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىملىرى تۈپەيلىدىن قىسىلىپ قالدى. نۇرغۇن يەرلىك ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن، سانائەت تەرەققىياتىغا ئېرىشىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلار ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل خەجلىشىنى قوزغىتىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەگەر بېيجىڭ ئائىلىلەرگە بىۋاسىتە نەق پۇل تۆلەشنى قارار قىلسا، مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىشى مۇمكىن بولغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈش كېتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن يەرلىك خەزىنىلەرگە بىۋاسىتە پۇل يۆتكەش خاتا تەقسىملەش ياكى ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا مەبلەغ ئوغرىلاش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چەكلەيدۇ. ئالاھىدە نازارەت بولمىسا، بۇ تۆلەملەر ئائىلىلەرگە پەقەت ئاز مىقداردا، خۇددى سۈيى لىق چۆگۈندىن تامچىلاۋاتقان سۇدەك ئاستا-ئاستا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.

باشقىچە ئىشەنچ ئويۇنى

يېقىنقى مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بېيجىڭنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانلىرىغا يېتەلىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىن، بۇ نىشانلار مۇنداق: سىجىللىقا ئىگە پايچېك بازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، مۇقىملاشقان ئۆي-مۈلۈك بازىرى، ئىستېمالچى ئىشەنچىسىنىڭ ۋاقىتلىق كۈچىيىشى ۋە 2024-يىلى بەش پىرسەنت GDP ئۆسۈشى قاتارلىقلار. بىراق، بۇلار خىتاينىڭ چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمايدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە ئائىلىلەرنىڭ كۆپرەك خەجلىشىگە تۈرتكە بولالمايدۇ. ھۆكۈمەت ھەقىقىي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان، مەسىلەن: ئائىلىلەرگە بىۋاسىتە كىرىم ياردىمى بېرىش قاتارلىق جۈرئەتلىك قەدەملەرنى ئېلىشنى خالىمايۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەكسىچە، يېڭى مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پارتىيەنىڭ ئىقتىسادنىڭ ياخشى باشقۇرغۇچىسى رولىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي كېلىشىمىنى ساقلاشقا داۋاملىق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغاندەك كۆرۈنمەكتە.

كۈچلۈك كىرىم ئۆسۈشى بولمىغان تەقدىردە، خىتاي  ئائىلىلىرى يەنىلا يۇقىرى نىسبەتتە تېجەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەتتا مالىيەنى قوللاش پىروگراممىلىرى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولۇپ چىقسىمۇ، خىتاي نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە غەرب بىلەن كۈچىيىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق جىددىيلىكلەر دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كوۋېد 19  مەزگىلىدىكى تاقاشلاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا قاتلىمى داۋاملىق ئىقتىسادىي خەتەرگە دۇچ كەلدى، بۇ چۈشەنچىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يىللار كېتىشى مۇمكىن.

ئۆتكەن قىرىق يىل ئىچىدە، خىتاي  ئىقتىسادى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ غەيرىي ئۆسۈش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردى. 1981-يىلى، خىتاي  نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكىدەك ئېغىر نامراتلىقتا ياشىغان ئىدى. بۈگۈن، نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپى نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئىگە ئوتتۇرا تەبىقىگە ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ بەزى جەھەتلەردىن ئالغاندا، ئوتتۇرا تەبىقىدىكى خىتايلىقلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان بۇنچىلىك نامرات ھېس قىلىپ باقمىدى. ئۇلاردا تەڭتۇشلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدىن كېيىن قېلىۋاتقانلىق تۇيغۇسى كۈچىيىشكە باشلىدى، پەرزەنتلىرىنىڭ بايلىققا ئېرىشىشى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى تېخىمۇ يېتىشكىلى بولمايدىغاندەك غايىلەردەك تۇيۇلماقتا.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئەتىنىڭ بۈگۈندىن ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ شەخسىي مەغلۇبىيەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىن ھالقىغان كۈچلەر سەۋەبىدىندۇر. خىزمەت بازىرىغا كىرىۋاتقان ياشلار ئۆزلىرىنى كۈچسىز ھېس قىلماقتا، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 17 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەچكە، بارغانسېرى كۆپ ياشلار مول كىرىملىك خىزمەت باشلىيالمايۋاتىدۇ. ياش ئائىلىلەر پەقەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا توختىماي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا زىيارەت قىلىش 300 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشتى، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خۇراپىي ئېتىقادلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بارغانسېرى نۇرغۇن خىتايلار پارتىيەنىڭ ئورتاق باياشاتلىق توغرىسىدىكى كاپالەتلىرىگە قارىغاندا ئىبادەتخانا مۇراسىملىرى ياكى تۇمارلارغا كۆپرەك ئىشىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادىي ئۆسۈش، خاتىرجەمسىز ئوتتۇرا تەبىقە ۋە باياشات جەمئىيەت قۇرۇشتىن بەكرەك، دۇنياۋى ئارمىيە قۇرۇشقا بېرىلگەن رەھبەرگە ئىگە خىتاي  بىلەن يۈزلىشىۋاتىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت شى جىنپىڭنىڭ پەقەت غايىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە چەكلىمىلىرىنىمۇ رېئال باھالايدىغان خىتاي  ئىستراتېگىيەسىنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە ئاددىي خىتاي  پۇقرالىرىنىڭ چەكلىك تەسىر كۈچى بولسىمۇ، ئۇلار بىرلىكتە بېيجىڭغا ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ، ھەميانلىرىنى چىڭ تۇتۇش ۋە تېجەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئۇلار دۆلەتنىڭ يۆنىلىشىگە جىمجىت، ئەمما كۈچلۈك ئىشەنچسىزلىكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال داۋاملىق ناچارلاشسا، شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش قىلىشى، بەلكىم غەربكە بولغان قارشىلىقىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن. ۋاشىنگتون خىتاينىڭ مالىيەنى قوللاش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە بېيجىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالماسلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆزىتىۋاتقاندا، خىتاي  تەھدىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا-خىتاي  مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا بەلگىلەش پۇرسەتلىرىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.[7]

 

[1] https://www.foreignaffairs.com/china/why-china-wont-give-failing-economic-model

[2] Foreign Affairs Journal

[3] PBOC, People’s Bank of China

[4] government bonds

[5] century of humiliation

[6] whole of nation

[7] تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*