سىياسىي ئۇقۇملارنىڭ ئېستىمالى ۋە سۈيئېستىمالى
ئۇقۇمــلار سىياســەت ۋە خەلقئــارا مۇناســىۋەت ئۆگەنگۈچىلــەر ئۈچــۈن ئالاھىــدە ئەھمىيەتكــە ئىگــە. سىياســىي دە-تالاشــلانى كۆپىنچــە ئاتالغۇلارنىــڭ يوللــۇق )legitimate )مەنىســى ئۈســىتىدىكى كــۆرەش دېســەك قىلچىمــۇ ئاشــۇرىۋەتكەن بولمايمىــز. دۈشــمەن تەرەپلەرنىــڭ ھــەر بىــرى »ئەركىنلىكنــى قوغداۋاتقانلىقىنـى«، »دېموكراتىيەگە رېئايە قىلىۋاتقانلىقىنى« ياكـى »ئادالەتنـى ياقىلاۋاتقانلىقىنـى« دەۋا قىلىـپ تـۇرۇپ، بىـر- بىـرى بىلـەن دە-تـالاش قىلىـدۇ، تۇقۇنۇشـىدۇ، ھەتتـا ئۇرۇشـىدۇ. مەسـىلە »ئەركىنلىك«، »دېموكراتىيە« ۋە »ئادالەت«… دېگەندەك سـۆزلەرنىڭ ئوخشـىمىغان كىشـىلەرگە نىسـبەتەن ئوخشـىمىغان مەنالارغـا ئىگـە بولغانلىقىـدا بولـۇپ، قارىماققـا بـۇ ئۇقۇملارنىـڭ ئۆزىدىمــۇ چاتــاق بــاردەك قىلىــدۇ.
مەيلـى دۆلـەت ئىچـى ياكى خەلقئارالىق مەسـىىلىلەر ئۈسـتىدە بولســۇن، سىياســىي تەھلىللــەردە ئۇقۇملارنىــڭ پەۋقۇلئــاددە مۇھىملىقىنـى تەكىتلـەش ئۈچـۈن ئـەڭ ئـاز بولغانـدا ئـۈچ سـەۋەب كۆرســىتىش مۇمكىــن. بىرىنچىدىــن، سىياســىي تەھلىللــەر ئادەتتــە ئۇمۇملاشــتۇرۇش خۇسۇســىيىتىگە ئىگــە. سىياســەت بىلــەن تارىخنىــڭ بــۇ جەھەتتىكــى پەرقىنــى ئويلاشــقاندا بۇنىــڭ ئەھمىيىتىنـى تېخىمـۇ نامايـەن قىلغىلـى بولىـدۇ. بىـر تارىخچـى مۇئەييـەن بىـر ۋەقەگـە )مەسـىلەن: فرانسـىيە ئىنقىلابـى، روسـىيە ئىنقىلابــى ياكــى 91-1989 -يىللىرىدىكــى شــەرقىي ياۋروپــا ئىنقىلابلىــرى( كۆڭــۈل بۆلســە؛ بىــر سىياســىي ئانالىزچــى بۇنــداق ۋەقەلەرنــى تېخىمــۇ چــوڭ ياكــى تېخىمــۇ ئومۇمىــي بىــر ھادىســىنىڭ، بــۇ مىســالدا ئىنقىــلاب ھادىسىســىنىڭ ئەھمىيىتــى نوقتىســىدىن تەتقىــق قىلىشــى مۇمكىــن. تارىخشۇناســلار ئۈچــۈن، »ئىنقىـلاپ« ئۇقۇمـى ئۈسـتىدە ئالاھىدە ئىزدىنىشـنىڭ بـەك ئەھمىيىتـى يـوق، چۈنكى ئـۇلار ئاساسـەن مۇئەييەن ۋەقەلــەر ھەققىدىكــى پەرقلىــق، ھەتتــا تەڭداشســىز نەرسـىلەرگە قىزىقىـدۇ. ئەممـا سىياسـىي ئانالىزچىلارغا نىســبەتەن ئېيتقانــدا، »ئىنقىــلاپ« ئۇقۇمــى ئۈســتىدە ئىزدىنىــش زۆرۈر بولۇپــلا قالماســتىن، بەلكــى ئــۇ سىياســىي تەتقىقاتنىــڭ جەريانــى ھېســابلىنىدۇ.
داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















