شى جىنپىڭنىڭ مەغلۇپلار ئىتتىپاقداشلىقى: يېڭى مۇستەبىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى توغرا يول

2024-يىلى 5-نويابىر

 

 

ئاپتورى:

Stephen Hadleyستېفېن ھەدلېي

تەييارلىغۇچى : ئابدۇرېھىم دۆلەت

مەنبە: https://www.foreignaffairs.com/china/xi-jinpings-axis-losers

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن بۇيان، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ مۇھىتنىڭ ئەڭ تەشۋىشلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى خىتاي، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان ھەمكارلىقتۇر. بەزى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تەھلىلچىلەر بۇ ھەمكارلىقتىن يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى يېڭى بىر ئوقنىڭ شەكىللىنىشىنى كۆرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئوق يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدىكى گېرمانىيە-ئىتالىيە-ياپونىيە ئوقىغا ئوخشاش دۇنيانى يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر قاتار ئايرىم توقۇنۇشلارنى پەرەز قىلماقتا. قايسى خىل ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۇنيانىڭ ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ قېلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ۋەزىيەت مانا مۇشۇنداق جىددىي.

بۇ ھەمكارلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى باشقا بىر تەرەپ. بەزى ئىستراتېگىيەچىلەر ئەڭ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئوق ئەزالىرىغا مەركەزلىشىپ، قەتئىي، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىش كۆرۈشنى تەكلىپ قىلسا، يەنە بەزىلەر پەقەت ئومۇميۈزلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى نەتىجە بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيە بۇ ئىككى خىل يولنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتۇر. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خەۋپ ئىكەنلىكىنى ، يەنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەبىرى بويىچە «تەڭتۇش رەقىب» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ  باشقا باشباشتاق دۆلەتلەردىن بولغان شېرىكلىرىدىن پەرقلىق بىر خىل دۇنياۋى كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ۋاشىنگتوننىڭ نىشانى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بۇ يېڭى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىگە نەقەدەر زىيانلىق ۋە قىممەتكە توختايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەگە ئۇلارنىڭ ئۆز رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، شۇ ئارقىلىق خىتايغا ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم دۆلەتلەرگە باغلاپ قويۇشنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئېرىشىشنىڭ توغرا يولى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*