راند (RAND) شىركىتىنىڭ «خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىش: توققۇز خىل سېنارىيە» ناملىق دوكلاتىنىڭ خۇلاسىسى

2025-يىلى 5-ئاپرېل

 

 

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى |  تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

بۇ دوكلات، جوئېل ب. پرېدد (Joel B. Predd)، پائۇل دېلۇكا (Paul DeLuca)، سكوتت ساۋىتز (Scott Savitz)، ئېدۋارد گېيىست (Edward Geist) ۋە كەيتلىن لى (Caitlin Lee) قاتارلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئامېرىكادىكى داڭلىق  ئىستراتېگىيە مەركىزى راند شىركىتى((RAND Corporation    ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى مۇھىم بىر ئورگان بولغان «تور باھالاش ئىشخانىسى» (Office of Net Assessment) نىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشىنىڭ خاراكتېرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. دوكلاتنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن زور بەدەل تەلەپ قىلىدىغان، يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە مۆلچەرلىگەندىن خېلىلا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان توقۇنۇش ئىكەنلىكىدۇر. بۇ تەتقىقات كەلگۈسىدىن بېشارەت  بېرىشنى ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان شەرت-شارائىتلار ئاستىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ قانداق يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئانالىز يۈرگۈزۈش، كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تېخىمۇ تەپسىلىي پىلان تۈزۈش ئۈچۈن بىر ئاساس يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دوكلاتتا «ئۇزۇنغا سوزۇلغان» دېگەن ئۇقۇمغا ئېنىق چەكلىمە قويۇلمىغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان توققۇز خىل سېنارىيە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېنىق ئاخىرلىشىش ۋاقتى بولمىغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان كۆپ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي رىقابىتى، قوشۇن پىلانلاش، ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش، ئەشيا ئوبوروتى، دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بازىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تەھلىلچىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

1-باب: كىرىش سۆز

بۇ بابتا دوكلاتنىڭ تەتقىقات ئارقا كۆرۈنۈشى، نىشانى ۋە قوللىنىلغان ئۇسۇللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئادەتتە ھەربىي پىلانلارنىڭ چەكلىك نىشانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، تېز، ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ بۇنىڭدىن پەرقلىق ھالدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى يورۇتۇلىدۇ. تەتقىقاتچىلار «ئۇزۇنغا سوزۇلغان» ئۇرۇشنىڭ مەنىسىگە ئالدىن بېكىتىلگەن چەكلىمە قويمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا، بۇنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەر خىل ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سېنارىيەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ياكى قايسى دەرىجىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، دىنامىك ياكى ئىقتىسادىي تەھلىللەرگە ئاساس سېلىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.

2- باب: ئامېرىكانىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى پىلانلاشقا كىرىشى ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىشى: قىسقىچە تارىخ

بۇ باب ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ تارىختا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنى دۇنيا ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك پىلانلاش ئۈچۈن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك بايلىق ھەيئىتى (NSRB) قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرغان. ئەمما 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېرمويادرو قوراللىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ قاراشنى ئۆزگەرتكەن. ئىستراتېگىيەچىلەر (مەسىلەن: بېرنارد برودى) ئومۇميۈزلۈك يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشنىڭ ھەربىي ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراش 1960-يىللاردىكى راند تەتقىقاتلىرىدىمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھەربىي كۈچىنىڭلا مۇھىم ئىكەنلىكى، ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. نەتىجىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى NSRB نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىشخانىسى (ODM) نى فېدېراتسىيە پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسى (FCDA) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى ئورگانلارنىڭ،مەسىلەن:(  OCDM، ( OEP ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىك رولىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىق قەدەملەرنى باسقان. 1973-يىلى جىددىي تەييارلىق ئىشخانىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىك پىلانلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھېچقانداق ئورگان قالمىغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا نامايان بولغان ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ھەر قانداق رەقىبنى تېزلىكتە يېڭىش مۇمكىن دېگەن قاراشنى كۈچەيتكەن.

دوكلاتتا بۇ تارىخىي ئاساسلارنىڭ ھازىرقى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتكە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولالماسلىق مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ:

  1. يادرو كېڭىيىشىنىڭ ئېنىقسىزلىقى:تەيۋەن توقۇنۇشىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتەك بىۋاسىتە يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇقەررەر ئەمەس. تەيۋەن توقۇنۇشىدا كىمنىڭ، قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن يادرو قورالى ئىشلىتىشنى باشلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
  2. ئەنئەنىۋى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى:ھازىر خىتايمۇ، ئامېرىكامۇ قارشى تەرەپ ئۈستىدىن تېز غەلىبە قازىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇتلەق ئەنئەنىۋى ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاي ئۆزىگە يېقىن رايونلاردا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەڭ كېلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى يىغالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشنى قوللاشقا يېتىشى مۇمكىن.
  3. دەسلەپكى باسقۇچنىڭ نەتىجىسىز بولۇش ئېھتىماللىقى:ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ھەل قىلغۇچ بولماسلىقى مۇمكىن. بىر تەرەپ چەكلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، كېيىنچە ئەسلىگە كېلىپ قايتا ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. ياكى دەسلەپكى باسقۇچ ئىككى تەرەپ ئۈچۈنمۇ قىممەتكە توختاپ، ھېچقايسىسى نىشانىغا يېتەلمەسلىكى مۇمكىن (رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بۇ خىل مۈجمەل، يېقىمسىز نەتىجىنىڭ زامانىۋى مىسالى).
  4. يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تەسىرى:ئەرزان، ئۇزۇن مۇساپىلىك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئەنئەنىۋى قوراللارنىڭ (PGMs) كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى، قىتئەلەر ئارا پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئۇل مۇئەسسەسەلەرگە ئېغىر زىيان سېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، مەلۇم شەخسلەر ياكى توپقا قارىتىلغان بىيو-قوراللار ياكى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىغان قوراللارغا ئوخشاش مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللار (WMD) مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.

3- بابتىن 11-بابقىچە: توققۇز خىل سېنارىيە

بۇ بۆلەكلەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن بولغان توققۇز خىل تەسەۋۋۇر تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ:

  • 3 باب: سېنارىيە 1 – يېڭىچە بۈيۈك ئويۇن:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپا ISCA نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللەيدۇ. خىتاينىڭ ISCA نى يوقىتىش باھانىسى بىلەن بېسىپ كىرىپ، رايوننى (شىنجاڭغا چېتىشلىق بولغانلىقى ۋە بايلىقلىرى ئۈچۈن) ئىشغال قىلىدۇ. رۇسىيە ئىچكى مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن ئارىلىشالمايدۇ.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: خىتاينىڭ ئىشغالىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 5 مىليوندىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى (PAP) ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA) نى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەرلىكلەرگە رەھىمسىز مۇئامىلە قىلىشقا، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشقا باشلايدۇ. ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستانغا (يەنىلا مۇستەقىل قىسىملىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن) ھەربىي ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئازەربەيجان، ئىران ۋە (رۇسىيەنىڭ يول بېرىشى بىلەن) كاسپىي دېڭىزىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: خىتاينىڭ ئامېرىكا چارلىغۇچىلىرىغا ۋە پاراخوتىغا قىلغان ھۇجۇمى بىۋاسىتە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاينىڭ كۈچلۈك ئەشيا ئوبوروتى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى، قوشۇن سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئۈنۈمىنى چەكلەيدۇ. يەر يۈزىدە ئۇرۇش قىمىرلىماي تۇرۇپ قالىدۇ (static war of attrition). ئىككى تەرەپنىڭ نىشانلىرى (ئامېرىكا: خىتاينى چەكلەش/چىقىرىۋېتىش؛ خىتاي: كونترولنى ساقلاش/كېڭەيتىش) زىددىيەتلىك بولغاچقا، توقۇنۇش ئۇزىرايدۇ. مۇھىتنىڭ ناچارلىقى (قاتتىق ئىسسىق-سوغۇق، قۇم بوران) ۋە ئۇزۇن مۇساپە ئەشيا ئوبوروتى ئىككىلا تەرەپكە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
  • 4 باب: سېنارىيە 2 – ئافرىقا ئاسمانى ئاستىدا:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى توققۇز دۆلەت (ئانگولا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە، مالاۋى، موزامبىك، نامىبىيە، جەنۇبىي سۇدان، تانزانىيە، زامبىيە) بىلەن «باجگىرلىك» مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، نۇرغۇن خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئافرىقىغا  ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ، ئەمما خىتاي كۈچلىرى پايتەختلەرنى ئىگىلەپ، قونچاق ھۆكۈمەتلەرنى ئورنىتىدۇ. ئاغدۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكادىن ياردەم سورايدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافرىقىنى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كونترول قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئارىلىشىدۇ. ئالاھىدە قىسىملار، دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرى ئەۋەتىلىدۇ، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بومباردىمان قىلىدۇ، دېڭىزدىن قامال قىلىشمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: خىتاي كۈچلىرى يەرلىك بايلىقلار ۋە تارقاق، يوشۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قامدىيالايدۇ. خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئامېرىكا ھاۋا ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ. يەر يۈزىدىكى ئۇرۇش جاڭگال ۋە تاغلىق رايونلاردا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئارمىيەسى ئىنتىزامسىزلىق قىلىدۇ ۋە يەرلىك ئاھالىنى بىزار قىلىدۇ. ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەرلىك كېسەللىكلەرگە كۆپ گىرىپتار بولىدۇ ۋە داۋالاش-توشۇش يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. خىتاي ئەسكەرلىرى (بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر) يەرلىك كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن چىداملىق كېلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرالماي، توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق بەدەل تۆلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
  • 5 باب: سېنارىيە 3 – كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۇرۇش (ئۇچۇر ئۈچۈن كۈرەش):
    • ئارقا كۆرۈنۈش: 2020-يىللاردا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئايرىلىش مەيدانغا كېلىدۇ. خىتاي يەرشارى رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى (GDI) كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ: 6G تورى، دېڭىز ئاستى كابېللىرى، تۆۋەن ئوربىتا (LEO) سۈنئىي ھەمراھ تورلىرى، مىكرو ئېلېكتىرونىكا، خەلقئارالىق ئۆلچەم بېكىتىش ئورگانلىرى قاتارلىقلار بۇ ئەسلىھەلەرگە كىرىدۇ.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: 2030-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئانگولا ۋە ۋېنېزۇئېلا خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئىجتىمائىي نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (CCP) كونتروللۇقىغا ئۆتىدۇ. خىتاينىڭ كىۋانت كومپيۇتېرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىدۇ. بۇلار ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئۇچۇرنى قورال قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۇرۇش قوزغىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. ئامېرىكا، بىرازىلىيە، ھىندونېزىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنى قوغداش ۋە ئۇچۇر ئېقىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: خىتاي ئۆز ئەۋزەللىكىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ۋاكالەتچى دۆلەت كۈچلىرى (ئارگېنتىنا، نامىبىيە) ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. توقۇنۇش دەسلەپكى ئۈچ دۆلەتتىن ھالقىپ، سودا، ئۇچۇر ۋە ئىتتىپاقداشلىق تورلىرى ئارقىلىق كېڭىيىپ، مۇستەبىت دۇنيا قاراش ۋە دېموكراتىك دۇنيا قاراشلار ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
  • 6 باب: سېنارىيە 4 – بوشلۇقتا يۈتۈپ كېتىش:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: 2030-يىللاردا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئاي ئوربىتىسىغا يېقىن بوشلۇقتا(cis-lunar، ~239،000 مىل يىراقلىقتا) نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ سۈنئىي ھەمراھلار تۆۋەن ئوربىتىدىكى نىشانلارنى كۆزىتىش، ئاي يۈزىدىكى ھەرىكەتلەرنى قوللاش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: ئىككى دۆلەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى (قەستەن ياكى تاسادىپىي) سوقۇلۇپ كېتىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ سىس-لۇنار سۈنئىي ھەمراھلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: ھەر ئىككى تەرەپ زىياننى تولۇقلاش ۋە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ۋە ئۆزئارا قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە نۇرغۇن يېڭى سۈنئىي ھەمراھلارنى قويۇپ بېرىدۇ. توقۇنۇش سىس-لۇنار بوشلۇقىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ، يەر يۈزىگە ۋە باشقا ئوربىتىلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن خەۋپ نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشنى توختىتىشقا قىزىقمايدۇ، ھەر بىرى قارشى تەرەپنىڭ ئالدى بىلەن توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ «جىمجىت ئۇرۇش» دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈلمەي داۋاملىشىدۇ.
  • 7 باب: سېنارىيە 5 – رۇسىيە ئۆزىنى يادرو بىلەن ئۇرۇشى:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: پۇتىن ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ، رۇسىيە زېمىنىدا كۆپلىگەن يادرو قورالىغا ئىگە رەقىب ھۆكۈمەتلەر پەيدا بولىدۇ. رۇسىيە زېمىنىدا ساينىت پېتېربۇرگنى مەركەز قىلغان (غەرب قوللايدىغان) ۋە نوۋوسىبىرسكني مەركەز قىلغان (خىتاي قوللايدىغان) ئىككى ئاساسلىق رەقىب ھاكىمىيەت قۇرۇلىدۇ.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: ئىككى رەقىب ھۆكۈمەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان يادرو قوراللىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۇلارنى يادرو قوراللىرىغا تايىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۆز ۋاكالەتچىلىرىنى قوللاش ئۈچۈن رۇسىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: رەقىب رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يادرو ۋە بىيولوگىيەلىك قوراللار (CBRN) ئىشلىتىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. موسكۋا (بەلكىم مۈجمەل بىر ھۇجۇمدا) يادرو قورالى بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ بۇ توقۇنۇشتا زىيانغا ئۇچرايدۇ. ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭ توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى خالىسىمۇ، رۇسىيەنى رەقىبىگە تاشلاپ بېرىشنى خالىماسلىقى ۋە ۋاكالەتچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشنى خالىماسلىقى تۈپەيلى قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. توقۇنۇش چەكلىك يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ، CBRN مۇھىتىدا ھەرىكەت قىلىش زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
  • 8 باب: سېنارىيە 6 – يەرشارىۋى (يادروسىز) باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇسابىقىسى:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: خىتاي تەيۋەننى دېڭىزدىن قامال قىلىۋالىدۇ ۋە بەلكىم بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىمۇ مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چوڭ كۆلەملىك دېڭىز ئۇرۇشى پارتلاپ، ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ (ئامېرىكانىڭ 6 ئاۋىياماتكىسى چۆكۈپ، 6000+ دېڭىز ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ).
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: ئۇرۇشنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى (ئەسىرلەر مەسىلىسى ۋە سىياسىي بېسىم ئاستىدا) خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر ھەربىي نىشانغا (مەسىلەن: DF-21D نىڭ قوماندانلىق مەركىزى) سىمۋوللۇق ئەنئەنىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىدۇ. خىتاي بۇنى ئۇرۇشنى كېڭەيتىش دەپ قاراپ، ئامېرىكا زېمىنىدىكى بىر ھەربىي نىشانغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن (مەسىلەن، پىيورل خاربور ھاۋا ھەرىكەت مەركىزى) جاۋاب قايتۇرىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: ئىككى تەرەپ قىتئەلەر ئارا يېتەرلىك كۈچ يەتكۈزۈپ قارشى تەرەپنى يېڭىشكە قادىر بولالمىغانلىقتىن، توقۇنۇش «ئىرادە سىنىقى» غا ئايلىنىدۇ. ھۇجۇملار ھەربىي نىشانلاردىن كېڭىيىپ، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر (توك تارقىتىش تورى قاتارلىق) ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغىمۇ (مەسىلەن: ۋاشىنگتون ئابىدىسى، لىنكولىن خاتىرە سارىيى، ماۋزېدۇڭ مەقبەرىسى) قارىتىلىدۇ. بۇ ھۇجۇملار قارشى تەرەپنى قىيناپ، ئۇنى مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ (توماس شېللىڭنىڭ «ئازابلاش كۈچى» نەزەرىيەسىگە ئاساسەن). باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ نىشانغا ئېنىق تەگمەسلىكى تاسادىپىي پۇقرالارغا زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ كۈچلۈك يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى (مەسىلەن: قايتا ئىشلىتىلىدىغان ICBM لەر، ماتورلۇق كروز بومبىلار ۋە ئۇلارغا قارشى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇسابىقىسىگە كىرىشىدۇ.
  • 9 باب: سېنارىيە 7 – قوشما قورشاۋ (ۋە تەيبېي ھاۋا مۇداپىئەسى):
    • ئارقا كۆرۈنۈش: 2028-يىلى، ئىقتىسادىي جىددىيلىك ۋە تەيۋەننىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسى كۈچەيگەن شارائىتتا، خىتاي تەيۋەننى بىرلىشىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھاۋا ۋە دېڭىزدىن قورشاۋغا ئېلىشنى باشلايدۇ (ھاۋا/دېڭىز توسۇش رايونى، نازارەت رايونى، سۇ ئاستى پاراخوتى توسۇش لىنىيەسى، مىنا قويۇش، تور ۋە ئۇچۇر ھۇجۇمى، سىمۋوللۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى).
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: ئامېرىكا تەيۋەننىڭ بوغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەسلەپتە (خىتاي بىلەن كېلىشىپ) بىر ھەپتىلىك قىسقا NEO ھاۋا توشۇشى ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما كېيىن بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توشۇيدۇ (بېرلىن ھاۋا توشۇشىغا ئوخشاش). ئامېرىكا يەنە تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا نېفىت ۋە گاز توشۇيدىغان كېمىلەرنى قوغداپ كىرىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئامېرىكا دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىدىغان بوغۇزلاردا (مالاككا، سۇندا، لومبوك) خىتايغا كېلىدىغان نېفىتنى توسىدۇ ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى:  ھەر ئىككى تەرەپ ۋاقىت ئۇتۇش ئويۇنى ئوينايدۇ. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ قورشاۋغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا، خىتاي بولسا ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ (ھاۋا توشۇش، قوغداش، قامال قىلىش) بەدىلىگە چىدىماي، ئاخىرىدا چېكىنىشىگە ئۈمىد باغلايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭمۇ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىشلەر تۈپەيلى تەييارلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كېڭىيىشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئاجىزلايدۇ. تەيۋەننىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ توختاپ قېلىشى يەرشارى ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.
  • 10 باب: سېنارىيە 8 – ھىندى ئوكياندا ھوقۇق تالىشىش:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: 2033-يىلغا كەلگەندە، خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچىيىدۇ. خىتاي-ھىندىستان چېگرا تالاش-تارتىشى كەسكىنلىشىدۇ. خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، گورىزونتال كېڭىيىپ، ھىندىستانغا تەۋە ئاندامان ۋە نىكوبار ئاراللىرىنى بېسىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ھىندىستاننى سۈلھىگە قىستاش ۋە كۋاد (Quad) نىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: خىتاي ئاراللارنى تېزلىكتە ئىگىلەيدۇ. ھىندىستان قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە كۋاد دۆلەتلىرى ھىندىستانغا ھەربىي ياردەم (ماددىي، ئاخبارات) بېرىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئاراللارنى مۇستەھكەملىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاللانغان نىشانلارغا (بولۇپمۇ A2/AD ئەسلىھەلىرىگە) كروز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن «دىپلوماتىك» زەربە بېرىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا جاۋابەن ئاراللار ئەتراپىدا A2/AD مۇداپىئە قۇببىسى قۇرىدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: خىتاي چەكلىك زەربىلەردىن، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا كىرىشىش خەۋپىدىن قورقۇپ، ئاخىرىدا چېكىنىشىنى كۈتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ھىندىستاننىڭ ئاراللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھۇجۇمىغا تولۇق تەييار بولغۇچە ياكى خىتاينىڭ ھىندى ئوكياندا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تۈگىگۈچە ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشنىڭ ئاندامان رايونىدىن ھالقىپ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، شۇڭا باشقا بازىلار ۋە پاراخوتلار نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ. توقۇنۇش تۆۋەن شىددەتلىك، ئەمما ئۇزاق داۋاملىشىدىغان خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىدۇ.
  • 11 باب: سېنارىيە 9 – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋاكالەتچى ئۇرۇشى:
    • ئارقا كۆرۈنۈش: خىتاي ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىسى كامبودژانى قۇترىتىپ، ۋيېتنام بىلەن چېگرا ۋە دېڭىزدا سۈركىلىش پەيدا قىلىدۇ.
    • توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى: ۋىيېتنامنىڭ تەلەپلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىيېتنام كامبودژاغا بېسىپ كىرىدۇ. ئامېرىكا، خىتاينىڭ رايوندا مۇتلەق ھۆكۈمران بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋيېتنامنى قوللايدۇ (قورال-ياراغ، مەشىق، ئاخبارات). خىتاي كامبودژانى ئوخشاش ئۇسۇلدا قوللايدۇ.
    • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى: ۋىيېتنام ئارمىيەسى پايتەخت پىنومپېننىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارسىمۇ، كامبودژانىڭ كىچىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇمى، مىنا ۋە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان پارتلاتقۇچلار، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىلغار قوراللىرى ۋە ئاخبارات ياردىمى سەۋەبىدىن ئىلگىرىلەشتە قىينىلىدۇ ۋە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇرۇش پاتقاققا ئايلىنىدۇ، ۋىيېتنام كامبودژانىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلسىمۇ، ھېچقايسى تەرەپ ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى قوللىغۇچىلىرى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدۇ، نەتىجىدە ئۇرۇش ئېغىر تالاپەت ۋە ماددىي خوراش بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدۇ.

12 باب: خۇلاسە

بۇ ئاخىرقى بابتا، يۇقىرىدىكى توققۇز سېنارىيەگە ئاساسەن يەكۈنلەنگەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان تۆت ئومۇمىي تۈر تېخىمۇ تەپسىلىي شەرھلىنىدۇ:

  1. ۋاكالەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار:بۇ تۈردە، چوڭ دۆلەتلەر (ئامېرىكا ۋە خىتاي) بىۋاسىتە ئۆزلىرى ئۇرۇشماي، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك شېرىكلىرى ياكى «ۋاكالەتچىلىرى» نى قوللاش ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. ئۇلار قورال-ياراغ، ئىقتىسادىي ياردەم، ئاخبارات ۋە سىياسىي قوللاش بېرىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە تالاپەتكە ئۇچراش خەۋپى تۆۋەن بولغاچقا، توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق رەقىبىنىڭ بايلىقىنى خورىتىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك ياكى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر.
  2. ئۈچىنچى تەرەپ زېمىنىدىكى ئۇرۇشلار:بۇ تۈردە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى بىۋاسىتە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىدۇ، ئەمما بۇ جەڭ ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ياكى رايوننىڭ زېمىنىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۆز زېمىنىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋە ۋەيران بولۇش خەۋپىنى، يەنى مەۋجۇتلۇق خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ۋاكالەتچى ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش، بۇ خىل ئۇرۇشلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىدىكى سەۋەب، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەقىبىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىرادىسى بولۇشى مۇمكىن.
  3. چەكلىك نىشان ياكى ماددىي چەكلىمىلەر ئاستىدىكى ئۇرۇشلار:بۇ تۈردە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھاياتىي مەنپەئەت دەپ قارالغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بىۋاسىتە توقۇنۇشىدۇ، ھەتتا ئۆز زېمىنلىرىدىمۇ ھۇجۇملار يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما توقۇنۇشنىڭ كۆلىمى ۋە شىددىتى چەكلىك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش نىشانىنىڭ ئۆزى چەكلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر سىياسىي ياكى ھەربىي نەتىجىنىلا كۆزلىگەنلىكىدىن، ياكى تاشقى ئامىللار، مەسىلەن: قورال-ياراغ، ئوق-دورا ياكى باشقا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تولۇقلاش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چەكلىمىلەر ئۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
  4. كېڭىشىپ بېكىتىلگەن كۈچىيىش چەكلىمىسى بولغان ئۇرۇشلار:بۇ تۈردە، ئامېرىكا ۋە خىتاي بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ (بولۇپمۇ يادرو ئۇرۇشىغا كېڭىيىشىنىڭ) ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا مەلۇم چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا كېلىشىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم جۇغراپىيەلىك رايونلارغا ھۇجۇم قىلماسلىق، مەلۇم تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتمەسلىك ياكى مەلۇم نىشانلارغا (مەسىلەن، پۇقرالارغا) ھۇجۇم قىلماسلىق قاتارلىقلار. بۇ خىل «كېلىشىملەر» ئۇرۇشنىڭ شىددىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىغا يول ئاچىدۇ.

دوكلات يەنە كەلگۈسىدىكى تەھلىللەر ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم، كەڭ دائىرىلىك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە شەرھلەيدۇ:

  • ئۇزۇنغا سوزۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار: قايسى ئامىللار (ئىستراتېگىيەلىك، ھەربىي، ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي) دۆلەتلەرنى توقۇنۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇزارتىشقا ئۈندەيدۇ؟ رەقىبىنى خورىتىش، ئىچكى سىياسىي مەقسەتلەر ياكى غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچ قانداق رول ئوينايدۇ؟
  • ئىقتىسادىي ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ تەسىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ئىقتىسادىي باغلىنىش ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ياكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ باغلىنىش ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى كېڭەيتىش قارارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئىقتىسادىي بەدەل سىياسىي نىشانلار بىلەن قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ؟
  • ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياج ئەندىزىسى: ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا، ھەر خىل قوشۇن، جابدۇق ۋە سەرپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياج ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگىرىدۇ؟ قايسى ئىقتىدارلارغا بولغان ئېھتىياج دەسلەپتە يۇقىرى بولۇپ، كېيىن تۆۋەنلەيدۇ؟ قايسىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۇرۇش ئۇزارغانچە ئېشىپ بارىدۇ؟ (مەسىلەن: ئوق-دورا، زاپاس پارچىلار، رېمونت قىلىش ئىقتىدارى) بۇنى چۈشىنىش قايسى تەرەپنىڭ ئۇزۇن ئۇرۇشقا ياخشىراق تەييارلىق قىلغانلىقىنى باھالاشتا مۇھىم.
  • تىنچلىق دەۋرىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ پۇختا ئىستراتېگىيەلىرى: تىنچلىق مەزگىلىدە، ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ئېھتىماللىقىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟ قايسى ئەھۋاللاردا بايلىقلارنى زاپاس ساقلاش ئەڭ ياخشى؟ قايسى ئەھۋاللاردا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە مەبلەغ سېلىش كېرەك؟ قايسى ئەھۋاللاردا ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياكى تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان سىستېمىلارنى قۇرۇش كېرەك؟ بۇ ئىستراتېگىيەلەرنى تاللاشتا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ھەر قايسى تەرەپنىڭ سانائەت ئەۋزەللىكى قانداق رول ئوينايدۇ؟
  • ئۇزۇنغا سوزۇلۇش بىر مۇستەسنا ئەھۋالمۇ ياكى نورمال ھادىسىمۇ؟ دوكلات گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى قىيىنچىلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش سېنارىيەلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئاسانلىشىشى، بەلكىم بۇ خىل ئۇرۇشلارنىڭ ئويلىغاندىنمۇ كۆپ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشقا مايىل بولۇشىدا تۈپ سەۋەبلەر بارمۇ؟ ( مەسىلەن: ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق كۆرسىتىشنى خالىماسلىقى، كېلىشىمدىن بۇرۇن يەر يۈزىدە پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا ئۇرۇنۇشى، كىمنىڭ غەلىبە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان تونۇش قاتارلىقلار.

ئاخىرقى خۇلاسە:

بۇ دوكلات ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ، يېقىنقى يىللاردىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە پىلانلىرىدا كۆپ ھاللاردا تەسەۋۋۇر قىلىنغان تېز، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش مودېلىدىن چەتنەپ، تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، مۇرەككەپ توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلەيدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپ خىل سېنارىيەلەر ۋە ئومۇمىي تۈرلەر، بۇ خىل ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىش شەكىللىرى، سەۋەبلىرى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئاساس يارىتىپ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەتقىقات، تەھلىل ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. دوكلات ئامېرىكا مۇداپىئە ساھەسىدىكىلەرنى ئىلگىرىكى قېلىپلاشقان قاراشلاردىن ھالقىپ، تېخىمۇ قىيىن، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان توقۇنۇش ئېھتىماللىقىغا روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*