ئوچۇق ۋە يېپىق جەمئىيەتلەر

2024-يىلى 13-نويابىر

تەييارلىغۇچى: ئادىل ئەرئۇيغۇر

تەھرىرلىگۈچى:ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

open societies and closed societies

ئوچۇق ۋە يېپىق جەمئىيەتلەر ئاتالغۇلىرى كارل پوپپېرنىڭ «ئوچۇق جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى» (1945) ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە «تارىخچىلىقنىڭ نامراتلىقى» (1957) دېگەن كىتابىدا تېخىمۇ تەپسىلىي رەۋىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. پوپپېرنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىلىم ۋە ئىنسانىيەت تارىخى ئاساسەن نائېنىق ۋە ئۆزگىرىشچاندۇر. بۇ قاراش جەمئىيەت نەزەرىيىسىگە تەدبىقلانغاندا، پوپپېرنىڭ تارىخىيچىلىققا قارشى كۈچلۈك ۋە ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەپلاتون، گېگىل ۋە ماركىسقا ئوخشاش تارىخنىڭ قانۇنىيەت بويىچە ئىلگىرىلەيدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ ئالدىن بىلگىلى بولىدىغان تەقدىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتەپەككۇرلارنىڭ نەزەرىيەلىرى، پوپپېر تەرىپىدىن ئىلمىي جەھەتتىن ياقلاشقا بولمايدىغان، سىياسىي جەھەتتىن خەتەرلىك قاراشلار دەپ تەنقىدلەنگەن. پوپپېر، بۇ خىلدىكى نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى، نورمال ئۆزگىرىش جەريانلىرىغا يېپىق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ يېپىق جەمئىيەتلەر دەپ ئاتىغان ھاكىممۇتلەق ۋە غەيرى ئىنسانىي سىياسىي تۈزۈملەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما ئوچۇق جەمئىيەتلەر، يېپىق جەمئىيەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، پائالىيەت، ئىجادىيەت ۋە كۆپ ساندىكى شەخسلەرنىڭ يېڭىلىنىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان شەكىلدە تەدرىجىي جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقى ئارقىلىق ئىلگىرىلەيدۇ. ئوچۇق جەمئىيەتلەر، ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ كۆزلىگىنىدىن سىرت نەتىجىلىرى ئوچۇق ھالدا تەنقىد قىلىنىدىغان ۋە بۇ تەنقىد يۆنىلىشى بويىچە ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدىغان جەمئىيەتلەردۇر. ئوچۇق جەمئىيەتلەر، ئورۇنلۇق تەنقىدلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغان رەھبەرلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتەلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش زۆرۈرىيىتى مەنىسىدە ھەم ئەركىن، ھەم دېموكراتىك بولۇشى كېرەك.

ئەلۋەتتە، بۇ يەردە تەكىتلەنگەن زىددىيەت، شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ (يېپىق جەمئىيەت) ۋەكىللىك قىلغان مۇستەبىت تۈزۈملەر بىلەن غەرب دېموكراتىيەلىرى (ئوچۇق جەمئىيەتلەر) ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. پوپپېرنىڭ زاكونلىرى(arguments) ماركسىزمنىڭ ئاساسلىرىنى (ھەم ئىلمىي ئىكەنلىكى، ھەم كەلگۈسى تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقى قارىشىنى) مەنتىقىلىق جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە قايىل قىلارلىق تەرزدە يىقىتقان دەپ قارالغان[1].

[1] Sosyoloji Sözlüğü, Gordon Marshall  BİLİM VE SANAT YAYINLARI (2.s)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*