ئوچۇق جاۋاب، ئوچۇق سوئال

2024-يىلى 16-نويابىر

 

 

open response, open-ended question))

تەييارلىغۇچى: ئادىل ئەرئۇيغۇر

تەھرىرلىگۈچى:ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

ئادەتتە، ئوچۇق جاۋاب ۋە ئوچۇق سوئال سۈپەتچىل تەتقىقات دائىرىسىدە قوللىنىلىدىغان، ئالدىن بەلگىلەنگەن جاۋاب تاللاش ئىمكانىيەتلىرى بولمىغان بىر خىل سوئال تۈرىدۇر. بۇ خىلدىكى سوئاللار، سىنالغۇچىنىڭ (تەتقىقات ئوبيېكتى) ئۆز پىكىرلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە تەتقىقاتچىنىڭ سىنالغۇچى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئوچۇق سوئاللار، سۆھبەتلەشكۈچىگە مەلۇم بىر جاۋابنى مەجبۇرلىماستىن، سىنالغۇچىدىن تەپسىلىي ۋە مول ئۇچۇرلارنى ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ. شۇڭا، ئوچۇق سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار، بىر سۆزلۈك ياكى قىسقا ئىبارىلەردىن بەكرەك، بەكرەك چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بىر قەدەر تەپسىلىي بولۇشى مۇمكىن.

مەسىلەن: «بۇ مەسىلە ھەققىدە نېمە ئويلايسىز؟» ياكى «بۇ تەجرىبە سىز ئۈچۈن قانداق مەنىگە ئىگە ؟» دېگەندەك سوئاللار، سىنالغۇچىنىڭ پىكىرلىرىنى ۋە ھېسسىي ئىنكاسلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلىشى ئۈچۈن ئوچۇقتۇر. جاۋابلار، تەتقىقاتچىنىڭ مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ ۋە ھەر خىل سانلىق مەلۇمات توپلىمىغا ئېرىشىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئوچۇق سوئاللار، بولۇپمۇ سۆھبەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە قوللىنىلغاندا، شەخسنىڭ ئۆز سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن جاۋابلىرىنىڭ، تەتقىقاتنىڭ مەلۇم بىر قۇرۇلمىلىق شەكىل ئىچىدە چەكلەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بۇ خىلدىكى سوئاللارنىڭ ئېلىپ كەلگەن بىر پايدىسى، سىنالغۇچىنىڭ جاۋاب بەرگەندە ھەر قانداق جاۋاب كاتېگورىيىسىگە باغلىنىپ قالماسلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، سىنالغۇچى جاۋابىنى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، شەخسىي تەجرىبىلىرى ياكى ھېسسىي ھالىتىگە ئاساسەن شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ، تەتقىقاتچىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىشلىرىدىن مۇستەقىل، تېخىمۇ ساپ ۋە سەمىمىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما، بۇ ئەركىنلىك ئوخشاشلا ئانالىز جەريانىدا قىيىنچىلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، چۈنكى، ھەر بىر سىنالغۇچى ئوخشىمىغان شەكىلدە جاۋاب بېرەلەيدۇ ۋە بۇ جاۋابلار ئارىسىدىن ئوخشاشلىقلارنى تېپىش ياكى كاتېگورىيەلەرگە ئايرىش ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىن.

ئوچۇق سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار، سۆھبەتنى ئېلىپ بارغۇچى تەرىپىدىن سۆزمۇ-سۆز خاتىرىلىنىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر شەخسنىڭ ئەسلى پىكىرلىرى ۋە ئىپادىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش جەريانىدا، سۆھبەتلەشكۈچىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشى ۋە سىنالغۇچىنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆزگەرتمەي ياكى يېتەكلىمەستىن خاتىرىلىشى ناھايىتى مۇھىم. جاۋابلار خاتىرىلەنگەندىن كېيىن، تەتقىقاتنىڭ ئانالىز باسقۇچىدا بۇ جاۋابلار كەڭ جاۋاب كاتېگورىيەلىرى ھالىتىدە كودلىنىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچتا، سۆھبەتلەشكۈچى ياكى تەتقىقاتچى جاۋابلارنى گۇرۇپپىلاپ ئورتاق تېمىلار ۋە قېلىپلارنى چىقىرالايدۇ.

ئوچۇق سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلارنى ئانالىز قىلىش، سۈپەتچىل تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرىدۇر. جاۋابلارنى كودلاش جەريانى، تەتقىقاتچىنىڭ سانلىق مەلۇماتنى چۈشىنىشىگە ۋە دوكلات قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن: تەتقىقاتچى مەلۇم بىر تېما ياكى كاتېگورىيە ئاستىدا بىر قانچە سىنالغۇچىدىن كەلگەن ئوخشاش جاۋابلارنى گۇرۇپپىلىيالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشلىرىنى ياكى ئاساسىي بايقاشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىقاتچى بۇ ئوچۇق جاۋابلارنى دوكلاتلىرىدا سۆزمۇ-سۆز نەقىل كەلتۈرۈپ، سىنالغۇچىلارنىڭ ئەسلى كۆز قاراشلىرى ۋە شەخسىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئوقۇرمەنگە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇ نەقىللەر، تەتقىقاتنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئوقۇرمەنگە بىۋاسىتە تۇنجى قول كۆزىتىشلەرنى تەمىنلەيدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئوچۇق سوئاللار، قۇرۇلمىلاشتۇرۇلغان جاۋاب تاللاشنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەخسلەرنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ باي شەكىلدە ئىپادىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ سوئاللار، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەردە، پىسخولوگىيەدە، مائارىپتا ۋە ساغلاملىق تەتقىقاتلىرىدا كۆپ قوللىنىلىدۇ ۋە تەتقىقاتچىغا كەڭ دائىرىلىك سانلىق مەلۇمات توپلىمى سۇنىدۇ. ئوچۇق جاۋابلار، تەتقىقاتنىڭ مەقسىتىگە قاراپ ھەر خىل ئانالىز ئۇسۇللىرى قوللىنىلىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە بۇ جاۋابلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سۈپەتچىل ئانالىزلار، تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي نەتىجىلىرىنى ۋە بايقاشلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.[1]

 

[1] Sosyoloji Sözlüğü, Gordon Marshall  BİLİM VE SANAT YAYINLARI (s.2)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*