ھازىرلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى
مۇھەررىر: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان، داڭلىق مۇخبىر داۋىد پىئېرسون قەلەمگە ئالغان «خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك رايوننى كونترول قىلىش ئۇسۇلى» سەرلەۋھىلىك ماقالە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ ئەتراپلىق بىر مەنزىرىسىنى سىزىپ چىققان. بۇ ماقالە يالغۇز نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى «تەكشۈرۈش ژۇرنالىستىكا ئىدارىسى» (the Bureau of Investigative Journalism) ۋە گېرمانىيەنىڭ «دېر شىپېگېل» (Der Spiegel) ژۇرنىلى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەملىك، بىرلەشمە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئەسەردە ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان يېڭى پاكىتلار ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا قانداق يۆتكىلىۋاتقانلىقى، بۇ يۆتكەشلەرنىڭ كۆلىمى ۋە بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغاپ، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر جىددىي ۋە كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەزكۇر ماقالە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمگەك پىلانلىرىنى پەقەت «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ياكى «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە رايوننى تولۇق كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قورالى سۈپىتىدە قانداق قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى 70 تىن ئارتۇق زاۋۇتقا، ھەر خىل ساھەلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەن. بۇ يۆتكەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاياغ ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ، ماشىنا ئېلېكتىر ئۆتكۈزگۈچ سىملىرىنى قۇراشتۇرۇش، ھەتتا توخۇ گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق خىلمۇخىل كەسىپلەر بار بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار نۇرغۇن داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىپ كەتكەن. ماقالە خەلقئارادىكى نازارەت قىلغۇچى ئورگانلار ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، ئۇنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن تازىلاشنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاساسىي تېما ۋە بايقىلىغان ئەھۋاللار
داۋىد پىئېرسوننىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلانى پەقەتلا ئىقتىسادىي مەقسەتنى كۆزلىگەن پىلان ئەمەس، بەلكى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر سىياسىي قورال. ماقالىدە گەۋدىلىك بايان قىلىنىشىچە، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، تەكشۈرۈش ژۇرنالىستىكا ئىدارىسى ۋە دېر شىپېگېل قاتارلىق ئورۇنلار ئېلىپ بارغان بىرلەشمە تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك پىلانلىرى ئارقىلىق ئىلگىرى مۆلچەرلىگەندىنمۇ كۆپ كۆلەمدە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئىشچىلارنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشى، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى يوقىتىش خىزمىتى ئۈچۈن ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغان.
ماقالىدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ پىلانلار ئارقىلىق يۆتكەلگەنلىكى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، گەرچە بۇ ئىشچىلارنىڭ نەق كونكرېت شارائىتى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى بۇ پىلانلارنىڭ «مەجبۇرلاش خاراكتېرى»گە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە نەقىل ئېلىنغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتايلى» ناملىق ئەنگلىيەدىكى تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ئاكتىۋىست رەھىمە مەھمۇتنىڭ سۆزى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ: «ئۆيىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلىپ ئەمگەككە سېلىنىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىش بىلەن باراۋەر. بۇ سىزنىڭ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېتىلگىنىڭىزگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. تىلدىن تارتىپ، يېمەك-ئىچمەك، ياشاش شەكلىگىچە ھەممە نەرسە پەرقلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن توقۇلغان يامان غەرەزلىك يالغانلار» ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ رايوننى تېخىمۇ بىخەتەر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە: «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، ماھىيەتتە زوراۋان تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى مەسىلىدۇر» دەپ بايان قىلغان. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي باياناتى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر زىددىيەت، مەسىلىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ ۋە تالاش-تارتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاينىڭ مەقسىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈش
ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆيىدىن يۆتكەپ، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەركىزىي رول ئوينىغان. دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە ئىشسىزلىقنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا بىخەتەرلىك نامى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىق بىر قىسمىغا ئايلانغان. بۇ ئۆزگىرىش بولسا، 2013-يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا ۋە 2014-يىلى كۈنمىڭ ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان.
2019-يىلى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر زوراۋانلىق ۋەقەلىرى خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭنى ئىسلام دىنىنى ئەسەبىيلىكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەنلىكىگە قايىل قىلغان. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇلارنى زاۋۇتلاردا ۋە ئېتىزلاردا مەجبۇرىي ئىشلەشكە زورلاش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئارقا كۆرۈنۈش، ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنىڭ قانداق قىلىپ دەسلەپكى ئىقتىسادىي نىشانىدىن ھازىرقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كونترول قورالىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق نامى بىلەن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان بولۇپ، ئەمگەك پىلانلىرىمۇ بۇ كونترولنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسىغا ئايلانغان.
ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنىڭ كونترول مېخانىزمى
ماقالىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى مۇتەخەسسىس، ئانتروپولوگىيە ئالىمى ئادرىئان زېنزنىڭ تەھلىلى نەقىل ئېلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنى لاگېرلاردا بولمىغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنىنى «بەك كارغا كەلمەس» ياكى «بىكار» دەپ قاراپ، ئۇلارنى تەھدىت دەپ بىلگەن ۋە يېقىندىن نازارەت قىلىشقا موھتاج دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا، بۇ ئەمگەك يۆتكەش پىلانى، يىغىۋېلىش لاگېر سىستېمىسىغا سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى دۆلەت كونتروللۇقىغا ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.
بۇنىڭغا قوشۇمچە، ماقالىدە 2018-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يوللانغان بىر دوكلاتتىن مىسال كەلتۈرۈلگەن. بۇ دوكلاتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى ئازايتىش ۋە بۇ مىللەتنى «قوشۇۋېلىپ سىڭدۈرۈش» مەقسىتىدە ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنىڭ كېڭەيتىلىشى تەكلىپ قىلىنغان. بۇ دوكلات، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنىڭ پەرقىلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق چوڭقۇر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ، پىلاننىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسەت ۋە كونترول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا، ئەمگەك يۆتكەش پىلانى پەقەتلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تىل، مەدەنىيەت ۋە ياشاش شەكلى جەھەتتە خىتاي مەدەنىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر قېلىپقا سېلىش پىلانىدۇر. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، رايون ئۈستىدىن تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەجبۇرلاش ۋە يېڭىدىن ئەمگەككە ئېلىش جەريانى
ماقالىدە دېيىلىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ «مەجبۇرلاش خاراكتېرى» يالغۇز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» (Victims of Communism Memorial Foundation) تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئادرىئان زېنز ئىشلەۋاتقان ئورگانغا ئاشكارىلانغان شەرقىي تۈركىستان ساقچىلىرىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى، ھۆكۈمەت پىلانلىرىغا، مەسىلەن: ئەمگەك يۆتكەش پىلانىغا قاتنىشىشتىن باش تارتقان ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، پىلانغا قاتنىشىش ئەسلىدە ئىختىيارىي ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر جەرياندۇر.
سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ئاكتىۋىستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى ئۇيغۇرلار داۋاملىق نازارەت ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن زېرىككەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدىكى تۇرمۇشنى «ئاشكارا تۈرمە»دە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغاچقا، ئەمگەك پىلانىغا قاتنىشىشنى تاللىغان. گەرچە بۇ «تاللاش» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ، كىشىلەرنىڭ نازارەت ۋە بېسىمدىن قېچىش ئۈچۈن باشقا ئامالى قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، يەنىلا ئەركىن تاللاش ئەمەس.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمگەككە يېڭىدىن ئېلىش جەريانىمۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ جەريان ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيلەرگە بىر-بىرلەپ كىرىپ، دېھقانلارنى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېھقانلارنىڭ نۇرغۇنى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن شۇنچە يىراققا سەپەر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. كانادادىكى سىمون فىراسېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئانتروپولوگىيە ئالىمى داررېن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يۆتكەش سانى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپىنچە مۇكاپات بېرىلىدىكەن. بۇ ئەھۋال، ئەمەلدارلارنىڭ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قوشۇمچە بېسىم ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن ئەمگەككە ئېلىش جەريانىنىڭ تېخىمۇ مەجبۇرىي خاراكتېر ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باشقا پۇرسەتنىڭ يوقلۇقى ۋە قىيىنچىلىقلار
ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك يۆتكەش پىلانىغا قاتنىشىشىدىكى يەنە بىر ئامىل سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان جايلىرىدا باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات نامى بىلەن يەرلەرنى مۇسادىرە قىلىشى ۋە چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار خىتاي ئىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بۇيان كەمسىتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە خەن مىللىتىدىكى ئىشچىلارنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك پىلانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان، تاللاش دائىرىسىنى تارايتىدىغان مۇھىم بىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماقالىدە يەنە، نەنجىڭ داشۆنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتتا، يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن پويىزدىن چۈشۈشكە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكلات ئاپتورلىرى بۇنىڭ نۇرغۇن «ئەپسۇسلىنارلىق» ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يازغان، يەنى ئىشچىلار پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىشقا رۇخسەت ئالغان تەقدىردىمۇ، زاۋۇت دەرۋازىسى ئالدىدا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. ھەتتا زاۋۇتقا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىنىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان.
بۇ خىل ئەھۋاللار، ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ نەقەدەر ئاجىز، ھەق-ھوقۇق كاپالىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت ئۇلارنى يۆتكەشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بارغان جايىدا ئۇلارنى ھەقىقىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تولۇق كاپالەت بەرمەيدۇ. بۇ، پىلاننىڭ ئىقتىسادىي پايدىدىن بەكرەك كونترول قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەيدۇ. يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، داۋىد پىئېرسوننىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدىكى بۇ ماقالىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك يۆتكەش پىلانىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي ياردەم نامىدا كىملىك ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش قورالى سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى جانلىق ۋە پاكىتلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ماقالە، خەلقئارا جەمئىيەتنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەتراپلىق دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.


















